مەھەللەمدىكى قىز - 7 -قىسىم ھىكايە

مەھەللەمدىكى قىز   7-قىسىم

ئابلىمىتجان ۋاھاپ   «تەنھا تۇرنا »


شەھەرنىڭ ئىچى خىلىلا سالقىن ئىدى، بۇ بىكەت ئەتىراپىدا  ئۇششاق تىجارەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەلەكچىلىك ئىشلىرى بىلەن
ئالدىراش بولغاچقا يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىشاتتى ،ئاغىنەمگە تىلفۇن قىلدىم ئاداش مەن ھازىر بىكەتتە ئازىراق كۆڭلۇم ئىلىشىۋاتىدۇ مەن ئارام ئالغاچ تاماق يىگەچ تۇراي ھە كىلە،ھەي بۇ يەردىكى ھىلىقى ئاشخانىغا كىر ھە !مەن شۇيەردە سىنى ساقلايمەن.
مەن دائىم بۇ يەردە ماشىنىنى ئۇزاقراق  ساقلىسام كىرىپ تاماق يىگەچ ساقلايدىغان يىقىنلا جايدا ئۆزى ئاددىيلا بىزەلگەن ئاشخانا بارئىدى،شۇ ئاشخانىدا ئاغىنەمنى ساقلىماقچى بولدۇم، ماشىنىدا تۆت سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاچقىمىكىن بىشىم ئاغرىپلا تۇراتتى،قىززىق چاي ئىچكەچ ئۇنى ساقلىدىم يىرىم سائەتتەك ۋاقىتمۇ ئۆتتى كەلمىدى تاماق بۇيرىتىپ يىيەلىگىنىمچە يىدىم چاينى كۆپ ئىچىپ ئازىراق ئوڭشالغاندەك بولدۇم تىلفۇن قىلىپ نەگە كەلگەندۇ ،نىمىشقا كىلىپ بولالمايدىغانلىقىنى سوراش ئۇچۇن تىلفۇن قىلدىم  ئۇزاقتا ئالدى چاخچاق قىلىپ پاراڭلىشاتتىم ،مانا چاقچاق ……ئوغال بالا نەدە ئويناتىمىز ؟ئۇ ئاجىز سۆزىنى باشلىدى ئاداش مەن ھازىر يولدا دىدى،ھە بوپتۇ تىزىراق كەلگىن ئاداش سىنى بەك ساقلىدىم ،دادام تىلفۇن قىلىدى گەپنىڭ ئاخىرى تۇگمەيلا دادامنىڭ تىلفۇنىنى ئالدىم!تىشلىقمۇ دادا ؟ تىشلىق بالام ،نىمە ئىش  قىلىدىڭ،ساق سالامەت بىرىۋالدىڭمۇ ؟ھەئە دادا ساق سالامەت كىلىۋالدىم ،خاتىرجەم بولۇڭلار مەندىن دىدىم، بالام مىنىڭ دىگەنلىرىم ئىسىڭدىمۇ چوڭ بولدۇڭ ئوينىساڭمۇ چوڭلار بىلەن ئوينا ،ئۆزۇڭنى ئاسىرا ھە !بىخەتەرلىكىڭگە دىھقەت قىلغىن ساق سالامەت بولساڭلا باشقا نەرسىلەر ساڭا تەلمىرىدۇ،ھەم ھەممىنى كۆرەلەيسەن خوش بالام خۇشال ئوينا ………
تىلفۇن ئۇزۇلدى دادامنىڭ نىمىلەرنى دىگەنلىكىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدىم،بۇ نىمە گەپلەردۇر ھەي ، دادامنىڭ دىگەنلىرىنى  ئويلىغاچ يول ئۇستىگىلا چىقىپ قاپتىمەن ،تاكسىدىن بىرنى توسۇپلا يىراق بولمىغان ئائىلىكلەر قوروسىدىكى  ئۆيگە ماڭدىم  ماشىنا چوڭ يولغا چىقىپ سۇرئىتىنى تىخىمۇ تىزلىتىپ ماڭدى،يولدىمۇ ماشىنىلار ئاز ئىدى يول ئۇستىدە رىمونت قىلىش ئۈچۈن توسۇپ قويۇلغان توسۇقلار بىر يۆنىلىش يولنى ئىگەلىگەنىدى،شۇ يول بۆلىكىدە سەل ماشىنا قالايمىقان يول يۇرۇش ئەھۋالى يۇزبەرگەندەك قىلاتتى،شوپۇر ماڭا قاراپ ئۇكام ئالدى يول بۆلىكىدە ئازىراق ئىش يۇزبەرگەندەك قىلىدۇ،شۇڭا سىزنى باشقا يول بىلەن ئاپپىرىپ قوياي ئالدىرىسىڭىز چۇشۇپ ئۆتۇپ باشقا ماشىنا بىلەن كىتىڭ! ياقەي ئاكا مەن ئالدىرىمايمەن ،ھە مەيلى ئەمسا دىدىم،ئاغىنەمگە دەپ قوياي دەپ تىلفۇن قىلدىم ئىلىنمىدى يەنە قايتىلىدىم ئىلىنمىدى ، ھە ئالدىراش ئوخشايدۇ باشقا ئىشلىرى چىقىپ قالغان چىغى باشقا ئىشلارنى ئويلىمىدىم ماشىنىمۇ بىردەمدىلا يىتىپ كەلدى ،ئۆيگە كىرىپ كىيىملىرىمنى بىرقۇر ئوڭشىۋىلىپ جايلاشتۇرىدىغان نەرسىلەرنى جايلاشتۇرىۋىلىپ كىنو كۇرۇپ يىتىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن،ئويغىنىپ قارىسام سائەت بىريەرگە بىرىپتۇ كەچمۇ بوپ كىتىپتۇ،تىلفۇنۇمغا قارىسام ئاغىنەمدىن ئالتە قىتىم تىلفۇن كىلىپتۇ يەنە قايتىلىدىم ئالمىدى ئۇخلاپ بولغان ئوخشايدۇ ،بۇنچە كەچتە تىلفۇن قىلماي بولدى  دەپلا سىرىتقا چىقىپ يىقىن ئەتىراپتىن تاماق يەپ ئۆيگە قايتىش يولدا  ياشانغان ئادەمنىڭ باشقىلارغا تەلمۇرگەن ھالدا ئالدىدىكى سىتىپ ئولتۇرغان نەرسىلىرىگە سىتىلماي كەچ بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرغاندەك قىلاتتى ،ئالدىدىن ئۆتكەچ قارىدىم قارىسام ئۆزى تىرىپ ئۆستۇرگەن سەي كۆكتات ،يەرلىك توخۇ ھەم غاز ئۆردەكلەرنى  تۇغۇملىرى تىزىقلىق ئىدى، ئىچىم ئاغرىدىمۇيا بىلەيلا ئالدىغا بىرىپ  تاغا تۇغۇم نەچچە پۇل ؟ھە بالام نەچچە تال ئالماقچى  ئۇچ تال ئالسام بولدى ،مەن خام ئىچەي دىگەنىدىم ،ھە يەنە ئىككىنى ئىلىڭ بەش بوپ كەتسۇن ،ھەماقۇل تاغا ئەمسە بەش دانە ئىلىپ بىرىڭ!نەچچە پۇل بولدى؟ئاران ئىككى يىرىم كوي بالام    تۇغۇمنى ئىلىپ ئۆيگىمۇ  يىنىپ كىردىم، تازا يالغۇز ھاردۇق چىققۇچە قانغۇدەك ئۇخلىۋالاي دەپ تىلفۇننى ئىتىۋىتىپ سوزۇلۇپ ياتاي دەپ تۇرسام ئىشىك چىكىلدى،ئاچسام ئۇدۇلۇمدىكى قوشنام كىرىپ كەلدى،تىشلىقمۇ بالام ئۆيىڭلەردە تۇغۇم بارمىدۇ ،بالام يىقىپ كىتىپتىكەن ئازىراق يىرى سۇرۇلۇپ كىتىپتۇ ،توغۇم بىلەن ئازىراق دورا قىلاي دىگەن ھەئە بار ھەدە بۇ يىڭى باياتىن ئىلىپ كىرگەنىدىم ھەممىسىنى ئىلىپ چىقىپ ئىشلىتىڭ ھامان بۇ ئۆيدە تاماق ئەتمىگەنتىكىن بۇزۇلۇپ قالىدۇ!رەھمەت بالام چىقىپ كەتتى،چىراقنى ئۆچۇردۇم ئاستا ئورۇنۇمغا بىرىپ بىشىمنى ياستۇققا قويۇپ قاراڭغۇ جىمجىتلىقتا ھەرخىل ئوي ھەم چىگىلىش خىياللار ماڭا ھەمراھ بولغان ئاساستا  مىنى بەزلەپ ئۇخلاتماقچى بولىشىۋاتاتتى ……  …………
     





630 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-5 1:22:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-7 12:35:18 ئەلىجان ۋاھاپ
ئابلىمىتجان ئاداش بۇ ھىكايە بەك ياخشى يېزلىپتۇ تېخمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرىڭغا تىلەكداشمەن ، سىزدە ھىكايە رومان قاتارلىق ژانىرلاردا يېزىقچىلىق قىلىش قابىليىتى باركەن مۇشۇ جەھەتلەردە تېرشىڭ !
2016-11-6 11:15:28 mardan
yahxi asarkan ahrini kaqan yollaysilar
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ