گۇناھكار قەلىب (پوۋىسىت) 13- قىسىم

گۇناھكار قەلىب 

(پوۋىسىت) 13- قىسىم


   تاڭ سەھەر ئەركىن مەغرۇر قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىردى . ھەممەيلەن ھاڭ تاڭ قالدى. ئەركىن چاچ ساقالنى ئالدۇرغان بۇلۇپ خېلى سالاپەتلىك بۇلۇپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭ كۆزى تۇنجى بۇلۇپ خالنۇرغا تىكىلدى ، خالنۇر خېلى خوشالدەك كۆرۈنەتتى ، ئۇ سىنىپتىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئەركىن ھاراق تاماكىنى تاشلىدى ، قولىدىن كىتاپنى چۈشۈرمەيدىغان بولدى ، تاھىر ئۆگىنىش قىلدىغان كونا ئورۇنغا ئۇمۇ قېتىلدى ، تاھىر ، ئەركىن خالنۇر ئۈچەيلەن كۈندە بۇ ئورۇندا بىللە ئىدى . ئەركىننىڭ ئۆگىنىشدە كۈندىن كۈنگە ئىلگىرلەش بولىۋاتاتتى ، مۇئەللىممۇ بۇ ئۆزگىرىشكە ھەيران قالدى . ئەركىن تالاي قېتىم تاھىرغا :
-ئەگەر مۇشۇ مەۋسۈملۈك ئىمتاھاندا سەندىن يۇقىرى نومۇر ئالالىسام خالنۇر مېنىڭ بولىدۇ ، مەن چوقۇم سەندىن ئېشىپ كېتىمەن دېدى .
تاھىر شۇ كۈندىن باشلاپ ئەندىشىگە چۈشتى ، ئەجىبا خالنۇر شۇنداق پۈتۈشگەنمىدۇ ، ئەگەر ئۇ يۇقىرى نومۇر ئالسا خالنۇر راستىنلا ئۇنىڭ بۇلۇپ كېتەمۇ ؟ مەن قانداق قىلامەن؟ دېگەنلەرنى ئويلىدى . بىركۈنى تاھىر خالنۇر بىلەن پاراڭلاشتى . تاھىر خالنۇرغا :
- بۇ سىزنىڭ نېمە قىلغىنىڭىز ؟ سىز ئەركىن بىلەن سودىلاشتىڭىزما ؟ نېمىشقا بۇ سودىغا مېنى ئارلاشتۇرۋالىسىز ؟
- تاھىر بۇ سودا ئەمەس ، مەن سىزنىڭ كۈندە ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈشلىرڭىزدىن ، روھىڭىزنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكتىن بۇ ئامالنى ئويلاپ تاپقان ، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن بۇيان سىزمۇ ئارام تاپتىڭىز كۆڭلىڭىز جايىغا چۈشتى ، ئۇ ھەرقانچە سىزدىن يۇقىرى نومۇر ئالسىمۇ ، مەكتەپ بويچە بىرىنچى مۇنەۋۋەر بولسىمۇ مەن يەنىلا سىزنى ياخشى كۆرىمەن .
-سىز ئۇنداق دېسىڭىز كېيىن ئۇنىڭغا قانچىلىك زەربە بولىدۇ بىلەمسىز ، ئۇ تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ ، ئۇسىزگە ھەم ماڭا تېخىمۇ ئۆچ بۇلۇپ كېتىدۇ. سىز مۇشۇنداقمۇ ئويۇن ئوينامسىز ؟ خەقنىڭ ھېسىياتى بىلەن مۇشۇنداق ئوينىشامسىز ؟ سىز بۇ ئامالنى ئويلاپ چىققاندا نېمىشقا ماڭا دېمەيسىز ؟
تاھىرنىڭ قاتتىق ۋارقىراشلىرىدىن خالنۇر  سەل چۆچۈدى . خالنۇر يىغلاپ تۇرۇپ :
-شۇنداق مەن خاتا قىلدىم ، بىراق مەن ھەممىنى سىزنى دەپ قىلدىم ، سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ قىلدىم ، سىز بىلمەيسز ، ئەركىن ئەسلى مېنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن ھېلىقى كۈنى چاقىرىپتىكەن ، مەن مۇشۇ گەپنى دېگەچكە مەن ئامان قالدىم ، ئۇ مېنى دەپ مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كەلدى ، ھەم سىز بىلەن مۇشۇ نومۇر چېكى بىلەن دوئىلغا چىقماقچى . ئەجىبا قىلغىنىمنىڭ نەرى خاتا ؟ مەن ئۆزەمنى قوغداپ قېلىش بەدىلگە سىلەرنىڭ دوسلۇقىڭلارنى ئەسلىگە ئەكەلگىنىمنىڭ نەرى خاتا ؟
تاھىر ئۈندىمىدى ، خالنۇرنىڭ كۆزياشلىرى توختىمىدى ، خالنۇر يۈگۈرگەن پېتى كېتىپ قالدى ، تاھىر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدى ، ۋە ئۆزىنى خالنۇرنىڭ دىلىنى رەنجىتكەندەك ھېسىيات چىرمىۋالدى . ئۇزۇن ئۆتمەي ئەركىن كەلدى.
- نېمە يالغۇز تۇرۇپ كەتتىڭ ؟ خالنۇر قېنى؟ تېخىچە كەلمىدىما ؟
تاھىر ئۈندىمەيلا كېتىپ قالدى . ئۇزۇن ئۆتمەي پەرھات بۇ يەرگە كەلدى ، ۋە ئەركىنگە :
-مۇشۇنداق قىلساملا ھەممە ئىش تۈگەيدۇ دەپ قالدىڭما ؟ مېنىڭ پۇللىرىم قېنى ؟ قاچان قايتۇرسەن؟
- مەن بۇ قېتىم قايتىپ كېلىشىمدە تاھىرنى يېڭىپ خالنۇرنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم ، ئازراق مۆھلەت بەرگىن مەن ساڭا مۇشۇ ئىشلىرىمنى تۈگىتىپلا چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىمەن.
-ھا ،ھا ھا
پەرھات سەت كۈلدى ، ۋە ئەركىنگە:
- ھۇ قاباقباش ، مۇشۇنداق قىلساملا خالنۇر مېنى ياخشى كۆرىدۇ دەپ قالدىڭما ؟ ئۇسېنى ئالقىنىدا ئوينىتۋاتىدۇ بىلىۋاتامسەن؟ بۇ قانجۇق يامانكەن ، ئىككىڭنى ھەر كويغا سېلىۋەتتى دېسە ، ھەي بىچارە بايقۇشلار.
- كىمنى قانجۇق دەۋاتىسەن ؟
يىراقتىن تاھىرنىڭ سەت ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
- بىلىپ قوي ئۇ قانجۇق ئەمەس پەرىشتە ،  ئۇ ئازغان بىر بەندىنى داۋاملىق ئېزىشتىن توختىتالىدى ، قانجۇق دېسە سېنى دېسە بولىدۇ. ئەركىنگە نېمە گېپىڭ بولسا ئاۋۋال ماڭا دە! بىلدىڭما؟
پەرھات كۆرەڭلىك بىلەن تاھىرغا قاراپ :
-قاۋاپ بولدىڭما ؟ مەن ساڭا دەپ قوياي ، ئەركىن سېنىڭ ئاۋۇ قانجۇقۇڭ بىلەن ئوينايمەن دەپ مەندىن 10مىڭ يۈەن قەرىز ئالغان ، شۇ پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىش بولمىسا كۆگۈلۈكىڭنى كۆرسىتىمەن.
تاھىر پەرھاتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى
-نېمە دېدىڭ ؟
پەرھات تاھىرنى ئىتتىرۋېتىپلا كېتىپ قالدى ، تاھىر ئاچچىقىدا بىر نەچچىنى ۋارقىرۋەتتى
-ھا ، ھا ، ھا
تاھىرنىڭ بۇ ۋارقىرشىدا ئازاپلىنۋاتقانلىقىنى ، ياكى ئاچچىقلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتى .
ئەركىن جايىدا مىدىرلىيالمىدى ، ئۇ تاھىرغا تەسەللى بېرىش بەرمەسلىكنى بىلەلمىدى .
ئەركىن مۇنۇ گەپلەرنى قىلدى .
-كەچۈرگىن ئەسلى مەن ئەسلى قايتىپ كەلمىسەم بوپتىكەن ، ھەممىگە مەن ئەيىپلىك ئۇنىڭ ئازدۇرۇشلىرىغا كىرمىسەم بوپتىكەن ، مەن ئەسلى بۇ شەھەرگە كەلمىسەم بوپتىكەن ، ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن ، ساڭا نۇرغۇن ئاۋارچىلىق تېپىپ بەردىم ، خالنۇرنىڭ ھەم سېنىڭ دىلىڭغا ئازار بەردىم ، مەن ئادەم ئەمەس مېنى كەچۈرۋەت !
- بولدى قىل ، بولدى يىغلىما ، ھەممە گۇناھنى يالغۇز ئۈستۈڭگە ئېلىۋالما ، مەن تېخىمۇ ئازاپلىنىپ كېتىدىكەنمەن .
شۇ كۈنى بۇ ئىككى اوس قانغىچە يىغلاشتى ، قۇچاقلىشىپ بىر بىرىگە تەسەللى بېرىشتى ، بالىلىقتا ئۆتكەن قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەشتى . ھەم ئەركىننىڭ 10مىڭ يۈەننى بىللە غەملەشنى مەسلىھەتلەشتى .

سۆيۈملۈك ئوقۇرمەن بۇ ئىككى دوست يەنە بۇرۇنقىدەك ياخشى دوسلاردىن بولالامدۇ ، پەرھاتنىڭ 10مىڭ يۈەن پۇلىسىنى جەملىيەلەمدۇ ؟ خالنۇر بىلەن تاھىر يەنە بۇرۇنقىدەك ئۆتەلەمدۇ؟ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز ئەسىرىمنىڭ داۋامىدا بولسۇن
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
     





401 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-7 18:16:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ