قاراڭغۇ ئورمان
ۋەھىمىلىك ھىكايە 31 - قىسىم
ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)
ئۇلارنىڭ بەتبەشىرە ھالىتى تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنىۋاتاتتى، مەن قېچىشقا ئۇرۇنساممۇ كىچىككىنە قۇدۇقتا دالدىلانغۇدەك جاي يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار پۈتۈن قۇدۇققا لىققىدە كەلگەنتى. يۈرۈگۈم شۇنداق قاتتىق سوقۇپ، بەدىنىمدىن شارقىراپ قارا تەر تۆكىلەتتى، كۆزۈم بولسا قايسى ئاۋال قول سالاركىن دەپ ئەتراپنى تىزلىك بىلەن چارلايتتى. « ئەمدى تۈگۈدۈم، ئۇلار مېنى نىمە قىلۋېتەر ؟» شۇ ئەندىشىدە تامغا چاپلىشىپ تۇرۇپ قالدىم. تاپانچام بارغۇ راس. بىردىنلا خىيالىمغا تاپانچا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بولسىمۇ ئۆزەمنى قوغداي، تاپانچىنى ئالماقچى بولدۇم، لېكىن قولۇمنى قانداقتۇ غايىبانە بىر نەرسە قاتتىق تۇتىۋالغاندەك مىدىرلىيالمايۋاتاتتىم. ئالۋاستى - جىنلار ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلسا قىمىر قىلغىلىمۇ بولماسمىش دىگەن گەپ كاللامغا دەرھال كەلدى. « راسلا جىنلارغا ئۇچۇراپتىمەن، ئۆزەم بىلگەن سۈرىلەرنى ئوقۇسام بەلكىم بۇلار قورقۇپ ماڭا چېقىلالماس » شۇنى ئويلاپ ئوقۇماقچى بولدۇم، ئېغىزىم ئېچىلمايۋاتاتتى، تىلىم باغلىنىپ قېلىپ ھېچنەرسە دىيىلمەيۋاتاتتىم. « مەن تۈگۈشۈپتىمەن، ئەمدى ئۇلارنىڭ مېنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى كۆرۈپ تۇرۇشتىن باشقا ئىلاجىم يوقكەن ، ياراتقۇچى ئۆزەڭ بار » شۇلارنى ئىچىمدە تەكرارلايتتىم.
ئۇلار مېنىڭ ھالىتىمگە ، ھەركەتلىرىمگە ئۈن - تىنسىز قاراپ تۇرىشاتتى. « ئۇلار نىمىنى ساقلاۋاتىدىغاندۇ ؟ نىمىشقا ماڭا ھۇجۇم قىلماي قاراپلا تۇرىدۇ ؟». ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ھەركەتتە بولماي قاراپلا تۇرىشىدىن سەل ئۆزەمنى بېسىۋالدىم .
- سىلەر… سىلەر كىم ؟ سىلەر نەدىن پەيدا بولدۇڭلار؟
ئۇلار سۇئالىمدىن غەلىتىلىك ھېس قىلدىمۇ ياكى سۆزۈمنى چۈشەنمىدىمۇ بىر - بىرىگە ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپ قويدى .
- سەن نىمە ئادەم ؟ بىزنىڭ ئارىمىزغا نىمە دەپ كىرىۋالدىڭ ؟
بۇ سۇئالدىن ئەندىكىپ كەتتىم.
- بىز بۇ قۇدۇققا تاشلانغىلى شۇنچە يىللار بولدى، بىزنى قۇتقۇزىدىغان بىرىنىڭ كىلىشىنى شۇنچە زارىقىپ كۈتتۇق، سەن بىزنى قۇتقۇزۇشقا كەلدىڭما؟
- نىمە؟ قۇتقۇزۇش ؟
ئۇلار بەرگەن جاۋابىمدىن تېخىمۇ ھەيران قالدى، تۇيۇقسىز كاللامدا مەن قۇدۇققا چۈشكەندە ھېچكىم يوق ئىدىغۇ دىگەن ئوي كەچتى. توغرا ، توغرا قۇدۇقتا ئادەم يوق لېكىن لېق ئىسكىلىتلار بار، ئەجىبا مەن دەسسەپ يۈرىگەن ئىسكىلىتلارغا جان كىرىپ قالغانمىدۇ ؟ شۇ ئويلار بىلەن ئۇلارغا باشقىدىن سەپسېلىشقا باشلىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن بەتبەشىرە ، ئالۋاستى - جىنلاردەكلا قورقۇنۇچلۇق بولۇپ، ھېچبىرىنىڭ سىياقى ئادەمگە ئوخشىمايتتى. ئۇلارغا قانچىكى زەن سېلىپ قارىغىنىمچە ئۇلار تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق تۈسكە كىرىپ قېلىۋاتاتتى، ھەتتا ھەممىسى تۇيۇقسىز ئىسكىلىتلارغا ئايلىنىپ يەنە ئەسلىگە قايتىپ كۆرىنەتتى.
- سىلەر ئالۋاستىكەنسىلەر ! - يۈرۈگۈم تېخىمۇ قاتتىق سوقۇپ بەدىنىم تىتىرەشكە باشلىدى، شۇ تاپتىكى بۇ قورقۇنۇچتا قودۇق تېمىدا ئازاراق يانتولۇق بولغان بولسا قېچىپ چىقىپ كەتكەن بولاتتىم.
بۇنچە جىددىيلىشىپ ، تىپىرلاپ كەتكىنىمنى چۈشەندىمۇ قانداق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قېرى بىرى ئېغىز ئاچتى :
- مەيلى سەن كىم بول، بىزنى قۇتقۇزۋالغىن، بىزنى بۇ دوزاختىن ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سەندىن ئۆتىنەيلى، بىز بەك قىينىلىپ كەتتۇق، بۇ ئالۋاستىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۋالغىن! - قېرىنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ يىغىغا ئۆزگۈرۈپ كەتتى، باشقىلارمۇ تەڭلا يىغلاشقا باشلىدى،- بىز ئۆتىنەيلى بىزنى قۇتقۇزۋالغىن ، قارا ئاياللار كىچىك بالىلارمۇ بار !
ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم ، ھەقىقەتەن چۈل - چۇل كىيىم بىلەن يېرىم يالاڭغاچ ھالەتتە تۇرغان ئاياللار بىلەن ئورۇق ، ئىسكىلىت بولايلا دەپ قالغان كىچىككىنە بالىلار كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ قارىشىپ تۇرىشاتتى.
- سىلەر !- ئۆزەمنى بېسىپ تۇرۇپ سورۇدۇم شۇندىمۇ ئاۋازىم تىتىرەپ كىتىۋاتاتتى ،- قانداقلارچە بۇ قۇدۇققا چۈشۈپ قالغان ؟
- چۈشۈپ قالغان ؟ - بۇۋاي خۇرسىنىپ سۆزۈمنى تەكرارلىدى ،- چۈشۈپ قالمىغان، بەلكى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرلۈپ تاشلانغان.
ئۆلتۈرلۈپ دىگەن سۆزدىن يۈرۈگۈم يەنە جىغ قىلىپ قالدى، شۇندىمۇ ئۆزەمنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ سورىدىم :
- سىلەرنى كىم ئۆلتۈرىدۇ ؟ نىمىشقا ئۆلتۈرىدۇ ؟ ئۇلار كىملەر؟
- ئۇلار بىر نەچچە ئالۋاستى، ئادەم سىياق ئالۋاستى .
- ئالۋاستى ؟ - قايتۇرۇپ سورۇدۇم قېرىدىن.
ئۇ ئازاپلىرىنى ئىسىگە ئالغان بولسا كىرەك كۆزىدىن ياش قان ئارلاش ئاقتى .
- مەن سۆزلەپ بىرەي ، بىزنىڭ قانداقلارچە بۇ جايغا كىلىپ، قانداق دەۋزەخ كۈنىنى كۆرۈپ، قانداقلارچە ئۈلۈپ كەتكىنىمىزنى سۆزلەپ بىرەي.
مەن ئۆزەمنى ئوڭشاپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئېغىزىغا تىكىلدىم ، ھەممىسى سۈكۈتتە ئىدى .
- بىز ئەسلى بۇ يەردىن خېلى يىراق بىر كەنىتتە ياشايتتۇق، كۈنىمىز يامان ئەمەس، ئاشلىق، سەي - كۆكتات تېرىپ، مال بېقىپ جان كەچۈرەتتۇق. بىر كۈنلەردە بالا - قازا كەلدى. تۇيۇقسىز يۇرتىمىزغا بىر توپ ئاتلىق بۇلاڭچىلار كىلىدىغان بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ بەك ياۋۇز ، قانخور ئىدى. ئۇلار ھەرقېتىم كەلسە خالىغان ئۆيگە كىرىپ يەيدىغان، كىيىدىغان، ئىشقىلىپ نىمە كۆزىگە چىرايلىق كۆرەنسە بۇلاپ ئېلىۋالىدىغان ھەتتا دېھقانچىلىق قىلىدىغان ئات - كالىلار ، ئازغىنە قوي - قوزىلارنىمۇ ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ كىتىدىغان بولىۋالدى. قارىشىلىق قىلىدىغانلار چىقسا قىلچە رەھىم قىلمايلا چېپىپ تاشلايتتى. بىزگە باش بولىۋاتقان باي تۆرەم ئۇلارغا مال - دۇنيا بىرىپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇپلا بىز بىلەن كارى بولمىدى. ھەتتا شۇلارنىڭ كەتمىنىنى چاپتى. ئاجىز دىھقانلار بۇنداق ۋەھشىيانە بۇلاڭچىلارغا قارىشىلىق قىلىشقا پېتىنالمايتتى چۈنكى، قارىشى چىققانلار تەڭ كىلەلمەي ھالاك بولدى. ئائىلىلىرى تالاپەتكە ئۇچۇردى. شۇنداق تۇرسا يەنە كىم قارىشىلاشسۇن، ھەممىسىنىڭ باقىدىغان خوتۇن - بالىلىرى، قارايدىغان ئاتا- ئانىلىرى بولغاچ ئۈلۈپ كەتسە نەچچە ئادەم ئىگە چاقىسىز قالاتتى. بارا - بارا بۇلاڭچىلار ھەددىدىن ئېشىپ قىز - ئاياللارنى بۇلاپ كىتىدىغان بولدى، نۇرغۇن ئائىلىلەر قان يۇتۇپ تۈگەشتى، بىزمۇ بەرداشلىق بىرەلمەي ئون ئائىلە بىر كىچىدە قالغان - قاتقان نەرسىلىرىمىزنى ئېلىپ يۇرتنى تاشلاپ قاچتۇق. نىشانىمىز يوق، بىر كىچىك يۇرتتىن چىقماي ئۆمۈر ئۆتكۈزىدىغان بىزدەك ئادەملەرگە سىرتلارنى كۆرۈش نىسىپ بولمىغاچ ھېچ يەرنى بىلمەيتتۇق. ھەممىمىز بولاڭچىلارنىڭ قوغلاپ كىلىشىدىن ئەنسىرگەچكە ھېچيەردە توختاشقا پېتىنالماي ھالىمىزدىن كەتكەندە موشۇ تاغنىڭ يېنىغا كىلىپ قاپتىمىز. دەل شۇ چاغدا يېنىمغا بىر كىچىك كارۋان كىلىپ قالدى. بۇ كارۋان دەۋزەختىن كەلگىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغانتۇق، ئۇلار بەش تۆگە، بىر ئىشەككە يۈك ئارتقان ئون ئادەم ئىدى. ئۇلارنى كۆرۈپ ھەيرانلا قالدۇق چۈنكى ئۇلاردىن يەتتىسى كۆك كۆزلۈك ، سېرىق چاچلىق بەسىتلىك غەلىتە ئادەملەر، ئىككىسى ئۇيغۇر ئىدى . بىز ئۇنداق كۆك كۆزلەرنى كۆرۈپ باقمىغاچقا ھەممىمىز داڭ قېتىپ قاپتىمىز ئۇيغۇر ئادەمدىن بىرى كىلىپ سۇ سورىدى، بەردۇق. قارىماققىلا ئۇلار ئۇسساپ ھالىدىن كەتكەنتى، سۇنى ئىچىپ بىر ئاز ئەسىلگە كەلگەندىن كىيىن كۆك كۆزدىن بىرى ئالدىمىزغا كىلىپ ھېجايغىنىچە كولدۇرلاپ بىر نىمىلەرنى دىدى، بىز ئۇنىڭ غەلىتە سۆزىدىن كۈلۈشۈپ كەتتۇق. ئۇمۇ بىزنىڭ كۈلگىنىمىزگە قاراپ كۈلدى، ئۇنىڭ غەلىتە كۈلىشىدىن ھەممىمىز تېخىمۇ قاتتىق كۈلدۇق. بىزنىڭ كۈلگىنىمىزگە قاراپ ئۇلارمۇ كۈلۈپ كىتىشتى ، بىر پەس كۈلكىدىن كىيىن ئۇيغۇردىن بىرى كىلىپ بىزگە ئۇنىڭ بايقى سۆزىنى چۈشەندۈردى، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئىسمى ھەسەن بولۇپ بايقىلار باشقى دۆلەتتىن كەلگەن بايلىق ئىزدىگۈچىلەركەن، ئۇ ئۇلارنىڭ تىلماچى يەنە بىر ئۇيغۇر ئادەم يولباشچى بولۇپ ئىسمى توختى ئىكەن. ئۇلار چۆللەرنى كىزىپ ، قۇملۇقلاردىن ئۆتۈپ، سۇلىرى تۈگەپ ئۈلەر ھالەتكە كەلگەندە بىز ئۇچۇراپتىمىز ، شۇڭا بايقى كۆك كۆز بىزگە تەڭرىسى ئەۋەتكەن قۇتقازغۇچىلار دەپ رەھمەت ئېيتىپتۇ . بىز شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا تېخىمۇ خەيرىخالىق قىلىپ يىمەكلىك بەردۇق، سۇ بەردۇق، ئۇلار كۈلۈپ ھېجىيىپ قۇرساقلىرىنى توقلاشتى، ھەممىمىز شۇ جايدا دەم ئالدۇق .ئۇلارمۇ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئۇقتى . ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا بۇ تاغ چوقىسىدىكى ئاندا - ساندا يۇلغۇن ، توغراقلارنى كۆرۈپ سۇ بارلىغىغا ھۆكۈم قىلىپ بىر قىسمىمىز ئۈستىگە چىقتۇق ، ئۈستى شۇنداق چىرايلىق بىر باغ ئىكەن. شىلدىرلاپ تۇرغان بۇلاقلار، ياۋا شاپتول، ياۋا ئالمىلار، جىگدىلىكلەر، ھەرخىل ھايۋان، ئۇچار قۇشلار … بۇ يەرگە قاراپلا مىھرىمىز چۈشۈپ قالدى. ھەممىسىنى باشلاپ چىقىپ ئورۇنلاشتۇق، ئەلىۋەتتە كۆك كۆزلەرمۇ بىز بىلەن تەڭ چىقتى. بىز تىزلا كىگىز ئۆي، گەمە ئۆيلەرنى ياساپ، قۇرساق بېقىشقا كىيىك، توشقان ئوۋلاپ كۈن ئۆتكۈزدۇق. بۇ ئوۋۇچىلىقتا كۆك كۆزلەر يامان ئىدى، ئۇلارنىڭ قولىدا ئۇزۇن غەلىتە كالتىگى بولۇپ بىر يەرنى تاتسا «پوڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تۆمۈر شارەك ئېتىلىپ چىقىپ ئوۋۇنى يىقىتاتتى، بىز بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ قاراپلا قالاتتۇق، لېكىن بۇنداق كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. ئاستا - ئاستا ئوزۇقلىرىمىز تۈگەپ بىز ئۇلارغا كۆپرەك تايانغاندا ئۇلار بىردىنلا ئۆزگەردى. يىمەكلىك ئۈچۈن ئۆزلىرى كۆرسۈتۈپ بەرگەن جايلارنى قېزىشنى شەرت قىلدى. بىز قازاتتۇق، ئۇلار قەغەزلىرىنى يېيىپ، ئۈستىدىكى بەلگىلەرنى ئۆلچەپ چوققىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بىزگە ئويۇشقا ئورۇن بەلگىلەيتتى، بىز ئەرلەر توختىماي ئىشلەيتتۇق، ئاياللار- قىزلار تاماق ئىتەتتى ، غەلىتە يىرى شۇكى ئۇلار كۆرسەتكەن جايلاردىن جەسسەت ھەم يۇغان ساندۇقلار چىقاتتى، ئۇلار ساندۇقلارنى ئاچقۇزماي ئۆزلىرى تۇرىدىغان گەمىلەرگە ئەكىردۈرەتتى . …
داۋامى بار…