ئۆلتۈر مېنى ياش يىگىتنىڭ ئۆلىمىدە
roger mcgough
(مەتسەيدى بەيدۇللا تەرجىمىسى)
ئۆلتۈر مېنى ياش يىگىتنىڭ ئۆلىمىدە
چالا ئۆلۈك قويما مېنى
ئوقۇما ماڭا ياسىن سۈيى
ئوقۇما ماڭا ئايەت سۆزى
بىر تىنىقتىلا بىرەي بۇ جاننى .
يېشىم 73 تە
مەڭگۈلۈك ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمىنى
كىسىۋېتىشىم مۇمكىن سۈبھىدە ،
پارقىراق قىزىل دالا ماشىنىسى بىلەن
كېچىلىك زىياپەتتىن قايتقاندا
ئۆيگە بېرىش يۇلىدا .
ياكى 91 يېشىمدا
كۈمىش چاچلىرىم بىلەن
ئۇرۇندىقىدا ئولتۇرۇپ ساتىراچنىڭ
قاراقچىلار بىلەن ئېلىشارمەن ،
ئېتىلىپ چىقىپ كالامپاي ئاپتوماتتىن
يېنىپ كىرەرمەن تىزلا .
ياكى يېشىم 104 تە
توسۇلۇپ قالىمەن ئۆڭكۈردە ،
بەلكىم مېنىڭ ئاشنام
قىزى بىلەن تۇسىۋالىدۇ مېنى ساھىلدا ،
ئەنسىرەپ ئوغلىدىن
چانايدۇ مېنى پارچە-پارچە
تاشلىۋېتىدۇ ھەممىنى بىر تالدىن باشقا .
ئۆلتۈر مېنى ياش يىگىتنىڭ ئۆلىمىدە
پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ماڭىدىغان گۇناھلىرىم خالاسىدا
شام بىلەن مۇملا ئۆلۈم ئازابىنى
پەردە بىلەن ئايرىۋەتمە پەرىشتە تۇغۇلغاندا ،
نېمە دېگەن ياخشى-ھە ئۆلىۋېلىش دېگەن .
(ئىنگىلىزچىدىن كۆلەڭگە تەرجىمىسى)
396 قېتىم كۆرۈلدى | 101520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-17 15:53:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-1-9 13:40:29 | bahwan |
ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ |
2016-12-23 13:35:56 | ھەۋزىگۇل |
بۇ تەرجىمە بەك ياخشى بوپتۇ. داۋاملىق تىرىشىڭ ساۋاقدېشىم |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|