گۇناھكار ئاشىق 1

         گۇناھكار ئاشىق

 ئالىمجان ئاخنىياز

 1ــ قىسىم 1-بۆلەك

يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ۋە ئۆگۈنۈش بېسىمىنىڭ يۇقىرلىقى سەۋەبلىك مەردان ئەتىگەنلىك ناشتىنى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە مەكتەپ ئاشخانىسىدا قىلىۋالسا چۈشلۈك ۋە كەشلىك تاماقنى ئۇدۇل كەلسە يەپ ،بولمىسا تەييار يىمەكلىك ۋە تەييار چۆپ بىلەن قۇساق توقلاپ يۈرگەچكە يىگىنى چىرايىغا چىقماي تېنى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى ، ھېلىمۇ دادىسى نۇرغۇن يول مېڭىپ ئىزدەپ يۈرۈپ شەنبە – يەكشەنبىلىك تەكرار ئوقۇتقۇچىسى تېپىپ ئەكىلىپ بەرگىنى ، بولمىسا بۇ ئىمتىھاندىن ئۇ قانداقمۇ ئۆتەتتىكىن تاڭ .. بەزىدە ئۇ ئۆزۈىگە پەقەت شەنبە – يەكشەنبە بولسىلا بولىدىغاندەك ھېس قىلىپ قالاتتى ، ئەمما ھەر كۈنى ئەتىگىنى دادىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ چېنىقىشقا چىقاتتى ،دادىسىنىڭ دىيىشىچە بۇنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ،سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئاسان ئۆتۈشكە، بەدىنىنىڭ قاۋۇل ، كۈچتۈڭگۈر بولىشىغا پايدىسى بارمىش . دېمىسىمۇ ئارام كۈنىدىكى دادىسىنىڭ مەجبۇرلاپ چېنىقتۇرىشى ، مەكتەپتىكى چېنىقىشلاردىن كېيىن مەردانغا ئۆزىنىڭ مۇسكۇللىرى خېلى چۇڭىيىپ ، بۇيى خېلى ئگىزلەپ قالغاندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى ، ئەمما بۇ چېنىقىشلار مەرداننىڭ پۇت- قوللىرىنى سىقىرتىپ ئاغرىتىپ ،ئۆپكىسىنى يىرتىۋىتەي دەپ قالاتتى ... ئۇ چېنىقىشلىرىنى تۈگىتىپ پۇت – قوللىرىنى تەستە سۆرەپ چىقىپ ناشتا قىلىپ ئاندىن كۈتۈپخانىدا مۇئەللىمنىڭ كېلىشىنى ساقلايتتى . ئۇنىڭ ئارام كۈنىگە ئامراقلىقىنىڭ سەۋەبى بۇ تۈگىمەس چېنىقىش ، جاپالىق ھەم مەجبۇرى ئۆگىنىشتە ئەمەس ، بەلكى يىتەكچى مۇئەللىمىدە ئىدى . مەردان بۇ مۇئەللىمنىڭ ئىسمىنىڭ ئايگۈل ئىكەنلىكىنى ، بويىنىڭ ئۆزى چېنىقىپ ئۆسكەندىن كېيىنىكى بويى بىلەن ئاساسەن تەڭ كەپ قالىدىغىنىنى بلەتتى ،ئەمما بۇ ئاپئاق يۈزلۈك ، قارا قاش ، چاچلىرى بەئەينى قۇندۇز كەبى يالتىراق مۇئەللىم دەرىس سوزلىگەندە شۇنچە مۇلايىم ، دەرىسلىرى شۇنچە چۈشۈنۈشلۈك ،ئۆزى شۇنچە چىرايلىق ھەم مەپتۇن قىلارلىق بولغىنى بىلەن ئۇ دەرىس چۈشەندۈرۋاتقىنىدا مەردان ئۇنىڭغا تىكىلگىنىچە ھاڭۋېقىپ قالغىنىدا ‹پاڭ › قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بېشىغا ئۇزۇنلىقى بىر غۇلاچ كېلىدىغا سىزغۇچ بىلەن بىرنى سالاتتى دە ‹مەردان ،دىققەت قىل ›دەپ ۋارقىراپ قويۇپ تەكرارنى داۋام قىلاتتى ،ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگىلى نەچچە ئاي بولغاچقا بۇنداق سەنلەشلىرىگە ھەم سىزغۇچ بىلەن ساۋاشلىرىغا ئۇ ئاللىبۇرۇن كۆنۈپ كەتكەنىدى،ھەم ئۇنى خېلىلا ياقتۇرۇپ قالغانىدى ، ئايگۈل مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپمۇ قىلمايتتى ، بەزى – بەزىدە ئۇ مۇئەللىمنىڭ چىرايىدىن ھەم كۆزلىرىدىن ھارغىنلىق ھەم ئەپسۇسلۇقنىڭ ئۇچقۇندىسىنى بايقىيالايتتى يۇ سەۋەبىنى سوراشقا پېتىنالمايتتى ،ئۇنىڭ پەرىزىچە ئايگۈل مۇئەللىم ئۆزىدىن ئىككى ياكى ئۈچ ياشلا پەرقلىنەتتى ،شۇڭا كۆڭلىدە ئۇنىڭغا ياخشى كۆرۈنىۋېلىشنى ، ئۇنى ئۆزىگە رام قىلىۋېلىشنى ئويلايتتى، مەردان ئۆزىنىڭ ياخشىراق ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشىنىڭ بىردىنبىر ئۈمۈدىمۇ مۇشۇ ‹قاتتىق قول ساھىبجامال›نىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنەتتى . كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈش قۇڭغۇرۇقى مەرداننى خىيال دېڭىزىدىن قايتۇرۇپ كەلدى ،كەچتە سوغوق يىمەكلىك ، تەييار چۆپلەر بىلەن قۇرسىقىنى توقلىغاچقا ئۇنىڭ كىندىكىنىڭ ئاستى تەرىپى قاتتىق تولغاپ ھەم مۇجۇپ كېتىۋاتاتتى ، ئەمما مۇزاكىرىگە مەسئۇل مۇئەللىم خۇددى قۇڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىمىغاندەك ئۆز ئىشى بىلەن مەشخۇل ئىدى ،ئاخىرى بولماي مەردان ئۇنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ سىنىپتىن ئوغۇرلۇقچە قېچىپ چىقىپ ياتاق بىنارىنىڭ ھاجەتخانىسىغا قاراپ يۈگۈردى. بۇ مەكتەپ كۆزگە كۆرۈنگەن شەھەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولغاچقا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلىرى كۆپ ، ھەم ياتاقتا ياتىدىغىنى يۇقىرى سالماقنى ئىگەللىگەچكە تازلىقنى كۆزدە تۇتتىمۇ ئەيتاۋۇر ئوغۇللار ياتىقىنىڭ بىرىنجى قەۋىتىدىكىلا تازلىق ئۆيىنى قالدۇرۇپ ئۈستىدىكى قەۋەتلەدىكىسىنى تاقىۋەتكەنىدى . تېخى باشقىلارمۇ ياتاق بىناسىغا كىرمىگەچكە ئىشىك ئوچۇق بولسىمۇ ھەممە يەر قاپقاراڭغۇ ئىدى ، ھەم ياتاق باشقۇرۇش ئۆيىنى ئاچمىغاچقا چىراقنى ياندۇرۇشقا ئامالسىز بولغاچ ، ھەم ئۇنىڭ ھاجىتى بەكلا قىستاپ كەتكەچ كۆپ ئويلانمايلا ھاجەتخانىغا كىرىپ ھاجەتكە ئولتۇرۇشقا ئاران ئۈلگۈردى، ئەمما ھاجەتخانا ئىچى شۇنچىلىك جىمجىت ،ئەتراپتا يۇرۇقلۇقتىن ئەسەرمۇ يوق بولۇپ ئادىمگە سۈرلۈك قەبرىستانلىقلارنى ئەسلىتەتتى، مەرداننىڭ يۈرۈگىنى بارا-بارا قورقۇنچ ئىگەللەشكە باشلىدى ،‹نېمىشقىمۇ ھېچكىم سىنىپتىن چىقماستا ھەممىدىن بۇرۇن چىقىۋالغاندىمەن ،ئەلىنى چاقىرۋالسام بولماسمىدى خەپ ،خەپ › دەپ ئۇ ئىچىدە ئۆز ــ ئۆزىگە ئاچچىقلايتتى ،ئەتراپ بارغانسىرى تىمتاسلىققا چۆمۈپ ، تېخىمۇ سۈرلۈك تۇيۇلماقتا ئىدى ، توساتتىن يىراقتىن ، كارىدۇردىندەك قىلاتتى بىرىنىڭ ئاياق شەپىسى ئاڭلىنىشقا باشلىدى ،مەرداننىڭ يۈرۈكى تېز- تېز سوقۇپ ، يۈرۈكىنى خۇددى بىرى يۇلىۋالىدىغاندەك پۈتۈن ئەزايىنى ۋەھىمىلىك تىترەك بېسىشقا باشلىدى .《بۇ زادى نېمە ئىش ، مەن بايا ئوقۇتۇش بىناسىدىن ھېچكىم چىقماستا چىققان ، ياتاق ئىشىكىدىن كىرگەندە قارىغىنىمدىمۇ ياكى ياتاق ئالدىدا ،ياكى ياتاق ئىچىدە ھېچكىم يوق ئىدى ، بۇ ئاياق ئاۋازى نەدىن چىقىۋاتىدۇ ؟ ئەجىبا ،ئەجىبا ..... 》 ئۇنىڭ يۈرۈكى خارتلا قىلىپ قالدى ،خۇددى سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەك ، ئۇنىڭ ئېسىگە قايسى بىر ھېكايىلەردىكى ئۆلگۈچى ئۆلگەندىن كېيىن روھ – ئەرۋاھلىرىنى ئۆزىنىڭ جېنىغا زامىن بولغۇچىدىن ئۆچ ئالغىلى ئەۋەتىدۇ ، ئۇلار ئۇ كىشى يالغۇز قالغاندا كۆرۈنەمىش دىگەن سۆزلەر كەپ قالغانىدى ،بۇ مەكتەپنىڭ بۇرۇنقى زاراتگاھلىقنىڭ ئورنىغا سېلىنغىنىنى مەردان چوڭلاردىن ئاڭلىغانىدى ،ھەم تۇساتتىن تېخى بىر ئاي ئىللگىرى ئۆلۈپ كەتكەن قۇربان مۇئەللىم يادىغا كەپ قالغانىدى .《ئەجىبا ئۇ راسلا مەندىن ئۆچ ئالغىلى ..... 》ئۇ داۋامىنى ئويلاشتىن قورقىۋاتاتتى ، خىيالىغا بىردىنلا كىنولاردىكى بەتبەشىرە مەخلۇقلارنىڭ كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى پارە پارە قىلغانلىرى ، ھېكايىلەردىكى كۆرۈنمەيدىغان ئالۋاستىلارنىڭ كىشلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئۇيۇۋېلىشلىرى ، ‹يۈرۈكۈڭنى بەر ›دىيىشلىرى كېلىۋېلىپ بەدىنى سوغوق تەرلەشكە باشلىغانىدى ، دىمىسىمۇ بۇ ئاياق تىۋىشى شۇنچىلىك ئاستا ھەم رېتىملىق ، شۇنچىلىك يېنىك ئىدى ، قايسى بىر ئوغۇل بالا ياكى ئەر كىشى شۇنداق ماڭىدۇ ، شۇ خىياللار مەرداننىڭ كاللىسىنى قاپلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بىر خىل قورقۇنىچ چىرمىۋالغانىدى ، ئاياق تىۋىشى ئاستا –ئاستا ئۇنىڭغا قاراپ يېقىنلاپ كەلمەكتە ، مانا ئۇ ئولتۇرغان ھاجەتخانىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ ئىشىكتىلا توختىدى ،ئالدىدا توسما ئىشىك بولمىغان بولسا مەردان ئۇنىڭ نېمىلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيتتى ، مەرداننىڭ پۈتۈن بەدىنىدە قورقۇنىچ ،ئىچىدە دادىسى ئۆگىتىپ قويغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ ئولتۇراتتى ، ئۇ ئاياق تىۋىشى ئاستا –ئاستا يېقىنلاپ ئۇنىڭ ئالدىغىلا كەلدى ، توسما ئىشىك بولمىسا بەلكىم مەردان ھۇشىدىن كېتىشى مۇمكىن ئىدى ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرى ئېنىق ئاڭلانماقتا … تۇيۇقسىز بۇ تازىلىق ئۆيى ھەم كارىدۇرنىڭ چىراقلىرىنىڭ ئاۋاز ئارقىلىق يانىدىغىنى ئۇنىڭ ئېسىگە كەلدى ئەمما كېچىكىپ قالدىمۇ قانداق ..... مەردان ‹باھ ›دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئورنىدىن تۇردى ، قاتتىق ئاۋازدىن ھاجەتخانىنىڭ ھەتتا كارىدۇرنىڭ چىراقلىرىغىچە يۇرۇپ كەتكەنىدى ، چىراقنىڭ يۇرۇغىنىنى كۆرۈپ ئۇ تېزدىن ئەتراپىغا كۆز يۈگۈرتتى، ئەمما قىززىق يېرى ئۆزىدىن باشقا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى… ئەمما مەرداننىڭ يۈرۈكى يەنىلا ئەنسىز سوقۇپ تۇراتتى .《بايا ئاياق تىۋىشىنى ئېنىق ئاڭلىغان تۇرسام قانداقسىگە ھېچكىم يوق بولىدۇ》 ئۇ شۇ قورقۇنىچ ئىچىدە قوللىرىنى تېزلا يۇيۇپ تازىلىق ئۆيىدىن سىرتقا ماڭدى ،ئۇنىڭغىچە مۇزاكىردىن يانغان باشقا ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەلدى ...


      مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى ( ئەختەر )

     ئۈندىدار : 2041420589





18 قېتىم كۆرۈلدى shaydayi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-21 21:20:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ