يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 5 - قىسىم

يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 5 - قىسىم


زۇرفى 


    تۇغۇلغان كۇنىڭىزگە مۇبارەك تۇغۇلغان كۇنىڭىزگە مۇبارەك ……
ئاپپاق ، چىرايلىق مەلىكەم قاراڭ بۇ سزنىڭ تۇغۇلغان كۇن سوۋغىڭىز ، ئەركىن قىزى زىلالنىڭ پىشانىسىگە سۆيۇپ ئۇنىڭ ئۇچۇن بەخىت تىلەپ ئۇنىڭغا باربى مەلىكىنىڭ بىر يۇرۇشلىكىنى تۇتقۇزدى، چۇشلىرىدىمۇ باربى مەلىكىنىڭ قونچاقلىرىنى چۇشەيدىغان زىلال ئاخىر بۇلارغا  ئىرىشتى ،  بىر ئائىلا كىشلىرىنى مانا شۇ باربى مەلىكىدەك ئوماق تاتلىق قىزنىڭ كۇلكىلىرى بىلەن قۇشۇلۇپ ھەممىسىنىڭ چىرايىغا كۇلكە يۇرگىزەتتى .  
كىم ئۆزىنىڭ ئەتە نىمە تەقدىرى بۇلىشىنى بىلىدۇ  دەيسىز ، ئىنسان ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى بىلگەن بولسا ئىدى بىركۇن بۇرۇن شۇلار ئۇچۇن تەييارلىق قىلار ئىدى ھە .
كاج تەقدىر  شۇ خۇشاللىقنى ، شۇ كۇلكىلەرنى بەخىتنى ھەممىسنى زىلالدىن قىزغىنۋاتقاندەك ئۇنى يالغۇزلۇققا سۇرگۇن قىلغاندەك مومىسىغا شام چىراق بۇلۇش ئۇچۇن ئەنە شۇ غىرىبانە كەپىگە يالغۇز قويدى .
تىشلىقمۇ قىزىم قانداق ئەھۋالىڭىز ،  سىزگە رەھمەت ئېيتاي دەپ ئاتايىن كىلشىم رەھمەت قىزىم رەھمەت ،  تۇنۇگۇن مۇختەردىن ھەممىنى ئاڭلىدىم ،،ئىككىڭلار  ساۋاقداشكەنسىلەر  ، سىزگە  رەھمەت ئېيتىش يۇزىسىدىن ھەم مۇختەر بىلەن ساۋاقداش بولغانلىقىڭىز ئۇچۇن سىزنى ئۆيگە تاماققا تەكلىپ قىلىپ كەلدىم قىزىم ،  زىلال رەيھانگۇل خانىمنىڭ سالىمىغا چىرايلىق سالام قىلىپ بولغاندىن كىيىن بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ رەيھانگۇل خانىم زىلالنى مەجبۇرىي تەكلىپ قىلىپ يەنە نىمىلارنىدۇ ئىلىش ئۇچۇن قايتتى .  زىلال  ئەتىگەنلىك قايناق بازارنى تۇگىتىپ مومىسىنىڭ يىنىغا باردى  مومىسىنىڭ سەيلىرىمۇ ئازلا قالغان ئىدى .
ئۇلار يەنە شۇ غىرىبانە  ئەمما ئۇلار ئۇچۇن جەننەت كەپىسىگە كىلىپ قوساقلىرىنى تۇيغۇزدى ، قىزىم ئوسمان باي ئاكاڭ بايا بازاردا ئۇچراپ  كەچتە بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى ،  چىرايلىقراق ياسانغىن بىللا بارايلى دىدى ، موماي زىلالنى رەيھانگۇل خانىمنڭمۇ چاقىرغىنىدىن خەۋەرسىز ئىدى . زىلال ئوسمان باي دىگەن كىشىنىڭ ئالدىنقى قىتىم رەسىمدىكى كىشى ئىكەنلىكىنى ھەم مومىسىنىڭ ئۇنى ئوسمان باي دىگىنىدىن ئۇنىڭ مۇختەرنىڭ دادىسى ئىكەنلىكى بىلدىيۇ جەزىم قىلالمىدى .
زىلال ئاخىرى چىقمايدىغان خىياللىرىنى بۇزۇپ مومىسىغا  موما ئوسمان باي دىگەن كىم دەپ سورىدى ؟  
ئۇزاق يىللار ئىلگىرى…  زىلالنىڭمۇ ھازىرقى ياشلىقلىرى بولغىنىدەك ئوسماب باينىڭمۇ شۇنداق بىر ياشلىقى بولغان ،  مەھەللدە ، ھەممىنىڭ ئېغىزىدىن چۇشمەيدىغان مەيلى ئەدەپ ئەخلاق ،مەيلى چىراي جەھەتتىن بولسۇندۇ  ھەرقايسى جەھەتلەردىن بولسۇن  ھەممىنىڭ ئېغىزىدىن چۇشمەيدىغان مانا بۇ ئايجامال موماينىڭ چوڭ قىزى  ئىدى ،  ئايجامالغا  قارىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا يەنە قارىغۇسى كىلەتتى ،  ئۇنىڭ كۇلۇپ تۇرىغان بىر جۇپ كۆزى مەھەللىدىكى ئوغۇللارنىڭ يۇرىكىنى ئېزىپ ئىشىق ئوتى سالاتتى ،  شۇنداق ۋاقىتلارنىڭ بىرىدە شۇ مەھەللىنىڭ چوڭى ھەم كاتتا باي ئەخمەت ھاجىمنىڭ  كىچىك ئوغلى نىيازنىڭ تۇيى  بولدى ، ئەنە شۇ تويغا ئۇزاق يىراقتىكى ئوسمان باينىڭ دادىسى  ئەھەت ھاجىممۇ  ئۇلارغا مىھمان بۇلۇپ كەلگەن ئىدى ،  ئەھەت ھاجىمنىڭ يالغۇز ئوغلى ئوسماننى كۆزى ئېچىلسۇن دەپ بۇ تۇيغا ئەكەلدىيۇ ، ئوغلىنىڭ مەھەللە گۇزىلى ئايجامالغا كۆزى چۇشكىنىنى سەزمىگەن ئىدى ،  ئوسمان دادىسىغا ئاللا قانداق بانا سەۋەپ كۆرسىتىپ بۇ يەردە بىرمەزگىل تۇرۇپ قالدى ، ئەنە شۇ ئارلىقتا ئايجامال بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ قالدى ھەم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا ئاشىق بولغان ئىدى ،  شۇنداق ۋاقىتلاردا ئايجامالنىڭ دادىسى  كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى ،  ئوسمان بۇنداق چاغدا ئايجامالغا تۇينىڭ گىپىنى چىقارسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەنە يۇرۇتقا كۆزى قىيمىغان ھالدا قايتتى ،  ئارىدىن خىلە ۋاقىت ئۆتۇپ باردى كەلدى بۇلۇپ ئۇلار خىلىلام ئېچەكىشىپ قالغانىدى ،  ئوسماننىڭ خىيالىچە بولسا ئايجامالدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىسا ،   ئايجامالمۇ زىلالغائوخشاش  ئوسماننى ياخشى كۆرسىمۇ ئۆزىگە تەن ئامماي  ئىتراپ قىلمايتى ،   ئوسمان بىر ۋاقىتنى كۆزلەپ ئاتا ئانىسىغا سۆز  ئاچتى ،  ئاتا ئانىسى  ئاللىبۇرۇن ئوسمانغا  لايىق تىپىپ بولغانلىقى ( ھازىرقى رەيھانگۇل خانىم )  يەنە كىلىپ مۇشۇ ئاي ئىچىدە تۇيىنىڭ بىكىتىلىپ بولغانلىقىنى دىگىنىدە ئوسماننىڭ بىشىدىن بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ،خۇددى ئاسماندىن يەرگە تاشلىغاندەك ئۇنىڭغا ئېغىر كەلدى ئاتا ئانىسى بىلەن ۋارقىرشىپمۇ ، قارىشلىق كۆرسىتىپمۇ ئايجامالنى ئەمىرگە ئىلىشنى ھۇجۇتقا چىقرالمىدى ، بىچارە ياشلار ئەنە شۇ ساپ مۇھابىتىنى قۇربان قىلىشقا مەجبۇر بولدى بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز يۇرگەن ئايجامال يەنلا خىياللىرىغا ئوسماننى ھەمراھ قىلىپ ئۇنىڭ كىلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۇتمەكتە ئىدى ، رەھىمسىز تەقدىر بۇ قىزغا قايسى كۇننى كۆرسىتەر ھە تۇنجى سۆيگىنى يەنە كىلىپ ساپ مۇھابىتىنى تىخىچە ئۇنىڭ ئۇچۇن پىنھان ساقلىغان بۇ سۆيگىسىنى قاچانغىچە ساقلاپ يۇرەر،  ئوسمان بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ  ئايجامالنىڭ ئانىسىغا ئايجامالنى شۇ قەدەر ياخشى كۆردىغانلىقىنى ئېيتىپ خۇددى ئۆز ئانىسىدەك ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى ، موماي بۇ تەقدىرگە بۇي سۇنىشىنى ئۆيدىكىلىرىنىڭ ئويلىغان يىرى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۇنى چىرايلىق يولغا سىلىپ قۇيدى ھەم شۇنداقلا  ئەمدى مۇشۇ پىتى ئايجامالنى ئىزدىمەي جىمجىت غايىپ بۇلىشىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتتى ، ھەممە ئىشلاردىن خەۋەردار بولغان ئانا قىزىغا نىمىمۇ دىيەلىسۇن ، ئەلۋەتتە  قىزنىڭ ئازاپلانماسلىقى ئۇچۇن ھەممىنى ئۆزىلام بىلىشى ئۇنىڭغا بىلدۇرمەسلىكى كىرەكتە ئەلۋەتتە ………شۇنداق كۇنلەر ئايلار يىللار  ئۆتۇپ ئايجامالنىڭ ئىنىسى ئەركىن (  زىلالنىڭ دىدىسى ) تۇينى قىلدى .شۇ ئارلىقتا ئىچىدىكى بۇ ئوتنى ئۆچۇرۇش ئۇنى ئۇنتۇش ئۇچۇن تىرشىپ تا ھازىرغىچە تۇيىنى قىلماي قىينىلۋاتقان ئايجامال  تاساددىبى  ھادىسىگە ئۇچراپ ئالەمدىن ئۆتكەنىدى ، بىچارە قىزىنىڭ ئۆلىمى ئانسىنى تىخىمۇ تۇگەشتۇرۋەتتى ، قايسى بىر ئانا يۇرەك پارىسىغا چىدايدۇ دەيسىز ،  بىر بىرلەپ ئەزىزلىرىدىن ئايرىلغان ئانا نەچچە يىلدا ئوبدانلا جۇدەپ قالغان ئىدى ،  رەھىمسىز  تەقدىر  ئوسماننى ئايجامالدىن ، ئايجامالنى ھاياتىدىن ئايرىپ ھەممىسىگە يۇرەك زىدىسى قالدۇرۇپ قۇيدى ، ……
زىلال ياش يۇقى كۆزلىرىنى سۇرتۇپ مۇختەر بىلەن تىخىمۇ بىللە بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ئاچچىق بىرنىپ ئۇھسىنىپ  خىياللىرىنى بۇزۇپ  مومىسىغا تەسەللى بىرىپ ئۇنى يىنىك قۇچاقلاپ  ئۆزىنىڭ كىيىنكى تەقدىرلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرەتتى ……
داۋامى بار
      





660 قېتىم كۆرۈلدى zila715 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-25 18:48:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ