گۇناھكار قەلىب (پوۋىسىت) 5- قىسىم

گۇناھكار قەلىب 

(پوۋىسىت) 5- قىسىم


    تاھىر بىلەن ئەركىن ئاخىرى ياتاققىمۇ ئورۇنلىشىپ بولدى ، تاھىر يوتقان كۆرپىلىرنى دېرىزە تۈۋىدىكى ئورنى ياخشى بولغان كارۋاتقا ئورۇنلاشتۇردى ، بۇ دېرىزىدىن قارىسا مەكتەپ ئىچىنى تولۇق كۆرگىلى بولاتتى . ئەركىن تاھىرنىڭ ئۈستىدىكى كارۋاتقا ئورۇنلاشتى . تاھىر بىلەن ئەركىن سۇخانىغا چىقىپ قايتىپ كىرگىندە بولسا ، تاھىرنىڭ يوتقان كۆرپىسى ئىشىك تۈۋىدىكى كارۋاتقا يۆتكەلگەن ، باياقى كارۋاتتا بولسا ئورۇقراق كەلگەن چېچىنى سېرىق رەڭدە بويىۋالغان ، قارىسا سۆلەتۋاز بەگزادىدەك تۇيغۇ بېرىدىغان بىرسى تاماكا چېكىپ ياتاتتى .تاھىر ئۇنىڭغا گەپ قىلدى«بۇ سېنىڭ نېمەقىلغىنىڭ ؟ بۇكارۋات مېنىڭكى ، بۇنىڭغا بوپتۇ دەي ، بىراق سەن بىر ئوقۇغۇچى تۇرۇپ تاماكا چەكسەڭ قانداق بولىدۇ؟ » ، بايىقى بالا سەت بىرنى ئالىيىپ ئورنىدىن تۇردى ، ئاندىن تاھىرنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە تاھىرغا يېقىن تۇرۇپ تاھىرنىڭ كۆزىگە مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى« بۇكارۋات سېنىڭما ؟ سەن داداڭنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ كەلدىڭما ؟ تاماكاچەكسەم ئۆزەمنىڭ ئىشى سېنىڭ نېمە كارىڭ ؟»دېدى ،تاھىر ئۇنىڭغا«شۇنداقتىمۇ بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ ، سېنىڭ قىلغىنىڭ خاتا تۇرسا » دېدى ، ئۇ «سەن توغرا خاتالىقىنى ئايرىيدىغان سوتچىمىتىڭ ؟ »دېدى ، ئەركىن ئارلىقتا گەپ قىلدى «بولدى قىلىڭلا ، » شۇنداق قىلىپ ھەر ئىككىيلەن توختاپ قالدى . تاھىرنىڭ بىركۈنى شۇنداق ئۆتتى ،  باياقى بالىنىڭ ئىسمى پەرھات بۇلۇپ ئاتۇشلۇق ئىكەن . تاھىر بۇنى بىلگندە بوش ئاۋازدا غۇدىراپ قويدى «نېمىسىگە كۆرەڭلەيدىكىنە؟ » .
دەرىس باشلاندى ، ھەممەيلەن بىر سىنىپقا تەقسىم قىلىندى، تاھىر كۆڭلىدە ئويلىدى .«چوقۇم تىرىشىپ ياخشى ئوقۇيمەن ، »دەپ ئويلىدى . بىراق دەرىس تۈرى كۆپ ، مەزمۇنى ئۇزۇن ۋاقىت قىس بولغاچ چۈشلۈك ئارامدىمۇ دەرىس تەكرارلاشقا توغرا كېلەتتى . تاھىر ۋاقتى بولسىلا مەكتەپ باغچىسىدىكى تاش ئۇرۇنداقتا ئولتۇرۇپ دەرىس تەكرارلايتى ، بۇ ھالەت پات -پات خالنۇرنىڭ دىققىتىنى قوزغايتى . ئەركىن كېلىپلا ئويۇنغا بېرىلىپ كەتتى ، پەرھاتنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ قىمار ئويناش ، تاماكا چېكىش ، ھاراق ئىچىشنى  ئۆگەندى ، تاھىر نەسھەت قىلسا پەقەت ئاڭلىماسلا بولدى .  تاھىر ئەركننى   بىر ئاي ئىچىدىلا باشقا ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى .پەرھات تاھىرغا بەكمۇ ئۆچلۈك قىلاتتى ، چۈنكى  ھېلىقى كارۋات ۋەقەسى پەرھاتنىڭ قەلبىدىن كۆتۈرلۈپ كەتكىنى يوق ئىدى .

سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن ، ئەركىن نېمىشقا بۇنچە تېز ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ؟ پەرھات تاھىرغا يەنە قانداق سۈيقەستىلەرنى پىلانلايدۇ؟ نەزىرڭىز داۋامىدا بولسۇن ،
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
     





743 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-17 4:28:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-21 2:48:04 شەبنەم
ئ‍اخىرىنى تىزراق يېزىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ