يىتىمنىڭ سەرگۇزەشتىسى - ھىكايە 1- قىسىم

 يىتىمنىڭ سەرگۇزەشتىسى 

ھىكايە بىرىنجى قىسىم
ئاپتورى سەيفۇللا ئابدۇراخمان تەنھا بۇركۇت


ھايات يوللىرىداھەر ئادەمنىڭ ئۇزىگە چۇشلۇق ھىكايىسى ھايات كەچمىشى بۇلۇدۇ ھەم شۇ سەۋەپتىن ھەر ئادەمنىڭ بىشىغا كەلگەن كۇن سەرگۇزەشتىسى ياشاش يوللىرى ئوخشاش بولمايدۇ مەن تۇۋەندە ئۇزەمنىڭ ھەم ئۇزۇن ھەم قىسقا ھەم قىززىق ھەم ئاچچىق ھەم تاتلىق ھەم ئىچېنىشلىق بولغان قىسقىچە ھايات كەچمىشىمنى بايان ئەتمەكچىمەن ،گەپنى قەيەردىن باشلاش كىرەك يەنىلا شۇ غەمسىز پەرۋاسىز شۇ بالىلىقتىن باشلاش كىرەك مەن ئۇۋاقىتلاردا غەمسىز ھىشنەرسە بىلمەيدىغان بىر كىچېىك ئۇيۇننىڭ غىمىدىلا يۇرەتتىم مەن ئىسىمگە كەلسەم ئاپام تۇگەپ كىتىپتىكەن ئاپامنىڭ چىرايى ئاقمۇ قارمۇ قانداق ھىس قىلاممايمەن ئاپام مىنى تۇغۇش جەريانىدا قازا قىلىپ كەتكەن ئىكەن مەن دادامغا بۇلۇنگەنكەنمەن دادام ،8بالا ئىدى دادامنىڭ ئۇچ ئىنىسى ئىككى ھەدىسى بىر ئاكىسى بار ئىدى ،دادام دادىسىدىن كىچىك قالغان ئىكەن دادامنى چوڭ ئاپام بىقىپ چوڭ قىلغان ئىكەن مەن ئەقلىمگە كەلسەم چوڭ ئاپام قارايتتى مىنى بەكمۇ بەك ئەتىۋارلايتتى شۇنچېلىك ئەزىز بىلەتتى دادام بولسا كەنىت كادىرى ئىدى ياش بولغاشقا دادام مەن بىلەن ئانچە بىللە تۇرمايتتى چوڭ ئاپام ماڭا ھىشكىمنى تىل تەككۇزگىلى قويمايتتى شۇنچېلىك كۇينەتتى ھېلىھەم ئىسبمدە كىچېكىزدە بىزنىڭ ئۆيدە بىر رەڭسىز تىلۋېزور باتتى بىر كۇنى ئۇ تىلۋېزور بۆزلۇپ قالدى مەن تىلۋېزور كۇرەلمەي دوسلۇرۇم بىلەن مىھماندارچېلىق ئوينۇدۇم ھەم ئۇ تىلۋېزورنى رېمىنۇتچېلىق قىلمەن دەپ ئامبۇر بىلەن چىقىپ ئەخلەت قىلۋەتكىنىمدە ئاكىلىرىم ماڭا ھىشنەرسە دىمىگەن ھەم دىيەممەيتتى ئۇلارمۇ ماڭا شۇنچە كۇينەتتى ھەتتاكى مەن بىلەن بىللە ئۇخلاش ئۇچۇن كەچقۇرۇنلۇقى ماڭا 5يۇئەن 2يۇئەن پۇللارنى تۇتقۇزۇپ ئۇخلاپ كىۋىدە يانچۇقۇمدىن ئىلۋالاتتى بەك ئەركى ئىدىم لىكىن ئۇ خۇشاللىقلىرىممۇ ئۇزاققا بارمىدى شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدە دادام توي قىلمەن دىدى ئەمما چوڭ ئاپام مىنى ئۇگەي ئانىنىڭ قۇلىغا قالىدۇ دەپ قەتتى توي قىلىشىغا قۇشلمىدى ھەم رازى بولمايمەن دەپ دادامنى توي قىلىشقا قويمىدى ،
شۇنىڭ بىلەن دادام يەنە توختاپ قالدى چوڭ ئاپامنىڭ يۇرەك كىسىلى بار ئىدى بارغانسىرى ئىغىرلاپ كەتتى چوڭ ئاپام يىتىپ قالدى دادامنىڭ ھەدىلىرى چوڭ ئاپامغا تاماق قىلىپ ئەكىلەتتى مەن بولسام ئوىنايمەن دەپ سىرتلاردا يۇرەتتىم ئىتىزمۇ ئىتىز ئويناپ قوسقۇمنىڭ ئاچقىنىنۇ بىلمەيتتىم بىركۇنى ئويناپ كەش بولغىننىمۇ بىلمەي قاپتىمەن كەش كىرىپ كىتىپتۇ بىز بولساق ئويناۋېتىپتىمىز چوڭ ئاپام بولسا مىنى ئىزدەپ بىرقۇلىدا بىر چېنە سۇيقاشنى كۇترۇپ ئىسمىمنى تولاپ مىڭىپتۇ بىر ۋاقىتتا قۇلۇقۇمغا سەيفۇللا بالام دىگەن ئاۋاز كەينى كەينىدىن ئاڭلاندى يۇگۇرۇپ باردىم چوڭ ئاپام قۇچاقلاپ يىغلاپ بالام تاماق يەپ ئوينا دەپ شۇتاماقنى ئۆيگە ئاپارماي شۇ يەردە ئىچكۇزۇپ ئەپ ماڭدى ئۆيگە قايتقىنىنىزدا ھەمنىسى چوڭ ئاپامدىن ئەنسىرەپ يىغلاپ كىتىشتى چوڭ ئاپام ئاكاملارغا مىنىڭ بۇ نەۋرەم بۇگۇن ئاچ يۇردى دەپ تاپا تەنە قىلدى چوڭ ئاپام دادامنىڭ ھەدىسى ئەكەلگەن تاماقنى ماڭا بىرىپ ئۇزى ئاچ ياتتى كۇنلەر شۇنداق ئۇتۇۋەردى ،مەن 6ياشقىمۇ كىرىپ قالدىم دادام مىنى مەكتەپكە ئەكىردى مەن بەك ئۇرۇق كىچېك بولغاشقا مەكتەپ مەسئۇللىرى مىنى  ئالغىلى قۇشۇلماي بەك تەس ئەپ قالدى بىركۇن كىردىم ئەتىسى چوڭ ئاپام دادامغا ئاچچېقلىنىپ ئۇزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ئادەمنى نىمە ئۇچۇن مەكتەپكە بىرسەن دەپ ئاچچىقلاپ ،مەن سىنى باق دىمەيمەن ئۇزۇم باقىمەن دەپ مەكتەپكە بارغۇزمىدى مەن يەنە شۇنداق ئويناپ يۇردۇم شۇ ئارلىقتا دادامنىڭ ئوتتۇرەنجى ئىنىسىغا توي قىلىپ بەردۇق تويدا قان قىنىمغا پاتماي بەك خۇشال ئوينۇدۇم يوي كۇنى كەشتە ھەممىسى توينىڭ ئەھمىيتى توغۇرسىدا سۆزلەشتى تويمۇ بولدى چوڭ ئاپامغا قارايدىغان بىر ئادەم كىردى ئۇ كىلىن بەك يۇۋاش بەك ئىسىل قىز ئىدى ماڭا چوڭ ئاپامغا بەك كۇينەتتى چوڭ ئاپام بىركۇنى قىشىدا ئولتۇرسام بالام سەن 10ياشقا كىرگۇچە ئۆمرۇم بولسا دەيمەن سەن ئۇگەي ئانىنىڭ قۇلىغا قالساڭ سىنى بوزەك قىلىدۇ دىگىنىدە مەن بادانلىق قىلىپ چوڭ ئاپا نىمە ئۇگەي ئانا دىگەن دىگىنىمدە چوڭ ئاپام مىنى قۇچاقلاپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ئىدى چوڭ ئاپامنىڭ كىسىلى بارغانسىرى ئىغىرلىدى شۇ ۋاقىتلاردا چوڭ ئاپام دادامنىڭ ئىككىنجى ھەدىسىگە مەندىن كىيىن نۇشۇ سەيفۇلللاغا ياخشى قاراڭلا ئاۋۋال خۇداغا ئىككىنجى بوپ سىزگە تاپشۇردۇم بالام دەپ ئۇن سېلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى ھەمدە باللىرىم سەيفۇللاغا قوپال تەگمەڭلا ئۇنى ئۇرساڭلا مىنى ئۇرۇپتىمەن دەپ بىلسەڭلار بۇلدۇ دىگەن ئىدى بەركۇنى چوڭ ئاپامنىڭ مىجەزى ياخشىلىنىپ دوختۇرلار ئۆيگە ئەپ چېقىپ كىتىڭلا دىدى ئۆيگە ئەچقىپ كەتتۇق دادام بولسا،چوڭ ئاپامنى داۋالىتىدىغان پۇل يوق كەنىتتىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ ئىشلەمچى بولغان شۇ كۇنىمۇ دادام ئىشلەمچى بازىرىدا ئىدى،شۇ كۇنى ئۆمرۇمدە ئىسىمدىن چىقمىغۇدەك بىر قاباھەتلىك ئىش يۇز بەردى كەش بولغاندا دادامنىڭ ئىككى ھەدىسى چوڭ ئاپامنىڭ قىشىدا ئىدى چوڭ ئاپامنىڭ نەپەس قىستاشقا باشلىدى چوڭ ئاپام بىردىنلا مىنى چاقىردى ھەمدە ئىككى قىزىغا مىنى تاپشۇردى دادامدىن رازى بولغانلىقىنى دادامنى توي قىلسۇن دەپ مىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ تۇرۇپ گىپىنىڭ ئاخىرنىمۇ دىيەلمەستىن بىزدىن مەندىن بۇ دۇنيادىن مەڭگۇلۇككە خوشلاشتى ئەتتىگىنى چوڭ ئاپامنىڭ نامىزى چۇشۇرۇلدى يىغلىدىم چوڭ ئاپامنى قەبرىستانلىققا ئەپ كەتتى ،ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ مىنىڭ خۇشالكىق كۇنۇم پۇتۇنلەي تۇگەپ ئازاپلىق خارلىق يىتىملىك كۇنلۇرۇم باشلاندى .

بىرىنجى قىسىم تۇگۇدى داۋامى تەييارلىنىۋاتىدۇ 

ئاپتورنىڭ  چ چ ئۇندىدار 211998349
     





492 قېتىم كۆرۈلدى سەيفۇللا ئابدۇراخمان تەنھا بۇركۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-16 16:37:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-26 1:50:06 رەپقەت
تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا قويە ئاداش،ھاسىراپ كەتتىم تۆتتال بىرنىمەڭنى ئوقۇپ بولغۇچە
2016-11-11 23:15:37 خالىدە
بەكلا قىززىقۋاتىمەن
2016-10-27 21:55:13 م
ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن دېھقەت قىلسىڭىز .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ