مەن ئوتتۇرا تېخنىكۇمغا ئوقۇشقا بارغان يىلى 18ياشقا تولغان ئىدىم . گەرچە مەن خېلى بۇرۇنلا قىزلارغا قىزىققان بولساممۇ ،تېخى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا ،ھۇجۇدۇمدا باش كۆتۈرۋاتقان مۇھابەتنى تىزگىنلەپ كەلگەن ئىدىم .ئوتتۇرا تېخنىكۇمغا ئوقۇشقا كېلىپ ھىسياتىمنىڭ تىزگىننى قويىۋەتتىم . سىنپىمىزدا بىر ۋىلايەتلىك ئۈچ قىز بار ئىدى . گۇلنار ئىسىملىك ئىگىز بويلۇق ،ئاھۇ كۆز ،مىجەزى ئوچوق قىز كۆزۈمگە خېلى ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدى .بۇ قىز بىلەن يۈرۈپ قالسام ،بىر ۋىلايەت تەۋەسىدە بولغاندىكىن ،ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر زاۋۇتتا ئىشلەيتۇق .شۇڭا مەن گۇلنارنى نىشان قىلىپ تاللىدىم .بىراق مەن ئىلگىرى زادى مۇھابەتلىشىپ باقمىغاچقا ،قىزلارغا قانداق يېقىنلىشىشنى ،قانداق كەلتۈرۈشنى بىلمەيتىم .سىنپىمىزدىكى ئوغۇللا ئىچىدە ئوتتۇرا مەكتەپتىلا مۇھابەتلىشىپ پىشىپ كەتكەن باللارمۇ بار ئىدى . ئەمەت ئسىملىك بىر ساۋاغدىشىمىز بولۈپ ئۇ بىزگە ئوتتۇرا ماكتەپتە قىزلارنى قانداق كەلتۈرگەنلىگىنى ،قىزلارغا مەس قىلىش دورىسىنى قانداق ئىچكۈزۈپ ،قىزلىغىنى قانداق ئالغانلىغىنى زوق -شوقى بىلەن سۆزلەپ بېرەتى . مەمەتمۇ مەن ياخشى كۆرۈپ قالغان گۇلنارنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ .مەن كۆڭلۈمدە ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدا يۇرت مەسىلسى بار ،گۇلنار مەمەت تەلەپ قويسا چۆقۇم رەت قىلىدۇ دەپ ئويلۇدۇم .
مەمەت گۇلنار بىلەن شەنبە كۈنلىرى كەچتە كىنوغا باراتى .يەكشەنبە كۈنلىرى سەيلى - ساياھەت قىلىپ ئويناپ كېلەتى . كېيىن مەن ئويلىغاننىڭ ئەكسىچە گۇلنار مەمەتنىڭ تەلىۋىنى قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپتۇ .
مەن گۇلناردىن :
- مەمەت بىلەن يۈرۈپسىز ، ئاراڭلاردا يۇرت مەسىلسى تۇرسا بۇنى ئويلاشمىدىڭىزما ؟- دەپ سورۇدۇم .
-مەمەتنىڭ دادىسى ئەمەلداركەن ، مەمەت مېنى خىزمەتكە چىققاندا يۆتكەيمەن دەيدۇ ،-دىدى گۈلنار .
مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم گۇلنارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي دىسەم ،ئۇ ماڭا خەقنى يامان كۆرسۈتۈشتىكى غەرىزىڭىز نىمە ؟ دەيدىغاندەكلا، شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.
نەچچە ئايدىن كېيىن سىنىپىمىزدىكى ئالمىخان ئىسىملىك قىز مەمەتنى قىزلار ياتىغىدىن تىللاپ چىقىرۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم. ئەسلىدە شۇ شەنبە كۈنى كەچتە گۇلنارنىڭ ياتىغىدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى سىرىتقا چىقىپ كېتىپ ،ياتاقتا گۇلناردىن باشقا ئادەم قالمىغان ئىكەن. ئالمىخان نىمە بولغان سىرتتىن كەچ قايتىپ كەپتۇ. ئىشىكنى ئاچقۇچ سېلىپ ئېچىپلا ياتاققا كىرىپتۇ. چىراقنى ياندۇرۇپ، قارىسا، مەمەت بىلەن گۇلنار بىر يوتقاندا قۇچاغلىشىپ ئۇخلاۋاتقان . ئالمىخان بۇ ھالنى كۆرۈپ ئۇلارنى ھايۋاندىن ھايۋەنغا سېلىپ تىللاپ كېتىپتۇ. ئالمىخان مەكتەپ رەھبەرلىگىگە دەيمەن دەپ تۇرۋاپتىكەن، گۇلنار ئۇنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ يېغلاپ ئاران توسىۋاپتۇ .
بۇ گەپ ساۋاغداشلار ئارىسىدا پۇر كەتتى . ئۈچ يىلدىن كېيىن بىز ئوقۇش پۈتتۇرۇپ ھەممىمىز ئۆز ۋىلايەت، ئوبلاسلىرىمىزدىكى زاۋۇتلارغا خىزمەتكە تەخسىملاندۇق .گۇلنار بىلەن مەن بىر زاۋۇتتا ئىشلىدۇق. شۇ يىلى ئۆكتەبىر بايرىمىدا مەمەت بىزنىڭ يۇرتقا كەپتۇ. گۇلنار ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ ئاتا -ئانىسىغىمۇ تونۇشتۇردى. مەمەت كەتكەندىن كېيىن گۇلنار مەمەتنىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۆزىگە داستىقان ئەكىلىشىنى كۈتتى. بىراق مەمەت شۇ كەتكىنچە خەت خەۋەرسىز يوقاپ كەتتى. بىر يىلدىن كېيىن گۇلنار ماڭا بىزنىڭ زاۋۇتتتىكى قاسىم ئىسىملىك بىر بالا بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىغىنى ئېيتتى.
-مەمەتنى ساقلىمامسىز ؟ -دەپ سورۇدۇم ئۇنىڭدىن .
گۇلنار ئېغىر خۇرسىندى :
-مەمەت توي قىلىپ بوپتۇ !
بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق ئوغام قاينىدىكى ئەگەر مەمەت يېنىمدا بولغان بولسا، ئۇنى ئىككى مۇش سالاتتىم !
گۇلنار توي قىلدى . كېيىن مەنمۇ توي قىلدىم. بالا چاقىلىقمۇ بولدۇق .ئون يىلدىن كېيىن گۇلنار ئەر -ئايال، مەن ئىش ئۇرنىمىزدىن قالدۇق . ھەممىمىز تىرىكچىلىك غېمىدا ھەرخىل ئىشلارنى قىلدۇق .گۇلنارمۇ غالتلەكنى ئىتىرىپ يۈرۈپ راڭپىزا ساتتى. بىر كۈنى بازانى يىغىپ ئۆيگە كىرسەم ئۆيدە گۇلنار ئولتۇراپتۇ . تىشلىك سوراشقاندىن كېيىن :
-بۇگۈن سودا قىلغىلى چىقمىدىڭىزما ؟-دەپ سورۇدۇم ئۇنىڭدىن .
-ياق چىقمىدىم ،-دىدى گۇلنار .
ئايالىم ئاشخانىغا چىقىپ كەتكەندە گۇلنار پەس ئاۋازدا:
-ئامدى ھەرگىز راڭپىزا ساتمايمەن ،-دىدى گۇلنار لېۋىنى چىشلەپ ،-تۈنۈگۈن يۈزۈم بەك تۆكۈلۈپ كەتتى، راڭپىزا سېتىۋاتسام بىر ئاخ رەڭلىك نىۇتۇ ماركىلىق پىكاپ تەنزەمنىڭ يېنىغا كېلىپ توختىدى. قارىسام ماشىندىن مەمەت چۈشىۋاتماسمۇ، شۇنداق بەك خىجىل بولۇپ كەتتىم، يەر يېرىلغان بولسا تېگىگە كىرىپلا كەتكەن بولاتىم.
-مەمەت نىمىشقا كەپتۇ ، ئۇ ھازىر قەيەردە ؟
-ئۈرۈمچىگە يېغىنغا مېڭىپتىكەن، يول ئۈستىدە كۆرۈشۈپ ئۆتەي،دەپتۇ، سىزگە سالام ئيتىپ قۇيۇشۇمنى ھاۋالە قىلدى .
-ئۇنىڭغا گەپ قىلمىسىڭىزچۇ كاشكى ! - دىدىم مەن.
ئاشۇ ئىشتىن كېيىن گۈلنارنىڭ ئون يىل تىنچ ئۆتكەن ئائىلىسىگە دەز كەتتى. بىر كۈنى نەچچە جۇپ ئەر -ئايال گۇلنارلارلارنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ ئولتاغان ئىدۇق .گۇلنار كىچىككىنا بىر ئىش ئۈچۈنلا يولدىشىنى قاتتىق سىلكىۋەتتى. يولدىشىنىڭمۇ خىلى ئاچچىغى يامان يىتىم ئىدى. ئورنىدىن تۇرۇپلا گۇلنارنى بىر تەستەك سالدى ....
گۇلنارلارنىڭ ئائىلىسىدە جەڭگى جىدەل بېسىقمىدى. كېيىن گۇلنار قاسىم بىلەن قەتتى ئاجرىشىمەن دەپ تۇرۋالدى· سالا قىلساقمۇ كار قىلمىدى. ئاخىرى بىر بالىنى يىتىم قىلىپ ئاجرىشىپ كەتتى .
قاسىم گۇلنار بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن يۇرتىغا كەتتى. گۇلنار توغۇرلۇق ئۆسەك گەپلەر تارقىلىشقا باشلىدى. مەن ئۇ گەپلەرگە ئىشەنمەي يۈرگەن ئىدىم . بىر كۈنى كەچتە گۇلنارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىر ئاق رەڭلىك نىۇتۇ ماركىلىق ماشىننىڭ گۇلنارنىڭ ئىشىگى ئالدىدا تۇرغانلىغىنى كۆرۈپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن خەقنىڭ ئاساسسىز گەپ قىلمىغانلىغىغا ئىشەندىم . مەمەت گۇلنارنى ئەمدى ئاشنىسىغا ئايلاندۇرۋالغان ئىدى .