قاراڭغۇ ئورمان 11- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 ۋەھىمىلىك ھىكايە 11- قىسىم

 ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

 بىردەمدە يىزا ئىچىدىن چىقىپ جاڭگالغا تۇتاش ھاروۋا يولىنى بويلاپ ماڭدۇق، بۇ يول يېزىدىكىلەر جاڭگالدىن يازدا ئوت -غەشەك ، قىشتا ئوتۇن توشۇپ ماڭغاندا شەكىللەنگەن ئاددى يول ئىدى. يول ياقىسىدا يانتاق،  ئاندا - ساندا يۇلغۇن،  چاكاندا قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر، قۇرساق غېمىدە يۈگۈرۈپ يۈرۈگەن تۇرغايلار ئۇچۇراپ تۇراتتى. بىز ئەتراپقا قاراپ تويمايتتۇق. شەھەردىكى غاژ - غۇژ تۇرمۇشتا ماشىنا ئادەمدەك ئالدىراش ياشاپ كۆنۈپ قالغان بىزدەك ئادەملەرگە نىسبەتەن جىمجىت، تەبىئى ھالەتتىكى بۇ ھايات باشقىچە ھوزۇر بىرەتتى. قاھارغا قاراپ باقتىم، ئۇمۇ قېن - قېنىغا پاتماي ھاياجاندا ئەتراپقا، يىراق جاڭگاللارغا نەزەر تاشلايتتى.  نىجات بولسا يولىمىزنىڭ ئۇچىغا قاراپ، يولنى توغرا باشلاشنىڭ غېمىدىدەك قىلاتتى، روشەنگۈلگە قارىدىم، ئۇ تىلفۇنى بىلەن ھەپلىشىۋاتاتتى.

- قوراللار تولۇقمۇ ؟- سورۇدۇم قاھاردىن.

 - تولۇق، ،ھە راسىت جۈيجاڭ ئاقساقال قوراللارغا پۇختا بولۇشنى تاپىلاپ تىلفۇن قىپتۇ، ئۇ بىزنىڭ بۇنچە كۆپ قورالنى نىمىگە ئىشلەتمەكچى ئىكەنلىگىمىزنى سورىۋېدى، سەن دىگەندەكلا دەپ قويدۇم.

- توغىرا قىپسەن ،- دىدىم كۈلۈمسىرەپ ،- ئەگەردە مەخلوق باركەن شۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىمىز دىسەك بۇلار ئىشىنەمدۇ، بىزنى ساراڭ بوپسىلەر دەپ تىللاشتىن يانمايدۇ.

بۇ سۆزۈم نىجاتقا غەلىتە بىلىنگەندەك چۆچۈپ سورىدى :

- مەخلوق، نىمە مەخلوق؟ بىز ئۈچىمىز بۇ ئىشنى تېخى نىجاتقا دىمىگەن ئىدۇق.

 - دەپ بەرسەك ئىشەنمىسىز يوق بىلمەيمىز، بىزمۇ ئاڭلىدۇق خالاس تەۋەككۈلگە كىتىپ بارىمىز ،- دىدىم گەپنى ئېچىپ.

 - قېنى دەڭە ، ئادەمنى گاڭگىراتماي ،- ئۇ ئاڭلاشقا ئالدىراۋاتاتتى.

 مەن ئۇنىڭغا بۇۋايدىن ئاڭلىغاندەك سۆزلەپ بەردىم، ئۇ ئېغىزىنى ئېچىپلا قالدى. مەن ئەينەكتىن ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قارىدىم ئۇ بىردەم ئۈن - تىنسىز ئولتۇرغاندىن كىيىن:

- ئەسلى موشۇنداق سىرلىق جاي بار ئىكەندە ! - دىدى، ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئۆزىگە دىدىمۇ ياكى بىزگە دىدىمۇ بىلەلمەي سورۇدۇم :

- نىمە ؟ سىزمۇ ئاڭلىغانمۇ؟

 ئۇ بىردىنلا خىيالىدىن ئۇيغۇنۇپ :

 - ھە ؟ ياق ، ياق ، مەن سىلەر ئاڭلىغاندەك تەپسىلى ئاڭلىمىدىم ، بىزنىڭ بۇ يېزىدا شۇنداق رىۋايەتنى كىچىگىمىزدىنلا ئاندا - ساندا ئاڭلاپ تۇراتتۇق، بىر ئادەم ئوتۇن ئالغىلى جاڭگالدىكى توغراقلىققا چىقىپتىكەن دىۋىنى كۆرۈپتىمىش، ئۇ ئادەم قورقۇپ يۈشۈرنىۋاپتىكەن ئۇ دىۋە ئۇ ئادەمنىڭ ئىشىكىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كىتىپتىمىش، بىر ئادەم قومۇش ئورغىلى بېرىپ قارىسا ئىشەكتەك چوڭلۇقتا بۆرىگىمۇ ئوخشىمايدىغان غەلىتە مەخلوق كىيىك تۇتۇپ يەۋاتقۇدەكمىش، بىر نەچچە ئوۋچى جاڭگالغا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقىپ كىتىپ يوقاپ كىتىپتۇ،  ئۇلار بىر سايلىقتىلا تۇيۇقسىز يوقاپ كىتىپتىمىش دىگەندەك گەپلەر ئىدى، بىز بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىساق كىچىك بولغاچقا راس دەپ ئىشىنەتتۇق، چوڭ بولغانچە قايسى بىرى تېپىپ قويغان يالغان - ياۋداق سۆزلەر دەپ ئىشەنمەس بولدۇق.

 نىجاتنىڭ سۆزلىرى ھەم بۇۋاينىڭ رىۋايىتى بىزنى گاڭگىرتىشقا باشلىدى.

 - راسمۇ نىمە؟- دەۋەتتى قاھار ھەيران بولۇپ .

- بەلكىم ،- دىدىم مەن مۇجىمەل جاۋاپتا .

- بارغاندا بىلىمىز ،- روشەنگۈل تىلفۇندىن باشنى كۆتەرمەي سۆز قىسىپ قويدى .

 - توغرا ، بارغاندا بىلىمىز ،- بۇ ئەڭ ئاقىلانە گەپ ئىدى، مەن شۇنداق دىگىنىمچە ماي پىدالىنى دەسسىدىم،  ماشىنا قويۇق توپا - چاڭ قاينىتىپ ئالغا قاراپ ئۇچتى.

 بىرەر سائەتتەك ماڭغاندىن كىيىن ھاروۋا يولى ئۇياق - بۇياققا بۆلۈنۈپ يوقاپ كەتتى ، نىجات بۇۋاي دەپ بەرگىنى بويىچە سىزىپ قويغان يولنىڭ سىخىمىسىنى كۆرۈپ نىشان بەلگىلەشكە باشلىدى.

 - مەن كىچىگىمدىن بۇ يەرلەرگە دادامغا ھەمرا بولۇپ كۆپ كىلەتتىم،  جەنوپقا ماڭساق قۇملۇق، توغراقلىق،  شىمالغا ماڭساق قىزىل توپۇلۇق دۆڭلۈك، توختىماي شەرىققە قاراپ ماڭايلى ،- دىدى ئۇ ،- شەرىققە مەنمۇ بەك ئىشكىرلەپ كىرىپ باقمىغان، ئىشەك ھاراۋۇسى بىلەن يېرىم كۈندە موشۇ جايغا كىلەلەيمىز، ئوتۇن كىسىمىز قايتىمىز، بىر كۈن ۋاقىت كىتىدۇ، شەرىققە ئىچكىرلەپ كىرگەنلەرنىڭ دىيىشىچە ھەر كەڭ كەتكەن قومۇشلۇقلار، يۇغۇراپ كەتكەن يۇلغۇنلۇقلار ، ئارسىغا كىرگىلى بولمايدىغان يانتاقلىقلار،  ئاندا - ساندا توغراقلىقلار بارمىش، كىچىك - كىچىك بۇلاقلار كۆپ ئۇچۇرايدۇ دەيدۇ، كىيىك،  تۈلكە بەك كۆپمىش.  ھەتتا بۆرىلەرمۇ بارمىش، - ئۇ ئەتراپنى تونۇشتۇرۇپ توختىماي سۆزلەۋاتاتتى،- بەزى تاشقا چۈشۈدىغانلار بار، ئۇلارمۇ موشۇ تەرەپكە ماڭىدۇ .

 - تاشقا چۈشۈدىغانلار ؟- ھەيران بولۇپ سورۇدۇم .

 - ھەئە ، بىزنىڭ بۇ جايدىكى بەزى تاش خۇمار كىشىلەر تەكلىماكاننىڭ بەزى جايلىرىدىكى سايلىق،  ئېدىرلىقلاردىن تاش تەرگىلى چۈشىدۇ، ئۇلار بەزى چاغلاردا قاشتېشىمۇ تېپىۋالىدۇ تېخى، ئۇنىڭدىن سىرىت ھەرخىل كەم ئۇچرايدىغان تاشلار، رەڭلىك تاشلارنى تېپىپ چىقىپ ساتىدۇ، ئەلۋەتتە ھەممىسىلا تېپىۋالالمايدۇ ، تەلىيى كەلسە بېيىپ كىتىدۇ ، تەلىيى كەلمىسە جاڭگال ، قوملۇقلارنى كۆرۈپ يېنىپ چىقىدۇ،  بەزىدە تەكلىماكان ئىچىگە ئىچكىرلەپ كىرىپ، ئېزىپ قېلىپ يوقاپ كىتىدىغانلارمۇ بار .

 - شۇنداق ئەتىۋالىق تاشلارمۇ بار دەڭە ،- قاھارنىڭ كۆزلىرى قاشتېشى دىگەن گەپتىن پارقىراپ كەتتى ،- ۋاھ ، دىققەت قىلىپ قويسام بولغۇدەك كىم بىلىدۇ، شۇ ئىسىل تاشلاردىن بىزگىمۇ ئۇچۇراپ قالامدۇ تېخى .

 - بولدى قىلىڭە ! - دىدى روشەنگۈل تىلفۇنىنى يانچۇقىغا سالغاچ ،- سىزدەك تاش تونىمايدىغانلارغا ئۇچۇرمايدۇ .

 سەپەر داۋاملاشماقتا، يولسىز دالىدا ئۆزىمىز يول ئېچىپ ئىلگىرلەۋاتاتتۇق، ئاندا - ساندا ئۇچۇرىۋاتقان توشقان، تۈلكىلەر قىزىقشىمىزنى قوزغاپ چاتقال ، يۇلغۇن ئارسىغا قاچسا ، يامغۇر سۇلىرى جىراپ چىقىرىپ قويغان جىرالار يولدا پەيدا بولۇپ روھىمىزنى ئالاتتى . ئوڭغۇل - دوڭغۇل دۆڭلەرنى ،چوڭ - كىچىك يۇلغۇنلۇقلارنى كىزىپ نىشانىمىز بويچە ئىلگىرلەپ بىر سايغا چىقىپ قالدۇق ، بۇ چاغ كۈنمۇ چۈشتىن قىيىلغان ۋاقىت بولدى ، قۇرساقلارمۇ ئېچىپ ، پۇت - قوللارمۇ ئۇيۇشۇپ كەتكەنتى ، ماشىنىنى توختاتتىم .

 - ئارام ئالغاچ ، قۇرساق توقلايلى ،- دىدىم كىچىك چايداننى ئالغاچ ، - مەنزىلىمىزگە ئاز قالدۇققۇ دەيمەن .

 - مېنىڭچىمۇ شۇنداق ،- دىدى نىجات ،- بۇۋاي دەپ بەرگەن مەنزىلگە ئاز قالدۇق، لېكىن بۇ ئەتىراپتا ئورمانلىق تاغ دىگەن بىرەر جاي بار دەپ ئاڭلىماپتىمەن، قانداق ئىشتۇ بۇ؟

 - بارغاندا بىلىمىز ،- روشۇنگۈل قۇتىلىرىمىزغا چاي قۇيغاچ شۇنداق دەپ قويدى.

 ئاندا - ساندا پاراڭلاشقاچ قۇرساقلارنى توقلىۋېلىپ ئەتراپنى ياخشى كۈزۈتۈپ باقتۇق، نىشانىمىزدا كەڭ بىر سايلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى، جەنوبىمىز قومۇشلۇق، يۇلغۇنلۇق، شىمالىمىز يەنە سايلىق بولۇپ بىز ئويلىغان ئاجايىپ - غارايىپ مەنزىرلەرنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى .

 يەنە ئالغا ئىلگىرلىدۇق -دە سايلىققا كىرىپ كەتتۇق. ئالاھەزەل يېرىم سائەتتەك ماڭغاندىن كىيىن تۆت ئەتراپقا سوزۇلغان سايلىق ئوتتۇرسىغا كىلىپ قالدۇق.

 - قىززىق ئىش ، بىز ئىزدىگەن ئورمانلىق ئەسلى موشۇ جايدا بولىشى كىرەك ئىدى، ھېچنىمە يوققۇ؟

 نىجاتنىڭ سۆزىدىن چۆچۈپ ماشىنىنى توختاتتىم.

 - نىمە ، يول خەرىتىسى موشۇ جايغا باشلاپ كەلدىما ؟ - سورۇدۇم دەرھال ،- خاتا ماڭدۇقمۇ يە؟

 نىجات خاتىرىنى ماڭا سۇندى .

 - مانا كۆرۈپ بېقىڭ ، يول توغرا ، بۇۋاي خاتا دەپ بەرمىگەنلا بولسا.

 - ياق خاتا دەپ بەرمەيدۇ ،- دىدى رۈشەنگۈل ،- سىز خاتا يول باشلىدىڭىزمىكىن.

 ھەمىمىز خاتىرە بىلەن ماڭغان يولىمىزنى سېلىشتۇردۇق، توپ - توغىرا چىقتى، ھەيران قالدۇق ،بۇۋاي خاتا دىمىسە، بىز خاتا ماڭمىساق ئەمىسە ھېلقى سىرلىق جاي نەدە ؟ بىز دۇربۇننى ئىشقا سېلىپ ئەتراپنى بىر قۇر كۆزۈتۈپ باقتۇق، ھېچقانداق بىر ئىگىزلىك كۆرۈنمىدى ، بولماي يەنە بىر ئاز مېڭىشنى پىلانلاپ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلىدۇق. سايلىقتا ھېچقانداق بىرەر نەرسىنىڭ قارىسىنى كۆرەلمەيمۇ، بىر سائەتتەك ماڭدۇق، كۆزىمىز ئەتراپتىن ئورماننى، تاغنى ئىزدەيتتى، لېكىن كۆرىدىغىنىمىز قوياشنىڭ ئىسسىقىدا سايدا بولغان ئىزىتقۇلا ئىدى. بۇ ھالىتىمىزنى يىراقتىن كۆرگەندە بىر كەڭ دېڭىزنىڭ ئىچىدىكى كىچىك قېيىقتەك كۆرىنەتتۇق.

 - قاراڭلار !- دەۋەتتى قاھار سايدىكى قارا بىر توپ نەرسىلەرنى كۆرسۈتۈپ.

 ماشىنىنىڭ تۇمشۇقىنى بۇراپ قارا نەرسىلەرگە قاراپ ماينى دەسسىدىم ماشىنا ئۇلارغا يېقىنلىغاندا ئۇلار ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

 - پەرىدەلەرمۇ نىمە؟ - قاھار شۇنداق دىۋېدى يۈرۈگۈم ھاياجاندا جىغ قىلىپ قالدى.

 - ئەمەسمىكىن بەش - ئالتە ئادەمكەن ،- دىدى نىجات ،- ئالۋاستى ، ئەرۋاھلاردەك بۇ سايدا نىمە قىلۋاتقاندۇ بۇ ئادەملەر ؟

 يېقىنلاپ توختىغىچە بۇ ئادەملەر ئارسىدا پەرىدەلەرنىڭ بولىشىنى ئارزو قىلغان ئىدۇق، لېكىن ناتونۇش ئالتە ئەر قورقۇمسىراپ بىزگە قاراپ تۇراتتى.

 - نىمە ئادەمسىلەر ؟- ھەيرانلىقتا ماشىنىدىن چۈشمەيلا سورۇدۇم .

 - سوجاڭ بىز جاڭگال كەزدىلەر ،- دىدى ئوتتۇرا ياش، ئاپتاپتا قارداپ كەتكەن بىرەيلەن ،- تاش تەرگىلى چىققانتۇق .

 بىز ماشىنىدىن چۈشتۇق، ئۇلار بىزنىڭدىن قورقۇپما ھەم ھەيران قالغاندەك قىياپەتتە سورىدى :

- سوجاڭ سىلەر نىمە قىلىۋاتىسىلەر بۇ سايدا ؟

 مەن ئېغىز ئاچقۇچە يەنە بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم گەپ قىستى .

- كىيىك ئوۋلىغانلارنى تۇتقىلى كەلگەندۇ ؟ بىز كىيىك تۇتمۇدۇق ھە،- ئۇ ھېجىيىپ سۆزىنىڭ راسلىغىنىنى دەلىللىمەكچى بولغاندەك ماڭا قارىدى.

 - بىز ئادەم ئىزدەپ كەلدۇق، ئىككى قىز بىلەن بىر ئوتتىرا ياشلىق ئادەمنى كۆردۈڭلارمۇ؟

بۇ گېپىمدىن ئۇلار ھاڭ - تاڭ قالدى .

- ۋاي سوجاڭ دىمە داۋاتىدىلا ؟ بۇ جاڭگالدا ئادەم بار دىسە بىزدەك ئېزىپ قالغانلار بار ، قىزلار جاڭگالدا نىمە قىلسۇن .

- سىلەر ئېزىپ قالغانمۇ؟ - سورىدى نىجات ،- قاتنىشىڭلار قېنى ؟

 ھېلقى قارا ماتاق ئوتتۇرا ياشلىق ئادەم گەپ باشىدى .

- تاش تەرگىلى كەلگەن كىتىۋېتىپ ماشىنىمىز بۇزۇلۇپ قالدى، ياساپ بولالمىدۇق، بولماي يىتەرلىك نان - ئوزۇقنى ئېلىپ قايتتۇق، بۇ يەردە كەچ قېلىشقا بولمايدۇ خەتەرلىك !

 - خەتەرلىك ؟ قانداقسىگە خەتەرلىك ؟

 - بۆرە بار ، بار بولسىمۇ بۆرە توپى بار .

 بىز بۆرىنىڭ بارلىغىنى ئاڭلاپ بىر - بىرىمىزگە قارىدۇق، دىمەك بۆرە توپىغا كەلدۇق دىگەنلىك ئورمانغا كەلدۇق دىگەنلىك .

- سىلەردىن سوراپ باقسام ،- دىدىم ئۈمىت بىلەن ،- بۇ ئەتراپتا ئورمان ، ياكى قەدىمى قەبرە دىگەندەك جاي بارمۇ؟

ئۇلار سۆزۈمنى چۈشەنمىدىمۇ ياكى ھەيران قالدىمۇ بىر - بىرىگە قارىۋېتىپ ئېغىز ئاچتى :

 - ئۇنداق جاينى كۆرۈپ باقمىدۇق ، بىز بۇ ئەتىراپلارغا خېلى پىششىق بولمىسا .

 بۇلارنىڭ جاۋابىنى بۇنداق چىقار دەپ كۈتمىگەنتىم ، تېڭىرقاپلا قالدىم ، ئورمان زادى نەدە؟ …

 داۋامى بار ..................





3080 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-31 20:10:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-2 19:04:54 vares
bak yah xe yezelep tu kay ne ne kan dak ta pa man
2016-1-2 9:35:53 m
بەك ياخشىكەنتۇق ئ‍اخىرىنى تىزراق يوللىساڭلا رەخمەت
2016-1-2 0:24:48 'rayhan
yahximu siz asirgeznig dawamini tezrah yulligan bulsigez bak takkaza bulup kattim rahmat
2016-1-1 23:58:01 Buhalqam
Yahxi yezlptu yazguqmzga rahmat
2016-1-1 23:27:12 كۈتۈش
ئ‍اخىرى قاچانمۇچىقار
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ