كېچىكىپ ھېس قىلغان سۆيگۈ 2 - قىسىم

كېچىكىپ ھېس قىلغان سۆيگۈ

 

   2 - قىسىم

 

ئۇلار قىزىل تاغ باغچىسىدىن ئايرىلغاندا سائەت 1 دىن ئاشقان ئىدى ، سەردار ماشىنىنى ‹‹ ھايات غىزا چاي – تائاملىرى ›› تاماقخانىسى ئالدىدا توختاتتى .
-تاماق يەمدۇق
-ياق تاماق يىمەيمىز ، كىر يۇيىمىز . دىدى سەردار قىزغا چەكچىيىپ
-تاماقخانىدا تاماق يىمەي نىمە قىلدىكى ؟؟؟؟
‹‹ھۇ ساراڭ تاز ›› قىز سەردارغا ھومۇيۇپ قارىدى .
تاماقخانىغا كىرىپ قىز ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى ، سىرىتنىڭ ئىسسىقلىقىغا تاماقخانا مۇزدەك كىرگەن ئادەمگە شۇنداق راھەت بېغىشلايتى ، تاماقخاننىڭ پاكىزلىقى ، تاماقخاندىكى كىشىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئېسىللىقى..........
ئۇلار چەتتىرەك بىر ئورۇندا ئولتۇردى .رەتلىك كىيىنگەن كۈتكىچى قىز ئۇلارغا چاي قۇيغاچ :
-نىمە تاماق بۇيرىتىسىلەر ؟دەپ سورىدى.
-نىمە يەيسەن ؟
-لەغمەن يەمىز
-ھەي لەغمەن ، ئۆيدە كۈندە لەغمەن يەپ تويمىدىڭما ھېي .دىدى سەردار چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ .
كۈتكىچى قىزنىڭ ئالدىدا مەلىكەم شۇنداق نۇمۇس قىلدىكى يۈزلىرى ئانارنىڭ قىزىرىپ كەتتى .
-راك قورىمىسى ، مىۋە پىسادىن بىرنى ، قارىمۇچ تەمىلىك ئىتالىيە چۆپى ، ئانار سۈيىدىن ئىككى .....
مەلىكەمگە ئىتالىيە چۆپى شۇنداق تېتىپ كەتتى ، راكنى يىيىشكە تۈگۈل قاراشقىمۇ رايى بارمىدى ، پىسانىمۇ ناھايىتى ئىشتىھالىق يىدى .
تاماقخاندىن چىقىپ سەردار ئۇنى سۇ ئۈستى باغچىسىغا ئاچىقتى .مەلىكەم ئۇ يەردىكى ھەر خىل قورقۇنۇچلۇق ئويۇنچۇقلاردىن ۋەھىمە ھىس قىلسا ، خوشال ئويناۋاتقانلارغا قاراپ يۇرتىدىكىلەرنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى ئويلاپ كۆزىگە ياش ئالدى ،سالقىنداپ ئولتۇرغان بوۋاي – مومايلارغا قاراپ جاپاكەش دادىسى بىلەن ئانىسنى تېخىمۇ سېغىندى ، پىنھاندا ئولتۇرۇپ مۇھەببەت شارابى تېتىۋاتقانلارنى كۆرۈپ ھەم ھەيران قالدى ، ھەم غەزەپلەندى ھەم نۇمۇستىن قىزىرىپ پۈتۈن بەدىنى ئوت بولۇپ ياندى ........
سەردار قىزنىڭ ھەممە نەرسىگە ھەيرانلىق بىلەن ، قىزىقىش بىلەن ، خوشاللىق بىلەن نەزەر سېلىۋاتقىننى كۆرۈپ ئۇنى بۈگۈن سىرىتقا ئاچچىققىننىڭ توغرا بولغانلىغىنى ھىس قىلدى بولغاي قىزغا قاراپ مىيغىدە كۈلۈپ قويدى .
-جۈرە ماشىنىغا چىقىراي
-ياق مەن ھەيدىيەلمەيمەن
-ماڭە سەن ھەيدىمەيسەن ، مەن ھەيدەيمەن يېنىمدا ئولتۇرساڭلا بولىدۇ .
سەردار قىزنى سوقما ماشىنىغا چىقاردى ، قىز سەردارنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ھەممە ماشىنىدا قىز – ئوغۇل ئولتۇرغۇننى كۆرۈپ ، قىز – ئوغۇللارلا چىقسا بولدىغان ماشىنىمۇ نىمە ؟ دەپ ئويلاپ قالدى . ئاھ ! ئەسلى ئىش ماشىنا قوزغالغاندا ئىكەنغۇ ؟ سەردەر ماشىنىنى ئويناشقا شۇنداق ئۇستا ئىدىكى ھېلى ئالدىغا ھېلى كەينىگە ، ھېلى پىقىرتىپ ئۇدۇل كەلگەنلەر بىلەن سوقۇشۇپ ...........بىچارە قىزنىڭ ھىچ ھالى قالمىدى ، ئازلا قالغاندا ماشىنىنى شۇنداق چۆگىلەتكەن ئىدى قىز پەقەت بولالماي سەردارنىڭ قۇچىقىغا چۈشتە يىگەن ‹‹ ھايات غىزا ›› لارنىڭ ھەممىنى بىراقلا ياندۇرۋەتتى ......
-ۋاي خۇدايىم نىمە قىلغىنىڭ بۇ ؟ سەردار ئاچچىقتىن يېرلىپ كېتەيلا دىدى .
-ماڭىمۇ ئاز سەن سەھرالىقنى ئويناتقاندىكىن ، ۋاي توۋا زۇۋانىڭنى چىڭ تۇتىۋالساڭ بولمامتى ؟
-كەچۈر – كەچۈر قىز بىئارامچىلىق بىلەن سومكىسىدىن قول ياغلىغىنى ئېلىپ سەردارنىڭ كىيىملىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدى .
-ۋاي توۋا ۋاي توۋا ....... سەردار پەقەت تىنىچلىنالمايۋاتاتتى .ئەتىراپتا تۇرغانلارنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ بىرنىمىلەنىدەپ كۇسۇلداشلىرى ئۇنىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋەتتى .
- بولدى ئېيىتما ، تات قولۇڭنى . دەپ قىزنى شۇنداق سەت سىلكىۋەتتى .ئۇنىڭ بۇ قىلىقى مەلىكەمنىڭ قاتتىق غورۇرىغا تەگدى. قىز كەينىگە بۇرۇلۇپلا ماڭدى ، ئاچچىقىدا لېۋىنى چىشلەپ قانىتىۋەتتى ، ئۆزىنى شۇنداق تۇتىۋالسىمۇ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش چۈشۈپ كەتتى .
‹‹ ئەبلەخ ، نىمە دەپ چىققاندىمەن ، نىمە دەپ چىققاندىمەن ، مەن قەستەن قىلدىممۇ ھە ›› قىز ياشلىق يۈزلىرىنى سۈرۈتكەچ ئۆز – ئۆزىگە سۆزلەپ، شۇ تاپتا قىزمۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالمايۋاتىتى ، تۇيۇقسىزلا ‹‹ شاققىدە ›، كەينىگە بۇرۇلدى دە يۈگەرگەندەك مېڭىپ ھە دەپ ئىشتانلىرىنى سۈرتىۋاتقان سەردارنى بىرنى تەپتى ، تۇيۇقسىز تەككەن بۇ تېپىكتىن سەردار ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالماي دۈملا يىقىلىپ چۈشتى . شۇنىڭ بىلەن ئەتىراپقا تېخىمۇ ئادەم ئولاشتى . غەزەپلەنگەن يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ قىزنىڭ كاچىتىغا بىرنى سالاي دەپ قولىنى كۆتەردى يۇ غەزەپ ۋە قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغان ياش يۇقى كۆزىدىن توختاپ قالدى .................
قىز – يىگىتنىڭ سالپىيىپ كېلىشى ، بولۇپمۇ سەردارنىڭ ياتىقىغا ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ كىرىپ كېتىشى رابىيە خانىمنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى .
-ۋاي قىزىم نىم بولۇشتۇڭلار . دىدى قىزنىڭ سولغۇن چىرايىغا قاراپ .
بۇ گەپ بىلەن مەلىكەم ‹‹ پاڭڭىدە ›› يىغلىۋەتتى ۋە ئېسەدەپ تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى .
-ھا ھا ھا ھا ھا ھا ھا ..........ۋاي چۈجە-خورازلار ، ۋاي چۈجە-خورازلار......
رابىيە خانىم شۇنداق كۈلۈپ كەتتىكى ، بەك كۈلگىنىدىن كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتتى .
-كىچىكىڭلادىمۇ پېتىشمايتىڭلار ، نىمانداق قىززىق ئىشلانى قىپ كەلدىڭلا . بوپتۇ قىزىم خاپا بولما ، ماڭ كىرىپ بىردەم يېتىۋال مەن توخۇ قورۇمىسىغا تەييارلىق قىپ قويغان تاماق پىشقاندا چاقىرىمەن . دەپ قىزنى ياتىقىغا كىرگۈزىۋەتتى .
رابىيە خانىم ئىچىدە ‹‹ ئۆچ بولساڭ گىرىپتار بولىسەن دەپ ، مۇشۇنداق قىلىپ تېپىشىسىلەر ، ئۇرۇشمىغىچە تېپىشماس ›› دەپ ئويلىغاچ تاماققا تۇتۇش قىلدى .
شۇ ئىشتىن كىيىن سەردار بىلەن مەلىكەم پەقەت پارڭلاشمىدى ،ھەم قىز مەكتەپكە سەردار شىركىتىگە كېتىپ ئۇلارغا ئۇچۇرشىش پۇرسىتىمۇ بولمىدى .
بىر كۈنى سەردار دوستى مەردان بىلەن يەنە شۇ ‹‹ ھايات غىزا ›› غا تاماققا كىرىپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۆتكەنكى ئىشلارنى ئويلاپ دوستىغا ئائىلىسىدە بولۇنغان گەپ – سۆزلەرنى ، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ بىرنىمۇ قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى .
-ھەي سەمىتكاملا نىمىشقا شۇنداق دەپ تۇرۋالدىغاندۇ ؟
-بۇ ئانامنىڭ پىكىرى . دادام ئانامنىڭ گىپىگە قارايدۇ ئاداش
-ھەي ئۇقىز سەن ياراتمىغۇدەك شۇنداق بولۇمسىزمۇ ؟
-ياقەي ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن پەقەت تۇرمۇش قۇرغۇم يوق .، بەك كالامپاي ئۇ .
-ھەي ئۇنداق دەۋەسەڭ ئۇ قىزنى بىر كۆرۈپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ .
-كۆرەمسەن سۈرىتى بار . سەردار تېلفوندىن مەلىكەمنىڭ سۈرىتىنى ئېىچپ مۇراتقا كۆرسەتتى .
-ۋاي ۋۇي بەگزادە مۇشۇنداق تاتلىق قىزنىمۇ ياراتماتامسەن ؟مەردان مەلىكەمنىڭ ئوماققىنە چىرايىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .
-تاتلىق دەپ كەتكىننى ، شۇنداق بىر چۈپ قاپتۇ سۈرەتكە ......
-ھەي بۇ قىزنى كۆرۈپ مەن غەيرى بوپ قېلىۋاتىمەن جۇمۇ ؟
-قانداق بولىۋاتىسەن ؟
-ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالغاندەك قىلىمەن......
‹‹ پۇۋۋۋۋۋۋۋۋ›› سەردار ئاغزىغا ئالغان چاينى ئۈستەلگىلا پۇقىۋەتتى .
-نىمە كۆيۈپ قالدىم ........ھا ھا ھا ھا ھا ھا بولىدۇ ئۇ سەھرالىق بىلەن ئەتىلا سېنى تونۇشتۇرۇپ قوياي ھە. دىدى سەردار مەردانغا چاقچاق قلىپ .
لېكىن مەردان ھىچ چاقچاق قىلغاندەك ئەمەس ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەلىكەمنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈۋاتاتتى .
مەردان سەردارنىڭ ساۋاقدىشى ھەم يېقىن دوستى ، ئۇلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەت قىلغىلى ئۇنىماي ئۆز تېرىشچانلىقى ۋە نۇرغۇن جاپاسى بىلەن شىركەت قۇرغان ،ھەر ئىككىلى يىگىت قابىل ، تىرىشچان بولغاچقا قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە شىركىتىنى خېلىلا نوپۇزلۇق شىركەت قاتارىغا كىرگۈزدى . مەردان خۇش – چاقچاق ، لېكىن بەكمۇ كۆڭۈل ئايايدىغان سەمىمى يىگىت بولۇپ ، ھەرئىككىلى يىگىتكە كۆيۈپ يۈرگەن قىزلامۇ ئاز ئەمەس ، لېكىن يىگىتلەر شىركىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئارلىقتا قىزلارغا كۆز سالمىغان ئىدى .
سەردار بىلەن تاماق يىگەن كۈندىن بۇيان مەردان ئۆزىدە بولىۋاتقان ئۆزگۈرۈشتىن ھەيران قالدى ، كۆز ئالدىدا مەلىكەمنىڭ سىماسى كەتمەيتى ، كۆڭلى تۈزۈك تاماقمۇ تاتماي، كېچىسى بىر ۋاقىتقىچە ئۇيقىسى كەلمەي ئۇنى قىيناۋاتاتتى .دوستىغا بۇنى دىيىشتىن خىجىل بولىدى ، نىمە قىلمىسۇن ئۇ دىگەن دوستىغا ئاتا – ئانىسى تاللىغان قىز . ‹‹ ھەي تۇرمۇش ! ئادەمنى نىمانداق سىنايدىغانسەن ؟›› سودىدىكى نۇرغۇن خەتەرلىك سىناقلاردىن قورىقماي يېڭىپ كەلگەن بۇ يىگىت بۇ مۇھەببەت سىنىقى ئالدىدا نىمە قىلىشىنى بىلمەيلا قالدى .
كۈنلەر بىر – بىرىنى قوغلاپ تېزلا ئۆتۈپ كەتتى ، كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە پەسىللەنىڭ سەرخىلى ، نىممىتى كەڭ ياز پەسلىمۇ كېتىپ قالدى ، سەردار بىلەن مەردان سودا ئىشى بىلەن يەنە ئىچكىرگە كەتتى ، مەلىكەممۇ بۇ بىر ماۋسۇملۇق ئوقۇشىنى غەلبىلىك تاماملاپ قىشلىق تەتىلگە ئۆيىگە ماڭدى . رابىيە خانىم بىلەن سەمەت مۇئەللىم بۇ تاتلىق قىزغا قىيالماسلىق بىلەن يولغا سېلىپ قويدى .
مەلىكەمنىڭ قىشلىق تەتىلى ئۆيدىن سىرىتقا چىقماي ئۆتۈپ كەتتى ، ئۆيدىكىلىرى قىزىنىڭ گۈزەل تۇرقىغا قاراپ ، سەمەت مۇئەللىملەردىن تولىمۇ خۇرسەن بولدى...............
مەلىكەمنىڭ تەتىل ھاياتىنى مۇشىنچىلىكلا ئىپادىلىسەم بولارمۇ دوسلا ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مەلىكەم ۋە ئۆيدىكىلىرىگە بۇ تەتىل بەك – بەك قىسقا تۇيۇلغان بىلەن سەمەت مۇئەللىم ۋە رابىيە خانىملارغا بەك – بەك ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى . مەلىكەمنى كۆرگەن رابىيە خانىم ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋىلىپ ئۇزاققىچە قويۇپ بەرمىدى .
ھەي ! جاھاندا ھەممىدىن كۆنگەن يامان دە ......
لېكىن جاھاندا كۆيگەنمۇ يامانكەن !!!!!!!!!
مەلىكەمنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقان يەنە بىرەيلەن بار ، دوسلا بىلىپ بولدى ، ئۇ مەردان .
مەردان مەلىكەمگە كۆيدى ياق ياق سۈرىتىگە كۆيدى ، مەلىكەم بىلەن كۆرۈشۈشكە پەقەت پۇرسەت بولمىدى ، لېكىن ئۇ كۆڭلىدىكى مەلىكىسىنى تولىمۇ – تولىمۇ سېغىناتتى . بىر پۇرسەتلەر بىلەن سەردارنىڭ ئۆيىگە بېرىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ سەردار ھىچ ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ ئەتمىدى . مەلىكەمگە مۇناسىۋەتلىك يەنە بىرسى بار ، سەردار ! توغرا سەردار
راس گەپنى قىلغاندا سەردارمۇ مەلىكەمنى سېغىنىپ قالدى ، مەلىكەمنىڭ غەزەپلىك ھومۇيشىنى ، ئاچچىق – ئاچچىق گەپلىرىنى سېغىنىپ قالدى . ..........
ئىككىنجى ماۋسۇملۇق ئوقۇش ھاياتى بىرىنجى ماۋسۇمغا قارىغاندا تېخىمۇ قايناق ، تېخىمۇ گۈزەل ، تېخىمۇ جانلىق بولدىغاندەك قىلاتتى ، دەسلەپتە بىر – بىردىن ھېتىرقىغان ، تونۇشمىغان قىز – يىگىتلەر ئەمدىلىكتە ئۆز كۆڭۈل سىرلىرىنى ئاشكارلاشقا باشلىدى .مەلىكەمگىمۇ سىنىپىدىكى ۋە پاراللىل ئوقىغان سىنىپتىكى نۇرغۇن يىگىتلەر كۆز تاشلاپ كۆزلىرى ئارقىلىق ئۆز سۆيگىسىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى ، لېكىن بۇ ساددا ، نۇمۇسچان قىزنىڭ كاللىسىغا ‹ئوقۇش› تىن ئىبارەت مۇقەددەس بىر ۋەزىپىنى پۈكۈپلا كەلگەچكىمۇ ياكى رابىيە خانىمنىڭ ئولتۇرسا قوپسا ئاۋال ئوقۇش قىزىم ئوقۇش ياخشى بولسىلا قالغان ئىش ئۆزلىگىدىن ھەل بولىدۇ دەپ قىلغان نەسىھەتلىرى سەۋەپلىكمۇ ئەيتاۋۇر ‹مۇھەببەت›دىگەن بۇ شىرىن دۈشمەنگە ئالدىراپ كۆڭۈل بەرمىدى .
ئەتىياز كىرىپ قالغان بولسىمۇ ئۈرۈمچىدە يەنىلا قارا قىشتەك سوغ بولۇپ ، قار ھىچ توختىمايۋاتاتتى . قاردىن ئاپپاق لىباس كەيگەن بۇ گۈزەل شەھەر مەلىكەمنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالدى .نەفىسە بىلەن قار ئېتىشىپ ئوينىغان مەلىكەم ئۆيگە كەچرەك كىردى .
مەلىكەم ئۆيگە كىرىشىگىلا سەردار كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ :
-نەلەدە تېنەپ – تەمتىرەپ يۈردۈڭ ؟
-مەكتەپتە
-مەكتەپتىن ئۆيگە كىرگىچە ئاشۇنچىۋالا توڭۇپ كېتەمدۇ ؟
-تالا سوغ تۇرسا . دىدى مەلىكەم پەرۋاسىزلا ياتىقىغا مېڭىپ .
-ئانام ئاغىرىپ قالدى
-ھە ؟؟؟ ئىتتىك كەينىگە قارىدى مەلىكەم جىددىيلىشى
-نىمە بوپتۇ ؟
-ئۆزۈڭ قاراپ باق ، بىلمەيسەندە سېنىڭ ئاناڭ بولمىغاندىكىن ؟ دىدى سەردار مەلىكەمگە دارىتمىلاپ .
مەلىكەم سەردارغا تازا بىر چەكچىيىپ قارىۋىتىپ ، گەپمۇ قىلمايلا رابىيە خانىمنىڭ يىنىغا كىردى . رابىيە خانىمغا ئېغىر زۇكام تەگدىمۇ قانداق شۇنداق قىززىتىپ كەتكەن ئىدى .
-نىمانچە قىززىپ كەتكەنسىەن ، چۈشتە بىر ماقالىنى تۈگىتىۋىتىمەن دەپ كىرمەپتىكەنمەن . دىدى خىجىللىقتىن گىلاس رەڭ لەۋلىرىنى بوشقىنە چىشلەپ .
-چۈشتە ياخشى ئىدىم ، باياتىندىن بېرىلا قىزىتىپ كېتىۋاتىمەن . ماڭ قىزىم تاماق قىلغىن سەردار نەۋاخ قوسۇغۇم ئاشتى ، دەپ ماڭا كوتۇلدىغىلى .
مەلىكەم دەرھاللا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ تاماققا تۇتۇش قىلدى ، بىر تەرەپتىن رابىيە خانىمغا شوگۈرۈچ قايناتسا ، بىر تەرەپتىن باشقىلارغا باشقا تاماققا تۇتۇش قىلدى .
رابىيە خانىم شوگۈرۈچنى ۋە دورىلىرىنى ئىچىپ بولغىچە ئۇنىڭ يىنىدا تۇردى ،ئاندىن خانىمنىڭ ئۇسقانلىرىنى ، باشلىرىنى رابىيە خانىمنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي تاكى ئۇخلاپ قالغانغا قەدەر تۇتتى .
سەردار مەلىكەمنىڭ بۇ ئىشلىرىغا قاراپ ، تەسىرلەندىمۇ قانداق مەلىكەمنى تامىقىنى يەۋىلىشقا چاقىردى .
-سويۇپ قالدى ھە تامىقىڭ
-ياقەي سويۇماپتۇ
-بۈگۈن تازا جاپا تارىتتىڭ . مەلىكەم تۇيۇقسىز بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سەردارغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى .
-سەنمۇ قىززىپ قالدىڭمۇ نىمە ؟ دەپ سەردارنىڭ پىشانىسىنى تۇتتى .
سەردار بۇرۇنقىدەك جىلى بولماي:
-قىززىپ قاپتىمەنمۇ دەپ مەلىكەمگە تىكىلدى .
قىز قانداقسىگە سەردارغا تىكىلىپ قالغىننى ئۆزىمۇ سەزمىدى ، ‹توۋا ئۇنىڭ كۆزى نىمانچە چىرايلىقتۇ؟؟؟؟ ›
-ھەي راس قىززىپتىمەنما ؟ قايتا سورالغان سوئالدىن ئېسىنى تاپقان مەلىكەم قاتتىق خىجىللىقتا قىزىرىپ كەتتى .
-ھە ..ياق
-نىمە گەپ بۇ راس قىززىپتىمەنمۇ ؟ سەردار ئۆزى پىشانىسىنى تۇتتى
-نەدە قىززىيمەن . سەن سەھرالىق مېنى ئەخمەق قىپسەن ھە ؟
دەپ قىزنىڭ بېشىغا نوقۇپلا قويدى .
توۋا بۇرۇن بۇنداق نوقىسا مەلىكەم چاچىراپ تۇرۇپ سەردارنى گەپتە تويغۇزىۋىتەتتى ، لېكىن ھازىر ............بۇ نوقۇش ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىننىگە شۇنداق بىر ھارارەت تارقىتىۋەتتىكى قىز بۇ ھارارەتنىڭ مەڭگۈ داۋام قىلىشىنى شۇنچىكى ئارزۇ قىپ كەتتى . تامىقىنى يەپ بوپمۇ باياتىنقى ھارارەتنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتى .
ئىنساننى چىرايلىق قىلغان ئۇنىڭ يۈزى ، يۈزىنى چىرايلىق قىلغان ئۇنىڭ كۆزى..........ئىنساننى ئىنسان قىلغان ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزى.
مەلىكەمگە يامان بولدى . دەرىسلىك كىتاۋىدىمۇ شۇ كۆز ، دوسكىدىمۇ شۇ كۆز ، يوللاردىمۇ ،دەل – دەرەخلەر ئارىسىدىمۇ ...........
قىز بىئارام بولدى ، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا دۇچ كەپقالغىنىغا ئازاپلاندى . ‹‹ نىمە ئىش بۇ؟قېنى ئۆچلۈك ،قېنى ياقتۇرماسلىق ؟مەلىكەم نىمىلەنى ئارزۇ قىلۋاتقانسەن ؟بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ،ئۇنىڭ ئۈستىگە .......›› قىزنىڭ خىيالى مۇشۇ يەرگە كەلگەندىلا قىزنىڭ بوغۇزىغا بىر نەسە كەپلىشىپ ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشتى ،پۇت – قولىنىڭ ئۇچىدىن شۇنداق بىر ئازاپلىق يىغا كەلدىكى چىرايلىق كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈپ كەتتى . قىز يۈزلىرىنى تۇتۇپ ‹ئۇمىنى ياختۇرمايدۇ ، مېنى قانداقمۇ ياخشى كۆرسۇن › دەپ ئازاپلىق ئېڭىرىدى ..................
مۇھەببەت ، ھەي مۇھەببەت تۇيۇقسىز كېلدىغان مىھمان ، باي – كەمبىغەل ، يېقىن –يىراق ، سەت –چىرايلىق دەيدىغان ئۆلچىمى يوق .........لېكىن بۇ گۈزەل مەلىكىنىڭ كۆڭلىگە يامان كەپ قالدىڭ .
مەلىكەم شۇنىڭدىن بۇيان بەكمۇ خىيالچان ،سولغۇن بوپ قالدى ، بۇنى دوستى نەفىسە سېزىپ قالدى .
بىر كۈنى سىنىپتا نەفىسە بىلەن مەلىكەملا يالغۇز قالغان ئىدى ، نەفىسە مەلىكەمنىڭ سۇلغۇن ، تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ئۇنىڭ يۈزلىرىنى ئالقانلىرىغا ئېلىپ ئۆزىگە قاراتتى .
-نىمە بولدۇڭ جېنىم ؟ دىدى نەفىسە مەلىكەمنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە تىكىلىپ
مەلىكەمنىڭ كۆزلىرىدىن سۈزۈك ،مەرۋايىتتەك ياشلار تۆكۈلۈپ كەتتى ...ۋە نەفىسەنىڭ باغرىغا ئۆزىنى تاشلاپ بەكمۇ –بەكمۇ ئازاپلىق يىغلىۋەتتى .......توۋا چىن سۆيگۈ، ساپ مۇھەببەت ، ھەقىقى ئاشىقلىق ئادەمنى شۇنداق يىغلىتامدىغاندۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
-يىغلىۋال دوستۇم ، ئىچىڭدىكى بارلىق دەتلىرىڭ كۆز يېشىڭ بىلەن چىقىپ كەتسۇن . دىدى نەفىسمۇ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ .
بىر دەملىك يىغلاشتىن كىيىن ھەر ئىككىلى قىز جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتى .
-دىيىشنى خالىمامسەن ؟
-خالايمەن نەفىسە
-ئەمسە دىگىنە ؟
مەلىكەم بىر تەرەپتىن يىغلىغاچ ، بىر تەرەپتىن كۈلگەچ كۆڭلىدىكى دەرتلىرىنىڭ ھەممىنى نەفىسەگە دەپ بەردى .
-ئويلۇغىنىم توغرا چىقتى . ساڭا قاراپ ئاشىقمىكىن دىگەنتىم .ئۇ سېنى راسلا ياخشى كۆرمەسمۇ ؟
-ياق ياق بۇ مۇمكىن ئەمەس
-بۇنداق كېسىپ بىر نىمە دىۋەتمە
-ساڭا ھەممىنى دەپ بەردىمغۇ ؟
-بەلكىم ئۇ چاقچاق قىلدىغاندۇ ؟
-ئەگەر ئۇنىڭ ماڭا تۇتقان مۇئامىلسىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرگەن بولساڭ .... دىدى مەلىكەم ئۈمۈتسىزلىكتە بېشىنى يېنىك چايقاپ .
-ئاللادىن تىلە دوستۇم ، ئۈمۈتلۈك بول .
-رەخمەت ساڭا ، ياخشى سەن بوپ قاپسەن بولمىسا ئىچىمدىكى تېشىمغا چىقىرالماي تېخىمۇ قىينىلاتتىم . خېلىلا يېنىكلەپ قالدىم .
راس ،ئىككى دوس سىرداشقاندىن كىيىن ، مەلىكەم خېلىلا يېنىكلەپ قالدى .
ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭنى كۆرگەندە كۈلۈمسىرە ، سېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭنى ھېس قىلسۇن .........
مەلىكەم سەردارغا كۈلۈمسىرەيتى ، سەمەت مۇئەللىم بىلەن رابىيەم خانىمغا تېخىمۇ كۆيۈندىغان بوپ كەتتى ، ئۆيلەرنى تازلاپ پاقىرتىۋىتەتتى . تاماق قىلىۋاتقاندا خۇددى سەردار قاراپ تۇرغاندەك شۇنداق تۈجۈپىلەپ ئېتەتتىكى ، سەردار ئەتكەن تامىقىنى سەللا ئارتۇق يەپ قالسا خوشلىقىدىن كۆزلىرى كۈلۈپ كېتەتتى . لېكىن ....ھەي لېكىن .....
شۇ كۈنى مەلىكەم سەمەت مۇئەللىم بىلەن رابىيە خانىمنى قۇرداشلار چېيىغا ئۇزىتىۋىتىپ ، كىر يۇيىشقا تەييارلىق قىلدى . كىرلەرنى يىغىۋىتىپ سەردارنىڭ ياتىقىغا قارىدى . سەردار بەك كەچ كەلگەچكە ناشتىدىن كىينلا يەنە يېتىپ ئۇخلاپ قالغانتى . ‹ئۇنىڭمۇ كىرلىرى باردۇ ؟›ئاستا ئىشىكنى ئېچىپ ياتاققا نەزەر سالدى ، يەنە شۇ خۇشبۇي ھىد.......
سەردار يوتقاننى يېپىنمايلا ئۆزىنى تاشلاپ ئۇخلىغان ئىدى ، مەلىكەم ئاستا ياتاققا كىردى ،يۈرىكى خۇددى قاپقانغا چۈپ قالغان كەپتەردەك قاتتىق سوقاتتى ...ھىچ ئۇيان بۇيانغا قارىدى ، لېكىن كىر كۆرۈنمەيتى .
كۆزى سەردارغا چۈشتى ،قاپقارا چاچلار ، قوشۇما قاشلار قىسقا لېكىن قويۇق كىرپىك ، قاڭشارلىق بۇرۇن ......ئۇنىڭغا قارىغانسىرى مەلىكەمنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار يەنە تۆكۈلدى . جانسىز قوللىرىنى ئاستا ئۇزۇتۇپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى تۇتماقچى بولدى . ‹ئۇففففففففففف › قوللىرى چاچلارغا تېگىشى بىلەن نازۇك بارماقلىرىدىن تارىغان ھېلىقى ھېلىقى ھارارەت ......‹ئاھ!›مەلىكەم نىمە بولدۇڭ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
سەردار چاچلىرىدىن بىر نەرسە ماڭغاندەك بولۇپ ئىتتىك قولىدا بېشىنى تۇتتى ياق ياق بېشىنى ئەمەس نازۇك ئوتتەك قوللارنى تۇتتى ......
چۆچۈپ ئىتتىك كۆزىنى ئاچقان سەردار بېشىدا قاراپ تۇرغان مەلىكەمگە قاراپ
-نىمە قىلىۋاتىسەن ھوي ئادەمنى قورقۇتۇپ ؟
سەردارنىڭ تۇيۇقسىز ئويغىنىشىدىن بىچچارە قىز شۇنداق ھودۇقتىكى ، يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ ،نىمە دىيىشنى بىلمەيلا قالدى
-مەن مەن كىر يۇياي دەپ بۇ يەرگە........
-كاللىڭىز ساقمۇ يا خېنىم ؟ بۇ مېنىڭ ياتىقىم
-مەن مەن شۇ .....
-ھەي ئاجايىپلا ئىشلارنى قىپ يۈرۈيدىكەنسەن جۇمۇ ئوغۇردەك .
‹ئوغۇردەك› بۇ گەپ مەلىكەمگە تەسىر قىلدى .مىڭ قىلمىسا چېچەن دەپ بۇ قىز
-نىمە ئوغۇردەك ؟مېنى ئوغىرى دىمەكچىمۇ ؟مەلىكەم كارۋاتتىكى ياستۇقنى ئېلىپ زېلىم بىلەن سەردارنىڭ بېشىغا ئۇردى .
-نمە دەۋاتىسەن ، مەن ئوغۇرما ؟ كىر يۇياي دەپ كىرى بارمىكىن دەپ كىرمىسەم نىمە قىلىمەن بۇ سېسىق ياتىغىڭدا ؟ دەپ قاتتىق ۋاقىردى.
-ۋاي توۋا نىمە ئۇرسەن ھېيييييييي ساراڭ
سەردار سەكرەپ كارۋىتىدىن چۈشتى .
-ئۇخلاۋاتسام ياتىقىمغا كىرىپ بېشىمدا جىندەك قاراپ تۇرساڭ شۇنداق دىمەي نىمە دەيمەن ؟چىقە ياتىقىمدىن ، نىمە بار ئوغۇل بالنىڭ ياتىقىدا ساڭا ، سەھرالىق دىگەنزە قائىدىمۇ ئۇقمىغان .
مەلىكەم سەردارغا قاراپ مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدى ، كاللىسىدا ‹‹ چىقە ›› دىگەن گەپ ئەكىس سادا ياڭرىدى .....كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلدى .....
-ۋاي ۋۇييييييي مىشىلداپ يىغلاشنى بىلەمسە سەن ھە ، بولدى بولدى چىقىپ كىتە غەزىپىمنى ئۆرلەتمەي . سەردار مەلىكەمنى ئىتىرىپ دىگىدەك ياتىقىدىن چىقىرۋىتىپ ئىشىكنى يىپىۋالدى .
مەلىكەم يۈزىنى تۇتۇپ يىغلىغانچە ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى ، قورۇنىڭ ھويلىسىدىكى شىپاڭغا بېرىپ شۇنداق يىغلىدى . سەردارنى ئېغىزىدا تىللايتى لېكىن كۆڭلىدە ئاقلايتى .
داۋامى بار.......




1932 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 2:43:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ