ئوغرى
( ھېكايە )
ئېلشاتجان ئېزىز
يىگچى مەھەلىنىڭ جىمجىت ئاسمنىغا جۆر بولغان شەپەرەڭلەر تۈن قاراڭغۇسىدا ئۇياقتىن - بۇياققا ئۇچاتتى ، ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئاينىڭ نۇرى ئاستىدا ، كۆكتىكى سانسىزلىغان يۇلتۇزلار كۆزلىرىنى قىسقىنچە يۇپۇرماقلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازغا جۆر بولۇپ غۇۋا نۇر چاچاتتى ، يەر - جاھان شۇنچلىك تىمتاس ، شۇنچلىك جىمىجىت ئىدىكى ، خۇددى پۈتكۈل كائىناتكى مەۋجۇداتلار بۇشۈكتىكى بوۋاقىتەك غەمسىز ئۇخلاۋاتقاندەك قىلاتتى ، كېچنىڭ قوياشى بولغان ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئاي ئۆزنىڭ سېخىي نۇرلىرىنى چاچقاچ ، ئاستا - ئاستا بولۇت قوينىغا مېڭىشقا باشلىدى .
مەھەلىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى قوناقلىقىتىن ئىككى قارا كۆلەڭگە پەيدا بولدى . ئۇلار ئىككى تەرەپكە سەپسلىپ قاراۋەتكەندىن كېيىن ، تېز - تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ مەھەللە ئىچىگە كىردى . مەھەلىنىڭ ئىچدىكى ئېرىق بويىغا قاتار تىكىكلىگەن قېرى سۆگەت سېخىدا ئىككى تورغاي بولۇپ ، ئۇلار ئىككى قارا كۆلەڭگۈنى كۈرۈپلا پالاقشىغىنچە ئۇچۇپ كېتىشتى . نەلەدىدۇر ، ئىتلارنىڭ ئەنسىز ھاۋشىقان ئاۋازى بىلەن تەڭ مەھەللە جىمجىتلىقى بۇزۇلىدى . ئىتلارنىڭ ھاۋشقان ئاۋازدىن سەل ئەندىكەن ... مەخمۇت ، يېندىكى ھەمىراھىغا پەس ئاۋازدا :
- بولىغىنە ، ئاغىنە تېزراق ! ماڭا ئۆلگۈر ئىتىلارىمۇ توختىماي قاۋغىلى تۇرىدى . باشقىلار سېزىپ قالمسۇن ، دەپ كۇسۇرلاشقىنچە تېخىمۇ تېز قەدەملەر بىلەن ئايشەمخان ئاننىڭ ئىشكى ئالدىغا كېلىپ توختىدى . ئايشەمخان ئانىنڭ ھويلىسنى تۆت ئەتراپى جىگدە شېخى بىلەن توسۇلغان بولۇپ ، ھويلا دەرۋازسىغا ئەينى يىللىرى ھاشىمكام ياسغان ياغاچ شاخشىنى ئورنتىپ قويغان ئىدى . ھويلىنىڭ سول تەرەپدىكى جىگدە شۇخسى بار جايدا ، مەھەلدىكى كىچىك باللار ئۆرۈك ئوغىرلاپ يېيىش ئۈچۈن ئاچقان شۇرا بار بولۇپ ، مەخمۇت بىلەن ئەركىنىمۇ شۇ جايدىن كىرىپ ئايشەمخان ئاننىڭ قوربان ھېيىت ئۈچۈن بورداۋاتقان پاقلىنى ئوغىرلىماقچى بولۇشتى .
ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدا مەزمۇت قەد كۈتۈرۈپ تۇرىغان ئۈزۈم بارڭى بولۇپ ، ئۈزۈمنڭ كېچدىكى سايسى ئۆي ئىشكىنىڭ ئالدىغىچە چۈشەتتى ، ئۈزۈم يۇپۇرماقلىرى ئارسدىكى قۇشقاچلار بۇ نامەلۇم كۆڭلەڭدىن قورقتىمۇ قانداق بىر خىل ئەنسىز ئاھاڭدا چۇقۇرشاتتى ، ئۆي ئىچىدىكلەر قاتتىق ئۇيقۇغا كېتشكەن بولۇپ سىرتىكى بۇ ئاۋازلارنى قىلچىمۇ سەزمەيىتى ، ئۇلار جىگدە شىخىنى قايىرىپلا كىرمەكچى بولىۋىدى ، توساتتىن مەخمۇتىنڭ چاپىنى جىگدە شېخى ئىلىۋالىدى . ئۇ تېزلىكتە چاپىنى ئوڭشىدە ، شاخىنى پەملەپ دەسسەپ ھويىلىغا گۈپ قىلغان ئاۋاز بىلەن چۈشتى . ئەركىنمۇ ئۇنىڭ ئارقسدىن تەڭلا جىگدە شېخىدىن ئاتلاپ چۈشتىدە ، ئۇدۇل ھويلىنىڭ سول بۈرجىگىدىكى ئېغىلغا قاراپ يەڭگىل قەدەملەر بىلەن مېڭىشقا باشلىدى .
ئايشەمخان ئاننىڭ ئېغىلى ئاددىي كېسەكتىن سېلىنغان بولۇپ ، ئادەتتە ئېغىل ئىشكىنى تاقىماي تۇتقۇچنى ئىلىپ قوياتتى ، ئۇلار ئېغىل تۈۋىگە كېلىپ توختىدە بىر - بىرىگە قاراپ خۇرسەن بولغان ھالىدا :
- ھەرنىمە بولسا بۈگۈن تەلىيمىز ئوڭدىن كېپىتۇ ، ئەركىن ،،، - دېدى ، مەخمۇت پەس ئاۋازدا ، ئۇلارنىڭ ئاۋازدىن قونغاقتىكى توخۇلارىمۇ ئېغلىنڭ ئىشكىنى ئېچىش بىلەنلا تەڭ قېقىلداشقا باشلىدى . مەخمۇت بىلەن ئەركىن ئېغىل ئىشكىدىن كىرىپلا ئىشكىنى گۈپ قىلىپ ياپتىدە ، بېشىغا تېڭۋالغان قول چىراغىنى ياقتى . ئېلېكتر نۇرىدا ئۇلار قويىغا بىرەر قۇر قارۋەتكەندىن كېيىن ، قويلارىغا قاراپ يېقىنلشقا باشلىدى . قويلارىمۇ بۇ ناتۇنۇش كىشلەرنىڭ سۈيقەستىنى بىلىدىمۇ قانداق قارشلىق بىلدۈرۈپ ئۇياق - بوياققا قاچاتتى ، قونغاقتىكى توخۇلارىمۇ توختىماي قېقىلدايىتى ، مەخمۇت ئۈركىگەن قويلار ئارسدىن ئېتىلىپ بېرىپلا بىر قوينى تۇتىدە ، ئەركىنگە قاراپ :
- ھەي ، قاراپ تۇرسەنغۇ ، ياردەملەشمەسە بوياققا كىلىپ !! - دېدى مەخمۇت جىدىيلەشكەن ھالدا :
- ئەركىن ، ھە مانا دېگىنچە بېرىپ چاپىنىڭ يانچۇققا سېلىۋالغان بونچاقنى چىقىرىپ قوينى باغلىدى . لېكىن ئۇ ئەسنادا يانچۇقدىن قانداقتۇر بىر نەرسنىڭ چۈشۈپ قالىغنى ئەسلا سەزىمگەنىدى . باشقا قويلارنىڭ تىپىرلاپ توختىماي قېچىشى ۋە توخۇلارنىڭ ئەنسىز قېقىلداشلىرى بۇ رەھمسىز ئوغىرلانى سەل ئەنسىرەتكەندەك تېز سۈرەتتە قوينى ئېلىپ، دەسلىپدە قانداق كەلگەن بولسا ھازىرىمۇ شۇنداق كۆزدىن غايىپ بولۇشىتى ...
داۋامى بار.
| 940 قېتىم كۆرۈلدى | yigqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-2 11:05:50 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2016-3-15 15:38:14 | ADILA |
| 2 ay hi qa ahiri qikmidi .u.dak takazza kilmag la | |
| 2016-2-13 0:36:36 | ئايشەمگول |
| بۇ ئەسەر بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ،باشقا ئەسەرلەرنىڭ ئاخىرنىڭمۇ ۋاختىدا چىقىشىنى تىلەيمەن بىزدەك ئۇقۇرمەنلەر بەك تەققاززا قىلىۋەتتىڭلار | |
| 2016-2-13 0:36:31 | ئايشەمگول |
| بۇ ئەسەر بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ،باشقا ئەسەرلەرنىڭ ئاخىرنىڭمۇ ۋاختىدا چىقىشىنى تىلەيمەن بىزدەك ئۇقۇرمەنلەر بەك تەققاززا قىلىۋەتتىڭلار | |
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|