يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 4 - قىسىم
زۇرفى
نەگە باردىڭ ؟ ھايال بولمايمەن دەۋاتمامتىڭ ؟ نىمىشقا تىلفۇنۇڭنى ئىتىۋالدىڭ ؟ ئۆيگە كىرىپ بولغىچە سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتكەن رەيھانگۇل خانىم ، ئۇنىڭدىن بەك ئەنسىردىمۇ ياكى كېچىدىن ئۆيگە كىرمەي يوقاپ كەتكىنىگە ئاچچىقى كەلدىمۇ ئىشقىلىپ قاپىقىنى تۇرۇپ توختىماي سۆزلەيتى .
ۋاي بولدى قىلىڭلا ئانىسى كىردىغۇ مانا ئايىقىنى سىلىپ بولغىچە گەپكە تويغۇزۇپ يەنە ئارقىغا يىنىپ چىقىپ كەتمىسۇن مىنىڭ شاھزادەم ، مانا بۇ كىشى مۇختەرنىڭ ئالى جاناپ دادىسى ئىدى . بۇ ئادەم باي بولغىنى بىلەن شۇنچىلىك سېخى ، مەرد ، ئىسىل ئادەم ئىدى ، ئۇ ئوغلىنىڭ مىجەزىنى بەشقولدەك بىلگەچكىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي بۇرۇنقىدەك بىر كۆزىنى قىسىپ ئوغلىغا قاراپ كۇلۇپ قويدى . دادىسىنى سېغىنغان مۇختەر دادىسنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ قۇلىقىغا پىچىرلاپ بىر يىلدىن ياقى مۇشۇ گەپ سۆزلەرنى قانچە قىتىم ئاڭلىغانسەن دادا دەپمۇ ئۇلگۇردى . ئاتا بالا كۇلۇشۇپ داستىخانغا كىردى ، مانا بۇ ئائىلە مۇشۇنداق ئائىلە ، مال- دۇنيا ، يۇز - ئابروي ، … ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ توققىزى تەل ئىدى ، رەيھانگۇل خانىم 25 يىلنىڭ ياقى مانا مۇشۇ ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم غولى ئىدى . قايسى بىرئانا ئۆز يۇرەك پارىسىدىن ئەنسىرمىسۇن دەيسىز ، توققۇز ئاي قورساقتا كۆتۇرۇپ ، 2 يىل قۇچاقتا كۆتۇرۇپ 3 يىل يىتلەپ يۇرۇپ چوڭ قىلغان ياشلار مانا مۇشۇنداق بىغەم كىلىدۇ ، گۇلنار ( مۇختەرنىڭ ھاممىسى ) مۇختەرنىڭ تەتىلىمۇ خەلە بار ئىكەن ، مەن ئاقسۇدا بىر زاۋۇتنى ئۇقۇشۇپ قۇيغان ئىدىم ماقۇل دىسىڭىز رەيھان بىلەن شۇيەردە تۇرۇڭ زاۋۇتنى ئىشقا كىرىشتۇرۇپ بولغىچە بىر مەزگىل شۇيەردە تۇرۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن ، مىھمانخانىدا تۇرۇپ ئاشخانىنىڭ تامىقىنى يەپ قىينىلىپ قالدىكەنمەن ، دىدى ئاقسۇ دىگەن گەپنىڭ ئاڭلاپ مۇختەر ھە دادا مەنمۇ ساڭا ياردەملىشىپ بىرەي بولدى بۇگۇنلام ماڭايلى دەپ ئۇلگۇردى ، رەيھانگۇل خانىم چاققان ئوغلىغا قاراپ ھە شاھزادە ئۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ كۇرۇستا ئوقۇسىلا ، دەپ ئاچچىقىدا كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ قويدى ، بولدى ئانىسى مەن ئاقسۇدا ئۇقۇشۇپ قويدۇم ھەمىمىز شۇ يەرگە بارايلى ، بالىنى بۇيەرگە تاشلاپ قۇيۇپ بىز كەتسەك قانداق بولىدۇ .
مۇختەر تېزراق تاڭ ئېتىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۇتمەكتە ، بۇ تاڭ خۇددى سۇزۇلۇپ كىتىپبارغاندەك مۇختەرگە بۇ كېچىنى ئۆتكۇزۇش خىلە تەس كىلۋاتقاندەك قىلاتتى …
مەكتەپكە كىلىپ ھەممەيلەن قىزغىن تۇنۇشۇپ چىقىشىپ كەتكەن كۇنلەرنىڭ بىرىدە مۇختەر زىلالنى ئالاھىدە كۆزىتەتتى ، بىرەرسى بىلەنمۇ كۆپ ئالاقە قىلمايدىغان ، ئۆزىنى باشقا قىزلاردەك ياساپ جابدۇمايدىغان ، مەكتەپنىڭ سىرتىغا ئايدا بىرەر قىتىم چىقىدىغان ، باشقا قىزلاردەك كۇندە نەچچە قىتىم ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى ياساپ گىرىم قىلمىسىمۇ ، باشقا قىزلاردىن پەرىقلىنىپلا تۇرىدىغان چىرايى ھەممە ئوغۇللارنى ئۆزىگە رام قىلاتتى ، زىلالنىڭ جىمغۇر ، ئىچ مىجەزى باشقا ئوغۇللارنى پەسكويغا چۇشۇرۇپ قويغانىدى .
مۇختەر خىيالى تۇرسىمۇ ئەس يادى زىلالدا ئىدى ، ئۇلا بىر سىنىپتا بولسىمۇ مۇھىم گەپ سۆز بولمىسا بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلىشمايتى . بىركۇنى كۆڭۇل ئېچىش ئۇيىنى دەپ پائالىيەت قىلغانىدى ، ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ مۇختەر زىلالغا تىخىمۇ كۆڭۇل بولىدىغان ، قىزىقىدىغان خىياللىرىغا ھەمراھ قىلىدىغان بولدى .
ھە چۆگلە چۆگلە چۆگلە ،……
بالىلار مۇختەرنىڭ كۆزىنى تىڭىپ قۇيۇپ مەيداندا چۆگلىتىپ قۇيۇپ بىرىپ ھە ئەمدى جۇپۇڭنى تاپە دەپ قۇيۋەتتى ، چۆرۇلدۇرۇپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بىر قىسىم قىزلار ( مۇختەرگە ئالاھىدە قىزىقىدىغان ) مۇختەرنىڭ ئۆزىنى ھەمراھ قىلىشىنى كۇتىۋاتقاندەك ماياققا ماياققا دەپ چۇرقىرىشاتتى .
مۇختەر بىشى قىيىپ دەلدەڭشىگىنىچە بىرىپ خىياللار ئىچىدىكى زىلالنى تۇتتى . زىلال خىجىللىقتا يۇزى ئاناردەك قىزىرىپ يەرگە قارىدى ، مۇختەرنىڭ يىقىن دوستى ئەلى ھە مانا بىزنىڭ بەگزادىمىز سىنىپىمىزنىڭ مەلىكىسىنى تاپتى دەپ ئۇنلۇك ئاۋازدا توۋلاپ كەينىدىن ئىسقىرتىپ قۇيدى ، ئارقا ئارقىدىن قىقاس چۇققانلار كۆتۇرۇلگەن مەيدان بالىلارنىڭ كۇلكىسى بىلەن تولغان ئىدى .
تۇرە بالام تۇرە ، مۇختەرجان بالام …… رەيھانگۇل خانىمنىڭ ئانىلىق مېھرى بىلەن يۇرەك پارىسىنى ئويغاتتى ، ئاخشام ئاخىرى چىقمايدىغان چىگىش خىياللار بىلەن قاچان ئۇخلىغانلىقى بىلمىگەن مۇختەر بىشنى تەستە كۆتۇرۇپ ئانا يەنە بەش مىنۇت ئۇخلىۋالايچۇ ، ۋاي بالا نىمە دەيدىغانسەن چوڭ شەھەرگە بىرىپ ئۇقۇپ كەلسە چوڭ بۇلارمىكىن دىسەم تېخى چوڭ بولماپسەنغۇ ، ئۆلىگىدەك بۇلۇپ قالغاندىمۇ يەنە سۇزۇپ ياتامسەن تۇرە ، رەيھانگۇل خانىمنىڭ بۇ گىپىدىن تاشقىردىكى گۇلنار بىلەن مۇختەرنىڭ دادىسى ئوسمان بىر بىرىگە قاراپ كۇلۇشۇپ كەتتى .
مانا ھەش پەش دىگۇچە 10 كۇن ئۆتۇپ زىلالمۇ ئائىلىسىگە تىچ ئامان كىلۋالدى ، مۇختەر ئائىلىسىمۇ ئاقسۇغا كىلىپ جايلاشتى ، مۇختەر كۇندە زىلالنى ئۇچۇرتۇپ قىلىشنى نەچچە كۆز بىلەن كۇتسىمۇ ئۇنى ئۇچۇرتۇشتىن ئەسەر يوقىدى .
قىزچاق بۇ سەيلىرىڭىز قانچە پۇل ؟ رەيھانگۇل خانىم ئالدىدىكى كۆزلىرى ئويناپ تۇرىدىغان بۇ چىرايلىق قىزدىن سەي سېتىۋىلىش ئۇچۇن ئولتۇرۇپ سەي كوكتات ئىلۋاتاتتى . سەيلەرنى ئىلىپ بۇلۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغا رەھمەت دەپ قايتتى ، قىزچاق بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن پىياز ئۇستىدىكى گۇللۇك پورتمالغا كۆزى چۇشتىدە قولىغا ئىلىپ بۇ كىمنىڭكىدۇ ؟ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئىچىنى ئاچتى ، ئىچىدە پۇل كىملىك ، يەنە بىر كىچىك رەسىم رەسىمدە رەيھانگۇل خانىم مۇختەرنى (مۇختەرنىڭ كىچىك ۋاقتى)قۇچىقىدا كۆتۇرۇپ يىنىدا دادىسى ئوسمان تۇرۇپ چۇشكەن رەسىم قىستۇرلۇلغان ئىدى . قىزچاق كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى .
قىزىم مانا ئالىدىغان نەرسىلەرنى ئالدىم ، سەيلەرمۇ تۇگەي دەپتۇ تۇگىتىۋېتىپ قايتايلى دەپ قىزچاقنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇرغان 60 ياشلارنىڭ ئالدى كەينىدىكى چاچلىرى ئاقارغا چېھرىدىن مېھرىبانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان موماي ، رەسىمگە قاراپ ۋوي ئوسمانبايمۇ نىمە بۇ دەپ ، خىرەلەشكەن كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ رەسمگە تىكىلىپ قارىدى، ، تۇنامسىز موما دىدى قىزچاق ، ھە قىزىم دەپ قىسقىلا جاۋاپ بەردى موماي . بايا بىر ھەدەم سەي ئالغانىدى ، چۇشۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ كىتىپ بولغاندىن كىيىن قارسام تۇرۇپتۇ دەپ مومايغا چۇشەندۇردى قىز ،
بالام سەن قاراپ باقە ئىنىقراق ئادىرىس بولسا ئاپىرىپ بەرگىن ، قىز پورتمالنى تەپسىلى كۆرۇپ بىر ۋاراقچىدا بىر ئادىرىسنىڭ بارلىقىنى تاپتى .
توك توك توك …… قايتا قايتا چىكىلگەن ئىشكنى ئېچىش ئۇچۇن چىگىك خىياللىرىدىن ئىرىنچەكلىك بىلەن تۇرۇپ ئىشك تەرەپكە ماڭغان مۇختەر ئىشىكنى ئېچىپ تۇرۇپ قالدى ، زىلال … س … سىز ؟
نەچچە يىلدىن بىرى مومىسى بىلەن سەي سېتىپ تىرىكچىلىك قىلۋاتقان زىلال ، ئاتا ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئەنە شۇ 60 ياشلار ئەتراپىدىكى چىچىغا ئاق چۇشكەن موماي بىلەن يالغۇز كۇن كەچۇرەتتى .
شۇ ئاخشىمى بولغان ۋەقە ئايشە موماينى ، زىلال قىزنى مەڭگۇلۇككە يالغۇز قويدى …
داۋامى بار …
713 قېتىم كۆرۈلدى | zila715 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-25 18:37:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-26 23:24:20 | Aliv |
مەن يېتىمنىڭ سەرگۈزەشتىسى دىگەن ئەسەرنى ياقتۇرۇپ ئوقۋاتقانتىم لىكىن ئاخىرى يوللانمايلا يوقاپ كەتتى بم |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|