ناۋاي دادا ئاسپىرانت بالا

ناۋاي دادا ئاسپىرانت بالا


[مىكرو ھېكايە ]


ئا.جۇدۇن


دادا ناۋاي ئىدى . ئۇ ،گۈلدەك ھۈنىرى بىلەن بىر ئائىلىنى بېقىپ كەلدى. ئۇ ،ھاياتىدا كەچكى شەپەقتە پېتىۋاتقان قۇياشتەك دۈپ -دۈگىلەك ، قىپقىزىل ، چوڭ-چوڭ نانلارنى ، كېچىدە تولۇنئايدەك پارقىراپ تۇرغان گىردىلەرنى ، كۆپ-كۆك ئاسماندا جىمىر-جىمىرلاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلاردەك ئوماق توقاچلارنى ياققىچە، تالاي-تالاي قېتىم باش-كۆزلىرىنى ‹‹ ئۈتلەپ›› كەتكەنلىكى ئېسىدىمۇ يوق ئىدى . كېچە-كۆندۈز پەقەت ئېسىدىن چىقمايدېغىنى ، يالغۇز ئوغلىنى ۋايىغا يەتكىچە ئوقۇتۇش ئىدى ....


باشلانغۇچتا :

- بالام، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ۋاقىت بوپتۇ ، دەيتتىدە ، تېلېۋىزۇرنى ئۆچۈرۈپ ، قولىغا بىر پارچە گېزىتنى ئېلىپ ،ئوغلىغا روبىرو ئولتۇراتتى . 


تولۇقسىزدا:

-بالام ، تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان ۋاقىت بوپتۇ ،دەيتتىدە ، تېلېۋىزۇرنى ئۆچۈرۈپ ، قولىغا بىر ژۇرنالنى ئېلىپ ،ئوغلىنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرۇپ زور قىزىقىش بىلەن كۆرەتتى .


تولۇق ئوتتۇرىدا :

-ئوغلۇم، تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلىۋال دەپ، بالىنىڭ قۇلاقلىرىدىكى تىڭشىغۇچلارنى ئېلىۋېتىپ قولىغا بىر روماننى ئېلىپ دېرىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تازا ئىشتىياق بىلەن ‹‹ ئوقۇيتتى ››. ئاتا ئۆيدە بارلىكى چاغلاردا مۇشۇنداق قىلاتتى .


ئالى مەكتەپتە:

ئاتا ئالى مەكتەپكە ئەلىيۇلئەلا بولۇپ ئۆتكەن ئوغلىدىن چەكسىز پەخىرلەنسىمۇ ، ئەسلى ئادىتى بويىچە پات-پات تېلىفۇن قىلىپ: -ئوغلۇم ، ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇما ، ئوقۇشىڭنى ياخشى ئوقۇ ! دەپ تاپىلاشنى پەقەت ئۇنتۇپ قالمايتتى .


دوختۇرخانىدا :

ئوغلى چەتئەلدىكى ئوقىشىنى تۈگىتىپ ،دوختۇرلۇق كەسپىنى قولىغا ئالدى. چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان ئاتا-ئانا مۇراد-مەقسەتلىرىگە يەتتى . بىر كۈنى توساتتىن، دوختۇرخانىدىن تېلىفۇن كەلدى . دادا ئۇچقاندەك يېتىپ باردى . ‹‹ سوقۇر ئۈچەي›› سەۋەبىدىن ،ئوغۇلنى جىددى ئوپىراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەنىدى . جەدىۋەلگە قول قويىدىغان چاغدا دادا ساۋاتسىز چىقىپ قالدى. ئوغۇلنىڭ يامغۇردەك تۆكۈلگەن ياشلىرى ‹‹ بوۋاي›› نىڭ ساقاللىرىدىن سىرغىپ چۈشتى…


سۇلايمان ئابلىمىت تەييارلىغان





867 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-30 16:00:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-27 2:45:29 مۆتىۋەر55
بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرسى تازا ياخشى چىقماپتۇ ، قانداق دىگەندە بالام تاپشۇرقۇڭنى ياخشى ئىشلە دەپ قۇيۇپ رومان ئوقىيالايدىغان ئەدەم بىردىنلا دوختۇرخانىغا كەلگەندە ساۋاتسىز بوپ قاپتۇ بۇ يېرى قاملاشماپتۇ
2015-7-31 0:26:27 jamila
Bak yahxi yezliptu
2015-7-30 18:57:56 ئ‍ەلقۇت
بەك ياخشى ئ‍ەسەركەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ