مىكرو ھىكايە
ياسىنجان رۇزى
يەكشەنبە كۈنى بازار ئايلىنىپ يۈرەتتىم .تۇيۇقسىز بۇرنۇمغا مىزىلىك كاۋاپنىڭ ھىدى ئۇرۇلۇش بىلەن تەڭ ئاغىزىمغا سېرىق سۇ يىغىلدى ،ئختىيارسىز قەدىمىمنى توختۇتۇپ كاۋاپنىڭ ھىدى تارقىغان تەرەپكە كۆز يۈگۈرتتىم .ئۇدۇلدىكى تار كۇچىنىڭ دوقمۇشىدا 23-24 ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي :-قېنى مىھمانلار كىلىڭلار ،پاقلان گۈشىدە ئەتكەن كاۋاپ …بىرە ئىككى زىق تېتىپ كىتىڭلار …تېتىمىسا پۇل ئالمايمەن …دەپ توۋلىغاچ ئالدىراش كاۋاپدانغا كاۋاپ بېسىۋاتاتتى .مەن بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىم دە:
-قىنى يىگىت پاقلان گۈشى بولسا ماڭا بەش زىق باسقىنە -دىدىم ۋە ئارقىدىنلا :-تېتىمىسا پۇل ئالمايمەن جۇمۇ ?-دىگەننى،قۇشۇپ قويدۇم. يىگىت مەن بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۇرۇشكەندىن كىيىن :-چاتاق يوق ئاكا دەپلا كاۋاپدانغا بەش زىق كاۋاپ باستى ۋە ھايال قالمايلا تۇخۇمدەك سارغىيىپ پىشقان كاۋاپنى ئالدىمغا ئەكىلىپ قويدى .كاۋاپ ھەقىقەتەن تەملىك پىشقان بۇلۇپ ئادەمنىڭ يىسە يىگۇسى كىلەتتى .شۇ ئارلىقتا يىگىتنىڭ قۇلى ئىشتىن بوشاپ يېنىمغا كەلدى .-قانداق ئاكا ئوبدان پىشىپتىمۇ دىدى ئۇ .
-ناھايتى ئوبدن پىشىپتۇ ،ئۇستا كاۋاپچى ئىكەنسەن -دىدىم ئۇنى ماختاپ :
-كاۋاپچىلىق قىلۋاتقىنىڭغا خېلى ئۇزاق بولغان ئوخشىمامدۇ ؟-دەپ سورىدىم .-نەدىكىنى …دىدى يىگىت كۇلۈپ كىتىپ -بۇ كەسىپنى تېخى يېقىندىلا ئۈگۈنۈپ چىقىپ يېقىندىلا ئىش باشلىدىم .-ئۇنىڭدىن بۇرۇنچۇ ؟-دەپ، سورىدىم يىگىت بىلەن ئۇزۇنراق پاراڭلاشقۇم كىلىپ .
-بۇرۇن مەكتەپتە ئۇقۇغان …
-قايسى مەكتەپتە ؟
-……ئونۋىرسىتىدا .
يىگىتنىڭ ئەسلى ئونۋىرسىت ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىگىنى ئاڭلاپ ،ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنراق پاراڭلاشقۇم كىلىپ قالدى .
-ئۇنداقتا بىرەر خىزمەت تېپىپ قىلماي كاۋاپچىلىق قىلىپ يۇرۈپسەنغۇ ؟
-ھەي دىدى يىگىت ئېغىر تىنىپ ،-ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن،خىزمەت ئىزلەپ بارمىغان يەر قالمىدى ئاخىرى ئوزكۈچۈمگە تايىنىپ بىرەر ئىش قىلىش قارارىغا كەلدىم ئۇندا ئويلاپ بۇندا ئويلاپ ئاخىرى ئىشنى مۇشۇ كاۋاپچىلىق قىلىشتىن باشلاشنى لايىق تاپتىم ،نىمىشقا دىسىڭىز ،بۇئىشقا ئانچە كۆپ مەبلەغ كەتمەيدۇ ،پەقەت بىر نەچچە يۈز يۈەن دەسمى بولسىلا كۇپايە .كىرىمىمۇ يامان ئەمەس ،گەرچە تاپاۋىتىم بولسىمۇ ،ئىشنى كىچىكتىن باشلاي دەيمەن .
-توغرا ئويلاپسەن -دىدىممەن يىگىت كە قايىل قايىل بولغان ھالدا .
شۇ ئارلىقتا قاياقتىندۇر بىر توپ خېرىدارلار كىلىپ سۆھبىتىمىزنى ئۈزۈپ قويدى .يىگىت بىلەن يەنە پاراڭلىشىش خىيالىم بولسىمۇ ئامالسىز خوشلىشىشقا مەجبۇرى بولدۇم .-يولدا كىتىۋىتىپ ئويلىنىپ قالدىم .جەمىيىتىمىزدە كاۋاپچى يىگىتتەك ئالى مەكتەپلارنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن ياشلىرىمىز كۈرمىڭ ئۇلار كۈن بۇيى خىزمەت ئىزدەش بىلەن ئاۋارە بۇلۇپ يۈرىشىدۇ .بەزى ياشلىرىمىز روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ ئازاپلىنىپ يۈرىشىدۇ .ئۇلارمۇ كاۋاپچى يىگىتتەك ئۆز تەغدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى ……ھە!
ئاپتۇر :خېجىڭ ناھىيسىدىن
1122 قېتىم كۆرۈلدى | ياسىنجان رۇزى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-29 3:45:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-12-25 2:12:00 | yasin |
rahmat sizlarga karaggu orman namlik hikaya bak yahxi qikivatidu ahirini ukuxka bak kizikivatiman. |
2015-7-31 0:30:15 | jamila |
Nahayti yahxi yezliptu kuligizga dat bamisun |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|