يوقالغان قوشۇن - 2- قىسىم ھىكايە

يوقالغان قوشۇن

 

2-قىسىم

… metro ....

 

قارا ئېيىق«نىڭ ئۇشتۇمتۇت چاتقاللىققا كىرىپ كىتىشىدىن سادىر بۇۋاينىڭ كۆڭلى بىرەر ئىشنى سەزگەندەك بولدى - دە كەينىدىن ئەگەشتى ، دادىسىنىڭ كەينىدىن پولاتمۇ يۈگۈردى ، بۇلارغا دىققەت قىپ تۇرغان سېمىز ، پاكار ، قىزىل يۈز بەگ قاسىم ئىككى چوماقچىسىغا ئۇلارغا ئەگىشىشنى ئىشارەت قىلىۋىدى ، ئىككى چوماقچىمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگەردى .

 قاسىمبەگنىڭ ئاتتا ئولتۇرۇپ ئاغرىپ كەتكەن پۇتلىرىنى ھەركەت قىلدۇرغاچ مېڭىپ قۇمانداننىڭ يېنىغا كىلىپ ھىجايدى:

- خۇ قۇماندان ، سەپىرىمىز خېلى ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارىدۇ ، مېنىڭچە موشۇنداق سۈرئەتتە ماڭساق يىگىرمە كۈندە قۇملۇقتىن ئۆتۈپ بولىمىز ، قۇملۇقتىن ئۆتتۇق دىگەن گەپ مەنزىلغا يەتتۇق دىگەن گەپ.

خۇ قۇماندان قۇملۇقنى كۈچەپ قىزىتىۋاتقان قوياشقا قاراپ قويۇپ :

- ئوڭۇشلۇق بولسىلا بولاتتىغۇ ، كىم بىلىدۇ ، ئوق يىمەي تىك تۇرغان مەندەك بىر قۇماندان بۇ يەردە قۇم يەپ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرامدىم تېخى.  بىلمەيدىغان ئوخشايسەن قاسىمباي بۇ دىگەن ھالاكەت دېڭىزى ، ئامالنىڭ يوقىدا ماڭدۇق بۇ يولدىن، ئۇلار شۇنداق گەپلەرنى دىيىشىپ تۇرىشىغا <قارا ئېيىق> قاتتىق قاۋىدى. قوشۇندىكى ھەممىسى چاتقاللىققا تىكىلدى ، چۈنكى < قارا ئېيىق> سەپەرگە چىققاندىن بۇيان بىرەر قېتىممۇ قاۋاپ باقمىغان ئىدى. دەل شۇ چاغدا پولاتلارنىڭ كەينىدىن كىرىپ كەتكەن قاسىمبەگنىڭ ئادىمىدىن بىرى يۈگۈرەپ چىقتى - دە قۇماندان بىلەن قاسىمبەگكە دوكىلات قىلدى:

- بېگىم چاتقاللىق ئىچىدە ھايۋانلارنىڭ ئىسكىلىتى ھەمدە بىر نەچچە ھايۋاننىڭ جەسىتى باركەن. ھايۋانلار يېڭىلا ئۆلتۈرۈلگەندەك قىلىدۇ ، كۆرۈپ باقسىلا ، بەك قورقۇنۇچلۇق ئۆلتۈرلىپتۇ.

 قاسىم بەگنىڭ كۆزلىرى يۇغان ئېچىلىپ كەتتى :

- نىمە ، نەدە ، مېنى باشلاپ بار!!!

 قاسىمبەگ چاتقاللىققا ئالدىراش ماڭدى. كەينىدىن بەش - ئالتە قولچاماقچىسى مىلتىقلىرىنى كۆتەرگىنچە ئەگەشتى .

- دادا ، نىمە ئىش بوپتۇ ؟- بەگنىڭ 19 ياشلاردىكى كىچىك قىزى گۈلنەزەر دادىسىنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. دادىسى قىزغا قاراپمۇ قويماي چاتقاللىققا كىرىپ كەتتى. قاسىمبەگ ئادەملىرى بىلەن سادىر بۇۋايلارنىڭ يېنىغا بېرىپلا ئالدىدىكى قانلىق مەنزىرىدىن ھەيرانلا قالدى ، ئالدىدا يۇلغۇن ، قومۇش ، چاكاندا ، يانتاقلىقلار ئارسىدا ئىسكىلىتلار چېچىلىپ ياتاتتى. بىر پارچە يەر قانغا بويالغان بولۇپ قان ئارسىدا بىر نەچچە ھايۋاننىڭ پارچە - پارچە بولۇپ كەتكەن جەسسەتلىرى چېچىلىپ تۇراتتى. <قارا ئېيىق> ئەتىراپتىن بىر خىل قورقۇنۇچلۇق پۇراقنى سەزگەندەك بوش غىڭشىغىنىچە ئۇياق - بۇياق يۈگۈرۈپ يۈرەتتى. پولات بىلەن سادىر بۇۋاي جەسسەتلەر ئارسىدىكى بىر ئىزغا قاراپ ئولتۇراتتى.

 - بۇ نىمە ئىش؟ - قاسىمبەگ بۇ مەنزىرىدىن چۆچىگىنىچە سادىر بۇۋايغا يۈزلەندى. بۇۋاي تېڭىرقىغانچە ئورنىدىن تۇردى:

- مەنمۇ بۇنداق مەنزىرىنى ئەمدى كۆرۈشۈم ، مەنمۇ ھەيران قېلىۋاتىمەن.

 قاسىمبەگ تېخىمۇ ھەيران قالدى :

- نىمە سەن ئۆمۈرۈڭنى قۇملۇق كىزىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم بىلمىسەڭ كىم بىلىدۇ ، بۇ نىمە ئىسكىلىتلار ، ماۋۇ ئۆلگەن ھايۋانلار كىيىكتەك قىلامدۇ نىمە؟

 سادىر بۇۋاي بەگكە سوغۇق قاراپ قاراپ:

 - بېگىم ، جاھاننىڭ قوينى كەڭ ، مۆجىزىلىرى ، ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلىرى جىق. مەن ئەۋلىيا ئەمەستە ،- بۇۋاي بىر كىچىك تىنىۋېتىپ گېپىنى داۋام قىلىپ مەيداندىكى پاجىئەنى پەرەز بىلەن تونۇشتۇردى ، - مېنىڭچە بۇ يەردىكى ئىسكىلىتلار ھەر خىل ھايۋانلارنىڭكەن ، ماۋۇ ، بۇ ، يەنە … ئاۋۇلار كىيىكنىڭكەن لېكىن بۇلارمۇ پارچە - پارچە تۇرىدۇ ، ماۋۇ … يەنە بۇ قۇلاننىڭ ئىسكىلىتىكەن ، ماۋۇ ياۋا ئىشەكنىڭكىدەك قىلىدۇ ، بۇ ئىشكىلىتلار بىرسىمۇ پۈتۈن ئەمەس ، خۇددى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر نەرسە پارچىلىۋەتكەندەكلا.

 قاسىمبەگ گەپكە قوشۇق سالدى :

- بۆرە توپىغا ئۇچۇردىمۇ - يە؟

 سادىر بۇۋاي بېشىنى چايقىدى :

- ياق ، ئۇنداق ئەمەس ، بۇ ئىسكىلىتلار ئارسىدا بۆرىلەرنىڭ ئىسكىلىتىمۇ كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ ، ئۇلارمۇ ئوخشاش پارچىلىۋېتىلگەن ، مانا ماۋۇنىڭغا قارىسىلا ماۋۇ ئالتە كىيىكنىڭ جەسسىتى ، مېنىڭچە كىچە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمدا قېچىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي شۇنچە يېقىن ئەتىراپتا پارچىلىنىپ ، بىر قىسمى مەلۇم بىر غايەت زور جانلىق تەرپىدىن يىيىلىپ ئاشقانلىرى تاشلىنىپ قاپتۇ ، ماۋۇ ئىزغا قارىسىلا … بۇ نىمىنىڭ ئىزى بولغىيىتى مەن موشۇ ياشقا كەلگۈچە كۆرۈپمۇ باقماپتىمەن ، بەك چوڭ ئىزكەن ھەم ناھايتى چوڭقۇر پېتىپتۇ. يەنە سۈرۈلىپ ماڭغانمۇ ئىز باركەن ، مېنىڭچە بۇ مەخلۇقنىڭ ئىگىزلىگى قەدەم ئارلىقىدىن قارىغاندا ئۈچ مىتىر ئەتىراپىدا ، ئېغىرلىغى ئىككى توننا ئەتىراپىدا بولىشى مۇمكىن.  لېكىن ئىزى ھېچقانداق ئىزغا ئوخشىمايۋاتىدۇ. قاسىمبەگ بىلەن ھەمىرالىرىنىڭ قورقۇنىچتىن چىرايلىرى تاتىرىپ كەتتى. گۈلنەزىرە قورۇقنىدىن دادىسىنىڭ قولىغا يېپىشتى ، پولات قىزغا قاراپ مەسخىرلىك كۈلۈپ قويدى.

 - سادىرۋاي ، تولا يوقىلاڭ ھىكايە توقۇپ باشقىلارنى ساراسىمىگە سالما ، نەدىمۇ بۇ قاقاس قۇملۇقتا ئۇنداق ھايۋان بولسۇن ، بارمۇ دەيلى ئۇ قانداق ھايۋان ؟

سادىر بۇۋاي قاسىمباينىڭ قورقىۋاتسىمۇ ئىشەنمىگىنىدىن ئانچە غەيرىلىك ھېس قىلمىدى ، چۈنكى بۇ قۇملۇقنىڭ ئاجايىپ - غارايىپ ۋەقەلىكلىرىنى ، راۋايەت ، مۆجىزىلىرىنى بۇ بىكارتاپ ، ئاقنانچى قانداقمۇ بىلسۇن.  شۇنىڭ بىلەن بۇۋاي يەنە چۈشەندۈردى :

- قۇلاق سالسىلا بېگىم ، ئەڭ ئېنىق پاكىتلار ئالدىلىرىدا تۇرۇپتۇ ، بۆرە توپى ئەڭ كۈچلۈك، شۇلارمۇ ھالاك بوپتۇ. كىيىك توپى ئەڭ تىز قاچالايدۇ.  لېكىن ئۈلگۈرەلمەي پارچىلىنىپ يەم بوپتۇ. بۇ جەسسەتلەرنىڭ پارچىلانغان يىرىگە قارسىلا ، غايەت زور بىر كۈچتە قىسىلىپ ئۈزۈلۈپتۇ. ھېچقانداق تىتىلغان يىرى يوق ،ئۇستىخانلىرىمۇ شۇنداق ، ئىسكىلىتلاردىن قارىغاندا بۇ ئىسكىلىتلار بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا ئۆلگەن ھايۋانلاركەن. ئەگەردە موشۇنداق ۋەھشى بىر گۆشخور مەخلوق موشۇ ئەتراپنى قۇرىتىۋەتمىسە ، بۇ ئۆلگەن جەسسەتلەرنىڭ پۇرىقى ھازىرغىچە بۆرە ، تۈلكە ياكى ئۇچار ھايۋانلارنى چىللاپ كەلمەسمۇ ، گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە خۇ قۇماندانمۇ بەش ئادىمىنىڭ ھەمىرالىغىدا يىتىپ كەلدى. ھەمدە ھەيران قالدى ، قاسىمبەگ ئەھۋالنى سادىر بۇۋاي دەپ بەرگەندەك چۈشەندۈرۈپ ئۈلگۈردى.  خو قوماندان بۇ گەپلەرگە ئىشەنمەي مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ سادىر بۇۋايغا قاراپ:

- ھەي بۇۋاي ، نىمە ئۇ مەخلوق دىگەنلىرىڭ ، سەن بەك قورقۇپ كەتكەندەك قىلىسەن ، خاتىرجەم بول بىزدە بۇلا بولسا ، - دىدى مىلتىقنى كۆرسىتىپ ھېلىغۇ ئۇ مەخلوقىڭكەن ئاسماندا ئۇچىدىغان ئەجدىھا بولسىمۇ قورىقمايمىز -ھە ،- دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپ قويدى.  قاسىمبايمۇ ئۇنىڭ كۈلكىسىگە جۆر بولدى، لېكىن كۆڭلىگە قۇرقىنچ چۈشتى. قورقمىسا بولامتى ھەممە ئەھۋال كۆز ئالدىدا ئايان بولۇپ تۇرسا، دەل شۇ چاغدا ئەسكەردىن بىرى يۈگۈرۈپ كەلدى ھەمدە قۇماندانغا تاماق تەييار بولغىنىنى خەۋەر قىلدى. قۇماندان < يۈرۈڭلار تاماق يەيمىز > دەپ كەينىگە بۇرۇلدى.  ھەممىسى ئەگەشتى ، سادىر بۇۋاي بىلەن پولات قومۇشلۇق ئارسىغا قارىۋېتىپ ئاستا كەينىگە ياندى.  < قارا ئېيىق> مۇ تۇمشۇقىنى سۇزۇپ ئەتىراپنى پۇراپ بېقىپ غىڭشىپ ئاۋاز چىقارغانچە ئىگىسىنىڭ كەينىدىن يۈگەردى . بۇ قوشۇننى قانداق قىسمەت - تەقدىرلەر كۈتىۋاتىدۇ ، ئۇلار قانداق بالالارغا ئۇچۇرار … قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن …

 2015-9-23





2572 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-23 22:54:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-8 12:03:08 abdrahman
yukalgankoxon
2015-9-27 19:30:41 munisa
Dawamini kaqan koramiz yahxi asarkan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ