ئازغان كۆڭۈل

         ئازغان كۆڭۈل
ئاپتۇر: تۇرغۇن سايرامى
                     مۇقەددىمە 


ئاپتۇر بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن جەمىيەتنى كۆزىتىش جەريانىدا بىر دوس بىلەن تۇنۇشۇپ قىسمەتلىرنى ئاڭلاپ بۇ ئەسەرنى ئىبرەتلىك ھىكايە قىلىپ  يازدىم، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ھايات مۇساپىسىغا ئىبرەت قىلۋېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن 
ئەسەردىكى پىرسۇناژلارنىڭ نامى ئۆزگەرتىلدى ·


1-قىسىم   《يالقۇننىڭ بالىلىق چاغلىرى》


ئالدى بىلەن سىلەرگە يالقۇن ۋە يالقۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي
يالقۇن كىچىك بولغىنى بىلەن بەكمۇ كەپسىز بالا بولغان ئىدى ·ئۇنىڭ ئائىلىسىدە 4 جان ئادەم بۇلۇپ دادىسى ئاپىسى ئاچىسى بار ئىدى -
‌ئۆيدە ئادەم سانى ئاز بولغىنى بىلەن يالقۇننىڭ غەلۋىسى بىلەن ئۆي ئىچى بەكمۇ ئاۋات ئىدى, يالقۇن يالغۇز ئوغۇل بولغاچقا  ئاپىسى پاشاخان بىلەن دادىسى ھامۇتئاخۇن يالقۇننى بەكمۇ ئەركىلتەتتى ، بۇلۇپمۇ داداسى 《كىلە ئالتۇن بالام سىنى بوينۇمغا مىندۈرۋالاي 》دەپ چوڭ بولغىنىغىمۇ قارىماستىن  نەگە بارسا كۆتۈرۈپ يۈرەتتى·يالقۇننىڭ دادىسىنىڭ ئاشقازان راكى كىسىلى بولغاچقا  ئۆيدە ئغىر ئىش قىلالمايتى ·
، ئاغرىق ئازابىنى كۆپ تارتقاچقىمۇ كۆزلىرى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ ئۇستىخانلىرى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ ئورۇقلاپ كەتكەن ئاجىزلىشىپ كەتكەچكە ئېغىر ئىشلارنى قىلالماي يىنىك ئىشلارنى قىلاتتى ·
ئاپىسى پاشاخان تولىمۇ جۇشقۇن تېتىك ئايال ئىدى تەن قۇرلۇشى يىگەن ئىچكەندەك كۈچلۈك كۆرنەتتى شۇڭلاشقىمۇ ۋايسىماستىن ئېتىز ئېرىق ۋە ئۆي ئىشلىرنىڭ ئېغىر ياكى يىنىكلىىگە  قارىماستىن قىلاتتى ·
ئاچىسى باھارگۈل باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا كەشتىچىلىك ھۈنەرگە كىرىۋالغاچقا كۈندە يىڭنە ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ يالقۇن بىلەن كارى بولمايتى·
يالقۇن ئەمدىلا 7 ياشقا توشقان ئىدى، كىچىكىدىن مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشقا تولىمۇ قىزقاتتى ، چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە《مەكتەپكە بارسام جېق-جېق دوس بىلەن ئوينىيالايمەن ، كىتاپ ئوقىيالايمەن 》دەپ ئويلايتى، شۇڭلاشقا كۈندە ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ نەۋرە ئاچىسى مىھىرنىسانىڭ ئارقىستىن ئەگىشىپ 《مىنىمۇ مەكتەپكە، مىنىمۇ ئاپا  》دەپ ئەگىشىپ يىغلاپ تۇرۋالاتتى·
مىھىرنىسا 《ئاپپاق ئۇكام سىنى ھازىر ئاپىرالمايمەن يەنە ئازراق ۋاقىتتىن كىيىن ئاپىراي غەلۋە قىلمىغىن كەچتە كەمپۈت ئالغاچ كىلىمەن 》دەپ ئالداپ بەزلەيتى·يالقۇن بولسا《خەپ ئارقاڭدىن ئەگىشىپ بارساممۇ بارالايمنغۇ سەن ئاپارمىساڭمۇ》دىدى ئىچىدە ·
يالقۇن چوڭقۇر تىنىۋېتىپ مىھىرنىسانىڭ بەزلىشىگە پەرۋا قىلمىغاندەك ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ باققا كىرىپ كەتتى ·
مىھىرنىسا چوڭ چوڭ قەدەم بىلەن مەكتەپكە ۋاخ قالماسلىقى ئۈچۈن  ئالدىراپ كىتىپ قالدى ·يالقۇن باغدىن چىقىپ مىھىرنىسانىڭ ئارقىسىدىن ئوغۇرلۇقچە ئەگىشىپ ماڭدى يالقۇن كىچىك بولغاچقا ئازراق يۈگۈرۈپلا ھېرىپ قالاتتى ·
باشلانغۇچ مەكتەپ يالقۇننىڭ ئۆيىگە 2/3 كىلومىرچە كىلدىغان بولۇپ بۇ يول يالقۇندەك ئەمدىلا مەكتەپ يېشىغا توشقان باللارغا نىسبەتەن بەكمۇ ئۇزۇن مۇساپە ئىدى·
مىھىرنىسا يىراقلاپ كەتتى يالقۇن نەچچە قەدەم يۈگرۈپلا ھارغىنلىقىغا چىدىماي يولدىلا يېتىپ ئارام ئېلىۋالاتتى يالقۇن كۆڭلىدە 《مۇشۇ يول بىلەن ئالدىرماي مېڭىپ باقسام مەكتەپنى چوقۇم تېپىپ بارالايمەن مىھىرنىسا قەستەن مىنى يىتىشۋالمىسۇن دەپ يىراقلاپ كەتتى خەپ مىھىرنىسا چوڭ بولسام ئەدىپىڭنى بەرمەيدىغان بولسام 》دەيتى ئۆز -ئۆزىگە پىچىرلاپ شۇنداق دەپ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگۈردى نەچچە قىېتىملام ئارام ئېلىپ يۈرۈپ مەكتەپ ئالدىغىمۇ كەلدى·يالقۇن مەكتەپ دەرۋازسىدىن مەكتەپ ئىچىدىكى باللارنىڭ گىمناستكا ئويناپ گىمنااستىكا تۈگكەندىن كىيىن بىر بىرسىنى قوغلاپ سىنىپ ئىچىگە كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئوقۇشقا بولغان قىزقىشى تېخىمۇ ئاشقان ئىدى·يالقۇن مەكتەپ ئىچىگە  دەرۋازا سىرتىدىن قاراپ تۇرغىنىدا ئابىلەت ئىسىملىك بىر مۇئەللىم يالقۇننىڭ دەرۋازا ئىچىگە قاراپ تۇرغىننى كۆرۈپ《ھە ئوغلۇم دەرۋازا ئىچىگە نىمە قاراپ تۇرسەن سىنىپقا كىرمىدىڭمۇ قارىسام بىرەر سىنىپتا سىنى كۆرگەندەك قىلمايسەن ئىسمىڭ نىمە قايسى مۇئەللىقمنىڭ سىنىپىدا》يالقۇن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ《مەن، مەن مەكتەپتە ئوقۇمايمەن ئاپامنىڭ دىيىشچە يېشىم توشمايدىكە 》يالقۇننىڭ بۇ گىپىدىن ئابلەت مۇئەللىم بىر نىملەنى سەزدىمۇ 《مۇنداق دە سەن مەكتەپكە قىزقىپ قاپسەندە ، ئۆيۈڭنى ۋە ئاتا ئاناڭنىڭ ئىسمىنى بىلەمسە ماڭا دەپ بەرگىن》يالقۇن ياق دىگەن مەنانى بىلدۈرۈپ بېشىنى يىنىك سىلڭشىتىپ قويدى چۈنكى يالقۇن ھېلىمۇ قورقۇپ تۇراتتى·ئابلەت مۇئەللىم 《ئۆيۈڭگە قايتىپ كەتكىن نەچچە كۈندىن كىيىن سىنى مەكتەپكە تىزىملاپ قۇياي ئاندىن مەكتەپتە ئوقۇيالايسەن 》دىيشىگە يالقۇن گەپ قىلماي ھىجىيىپ قۇيۇپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى ·ئابلەت مۇئەللىم يالقۇننىڭ ئارقىسىدىن خىېلى ئڭزۇن قاراپ تۇرغاندىن كىيىن سىنىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى·ئارىدا نەچچە ئاي ئۆتۈپ يالقۇنغا مەكتەپكە كىرىش توغۇرلۇق چاقىرىق كەلدى يالقۇن خۇشاللىقىدىن سەكرەپ دادىسى ئاپىسىنىڭ مەڭزىلىرگە سۈيۈپ قېن قېنىغا پاتماي قالغان ئىدى·
مەۋسۈم توشۇپ مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى تىزىمغا ئالدى ۋە سىنىپلارغا بۆلدى يالقۇن ئىمىن مۇئەللىمنىڭ سىنىپىغا بۆلۈندى ئىمىن مۇئەللىم كۆپ ئوقىمىغان بۇرۇن مەكتەپتە ئاشپەزلىك قىلىپ كىيىن مائارىپتا ئىشلەيدىغان بىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ قالغان ئىدى · ئىمىن مۇئەللىم ئوقۇتقۇچى بولغىلى خېلى ئۇزۇن بولغاچقا تەجىربىسى ئاشقان ئەمما بىر ئوقۇتقۇچىدا بۇلۇشقا تىگىشلىك ساپا كەمچىل ئىدى بەلكىم ئوقۇش تارخى ئۇزۇن بولمىغاچقىدۇ ·
يالقۇن تۇنجى سىنىپقا كىرگەن كۈنى يالقۇن ئويناپ تويمىغان ئىدى كىم بىلسۇن ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئىككىنچى كۈنىلا سوغۇق سۇ سېپىلدىغىننى…
ئىككىنچى كۈنى ئىمىن مۇئەللىم ھەممە ساۋاقداشلارغا 《سىلەرگە تاپشۇرۇق 》دەپ دوسكىغا بور بىلەن بىر چىكىتنى قۇيۇپ بۇنى 100 يەرگە يېزىپ كىلىڭلار دەپ مەكتەپتىن قۇيۇپ بەردى يالقۇن دوسكىدىكى چىكىت بەلگىسىگە ئۇزۇن قاراپ تۇرغاندىن كىيىن 《بۇ چىكىت چوڭ ئىكەن دەپتىرىمگە پاتارمۇ دىگەننى ئويلىدى》دە سومكىسنى ئسىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى ·يالقۇن ئۆيگە كەپلا دەپتەر  بىلەن قەلىمنى چىقىرىپ 《مەن تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن 》دەپ ئۈستەل ئۈستىدە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كىرشىپ كەتتى ئاپىسى بىلەن دادىسى يالقۇنغا قاراپ ھەيرانلىقتا قالدى ۋە دادىسى《ئاپىسى بالىمىز ئالىم بۇلامدۇ نىمە 》دەپ كۈلۈشۈپ ئولتۇراتتى ·
يالقۇن دەپتىرگە قاراپ ئولتۇرۇپ مۇئەللىم سىزىپ بەرگەن چىكىتنىڭ چوڭلىقىنى تەسەۋۇر قىلدى بىردەم ئويلىنىپ يۇگۈرۈپ چىقىپ دەرەخنىڭ چوڭ بارماقچىلك كىلدىغان شاخلىردىن بىر غېرىچ سۇندۇرۇپ كىرىپ ئۇنىڭ ئقككى ئۇچىنى پىچاق بىلەن تەكشى قىلىدىدە چىكىت سىزىشنى باشلىۋەتتى·
ئىمىن مۇئەللىم قويغان چىكىتكە ئوخشىتىمەن دەپ بىر بەتكە ئاران 30 چىكىتنى قۇيۇپ دەپتىرنىڭ ئىككى چوڭ ۋارىقىنى تۈگەتكەن ئىدى ·
ئەتىسى مەكتەپكە باردى سىنىپقا كىرىپ ئولتۇرشىغا ئىمىن مۇئەللىم 《ھە تۈنۈگۈن  مەن تاپشۇرغان تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ كەلدىڭلامۇ؟》 دەپ سورىدى·
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى 《ئىشلەپ كەلدوق》دەپ ۋارقىردى·
ئىمىن مۇئەللىم ئۆزى بىر بىرلەپ تاپشۇرۇق دەپتەرنى يىغىپ بىردىن كۆرۈپ چىقتى پەقەت يالقۇننىڭ تاپشۇرقىلا غەيرى ئىدى·
كىچىك چەمبەر سىزىلىپ ئىچىنى قەلەم بىلەن بوياپ چوڭ چوڭ چىكىت تۇراتتى ئىمىن مۇئەللىم ئويلانمايلا يالقون دەپ ۋارقىردى ئاچچىقلاپ·
يالقۇن ئورنىدىن ئاستا تۇردى ، مۇئەللىم 《بۇياققا چىقە 》دىدى يالقۇن قورققان ھالدا ئاستا مېڭىپ مۇئەللىمنىڭ يېنىغا باردى ·
مۇئەللىم دەپتەرنى يالقۇننىڭ يۈزىگە ئېتىپ《قارا بۇ بىرنىمەڭنى چىكىت ئۇرۇپ كىلىڭلا دىسەم نىمەڭ بۇ 》دەپ دەپتەرنى ئېچىپ باشقا ساۋاقداشلارغا كۆرسەتتى ·باشقا ساۋاقداشلىرى كۆرۈپ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈپ كەتتى يالقۇن يەرگە قاراپ تۇراتتى يالقۇن ئىچىدە 《ئۆزى شۇنداق يازدى مەن يازسام تىللىدى چىكىت دىگىنى شۇ ئەمەسمۇ نىمىشقا مىنى تەنقىدلەيدۇ 》دىگەننى ئويلاپ يىغلىۋەتتى ·
مۇئەللىم 《ماڭ جايىڭغا بېرىپ ئولتا دۆت 》دىدى يالقۇن يىغلىغان پېتى ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردى ·
يالقۇن يەنە ئىچىدە 《مۇئەللىمنىڭ بۇنداق ئەسكى بۇلدىغىننى بىلگەن بولسام مەكتەپكە كىرمىگەن بۇلاتتىكەنمە 》دەپ ئويلىدى شۇ كۈندىن باشلاپ يالقۇن ئوقۇشقا قىزىقماس بۇلۇپ قالدى·
‌داۋامى بار …

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589

تەكلىپ : ئەسەر قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرىلىشى نىسپەتەن ياخشى ، مومكىن بولسا ئەسەرنىڭ دەسلىپىدە مۇھىت ئامىلىغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىلسە ، 

     





459 قېتىم كۆرۈلدى turgun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-3 19:55:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ