قاراڭغۇ ئورمان 9 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

9- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

 (metro)ئابدۇرېقىپ قەييۇم

 

 بىز بۇۋاينىڭ ھىكايىسىدىن كىيىن ئۇ ئورمانغا بارىدىغان يولنى خاتىرىمىزگە چۈشۈرۈپ قايىتتۇق، ئۈچىمىزلا جىمجىت ، كاللامدا ھەرخىل ئوي ، ھەرخىل توقۇنۇشلار جاۋاپ تاپالمايۋاتاتتى، مۇمكىنمۇ موشۇنداق تەرەققى تېپىپ،  ھەرقانداق مۆجىزە ، سىرلىق ئىشلارنىڭ، جايلارنىڭ سىرلىرى ئېچلىۋاتقان دەۋىردە بۇ جاڭگالدىكى ئورماننىڭ مەخپىي قالغىنى، ھەم بۇۋاي دەپ بەرگەن مەخلوقلارنىڭ مەۋجۇتلىغى مېنى ھەيران قالدۇرماقتا ئىدى. بەلكىم ئىككى ھەمىراھىممۇ شۇنى ئويلاۋاتسا كىرەك قاھار تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى :

- بۇۋاينىڭ دەپ بەرگەنلىرى رىۋايەتمۇ ياكى ئۇنىڭ كىسىلى ئېغىرمۇ، مىڭە يىگىلەش كىسىلى يوقتۇ ھە ؟

مەن بىر نەرسە دىگۈچە روشەنگۈل :

 - سىزنىڭچە بۇۋاي ئالا - جوقا سۆزلەپتۇ دە ، قارىڭە ئۇ بىر ھىكايىنى شۇنداق راۋان ، تەپسىلى سۆزلەپ بەردى ، سىزچە كىسىلى بارلار شۇنداق سۆزلەلەمدۇ، ھەتتا يولىنىمۇ شۇنداق ئېنىق دەپ بەرگەن تۇرسا ،- دەپ قاھارغا رەدىيە بەردى.

قاھارمۇ ئاساسىنى مەن ئويلىغانداق چۈشەندۈردى :

- ھەي قىزچاق ئويلاپ باقمامسىز ، موشۇ دەۋىردە شۇنداق مەخلوق ، شۇنداق ئورمانلار بار دىسە سىز ئىشەنسىڭىزمۇ باشقىلار مازاق قىلىپ كۈلىدۇ ، دەپ بېرىڭە ئەمىسە ئۇ جاينى مەۋجۇت دىسەكمۇ شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئەجەپ باشقىلار بايقىماپتۇغۇ ، باشقىلارغا ئۇچۇرماپتىغۇ ؟

 روشەنگۈل بۇنىڭغىمۇ ئۆز كۆز قارىشى بويىچە جاۋاپ بەردى :

- كىيىن ئۇ يەرگە بارغانلارمۇ باردۇ ، بارغان بولسا يە مەخلۇقلارغا يەم بولغان بولسا قايتالماي سىر شۇ پېتى قالغاندۇ ، بەزى سىرلىق جايلار تاپىنىڭىزنىڭ ئاستىدا بولسىمۇ بايقالمىسا سىر پېتى قالىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ …

ئۇ ئىككىسى ئۆز ئاساسىنى قويۇپ تالاشماقتا ئىدى ، مەن ماشىنىنى ھەيدىگەچ پەرىدەنى ئويلاۋاتاتتىم ، « بىچارە قىز راسلا شۇ جايغا بارغان بولسا ھاياتمىدۇ ، ئىلاھىم ئۇ ھايات بولسۇن ، مەيلى ئۇ جاي بار بولسۇن ياكى رىۋايەت بولسۇن ، مەخلوقلار قانچىلىك ۋەھشى بولسۇن ئۇنى تاپمىسام بولمايدۇ» .

 بىز بىردەمدە ساقچىخانا ئالدىغا كىلىپ قالدۇق، ئۇلار ماشىنىدىن چۈشكىچە ئىككىسىگە بۇ ئىش توغۇرلۇق ئەسكەرتىش بەردىم .

 - بۇ ئىشنى ئۈچىمىزدىن باشقا ھېچكىم ئۇقمىسۇن ، مەخپىيەتلىككە دىققەت قىلىڭلار ، يەنە بىرى ئۇ جايغا بېرىش ئىشىنى تاماقتىن يېنىپ مۇزاكىرلىشىپ ، تەييارلىقنى كەچ كىرگۈچە پۈتكۈزۈپ ئەتە يولغا چىقىمىز .

 ئۇلارمۇ پىلانىمغا قوشۇلۇشتى. كەچقۇرۇنلۇق تاماقنى ساقچىخانا ئاشخانىسىدا ھەسەنجان ئاكا ھەم بىر نەچچە كەسىپداش دوسىتلارنىڭ كۈتىۋېلىشى بىلەن خۇش چاقچاق قىلىشقاچ يىدۇق ، روشەنگۈلمۇ ئەتراپتىن كىلىۋاتقان چاقچاقلارغا زەربە بەرگەچ ھەمداستىخان بولۇپ بىزدىن ئايىرىلمىدى .

- ھە روشەنگۈل ، ئەمدى بۇ ئىككى يىگىتكە باشلىق بولۇپ كەتتىڭىز ، ۋەزىپە تۈگىگەندىمۇ باشلىق بولغان پېتى ئىدارىگە ئۆسۈپ كەتمەڭ ھە ، بۇ يىگىتلەر بىر ئاز يامان ھە ،- دەپ چاقچاق قىلىپ قويدى ھەسەنجان ئاكا.

 قىز دەرھال بۇ چاقچاققا ئىنكاس قايتۇردى :

- ياقەي سوجاڭ ، ئىدارىگە ئۆسۈشكە ئالدىرمايمەن ، ئۆسۈپ كىتىپ قالسام سىزنى كىم تىرىكتۈرۈپ چىشىڭىزغا تىگىپ تۇرىدۇ ، مېنىڭ پىلانىم باشقا .

- ھە ، قانداق پىلان ؟ ئاڭلاپ باقايلى ئەمىسە ،- ھەسەنجان ئاكا كۈلۈپ قىزنى گەپكە سالماقچى بولدى .

 - مېنىڭ پىلانىم ،- قىز شوخلۇق قىلىپ كىكىرتىگىنى قىرىپ قويدى ،- مېنىڭ پىلانىم بولسا سىزنى تىرىكتۈرۈپ تىزدىن قېرىتىش ، ئاندىن پىنسىيەگە چىقىرىپ ئورنىڭىزدا باشلىق بولۇش .

 قىزنىڭ بۇ چاقچىغىدىن ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق ، روشەنگۈلنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن بىر يىگىت ئېغىز ئاچتى :

- ھە روشەنگۈل ، كۈندە بىرگە يۈرىيۋەسە ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالىدىغان ئىش، بولمىسا بۇ ئاغىنىلىرىمىزدىن بىرىنى تېپىپلا توينى قىلىپ ئىدارىگە يۆتكۈلۈپ، ئىدارە باشلىغى بىلەن قېرىشىڭ ، شۇنداقتا ئۇنى قېرىتىپ پىنسىيەگە چىقارسىڭىز تېخىمۇ چوڭ باشلىق بولسىز .

 بۇ قىززىق چاقچاقلاردىن كۈلۈپ ئولتۇرۇپ تاماقلارمۇ يىيىلىپ بولىندى ، تاماقتىن كىيىن ھەسەنجان ئاكىنىڭ ئىشخانىسىغا يىغىلدۇق ، ھەسەنجان ئاكا تامىكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ بولۇپ بىزگە تىكىلدى :

- ھە قانداقراق يىگىتلەر بىرەر ئەھۋال ئىگەللىيەلىدىڭلارمۇ؟

 ئىككى ھەمىراھىم ماڭا قارىدى .

- ئىگەللىدۇق ،- دىدىم رۇسلۇنۇپ ئولتۇرۇپ ،- ھامۇت دىگەن ئادەمنىڭ چوڭ دادىسىدىن بىر قەبىرىستانلىقنىڭ يولىنى ئۇقتۇق ، رۇخسەت قىلسىڭىز بىزمۇ ئەتە يولغا چىقماقچى بولۇشتۇق .

 ھەسەنجان ئاكىنىڭ چىرايى پاللىدە ئېچىلدى :

- ياخشى بوپتۇ ، ياخشى ، بىز شۇنچە كۈچەپ ئالالمىغان ئۇچۇرنى بىردەمدە تېپىپسىلەردە ،- ئۇ كۈلۈپ قويدى ،- بۇۋاي چوڭ دوختۇرخانىدا ، يىراقتا بولغاچ ئۇنىڭ يېنىغا بارالماپتۇق ، ھە بوپتۇ ، ئەتە يولغا چىقساڭلار قانچە ئادەم بىرىمەن ؟

- بىز قاھار بىلەن ئىككىمىزلا بارماقچى .

 ھەسەنجان ئاكا ئەجەپلىنىپ ئەمدى ئېغىز ئاچاي دىۋېدى باياتتىن جىمجىت ئولتۇرغان روشەنگۈل چاچراپ كەتتى .

 - مەنچۇ ، مەن بارمامدىم ، بىلىپ قويۇڭ مەنمۇ بۇ گۇرۇپىنىڭ ئەزاسى ھە !

مەن قوشۇلمىدىم .

- ئۇ جاي يىراق جاڭگالكەن ، سىز قىز بالا ، بىرەر ئىش بولۇپ قالسا بىز جاۋاپ بىرەلمەيمىز.

 روشەنگۈل بۇ گەپنى ئويلىمايلا دىگىنىمگە تويغۇزدى .

- قىزبالا بولسا نىمە بوپتۇ ، سىزنىڭ ئىدىيەيىڭىزدىمۇ قىزلارنى كەمسىتىش خاھىشى باركىنە ئويلىماپتىمەن ، مەن سىلەر ئوغۇللار قىلالىغانكى ھەرقانداق ئىشنى قىلىپ كۆنگەن ، مېنى ئۆزىنى باشقىلارغا قوغدىتىدىغان مىشچان خېنىم كۆرۈپ قالدىڭىزما ، خاتىرجەم بولۇڭ سىزگە يۈك بولۇپ قالمايمەن ، ئاڭلاپ قويۇڭ ، مېنىڭ بارغىنىم بارغان .

 قىزغا يەنە گەپ قىلماقچى بولدۇم لېكىن ھەسەنجان ئاكا گەپ ئاۋال ئېغىز ئاچتى :

 - روشەنگۈلنىڭ بارغۇسى بولسا بوپتۇ ئېلىۋېلىڭلار ،ئۇ ياراملىق قىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىزنىڭ زىممىمىزدىكى ئىش ئىدى ، ساقچىخانىمىز بۇ ئىشتا چەتكە چىقىۋالسا مەنمۇ يوقىرىغا جاۋاپ بىرەلمەيمەن، يەنە روشەنگۈلدىن سىرىت يەنە بىر ئادەم قوشۇپ بىرەي، ئۇ يېزىدا ئۈسۈپ يىتىلىپ ، يېزىدا چېنىققان ياراملىق ساقچىمىز، ئىسمى نىجات، ئۆزىمۇ سىلەر دىمەتلىك ، جاڭگالغا پىششىق ، قانداق قوشۇۋالامسىلەر ؟

 - قوشىۋالايلى ئاكا ، بىز نىجات بىلەن ئاغىنە ، بىز ئۇنى ياخشى بىلىمىز ،-دىدىم ھېجىيىپ.

 شۇ ئەمىلىيەتتە باشلىقنىڭ دىگىنىگە قوشۇلمايمۇ ئامال يوقتەك قىلاتتى، چۈنكى ئۇنىڭمۇ ئويلىغىنى باردە ، بۇ دىلودىكى قىزلار ئۇلارسىز تېپىلىپ قالسا، بىر ساقچىخانىنىڭ خىزمەتلىرى نول بولمامدۇ ، ئادەم كۆپەرەك بولسا بەلكىم ئىشلىرىمىز ئۇتۇقلۇق بولار ، قوشۇلغىنىمنى ئاڭلاپ روشەنگۈل ماڭا قىيدىغاندەك تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ كۈلۈپ قويدى ، ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن « قانداق ، مېنى سەل چاغلىغانما» دىگەندەك مەنانى كۆرگەندەك بولدۇم .

- يەنە قانداق نەرسىلەر كىرەك ؟

- بىزگە يەنە ،- دىدى قاھار ،- ئوغۇللارغا بىردىن ئاپتۇمات ، روشەنگۈل تاپانچىسىنى ئالسا بولىدۇ، بىز تاپانچىلارنى ئېلىۋالغان ، ئوقتىن قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، بەش كۈنلۈك ئوزۇقلۇق، سۇ ، دۇربۇن ، ئالاقىلىشىش ئاپىراتى ، ھەربىرىمىزگە بىردىن ، قول چىراق، توك توخمىغى ، دالا مەشىق كىيىمى ،ئاياق ياخشاراق بولسۇن ، پىچاق ھەربىرىمىزگە بىردىن موشۇلار بولسا بولدى .

 - نىمە ؟- دەۋەتتى باشلىق ،- سىلەر ئۇرۇشقا بارامسىلەر ياكى جاڭگالدىن ئادەم ئىزدەمسىلەر ؟

 قاھار ئېغىز ئاچقۇچە مەن گەپنى ياسىدىم .

- مۇنداق ئىش ھەسەنجان ئاكا ، ئەسلى بۇنچە كۆپ قورال كىرەك ئەمەستى، شۇغىنىسى بۇۋاينىڭ دىيىشىچە بىز بارىدىغان ئۇ جاڭگال بۆرە ئۇۋۇسىمىش ، داۋاملىق بۆرە توپى پەيدا بولارمىش ، بىلىسىز ئاكا ، بۆرە توپلاشسا بىر يۈزمۇ توپلىشىدۇ ئەمەسمۇ شۇڭا ھەمرا بولسۇن دىدۇق .

ھەسەنجان ئاكا ئويلۇنۇپ قالدى .

- بوپتۇ مەنمۇ بۇ ئىشتا يوقىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالاي ، ئۇ گېپىڭلارمۇ توغرا بۇ يۇرتىمۇ ئەتراپتا بۆرە باركەن، بۆرىلەر بىرسىنى يەۋېتىپتۇ دىگەندەك گەپلەر ئۈزۈلمەيدۇ، بەش يىل ئاۋال بىر كەنىتكە بىر قانچە بۆرە ھۇجۇم قىلىپ بىرمۇنچە ئات ، قويلارنى بوغىۋەتكەن ، كىيىن بىز بىر قانچە كىچە يېتىپ بىر توپ بۆرىنى ئاتقان، شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئەتراپلار تېنىچلىنىپ كەتتى ، ھە … ئەمىسە سىلەرمۇ تەييارلىق قىلىڭلار ، روشەنگۈلمۇ ئۆيىگە قايتىپ تەييارلىق قىلىپ كەلسۇن ، مەنمۇ سىلەرنىڭ تەلىۋېڭلار بويىچە قورال ، نەرسە - كىرەكلىرىڭلارنى تەييارلاپ بىرەي، ھە راسىت ، ئاۋۇ ماشىناڭلار جاڭگالغا ماس كىلەمدۇ ؟

 - ماشىنىدا چاتاق يوق ،- دىدىم كۈلۈپ ،- تانكىدەكلا ماشىنا ئۇ !

 - ئەمىسە بوپتۇ ، نىجاتقا ئاچقۇچنى بىرىڭلار ، ئۇ چوڭاراق باكتىن بىرنى ئېلىپ ماشىنىغا ، باكقا ماينى لىقلىسۇن !

 بىز ھەسەنجان ئاكىغا رەھمەت ئېيتىپ چىققىنىمىزچە تەييارلىققا چۈشۈپ كەتتۇق . كەچ ياتاقتا ياتقاچ قاھارغا قارىدىم، ئۇ ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ خورەككە چۈشكەنتى، ياتقىلى خېلى بولغان بولسىمۇ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى،  خىياللىرىم ھەر تەرەپتە پەرۋاز قاقاتتى ، بىردەم كۆز ئالدىمغا بۇۋاي دەپ بەرگەن بۆرە توپى كەلسە،  بىردەم مەخلۇقنى سىرلىق ئورمانلارنى ئويلايتتىم ، پەرىدە … پەرىدە نەدە يۈرىيدىغانسىز … ئاللاھ سىزنى پاناھىدا ساقلىسۇن … ئەتىلا سىزنى ئىزلەپ بېرىپ تاپىمەن … پەرىدە ، ئۇنى ئويلاۋېتىپ بۇرۇنقى ئىشلار كاللامدا ئەكىس ئىتىشكە باشلىدى … …

داۋامى بار…





2763 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-26 18:11:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-14 18:02:15 mailikizat.
Bumaz.mun.yahxikan.
2015-12-28 13:34:04 مەن
ھېكايىنىڭ كەينىنىگە قىزىقىپ كۈندﺓ نەچچە رﺓت قاراپ كىتىمەن ﯐ قولىڭىزغا دﺓت بەرمىسۇن ﯐ چاققانراق كەينىنى ئ‍وقۇغۇم بار
2015-12-28 11:48:11 mahmut
tezrak yaza aka....sah lap kattim.
2015-12-28 7:29:12 xabnam
bak yahturdum
2015-12-28 2:54:31 شەبنەم
قاراڭغۇ رايۇنرايۇن 9-قىسىمنىڭ ئ‍اخىرى يوقمۇ؟داۋامى قاچان چىقىدۇ ؟
2015-12-27 20:05:07 gul
ahiri kaqan qikidu tizrak elan kilinsa buptikan man bak yahturdum ahiriga bak kizkiwatiman
2015-12-27 1:55:30 waris
bak yahxi kai
2015-12-26 22:44:15 دىلبەر
ھېكايىنىڭ كەينىنىگە قىزىقىپ كۈندە نەچچە رەت قاراپ كىتىمەن ، قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن ، چاققانراق كەينىنى ئ‍وقۇغۇم بار
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ