جىن چاپلاشقا قىز 5-قىسىم

جىن چاپلاشقا قىز 5-قىسىم

گۈلنۇر


   بۇ دۇنيانىڭ ئىچىلمىغان تىلسىملىرى بەك كۆپ ئىكەن ، بىز چۈشەنمەيدىغان ھەم ئىشەنمەيدىغان ئىشلار  ئادملەرنى گاڭگىرىتىپ ھەر ئوي ھەر كويلارغا باشلاپ ھەممە ئۆز ھەلەكچىلىكىدە شۇنداق ئالدىراش ، بەزەن كىشلەر نىمە ئىش قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراش ئىلىكىدە بىشىنىڭ ئىچىمۇ -تىشىمۇ قىتىپ نىمە قىلىشنى بىلمەي چىقىش يولىي تاپالماي سەر سەرگەندردان بولۇپ نالە پەريات قىلىپ يۇرشسە بەزىلەر ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن پەخىرىلىنىپ ھىچىكىم بىلەن كارىي يوق دۇنيا مەن بىر دەپ شادىمان ،ئەركىن ،شاد -خوراملىق ئىچىدە مانا مەن دەپ يۇرمەكتە ، بۇ راستىنلام تەڭشەلمىگەن جاھانمۇ ؟ كۇلگەنلەر كۇلىۋىرىپ ،يىغلىغانلا قان ياش تۆكۈپ ئۆتەمدۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس ئاينىڭ ئون بەشىي ئايدىڭ بولسا ،ئون بەشى قارڭغۇ ،ياقىلار ئىتەك بولدى ،ئىتەكلەر ياقا دىگەندەك شۇنداق بىر كۈن كىلىپ ئىگىسى شۇنداق تەڭشەيدۇكى بۇ جانلىرىمىزغا ۋاي ، مەن نىمە بولغاندىمە ،ئاھ بۇ نىمە كۈن دەپ ئۆزىمىزنى بىلمەي ئەس -ھوشىمىزنى تاپالماي گاڭگىراپلا قالىمىز بىز شۇنداق ھەر خىل -ھەر ياڭزا سىناقلار ئىچىدە ئۆتكۈچىمىز .
بەزىلەر شۇنداق ئالدىراش پۇت -قولىي يەرگە تەگمەي ئۇف دىگىدەك ۋاقتىي يوق ھالەتتە ئالدىراش ، بەزنلەر كۈن كەچ قىلىلاماي نىمە قىلىشنى بىلمەي بىر كۈن بىر يىلدەك شۇنداق ئاستا مەن دەل شۇ كۈننى ئۆتكۈزەلمەي ھەر بىر مىنۇت -سىكىنۇت شۇنداق ئاستا بىر كۈنۈم بىر يىلدەك ماڭىدۇ ،ماڭىدۇ قىردىن ئاشالمايدۇ دىگەندەك ماڭسامۇ كۆزلىگەن نىشانىمغا يىتەلمەي مىڭىشىم خۇددىي تاشپاقنىڭ مىڭىشىدەك شۇنچىكى ئاستا ، مەن يەنىلام شۇ مۇڭ باسقان غىرىبانە كەپەمدە جاپاكەچ ،مىھىرىبان ئانام بىلەن بىللە كۈنلىرىمنى بۇرۇختۇم ، ئىچىنىش ، ئازاب ، ۋەھىمە ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتىمەن .مەن كۇلكىدىن خوشالىقتىن شۇنداق يىراق شۇ خوشاللىق مىنىڭ غىربانە كەپەمنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ مەن تۇيۇقسىز خوشاللىقا جور بولاي دىگەندە ئۇنىڭ كەينىدىنلام يەنىلام شۇ ئازاب ئۇنى قوغلاپ كىلىپ خوشاللىقنى ئالا قاياقلارغا قوغلاپ ماڭا شۇ ئازاپ ھەمرا بولىدۇ شۇڭا خوشاللىق بۇ ئازابدىن قورقتىي بولغاي مىنى ئىزدىمەس بولۇپ ئۆزىنى مەندىن بىراقلام ئىلىپ قىچىپ ماڭا يولۇقماس بولدى مەن شۇ ئازاب تۈپەيلى خوشاللىقتىن مەھرۇم قالدىم ،مەن بەك جىق ۋايسىدىم ،بەك جىق نالە -پەرىيات بىلەن قان يىغلاپ بۇ تەقدىر قىسمەتىن ئاغىرندىم ، ئەمەليەتتە مىنىڭ بۇ تەقدىردىن ،بۇ جاھاندىن ئاغىرىنىش يولۇم يوق ئىدى چۇنكى مەن بۇ ئۆز پىشانەمگە پۇتۇلگەن شۇ ئىشلارنى قۇبۇل قىلالمىغان ،نىمە ئۈچۈن بۇ جاھاندا شۇنچە كۆپ ئادەم تۇرسا نىمە ئۇچۇن مەن يالغۇز بۇ ئازابنى تارتىمەن نىمە ئۈچۈن ھەممە ئىش مىنىڭ ئەتىراپمدا مىنىڭلام بىشىمغا كىلەمدۇ دەپ باشقىلارغا ھەسەت قىلغان ئىكەنمە مانا ۋاقىتىنىڭ ئۆتىشگە ئەگىشىپ ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم مىنڭ تەقدىرىمدىم ئاغرىنىش يولۇم يوق بۇ مەن يارىلىشتىن ئىلگىرى مىنىڭ پىشەنەمگە پۇتۇلگەن كۆرگىلىم ئوخشايدۇ ھەر بىر ئىشتا بىر ھىكمەت بار دىگەندەك ماڭىمۇ شۇ تىنىچ تۇرمۇش ،گۈزەل ھايات نىسىپ بولار.
مەن ھەممىگە كۆنۇپتىمەن بەزەن بىر كىشلەر ئارسىدىكى پىتنە -پاسات ،غەيۋەت-شىكايەت ، مەسخىرە، يىلاندەك چىقىش ، ئورا كولاش ، كەينىمدىن نەشتەر سانجىش ،ئالىدىمدا خوشامەت قىلىش ، كۆزگە ئىلماسلىق ، كارى بولماسلىق……
شۇ غايىۋانە كۆلەڭ ئارسىدىكى ئۇرۇپ -سوقۇش ،ئىچىمگە كىرىپ قىيناش ،ھەر كويلارغا سىلىش شۇ كۆلەڭگە ئارقىلىق يىقىنلىرىمغا ئازار بىرىش ئۇلارنى قىيناش ……،ھەممىگە كۆندۇم ، چۇنكى مەن سەبىرنى ھەمراھ قىلدىم ئۆز-ئۆزۇمگە تەسلىي بىرىشنى ئۆگەندىم ،مەن بۇ دۇنياغا يالغۇز كەلگەن يالغۇز كىتىمەن ھىچكىم ھىچ نەرسە ماڭا ھەمرا بولالمايدىكەن ،شۇڭا مەن يالغۇزلىقا كۆنىشىم كىرەك ئىكەن ، مەن بۇ دۇنياغا يىغلاپ كەلگەن شۇڭا يىغنىڭ ماڭا ھەمراھ بولشى نورمال ئىش ئىكەن ، مەن بۇ دۇنيا كۆز ئىچىپ ئانام قۇچىقىدا ياتقان ۋاقتىمدا باشقىلار ماڭا ھەر خىل باھالارنى بەرگەن شۇڭا كىشلەرنىڭ مىنىڭ ئالدىمدىن ھەم ئارقامدىن گەپ قىلىش ئۆزلىرىنىڭ ئىشىكەن مەن ئۇنى توسالمايدىكەنمە شۇڭا مەن مۇشۇ ئۇسۇلار ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسلىي بىرىنىش ئۆگەندىم ،مەن يەنە ئۆزۈمگە سە شۇنداق بەخىتلىك سەن ئۈچۈن كۆيۈپ كۈل بولىشقا تەييار تۇرىدىغان مىھرىبان ئاناڭ يىنىڭدا ، سىنى خوش قىلىشقا تىرىشىپ تۇرىدىغا قىرىنداشلىرىڭ مەدەت بىرىپ تۇرىدىغان يىقىنلىرىڭ ئەتىراپىڭدا سەن ئادەملەردىن ھالقىپ شۇ غايىۋانە كۆلەڭگىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئىرىشتىڭ يەنە كىلىپ شۇ كۆلەڭگە ساڭا يىقىندىن ياردەم قىلىپ باشقا كۆلەڭگىلەردىن سىنى توسۇپ قوغداپ ساڭا يىقىندىن ياردەمدە بولۇپ سە بىلەن ھەم سۆھبەت بولۇپ تۇرسا سەن يەنە نىمە ئۇچۇن ۋايسايسەن سەن چىدا ھەممىگە بەرداشلىق بەر دەپ ئۆزمگە مەدەت بېرىشنى ئۆگەندىم ،يىنىمدىكى ئەڭ دەسلەپتە مىنى قىينىغان ماڭا ئارامچىلىق بەرمىگەن شۇ كۆلەڭگە مانا ئەمدى مىنىڭ قوغدىغۇچۇم ھەم سۆھبادىشىمغا ئايلاندى مىنى نىمە قىلىش قەيەردە مىڭىش قەيەردە تۇرۇش قايسى مەن ئۇچۇن ياخشى قايسى مەن ئۇچۇن خەتەرلىك بۇ تۇغرىسىدا ماڭا ئاگاھلاندۇرۇشمۇ بىرىدۇ توۋا بۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ شۇنداقمۇ ؟مەن بەزىدە ئويلاپ قالىمەن مەن شۇ قورقۇنىچلىق فىلىمدىكى ئەسكى جادۇگەر پىرخۇنلاردەك ھەممىسە يامان كۆزۈم بىلەن قارايدىكەنمە بەزىدە تۇتقۇن قىلىپ قىيىن قىستاقتا قىيناۋاتقان شۇ بىچارىلەردەك قىينىلىپ نالە پەريات قىلىپ ئۇلانىڭ مىنى قويۋىتىشىنى ئۆتىدىكەنمە ، بەزى فىلىمدە رول ئالىدىغان ئارتىسىتەك سەلبىي ھەم ئىجابىي رولنى ئالسام بەزىدە ساراڭلارچە قىلىق قىلىپ باشقىلارغا ئازر بىرىدىكەنمە ، مەن ئۆزكۈرۈپتىمەن پۇتۇنلەي ئۆزگىرىپتىمەن ئىلگىرىكى ھالىتىمدىن ئەسەر قالماپتۇ جىسىم ھەم روھىم ئۆزگۈرۈپتۇ ، شۇ غايىۋانە كۆلەڭگىگە ئوخشاش يادڭغۇ چىريلىر سارغايغان ئىككى كۆزى شۇنداق ئىتىك پىرقىرپ قالىدىغان بەزىدە شۇ كۆزلەردىن ۋەھىمە سۇر ھە قورقىنىش چىقىپ تۇرىدىغان بەزىدە كونتۇرۇلىقىنى يوقىتىپ ئۆزى بىلمەن ھالدا باشقىلارغا ئازار بىرىپ كەلسە كەلمەس ئىش قىلىپ قويىدىغان تۇرىقىغا قارىسا ئادەم سىياقىدا ئەمما شۇ كۆلىڭگىنىڭ خۇي پەيلىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ شۇلا تەرەپكە كىتەي دىگەن بىنۇرمال ھالەتكە ئۆتۈپتمەن ،بۇ نىمە ئۈچۈن ۋاقىتىنىڭ ئۆتىشىگە ئەگشىپ كىسىلمىنڭ پىشىپ يىتلەي دىگەن ھالىتىگە ئاز قالغانلىقىنىڭ بلگىسى بولسا كىرەك ،مىنىڭ كالام قۇپ قۇرۇق مەن ئىلگىرى قانداق يۇرگەن بولغۇيتۇم ھەي شۇ نۇرمال ۋاقتىم قانداق بوغۇيتى شۇ ۋاقىتىمنى تولىمۇ سىغىندىم ، مىنىڭ بۇ ھاياتىمنى كەينىگە قايتۇرغىلىي بولغان بولسا ھە ،مەن شۇ كومپىيۇتىر تاختىسىدىكى shefit+cintur zبولۇپ قالسامچۇ خاتا بولغان ھەم ھەممە نەرسىنى كەينىگە قايتۇرۇپ باشتىن باشلايدىغان ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس بۇ مىنىڭ خا خىيالىم خالاس بۇنداق ئىش مەۋجۇت ئەمەس .
ھەي مىنىڭ شۇ سۆھبەداش ھەم يۇل باش بولغان غايىۋانە كۆلەڭگەم سندىن ئاغىرنىشنى ياكى ساڭا رەھمەت دىيىشنى بىلمىدىم سەن مىنى ھەم بەك قىينىدىڭ ئىلگىرى بىر سەن ئىدىڭ سەن ئورۇن ئالغاندىن بىرى ئۇ خانىڭ كۆۋرىكى بولدى ھەرخىل ھەر ياڭزا پاكىز پاسكىن كىرىپ چىقىدىغان سەن مىنى قىيناپ ئىچىمدىن ئورۇن ئىلىپ يول ئاچمىغان بولساڭ مەنمۇ نۇرمال تۇرمۇش پەيزنى سۇرۇپ خوشاللىق ئىچىدە غەمسىز ۋەھىمىسىز ئۆتەر بولغۇيتۇم مانا ئەمدى خوشاللىق مەۋۇت بولمىغان يانا نۇرمال ئادەمگە خاس ئەمەس يا بىراقلام سىلەرگە خاس ئەمەس ئوتتۇرا ئارلىقتا گاگىراپ ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قىلىپ يۇرۋاتمەن ساڭا رەھمەت دىيىشىمدىكى سەۋەب مەن سىھىرلەندىم سىنىڭ ياردىمىڭدە مەن جىق نەرسىنى بىلدىم سەن ئورۇن ئالغان شۇ جاينى باشقىلارغا بەرمەسلىك ئۈچۈن كۈندە مەن ئۈچۈن سەن ئازار يەپ ئۆز خىلىڭ تەرەپتىن بوزاك بولىسەن ھەم بوزەك قىلىسەن مىنى قوغداز ئۈچۈن ماڭا ئالدىن خەۋەر بىرىسەن مەن تەييار ھالەتتە تۇرىمەن بۇنى ھىچكىم چۈشەنمەيدۇ ھەم ئىشەنمەيدۇ ساڭا رەھمىتىم شۇ سىنىڭ ساياڭدە سىنىڭ خىلىڭدىكى خىلىي جىقى بىلەن تونۇشتۇم ھەم پارڭلاشتىم شۇ ئارقىلىق سىلەرنىڭمۇ بىز ئىنسانلارغا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىلانى چۈشەنگەندەك بولدۇم سىلەرنىڭ تىزلىىڭلار ھەققىقەتەن بەڭ تىز سىلەر نۇر تىزلىكىدە ئىكەنسىلەر سىلەرمۇ بىزگە ئوخشاش بەزىلەر شۇنداق ياخشى بەزىلەر بەكلام ياۋۇز ۋەھشى سىلەرمۇ سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن ھەر بالمۇ ھەر ياخشىلىقمۇ كىلىدىكەن سىلەر نەچچە پىقە نەچچە قەبىلە دىگەندەك ئۆزۇڭلار ئايرىم ئايرىم بەلگىلىك ئىكەنسىلەر…… توۋا مەن بۇنداق سىلەر بىلەن بۇ ھالەت بولۇپ قالارمە دەپ ئويلىمىغان سىلەرنىڭ قەھرىڭلارمۇ زەھرىڭلارمۇ بار ئىكەن بىز ئىنسانلارغا ئوخشاش شۇڭا مەن ھىس قىلدىم بۇ دۇنيانىڭ تىلسىملىرى بەك كۆپ ھەم بىز بىلمەيدىغان چۈشەنمەيدىغان ئىشلارمۇ شۇنداق جىق شۇڭا قايغۇ ،ئازاب ماڭا ھەمرا بولغىنىدەك ، بارلىق ئەزىزلىرىمگە مەڭگۈللۇك خوشاللىق بەخىت ئامات يار بولسۇن ئەزىزلەر مەن ئەڭ ئاخىرقىي بىر تىنىقىم قالغۇچۇ سىلەرگە خوشاللىق تىلەيمەن ئۆزۈڭلاردا بار بولغان ھەممە خوشاللىق مىنۇتلىرىڭلارنى قەدىلەڭلار ھەر ئىشتا دىققەت ئىھتىيات قىلىڭلار شۇنداق كۆلىڭگىلەرنىڭ ئازابىدىن ۋەھىمىسىدىن ئۇلۇغ ئىگىمىز ساقلىسۇن ،بۇ ئازاب بۇ قورقۇنۇش بۇ ۋەھىمە مەن بىلەن كەتسۇن سىلەر قار بىسىپ قالسا شۇ زامان ئىسىڭلاردىن چىقىرىپ شۇكرە دەپ ئورۇنىڭلاردىن دەس تۇرۇپ كىتىڭلار قابھەتلىك چۇش كۆرۇشتىن ساقلىسۇن ، سىلەر مۇشۇ ۋاقتىڭلارنى بەك قەدىرلەڭلار كىيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۇشمەن دىگەندەك مىنىڭ كۈنۇمگە قالسا مىڭ ئۆلۇپ تىرىلسىمۇ يىغلاپ قاقشىمۇ يوقاپ كىىشنى ئويلىسىمۇ ھەرگىز ھەرگىز ئەسلىگە كەلمەيدۇ بۇ تۇرمۇش ئەڭ قاباھەتلىك ھەممىدىن مەھرۇم قالىدىغان تۇرمۇش خوشاللىقنى ئىللىقلىقنى سىغىندىغان ئەڭ ۋەھىمىلىك تۇرمۇش بارلىق ئەزىزلىرىم بۇ مەنسىز ئازابلىق ۋەھىملىك ھاياتىن يىراق بولسۇن !

     





729 قېتىم كۆرۈلدى گۈلنۇر ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-20 4:03:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-24 15:39:22 مۇبارەك،
قېرىندىشىم سىزگە غەيرەت تىلەيمەن.قەلىمىڭىز ئارقىلىق ئازابىڭىزنى، بىزگە يەتكۈزەلىگەنلىكىڭىزدىن خوش بولدۇم.
2017-1-22 17:52:42 ئىكىس
سىلەرنىڭ ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن ئىملا خاتالىقىنى تۈزتىڭلار!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ