گۇناھكار قەلىب (پوۋىسىت) 15- قىسىم

گۇناھكار قەلىب

 (پوۋىسىت) 15- قىسىم


  ئەركىن ئاستا ئاستا زۆھرەنى ياخشى كۆرۈپ قالدى . ئۇنىڭ قەلبىدىكى خالنۇرنىڭ ئوبرازى ئاستا ئاستا سۇسلاپ بارماقتا ئىدى . شۇنداق كۈنلەردە پەرھات ھە دېسىلا ئەركىننى ئاۋارە قىلدى ، بىر كۈنى كەلسە مېھمان قىلاي دېسە بىر كۈنى كەلسە ئويناپ كېلەيلى دەپ ئاۋارە قىلدى ، بىراق ئەركىن :
- مەن ئەمدى سېنىڭ يولۇڭدا ماڭمايمەن ، مېنى ئاۋارە قىلما ؟
دېدى ، پەرھات ئارتۇق ئۈندىمىدى . ئۇ ئۆچ ئېلىش پىلانىنى ئويلىماقتا ئىدى ، قانداق قىلىش كېرەك ؟ پەرھات قۇيرۇقىنى تۇتقۇزمىسا ، ئامال قانچە ؟ ئۇ ئامال ئويلىماقتا ئىدى .
دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەكتەپتىن 5كۈنلۈك ئارام قويۇپ بەردى .  ئەركىن زۆھرە ، تاھىر خالنۇرلار ئويناپ كېلىشنى پىلانلىدى . ئۇلار ئويناپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى . بەش كۈنلۈك كۆڭۈللۈك ساياھەت ئاخىرلاشتى . ئۇلار مەكتەپكە قايتىپ كەلدى . ئەركىن بىلەن تاھىر مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندە ئەركىن بىلەن تاھىرنىڭ ئورۇن كۆرپىسى كارىدورغا تاشلانغان ئىشىككە باشقا قۇلۇپ سېلىنغان ئىدى . ئۇلار قانداق قىلىشنى بىلمىدى . دەل شۇ ۋاقىتتا پەرھات پەيدا بۇلۇپ مۇنداق دېدى .
- ئورۇن كۆرپەڭنى ئېلىپ دەرھال يوقىلىش ، بىزنىڭ مەكتەپتە بۇزۇقلارغا ئورۇن يوق ، سەن بۇزۇقلار مەكتەپنىڭ تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ مەكتەپتىكى قىزلارنى ئاچىقىپ بەش كۈن بۇزۇقچىلىق قىلىشتىڭ ، مەكتەپنىڭ تۈزۈمى بىلەن ئېيىتقاندا سىلەر مەكتەپتىن قوغلىنسىلەر ، بۇ  سىلەرنى قوغلاش ئۇقتۇرۇشى .
ئۇ قولىدا بىر قەغەزنى كۆرسەتتى . مەكتەپ مۇدىرى يېتىپ كېلىپ ئەركىن بىلەن تاھىرغا :
- سىلەر قايتىپ كەتسەڭلا بولىدۇ ، بىز سىلەرگە ئېھتىياجلىق ئەمەس ، دېدى .
توۋا بۇ تۆھمەتنى قانداق قىلىش كېرەك ؟ بۇ كىمنىڭ ئوينىغان ئويۇنى ؟ خالنۇر بىلەن زۆھرەمۇ شۇنداق بولغانمىدۇ ؟ تاھىرنىڭ كۆڭلىگە ئەندىشە چۈشتى ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپقاندا بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولا؟
ئۇلار ئۈن تىنسىز نەرسە كېرەكلىرنى يۇغۇشتۇرۇپ مەكتەپ ھويلىسىغا چىقتى ، خالنۇر بىلەن زۆھرەمۇ شۇنداق بولغان ئىدى . تۆتەيلەن بىرلىكتە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققاندا ھەممىسى كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇزاقتىن ئۇزاق تۇرۇپ كېتىشتى . ئەمدى ئۇلار نەگە بارار ؟ يۇرۇتقا قايتىپ كېتەرمۇ ؟ قانداق قىلىش كېرەك ؟

داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز ئەسىرىمدە بولسۇن .
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
     





365 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-20 15:04:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ