ئاي نۇرى - باش كارۋان تەرجىمىسى

ئاي نۇرى
(گېرمانىيە)施托姆
باش كارۋان تەرجىمىسى

ئۇشبۇ دەم پۈتكۈل كائىنات،
چۆمۈلگەن ئىدى ئاي نۇرىغا.
خىلۋەت ئىچرە پۈتۈن جاھان،
پاتقان ھەممە بەخت قۇچاقىغا.

شۇنچىلىك ئىللىق ئاي نۇرى،
شامالمۇ تىنىق يوق ئاۋاز ئۇدا.
يىنىككىنە پۈۋلەندىمۇ ئاخىر،
بولدى تالىق ئۇيقۇ كوچاسىغا.

ئېچىلماس بەزى گۈللەر پورەك،
تۈندىن يىراق ھەم كۈن تەپتىدە.
ئەمما ھازىر ھەممە پورەكلەپ،
تاراتتى گۈل پۇراق كەچقۇرۇندا.

يايراي كېچىپ جىمجىتلىقتىن،
ۋاقىتمۇ ئۇزۇندۇر ئۇزۇن ھەتتا.
نەقەدەر ئۈمىد قىلاتتىم ھاياتتا،
بولىشىڭنى مېنىڭلا ئاي نۇرۇم.

     





357 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-1 21:57:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ