پىغان - ھىكايە
ئىلمىنۇر
--توختا !نەگە بارىسەن بالام ؟!
--كارىڭ بولمىسۇن .
--ھىچ بولمىغاندا .....
ئانا گېپىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا ئوغلىنىڭ گەۋدىسى كۆز ئالدىدىن يۈتتى .ئاچچىق ئازاپتىن تولغانغان ئانا جايىدا تەمتىرەپ تۇرۇپلا قالدى .ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن نۇرغۇن ئەسلىمىلەر ئۆتتى ،بۇ ئەسلىمىلەرنىڭ ئاخىرى مانا مۇشۇنداق ئازاپقا تۇتاشقانىدى . خېلى ئۇزاقتىن كېيىن ئانا ھوشىنى تاپقاندەك بولۇپ ئاستا بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئاخشام بولغان ئىشلارنى بىر -بىرلەپ ئويلاپ چىقتى ، ئۇ پەقەت ئۆزىدىن خاتالىق ئۆتكەن ياكى ئۆتمىگىنىنى ئوغلىغا ئازار بەرگەن بەرمىگىنىنى ئويلايتتى . ئەپسۇس بالا بۇنىڭدىن ئەسلا بىخەۋەر !
--ئوغلۇم ،قايتىپ كەلدىڭمۇ ؟ نىمە يېگۈڭ بار ؟ كەچ قاپسەن -ھە .
--ۋاي-ۋۇي ئەمدى نىمە يېگۈڭ بار دەپ يۈرەمسەن!؟ بولدىلا يېمىدىم ، ئىشىم جىق بولغاندىن كېيىن كەچ قالىمەندە !
--ئۇنداقتا، ساڭا باشقا ئىش قىلىپ بېرەيمۇ؟
--ياق بولدى ، كېلە ساڭا دەيدىغان گېپىم بار .
ئانا قانچىلىك ۋاقىتلاردىن بېرى بۇ گەپكە ئىنتىزارتى -ھە !
--ھە بالام ئېيتە قانداق گېپىڭ بار مەن ئاڭلاي .
--بۈگۈن تارقاتقان ئىش ھەققىمنى خەجلەپ بولدۇم ، مەن پۇلغا ئېھتىياجلىق ،ماڭا كۆپرەك پۇل بەرسەڭ .
--نېمە؟! مائاشىڭنى خەجلەپ بولدۇڭما ؟ سەن مېنىڭ يەنە نېمەمنى تەما قىلىدىغانسەن ھېلىمۇ تاپقان تەرگىنىمنىىڭ ھەممىسى سېنىڭغۇ ،جىنىم بالام ، سەن زادى نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىيدىغانسەن ؟
--ئۇف! بولدى قىلە ، سېنىڭ كوتۇلداشلىرىڭنى ئاڭلىغۇممۇ يوق ، بولدى دېمىگەن بولاي ،كىرىپ كەتتىم .
--بالام ،توختا .....گېپىمنى ئاڭلىساڭچۇ ؟
-- .....
بالا زۇۋان سۈرمەي ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . غېرىپ ئانا ئۆزى ئارزۇلىغان گەپلەردىن ئىللىق مۇڭدىشىشلاردىن ئۈمۈد ئۈزۈپ قاراڭغۇ تۈندە يەنە يالغۇز قالدى .
تۈنۈگۈن ئاخشامقى ئىشلار مانا مۇشۇنداق ئاددىي ھەم ئازاپلىق بولغانىدى . ئانا خىياللار ئىچىدە ئويلايتتى "پۇل دېگەن تېپىلىدۇ ئەمەسمۇ بەرسەم بولماسمىتى قانچىلىك كېرەك بولسا تېپىپ بەرگەن بولسام ، بىراق ...ئۇ ئۆزىمۇ پۇل تېپىپ تۇرۇپ ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايۋېتىپتۇ !؟ ئۇ ماڭا قوپال مۇئامىلە قىلمايتتى ، نېمىشقا بۇنچە ئۆزگىرىپ كەتكەندۇ؟! ئۇ زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟! ئاھ ! بۇلارنىڭ سەۋەبى زادى نېمىدۇر ؟! جىنىم بالام !"
* * * * *
مانا بۇ ئىشلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە ھەپتە بولاي دېدى ، ئوغلىدىن نە بىر خەۋەر نە بىر تېلىفۇن يوق ئىدى . ئانا ئۈستەلدە ئىشىككە قاراپ ئەندىشە ھەم ئۈمىد بىلەن ئولتۇراتتى . ئانا ئوغلىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكىدەك ئەركىلەپ ئۆزىنىڭ قۇچىقىغا ئېسىلىپ ،سۆيۈپ قويىشىنى شېرىن ھىسلىرى بىلەن كۈتۈپ ئولتۇراتتى ،ئەپسۇس ئۇ كۈنلەر قايتا كېلەرمۇ ؟
تۇيۇقسىز ئىشىك قوڭغىرىقى بېسىلدى ، ئانا شېرىن ھىسلىرىدىن ئەندىكىپ ئورنىدىن تۇردى ، ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن ئىشىكنى ئاچتى ، ئىشىكنى ئاچتى -يۇ ،قارا تەرگە چۆمدى . كۆز ئالدىدا ئاق خالاتىنى ئۈستىگە ئارتقان بىر ئوفىتسېر بىلەن ئىككى سېستىرا تۇراتتى .
--كەچۈرۈڭ خانىم ،بۇ XXنىڭ ئۆيى بولامدۇ؟
--ھە …ھە…ھەئە شۇنداق ،ئۇ…ئۇ…مېنىڭ ئوغلۇم .
--بىز زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن ،ئوغلىڭىزنىڭ زەھەر ئىشلىتىدىغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ ؟
--نى …نېمە؟! مېنىڭ ئوغلۇم ……زەھەر ……
--دېمەك خەۋىرىڭىز يوق ئىكەندە ، بولىدۇ ئۇنداقتا بۇ ئانكىتلارنى تولدۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز . خىزمىتىمىزگە ماسلىشىڭ .
ئانا ھىچ نېمە دېيەلمەي قالدى ، ئۇ نۇرغۇن خىياللارغا غەرق بولغانىدى .
ئۇلار خوشلاشتى ، ئۇلارنىڭ تەسەللىيلىرى ئانىنىڭ قۇلىقىغا كىرمىگەنىدى ،ئۇنىڭ يۈرىكىنى قانداقتۇر بىر نەرسە مۇجۇۋاتقاندەك قىلاتتى . كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس قان ئېقىۋاتقانىدى . ئاھ ! بىچارە ئانا . بالا ئوتى ئۇنى قىينىماقتا ، ئانا بۇ ئازاپتىن ئۆرتەنمەكتە . ئۇنىڭ پىغانلىق يېشى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى ، پۈتۈن ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا ناتونۇش بىلىنمەكتە . ئانا ھىچ خاتالىقسىز بۇ جازانى قوبۇل قىلماقتا !
غېرىپ كەپىدە ئانا يالغۇز ، ئۇنىڭ يۈرىكى پۇچىلانغان ، بالا ئازابى ئۇنى قىينىماقتا . ھەممدىن ئامراق بولغان ،ئەتىۋارلاپ پۈتۈن مېھرى بىلەن باققان بالىسى ئانىنى مۇشۇنداق پىغانلىق ئوتقا تاشلاپ كەتتى . ئانا بۇ ئازاپقا بەرداشلىق بېرەلمىدى . بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك قېقىلىپ كەتتى ، ئۇ يۈرىكىنى چىڭ موجۇيتتى . ئوغلىنى قەلبىگە چىڭ پۈكۈپ ئوغلۇم دەپ ياشاپ كەلگەن ئانا ئەنە شۇنداق ئوغلىنىڭ پىراقىدا ئاخىرقى نەپىسىنى ئوغلۇم دەپ ئاخىرلاشتۇردى . ئۆينىڭ چىرىقى ئۆچتى، ئۆيدىن مېھىرلەر كۆچتى . ئانا ئارزۇلىغان ئىشلارغا ئېرىشەلمەي تۇرۇپ بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشتى . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوچۇق كەتكەن ، ئۇ كۆزلەر يەنىلا ئاخىرقى نۆۋەت بالىسىنى كۈتەتتى ، ئەپسۇس بالا ئەسلا بىخەۋەر . مانا بۇ ئانىنىڭ پىغانى !
بالىلارغا ئىنساپ ، ئانىلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر ،بارچە ئائىلىلەرگە مېھر-مۇھەببەت تىلەيمەن !
460 قېتىم كۆرۈلدى | elminur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-30 0:40:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|