قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
2- بۆلۈم 1- قىسىم
چەكسىز ئالەمدە يەر شارى چىكىتتەك بىر ئورۇننى ئىگەللىسىمۇ ، ئۇنىڭدىكى ئاجايىپ - غارايىپ سىرلار ، تىلسىمات جايلار ، مۆجىزىلىك ئىشلار ئالىملارنىڭ شۇنداق تىرىشچانلىغىدىمۇ سىر بەرمەي يەنىلا رىۋايەتلىك ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ يۈشۈرنۇپ ياتماقتا ئىدى . ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ سۆزلىنىۋاتقان ئەپسانىلەر ھەممىسى توقۇلما بولماستىن بەلكى جاھان كىزىپ قېرىغان بۇۋىلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ، ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىغان ھىكايىلەردور شۇڭا ھەممە ئەپسانىنى توقۇلما ، يالغان دىيىش توغىرا ئەمەس …
بۇلار ئالۋاستى كىتاپنى يوقۇتۇپ يۇرتىغا ئامان ئىسەن كىلىۋالغىلىمۇ ئون كۈندىن ئاشتى لېكىن ئۇ جايدا يۈز بەرگەن قورقۇنۇچلۇق ، ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلارنى ھېچقايسىسى ئېغىزىدىن چىقارمىدى ،چىقارغان تەقدىردىمۇ ئۇ گەپلەرگە ئىشىنىدىغانلارنىڭ چىقىشى ناتايىن ، ئاڭلىغانلار بۇلارغا جىن چاپلىشىپتۇ دەپلا تۈگىتىشى ياكى شامال دارىپتۇ دەپ ساراڭغا چىقىرىشى تۇرغانلا گەپ .
دىلبەر بىلەن گۈزەلنۇر كىيىملىرى يىرتىلغان ، يۈز - كۆزلىرى توپا - چاڭ ھالەتتە ئۈيىگە قايتىپ دادىسىدىن بىر مۇنچە تىل ئاڭلىغاننى ئاز دەپ ئانىسىنىڭ سۇئال - سوراقلىرىغا كۆمۈلۈپ قالدى .تۇرغۇن ئايالىنى ئالغىلى بېرىپ « مېنىڭ يوقلىغىمدىن پايدىلىنىپ ئىككى نايناق بىلەن نەدە ئوينىدىڭ ؟ نىمە قىلدىڭ ؟؟؟؟… » دىگەندەك سوراقلار ئاستىدا يۈزىنى تاتىلىتىپ سالپايغىنىچە قايتىپ كەلدى . ئۇلار ئۆيلىرىدىكى سوراقلارنى بېسىقتۇرۇپ ئون كۈن توشقاندا تايىرنىڭ ئۈيىدە يەنە بىر جەم بولۇشتى .
يىگىتلەر تۇرغۇننىڭ يۈزىدىكى تېرناق يىزىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭغا چاقچاقتىن ھۇجۇم باشلىدى :
- ۋاي تۇرغۇن ئاداش … تۇۋاا ئايالىڭ بەك قالتىسكەن جۇمۇ ! ھەر جىن - ئالۋاستىلارمۇ چىرايىڭغا قول سۇنالمىغانتى خەرىتە چىقىرۋېتىپتىغۇ !
سەمەتنىڭ بۇ سۆزىگە ئۇلاپلا ئىسكەندەر چاقچاقتىن بىرنى ئاتتى :
- تۇرغۇن ئاداش بۇ قېتىم چىرايىڭغا قايسى سىرلىق رايوننىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ كەلدىڭ ؟…ۋەتتت
ئۆينى قىز - يىگىتلەرنىڭ قىقاس كۈلكىلىرى بىر ئالدى.
ئۇلار بۇ نەچچە كۈندىن ياخشى ئارام ئېلىپ ، ياخشى غىزالانغاچقا سىرلىق رايوندىكى قورقۇنۇچلۇق جىن - ئالۋاستىلار ۋەھىمىسنى ئۇنتۇپ ،روھى كەيپىياتىمۇ كۆتۈرلۈپ قالغانتى .
چاقچاقلار بىر ئاز پەسەيگەندىن كىيىن تايىر ئېغىز ئاچتى:
- نەچچە ۋاقىتتىن ئويلاپ باقمىغان جايلارغا بېرىپ ، چۈشىمىزدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىشلارنى كۆردۇق ، رىسقىمىز باركەن نەچچە ئۈلۈپ ، نەچچە تىرىلىپ ساق - سالامەت قايتىپ كىلىۋالدۇق ، بۇ ئىشلارنى بىرەسىگە دىسەكمۇ ئىشەنمەس بەلكىم ،لېكىن شۇ ئىشەنگۈسىز ئىشلارنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ ، بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق ، بايلىق تاپىمىز دەپ بايلىقنىمۇ تاپقان ئىدۇق بىلىسىلەر قىل قالدۇق بايلىق قۇربانى بولغىلى ، ئەمدىكى گەپ ئۇ يەردىن قۇرۇق قولمۇ كەلمىدۇق ، قولىمىزدا ئالتۇندىن ساپ ياسالغان بەش قېلىچ ئېلىپ كەپتىمىز ، بۇ قېلىچلارنى ساتساق ھال كۈنىمىز چوقۇم ياخشى بولۇپ كىتىدۇ ، بۈگۈن يىغىلغان موشۇ پۇرسەتتە بۇ قېلىچلارنى قانداق سېتىپ قانداق پۇل قىلىمىز موشۇ ئىش توغۇرسىدا مەسلىھەتلىشەيلى دىگەن ئويدا چاقىرىشىم !
تايىر سۆزىنى تۈگىتىپ رەختىن بىرىگە پۇختا ئورالغان قېلىچلارنى دوسىتلىرىنىڭ ئالدىغا قويدى ، قېلىچلار ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن قېلىچلار بولسىمۇ ، قانچە پۇلغا يارايدىغانلىغىنى پەرەز قىلىشىپ ،ھاياجاندا بىردىن ئېلىشقىنىچە يېڭى باشتىن قاراشقا باشلىدى .
- كىم ئارتۇق قىلىپ ساتايلى ! - دىدى تۇرغۇن كۈلۈپ .
- قەيەردە كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىسەن ۋوي !- دىدى ئىسكەندەر .
- شاڭخەي ، گۇاڭدۇڭ ئەتىراپلارغا ئاپىرىپ ساتمامدۇق !- دىدى تۇرغۇن ھېجىيىپ .
- گۇاڭدۇڭ ، شاڭخەي دەپ كەتكىنىنى ! دەپ باقە !قانداق ئېلىپ بارىسەن ؟ بۇ دىگەن تىغلىق ئەسىۋاپ ، سەندەك بىر تومپاي بەش قېلىچنى قۇچاقلاپ كوچىغا چىقىپ باقە ھۆكۈمەت ھازىرلا تۇتۇپ « نەدىن تاپتىڭ ؟ قايسى قەبىرنى بۇزدۇڭ ؟» دەپ ئانى - مانەڭنى كۆرسەتكەننى ئاز دەپ تېخى قېلىچ كۆتۈرۈپ نىمە قىلماقچى ؟ غەرىزىڭ نىمە ؟ » دىگەندەك سوراقلاردا ۋەتۋەرىگىڭنى چىقىرۋېتىدۇ ، ئۇ چاغدا سەن راس گېپىڭنى دىسەڭمۇ كىم ئىشىنىدۇ ئۇ گېپىڭگە !
- ئۇغۇ شۇ !- دەپ قويدى تۇرغۇن بېشىنى تاتىلاپ .
- مەنچە ،-دىدى دىلبەر ،- بۇلارنىڭ سېپىدىنلا سۇندۇرۇپ ئالتۇن قىسمىنىلا ساتايلى ئەمىسە !
- بۇمۇ بولغۇدەك !- دەپ دىلبەرنىڭ سۆزىنى دەرھاللا قوللىدى گۈزەلنۇر .
- شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ بۇنى ساتقىلى خىردار ئىزدەيمىز ، خېرىدار بۇنى كۆرۈپ بىزدىن گۇمانلىنىپ ھۆكۈمەت تەرەپكە خەۋەر بىرىۋەتسە چاتاق چىقىدۇ ، ئۇ چاغدا بۇلار مۇسادىرە بولۇپ تۈگىسىلا ياخشى نەدىن تاپقىنىمىزنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي ئۆزىمىزمۇ سولۇنۇپ كىتەرمىزمۇ ؟- دەپ ئويلىغىنىنى ئوتتۇرغا قويدى سەمەت .
ئۇلار شۇ تەرىققىدە ئۇنى دەپ بۇنى دەپ بىر ھازا تالاشتى بولماي ، ھازىرچە بۇ قېلىچلارنى ساقلاپ قويۇپ مۇۋاپىق ئامال تاپقاندا بىر تەرەپ قىلماقچى بولىشتى .
- بۇ قېلىچلاردىكى ئالتۇن نەچچە پۇلغا يارار ؟
تۇرغۇن ئۆزىگە قانچىلىك بايلىق تىگىدىغانلىغىنى بىلىپ باقماقچى بولدىمۇ قانداق تۇيۇقسىز سوراپ قالدى .
- ئالتۇن ئېغىر كىلىدۇ ، بىر قېلىچتىكى بۇنىڭچە توملۇقتىكى ئالتۇن ئۈچ كىلودىن ئاشىدۇ ، لېكىن بۇ ساپلار ئۇنچە ئېغىر بىلىنمەيۋاتىدۇ ، شۇڭا ئىچى كاۋاكمىكىن ! - دىدى تايىر .
- ھېلىمۇ ئېغىر تۇرمامدۇ !- دىدى تۇرغۇن دەڭسەپ بېقىپ .
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە قايتىدىن ئالتۇن ئېغىرلىغىنى دەڭسەشكە چۈشۈپ كەتتى .
- قاراڭلار ماۋۇ قېلىچقا ، بۇ يىرىدە خەتمۇ ياكى بەلگىمۇ يا نەقىشمۇ بىر نەرسىلەر بار تۇرىدىغۇ؟! - دىدى تۇيۇقسىز سەمەت قولىدىكى قېلىچنى كۆرسىتىپ .
ئۇلار ھەممىسى بويىندىغىنىچە سەمەتنىڭ قولىدىكى قېلىچقا قاراشتى ، راسىت دىگەندەك ئۇ قېلىچ سېپىدا بىر قاراشتا مىسىرنىڭ قەدىمقى خەت شەكلىدەك غەلىتە شەكىللىك رەسىملەر ، يەنە بىر قاراشتا ئەرەپ خەت شەكلىگە ئوخشايدىغان خەتلەر، يەنە بىر قاراشتا قانداقتۇ ئىرماش - چىرماش سىتىرولۇق رەسىمدەك سىزىقلار خۇددى قېلىچ سېپىنى زىنەتلىگەندەك ئايلاندۇرۇپ ئويۇلغانتى .
- بۇ ئەپسونمۇ نىمە؟- دىدى تۇرغۇن سېنچىلاپ قاراپ بېقىپ .
- ئەكىلە ! ئەپسون دىگەننى بىلىدىغاندەك سۆزلەپ كەتكىنىنى ! - دىدى ئىسكەندەر قېلىچنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ .
- بۇ مۇنداقلا چىرايلىق بولسۇن دەپ سىزىپ چىقارغان نەقىشلەردەك قىلىدىغۇ ؟
- بۇنىڭدىمۇ باركەن ! - دىدى گۈزەلنۇر يەنە بىر قېلىچقا قاراپ .
ئۇلار شۇندىلا ھەممە قېلىچنىڭ سېپىغا ئىنچىكىلەپ قاراشقا باشلىدى .
- بۇنىڭدىمۇ باركەن ! - دىدى تايىر يەنە بىر قېلچنى ئېلىپ .
شۇنداق قىلىپ ئۈچ قېلىچتا بىر - بىرىگە قېلچە ئوخشىمايدىغان ئۈچ خىل غەلىتە سىزىقلارنى بايقىغان بولدى .
- نىمىشقا بۇ ئىككىسىدە نەقىش يوق ؟- سورىدى سەمەت ھەيران بولۇپ .
- كىم بىلىدۇ ؟ بەلكىم ئۇلارغا سىزىشنى ئۇنتۇپ قالغاندۇ ؟- دەپ قويدى تايىر.
ھەممىسى كۈلۈشتى .
- بولدى بولدى ! نەدىكى بىر سىزىقلار بىلەن كەچ قىلمايلى ! قىزلارنىڭمۇ ۋاقىت چىقارمىغى تەس ، تايىر بىلەن گۈزەلنۇر ساھىپخان بولسۇن ، ئۈيىگىمۇ كەپ قويدۇق ، بىر تاماشا سالمامدۇق !- دەپ ھەممىسىنىڭ دىققىتىنى تاتتى تۇرغۇن مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ .
- شۇنداق قىلايلى ! پۇرسەتنى ئۆتكۈزۋەتمەيلى ، ياشلىق پەسلى بەك قىسقا ھە ! -دەپ گەپ قوللىدى سەمەت .
- مەن بۇ ئۆيگە قاچان كەلگەندە ساھىپخان بولاي ھە !- دىدى دىلبەرمۇ دەرھاللا ئىنكاس قايتۇرۇپ ،- خەقلەرنىڭ بىر ئېغىز گېپى يوق سىز مېنى ساھىپخان قىلىۋېتىپسىزغۇ ؟ تاماششا دەپ كەتكىنىنى ئايالىڭىزنىڭ سوۋغا قىلغان خەرىتىسى ئاز بولۇپ قالدىمۇ - يە؟
ئۆيدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى ، تايىر دىلبەرنىڭ ئەگىتىپ ئۆزىگە قارىتىپ ئېيتقان سۆزىدىن قىزارغان بولسا، تۇرغۇننىڭ ئېغىزى تۇۋاقلىنىپ قالغان ئىدى .
تايىرغا دىققەت قىلىپ تۇرغان گۈزەلنۇر ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىدىن پىسسىڭىدە كۈلگەن گۈزەلنۇر:
- خەقلەرمۇ بەك يۇۋاشكەنغۇ تاڭ ! - دەپ گەپ قوشتى ،- دىلبەرنىڭ ئاچچىغى تۇتسا ئۆزى ئېغىز ئېچىۋاتىدۇ بىكا ھە ، ئۇ چاغدا ئەستا دەپ موشۇنداق قىزىرىپلا قۇتىلالمايدۇ .
بالىلار كۈلۈشۈپ كىتىشتى .
تايىر خىجىللىقتىن تېخىمۇ قىزاردى ، ئۇنى بۇ ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۇرغۇن ئوتتۇرغا چۈشتى :
- ھەي … ھەي قىزلار ئۇنداقمۇ دىيىشىپ كەتمەيلى ھە، دوستۇممىچۇ دىلبەر قىزنى ئۆز ھۆسنى جامالىغا لايىق كاتتا توي بىلەن ئېلىپ كىلىمەن دەپ تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ ، شۇڭا ئالدىراپ ئېغىز ئاشمىغان گەپ ، دوستۇمنى تولا خاتا چۈشىنۋالماڭلار ھە؟
- ھە ! بىزغۇ دوستىڭىزنى خاتا چۈشىنۋاپتۇق لېكىن ئۆزى توغىرا چۈشەندۈرەلمەمدىكەن ؟ سىز يا دوسىتىڭىزنىڭ ئېغىزىمۇ ھە؟
بالىلار يەنە كۈلۈشتى ، دىلبەر تايىرنىڭ تېخىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ چىدىماي گۈزەلنۇرنى باستى :
- بولدى باشقىلارنى ئۇنداق خىجىل قىلۋەتمەڭ ، ئۆيدە بىزنى تاشلاپ سىرتقا قاچمىسۇن، شۇڭا ئالدىنئالا بىز كىتىۋالايلى !
- قىزلار ئالدىرماڭلار دەيمەن ،- دىدى سەمەتمۇ ئېغىز ئېچىپ ،- گۈزەلنۇرمۇ يۇرتقا كەلگىلى خېلى ۋاق بولدى ، بىزمۇ مۇنداق بىر ئايلاندۇرۇپ بىر … ھە ، يۇرتىمىزنىڭ بولىدىغان جايلىرى خېلى بار كۆرسۈتۈپ دىگەندەك …
ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەيلا تۇرغۇن گەپنى چاقچاققا يۆلىدى :
- ھە سەمەت ئاغىنە يۇرتىمىزنى گۈزەلنۇرغا تونۇشتۇرۇپ ، قىزىقتۇرۇپ ئېلىپ قالاي دەپسەندە ؟
گۈزەلنۇر تۇيۇقسىز ئۆزىنى نىشانلىغان چاقچاقتىن دەمالىققا بىر نەرسە دىيەلمەي قىزىرىپ كۈلدى ،ئۇنى دىلبەر قۇتۇلدۇردى :
- ئېلىپ قالالىسا بېڭسى ، كۆرىمىزغۇ ۋاقتى كەلسە خەقلەردەك قىزىرىپ ئولتۇرامدۇ تېخى !
ھەممىسى كۈلۈشۈپ كەتتى ، تايىر ئەمدى ئېغىز ئاچمىسا بولمايدىغانلىغىنى ئويلاپ تەمتىرەپ قالدى :
- مەنمۇ ئالدىراپ شۇ ، شۇ كاتتاراق توي قىلدىغانغا تەييارلىق قىلىپ …
- كۆڭۈل دىگەن بايلىق تاللىمايدۇ كۆڭۈل تاللايدىغۇ !
دىلبەر پەس ئاۋازدا شۇنداق دىگىنىچە مېڭىشقا قوزغالدى ، گۈزەلنۇرمۇ ئورنىدىن تۇردى .
- دىلبەر قىز سىز بىلمەيسىز ،- دىدى ئىسكەندەر ،- ئاغىنەممۇ بۇ تۇرغۇندەك كۈندە خوتۇنىدىن تاياق يەپ ئۆتمەي دەپ ياخشى تەييارلىق قىلۋاتقان گەپ !
ئۆيدە كۈلكە كۆتىرلدى ، تۇرغۇن ئىسكەندەرگە تەنە قىلىپ ۋاقىراپ - جاقىراپ كەتتى ، قىزلار قايىتتى .
كىچە ، ئەتىراپ جىمجىت ، تايىر تېلۋىزور كۆرۈپ كەچەرەك ياتتى ، ئۇ چۈش كۆردى . چۆشىدە ئاپپاق ساقاللىق ، چىرايىدىن جەسسورلۇق چىقىپ تۇرىدىغان بۇۋاي ئۇنىڭغا شۇنداق دەۋاتاتتى « سىلەر ئالۋاستى - جىنلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۇرۇپ قويدىڭلار ، بىخوتلۇق قىلماڭلار ، ئاگاھ بولۇڭلار ، ئۇلار سىلەرنى ئىزدەپ بارىدۇ ، ئۇلار سىلەرنى جازالاپ قولۇڭلاردىكى ئۈچ قېلىچنى يوقاتماقچى ، تىزدىن مېنى ئىزدەپ تېپىڭلار ! بۇ يول خەرىتىسى » تايىر بۇۋاي سۇنغان بىر پارچە رەخىتنى ئېلىپ ئۇيغۇنۇپ كەتتى . ئۇ ئۇيغۇنۇپ ئۆزىنىڭ ئەتىراپىنى يارداڭلىق ، توغراقلىق ، يۇلغۇنلۇق قاپلىغان بىر چۆللۈكتە تۇرغىنىنى كۆردى ، ئۇ ھەيرانلىقتا ئەتىراپقا قاراۋاتقىنىدا تۇيۇقسىز ئەتىراپتىن قارا ئىس كۆتۈرلۈپ كۆرمىڭلىغان ئالۋاستى - جىنلار ئۇنىڭغا يۇپۇرلۇپ كەلدى ، بۇ جىنلارنىڭ بەزىلىرى سىرلىق رايوندا كۆرگەن ئالۋاستى - جىنلارغا ئوخشىسا بەزىلىرى بەكلا بەتبەشىرە ، غەلىتە ، يىرگىنىشلىك ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئەلپازىدىن تايىرنى پارە - پارە قىلىپ يەپ تاشلايدىغاندەك ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇراتتى .ئۇلار يۈگۈرۈشۈپ تايىرغا يېقىن كەلگەندە توختاشتى -دە ئارسىدىن پاكار ، ۋېجىك ، چىرايى مىڭ قورۇق بىر موماي ھاسىسىنى توكۇلتۇپ چىقىپ ۋاقىردى « بۇ نائەھلىنىڭ روھىنى تۇتۇڭلار، بۇنى نەزىر قىلىمىز !!!»
ئۇنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئېغىزى كاماردەك يۇغان ئېچىلغان بىر يۇغان ئىت ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى ، تايىر ۋاقىرغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ، ئۇ ئەمدى ھەقىقى ئۇيغانغانتى ، ئۇ قارا تەرگە چۆمۈلگەن بولۇپ قولىدا بۇۋاي سۇنغان ھېلقى « يول خەرىتىسى » لاتا پارچىسى تۇراتتى …
ئاخىرى بار
2618 قېتىم كۆرۈلدى |
metro |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2017-1-21 18:56:58 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-23 17:27:59 |
مەمتىلى |
بەك ياخشى يىزلىپتۇ ئاخىرنى ئوقۇشقا تەقەززامەن |
2017-3-19 7:16:12 |
ئەرۋاھ |
بەك بەلەن يېزىلىپتۇ،پۈتۈن تورداشلا بەك ياختۇردى |
2017-3-11 2:20:53 |
ئەسقەرجان |
ياخشى ىقىپتۇ |
2017-2-20 4:31:36 |
ئەلى |
ئىككىنجى بۇلۇمنىڭ 6-قىسىمى قاچان چىقا ھە |
2017-2-18 0:25:19 |
گۇلئاي |
ئاكا سەن بىزنىڭ پەخىرىمىز يارايسەن👍👍 |
2017-1-28 2:49:59 |
murat |
asarne entayin yahturdum bakyahxi yizliptu emkan bolsa aherne baldurrak qikargan bolsagla bak yahxi bulatte |
2017-1-23 23:34:28 |
ئالىم. |
ئاخىرىغا تەشنا بىز |
2017-1-23 20:41:28 |
مەمەتجان |
ئىككىنچى بولۇم،ئككىنج،قىىسمنى،بالدۇراق،ئەۋەتساڭلا،بوپتىكەن،كۇندە،تىلفنغا،قاراپ،تەقاززا،بوپ،كەتتم |
2017-1-23 2:49:46 |
sazzz |
ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز بۇ ئەسەرنىڭ ئىكىنچى بۈلۈمۈنى يېزىپ ، شۇنداق چۈشۈنچىلىك . رەخمەت |
2017-1-22 15:27:21 |
za ra |
1-kisimnig ahiri yo k mu |
2017-1-22 10:18:31 |
(سەردار) |
ئەجەب ياخشى باشلىۋاپسىز، داۋامىنى تېزراق يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!!! |
2017-1-22 3:49:21 |
مۇساجان |
ئەسىرىڭىزنىڭ بىرنىمۇ قويماي ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن شۇنچىلىك ياقتۇردۇم ئەسەرنى ئوقۇپ بولۇشقا شۇنچىلىك تەشنا بولدۇم قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ئاشۇ تەپەككۇر بىلەن تولغان كاللىڭىز مەڭگۈ قىرىمىسۇن |
2017-1-22 2:50:21 |
يىگانە ياپراق |
ئىككىنچى بۆلۈمنىمۇ شۇنچىلىك چىرايلىق باشلىۋاپسىز، قەلىمىڭىز ھېرىپ قاممىسۇن......🌹🌹🌹🌹🌹
|
2017-1-22 2:44:50 |
ئۆمەرجان |
ياخشى باشلىۋاپسىز ئاخىرىنى تېخىمۇ ياخشى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن |
ئىنكاس يېزىڭ