بەخىتسىز دوستۇم - تەسىرلىك ھىكايە

بەخىتسىز دوستۇم

 

كىپىنەك يازمىسى

 

مەن كېچىگىمدىن باشلاپ تولىمۇ كەپسىز ئىدىم. تولۇقسىزغا چىققاندا مەكتەپتە ئوغۇل بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ مەكتەپتىن قوغلاندى بولدۇم. ئەركىنلىككە چىقتىم دەپ خۇشال بولسام، دادام مىنى سەھرادىكى بىر مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى، مانا شۇ كۈن مەن تىلغا ئالماقچى بولغان بەخىتسىز دوستۇم بىلەن تونۇشقان كۈن.

دادام مىنى بۇ مەكتەپكە ھوقۇقى بىلەنلا ئەكىرىپ قويغان ئىدى. ئۇ ماڭا ياخشى ئوقۇشنى ئەمەس، جىدەل چىقارماسلىقنى تاپىلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى. مەن كۆڭلۈم يىرىم ھالدا سىنىپقا كىردىم، مۇئەللىم مىنى بىر قۇر تونۇشتۇرغاندىن كىيىن ئالدىدىكى ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى، مەن ئاستا قەدەملەر بىلەن شۇ ئورۇنغا باردىم.  يىنىمدا ئاددى كىيىنگەن بىر قىز ئولتۇراتتى، ئۇ دەل بۇ ھىكايەمنىڭ باش پىرسۇناژى زىبانۇرخان ئىدى.

 مانا ئەمدى مىنىڭ يېڭى ھاياتىم باشلاندى. مەن دەرىسلەردە قەتئى تىرىشمىدىم،  لىكىن زىبانۇرخان دەرىسكە باشچىلاپ كىرىپ كېتەتتى، دەسلەپتە ئۇنىڭ ئىسمىدىن تارتىپ كىيىۋالغان كىيمىگىچە ماڭا يارىمىدى. كۆڭلۈمدە ئۇنى مەتو دەپ مازاق قىلىپ يۈردۈم. بىر كۈنى ئۇ تاساددىبى مىنىڭ چاچ قىسقۇچۇمنى سۇندۇرۋەتتى، مەن جايىللىق قىلىپ بۇنى تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئاپام ئىلىپ بەرگەن، ماڭا تۆلەپ بىرىڭ دەپ تۇرۋالدىم.  ئۇ يىغلامسىراپ چۈشلۈك دەم ئىلىشتا ئۆيىدىن پۇل ئەكىلىپ بىرىدىغانلىقىنى ئىيتتى. مەن ياتاقتا يىتىپ تولىمۇ زىرىككەن ئىدىم، شۇڭا سىز قېچىپ كېتىسىز ، مەنمۇ بىللە ئۆيىڭىزگە بارىمەن دەپ تۇرۋالدىم. ئۇ ئامالسىزلىقتىن ماقۇل بولدى. ئەڭ غەلىتە يېرى شۇكى، چۈشكىچە ئۇنىڭ كاللىسىغا قەتئي دەرىس چۈشمىدى.

 مانا چۈشلۈك دەم ئىلىش ۋاقتى بولدى، ئۇ ئىككىمىز توپىلىق تار يوللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يۈرۈپ كەتتۇق، مەن ئەتراپىمدىكى بۇ بىر تۇتاش كونا تام ئۆيلەر بىلەن شەھەردىكى ئۆيلەرنى سېلىشتۇردۇم، پەرق چوڭ ئىدى.  خىلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن بىز ياغاچلار بىلەنلا دەرۋازا ياساپ قويۇلغان تولىمۇ كونا بىر ئۆينىڭ يىنىغا كەلدۇق. تۇيۇقسىز زىبانۇرخان ماڭا قاراپ:

-كەۋسەرئاي، بۇ ئىشنى ئۆيۈمدىكىلەرگە ئىيىتماڭ، مەن پۇلىڭىزنى چوقۇم بېرىمەن دىدى.

 مەنمۇ ماقۇل بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن بىز ھويلىغا كىردۇق. ھويلا خىلى چوڭ بولۇپ، بىر تەرىپىدە كونا ئىككى ئىغىزلىق ئۆي، يەنە بىر تەرىپىدە ئۆرلۈپ چۈشەيلا دەپ قالغان مال ئېغىلى بار ئىدى.  يەنە ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا ئازراق بۇغدايمۇ يىيىقلىق ئىدى.

 مەن زىبانۇرخاننىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئۆيگە كىردىم، ئۆي ئىچى كىچىكلا بولۇپ،  چىرايى سارغايغان بىر بوۋاي ئورۇندا ياتاتتى. ئوتتۇرا ياش ئەر ئايال مەندىن قىزغىن ھال ئەھۋال سوراپ كەتتى، بۇلار زىبانۇرخاننىڭ ئاتا ئانىسى ئىكەن. بىز چۈشلۈك چاينى ئىچىپ بولۇپ بىردەم پاراڭلاشتۇق. زىبانۇرخاننىڭ بۇ دوستۇم شەھەرلىك دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ئاتا ئانىىسى سەل خىجىل بولۇپ قالدى. مەكتەپكە ماڭىدىغان چاغدا ئۇ ئاپىسنىڭ يىنىغا بېرىپ، مۇئەللىم پۇل ئېلىپ كېلىڭلا دىدى دەپ پۇل سورىدى. ئاپىسى سىرىتقا چىقىپ ھايال ئۆتمەيلا پۇل ئەكىرىپ بەردى. ئەسلى ئۇ قوشنىلاردىن قەرىز ئالغان پۇل ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارغا بەك ئىچىم ئاغرىدى، ئۆزۈمنىڭ قىلمىشىدىن خىجىل بولۇپ كەتتىم.

 شۇ كۈندىن باشلاپ مەن زىبانۇرخاننى مازاق قىلمىدىم، ئەكىسچە ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىدىغان بولدۇم، ئۇمۇ مىنى يېقىن كۆرۈشكە باشلىدى.

مانا ھەش پەش دىگۈچە تولۇقسىزنىمۇ پۈتتۈردۇق، بۇ يىزىدا، بۇ مەكتەپتە ئەڭ قىيالمىغىنىم زىبانۇرخان ئىدى. بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا ئىككىمىزنىڭ تالاي ئەسلىمىلىرمىز بولغان، مەن ئۇنىڭ بىلەن يىغا زار ئىچىدە خوشلىشىپ شەھەرگە ماڭدىم، ئۇ قول پۇلاڭلاتقانچە يىراق سەھرادا قالدى.

تولۇق ئوتتۇرنى مەن شەھەردە، ئۇ ناھىيە بازىردا ئوقۇدى، گەرچە ئايرىم يەردە بولساقمۇ ئىزچىل ئالاقىلىشىپ تۇردۇق، يىللار شامىلى بۇ ئۈچ يىلنىمۇ ئۇچۇرۇپ كەتتى، مانا ئالي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىمىزمۇ چىقتى. تەغدىر ئادىل ئەمەسكەن، ئويناپ يۈرگەن مەن ئۆتۈپ، جان دىلى بىلەن تىرىشقان زىبانۇرخان ئۆتەلمىگەن ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مەن خۇشال بولالمىدىم،  لىكىن بارماسلىققا ئامال بولمىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ تەسەللى بەردىم، ئۇ بەك يىغلاپ كەتتى، مەنمۇ قان ياشلىرىمنى ئېقىتقان ھالدا كېتىپ قالدىم.

 ئالي مەكتەپ ھاياتىم باشلاندى، كۈنلىرىم ھەر ھالدا ياخشى ئۆتۈۋاتاتتى، لىكىن چۈشلىرىمدىمۇ شۇ دوستۇمنى كۆرەتتىم، ئۇ ئىزچىل ماڭا خەت يىزىپ تۇردى، لىكىن ئۇ ئاخىرقى خېتىدە توي قىلدىغانلىقىنى يىزىپتۇ. مەن توي كۈنىگە بىر كۈن قالغاندا رۇخسەت سوراپ ئايروپىلان بىلەن يۇرتۇمغا يۈرۈپ كەتتىم، بىر كۈن تەييارلىق قىلىپ ، دوستۇمغا ئىسىل سوۋغاتلارنى تەييارلاپ يىتىپ قالدىم، لىكىن ئاپئاق تاڭ ئېتىپ كەتتى ئۇخلىيالمىدىم.

 سەھەردىلا يېزىغا قاراپ يول ئالدىم، زىبانۇرخان مىنى كۆرۈپ ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتى، مەنمۇ ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم، بىز ئۇزۇن مۇڭداشتۇق، ئەمدى بىلسەم، ئۇنىڭ بۇ تويغا قەتئي رازىلىقى يوق ئىكەن. لىكىن ئاتا ئانىسنىڭ سۆزىنى يىرالماپتۇ. مانا ئۇ ئاپئاق توي كۆڭلىكىنى كىيىپ پەرىشتىگىلا ئوخشىدى، مەن قولداش كىيمىنى كىيدىم. بىز ھويلىغا كىرگەندە ئۇ تۇيۇقسىز بىئارام بولۇشقا باشلىدى، مەن ئۇنى چەتتىكى بىر ئۆيگە ئىلىپ كىردىم، ئۇ مىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، جىنىم دوستۇم، سەن ئىككى دۇنيالىقتىكى دوستۇم، بارلىقىم. مانا بۈگۈن مەن دورا يەۋالدىم ، بۈگۈن مىنىڭ تويۇم ھەم ئۆلۈمۈم بولىدۇ، مەندىن رازى بولغىن دىدى. مەن ئىتتىك ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم،  چىرايى تاتىرىپ ئىغىزىدىن كۆيۈك قايناۋاتاتتى. مەن بار ئاۋازىم بىلەن ئۇنى ۋاقىردىم، لىكىن ئۇ مىنىڭ قۇچۇقۇمدا جان ئۈزگەنىدى…

 ئۇنى دۇختۇرخانىغا ئىلىپ باردۇق، لىكىن بىز كېچىككەن ئىدۇق، مانا توي ھازىغا ئايلاندى.  جانجىگەر دوستۇم مىنى تاشلاپ كەتتى، مەن ئۇنى توسالمىغىنىمغا بەك پۇشايمان قىلدىم. جىنىم دوستۇم ياتقان يىرىڭ جەننەتتە بولسۇن، مەن ساڭا قەرىزدار، ئەنسىرمىگىن ئائىلەڭگە مەن يار يۆلەك بولىمەن، گەرچە سىنىڭ ئورنۇڭنى باسالمىساممۇ ، ئۇلارغا مەڭگۈ ساڭا ئوخشاش كۆيۈنىمەن.  خەيىر جانجىگەرىم…





2239 قېتىم كۆرۈلدى kepiynak ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-31 16:14:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-21 22:26:36 ئامانتاي سۇلتان
يەنىلا مۇكەممەل يىزىشىڭىزنى ئومىد قىلمەن
2016-4-15 16:31:21 مېھرىگۈل
مەن بەك ياقتۇرۇپياقتۇرۇپ ئ‍وقۇدۇم مەزمۇنلىرى بەك ياخشىكەن
2016-2-6 0:59:04 ئىلى بەگ
بۇ جەمىيەت ئاشۇنداق ھەرخىل قاتلاملاغا بۇلۇنگەن ، جەمىيەتتىن ئاغرىنىش بىھاجەت بەربىر ئۇزگەرتكىلى بۇممايدۇ … ھەي بىچارە قىز كۇپ تىرىشىپ جاپا سىنىڭ ھۇزىرىنى تۇزۇك سۇرەممەي بۇ دۇنيادىن خۇشلىشىپ تۇ ، بۇنداق قىزلاغا مەنمۇ ھىسداشلىق قىلىمەن
2016-2-5 14:23:51 پەرىشتە
كىچىكىپ،ھىس،قىلغان،سۆيگۈنىڭ، ئ‍وتتۇردىكى،قىسمى،يىزىلمىدىغۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ