ۋىسال تاپمىغان سۆيگۈ
3 - قىسىم ئاپتۇرى: نەفىسە
شۇنداق قىلىپ ئۇلار يۈرۈپ كەتتى ، بىر بىرسىنى بەك ياخشى كۆرەتتى ، ئۇلار بىر بىرىنى بىر كۈن كۆمىسە چىداشمايتى ، ئۇلاغا ھەممىسى ھەۋەس قىلاتتى. بەخىت تىلەيتى.
تاڭ ئاتاي دەپ قالدى ، رەنا تىخىچە ئويغاق ئىدى ، ئۇنىڭ كاللىسىدىن ھەممە ئىشلار كىنو لىنتىسىدەك ئۆتمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىششىپ تولا يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن ئىدى ، تاڭ ئىتىشقا ئازقالغاندا ئۇ ئۇخلاپ قالدى ، رەنانىڭ ئۆيدىكىلىرى سەھەردىلا قوپۇپ مىھمان كۈتۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدى، رەنا خىلى ۋاقچى ئورنىدىن تۇردى ، ئۇ ئورنىدىن تۇرىشىغا ئاپىسى كىرىپ:
- قىزىم بۈگۈن سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرگىن ، دىدى.
رەنا جاۋاپ بەرمىدى ، ئۇنىڭ گەپ قىلغۇسى يوق ئىدى. ئاپىسىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى. رەنا تەييارلىق قىلىپ سىرىتقا ماڭدى، ۋە ھۇجرىسىدىن چىقىپ ئۆيلەرنىڭ نەچچە كۈندىكىدىنمۇ بەك رەتلىك تۇرغىنىنى ھەم مىھمانخانا ئۆيدىكى ئۈستەلنىڭمۇ لىققىدە نازۇ نېمەتلەر بىلەن توشتۇرۇلغىنىنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدى ، ئاپىسى ئۇنىڭ ھەيران بولغىنىنى كۆرۈپ چاققانلا:
- ھە بالام، بۈگۈن ئۆيگە يىراقتىكى تۇققانلار كەلمەكچى دىدى.
رەنا جاۋاپ بەرمەيلا ئۆيدىن چىكەتتى، ئۇنىڭ پەقەت گەپ قىلغۇسى يوق ئىدى. ئاپىسى بولسا رەنانى چىقىرۋىتىپ بۈگۈن ئۆز مەخسىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى، بۈگۈن ئاچىسىنىڭ ئوغلىغا رەنانى ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن ئەلچى كەلمەكچى ، رەنانى تۇققانلىرىغا بەرمەكچى ئىدى. رەنا ئۆيدىن چىقىپ يەنە كونا جايغا ماڭدى، ئۇيەرگە بىرىپ ئىككىسى دائىم بىللە ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.
ئۇ ئولتۇرۇپ خىيالغا پاتتى، ئۇنىڭ يۈرىكى بىر شۇملۇقنى سىزىۋاتاتتى ، بۈگۈن ئۆيىدىكى ئىشلار، ئۆيگە زادى كىم كىلىدىغاندۇ؟ ھىچ ۋاقىت سىرىتقا چىق دەپ باقمىغان ئاپىسى بۈگۈن ئۇنى سىرىتقا قوغلاۋاتاتتى. ئۇ بۇ ئىشلاردا چوقۇم بىر شۇملۇق بار دەيتى، ئۇ گۇمانلانغانسىرى يامان خىياللار ئۇنى چىرمىۋالغان ئىدى. تۇيۇقسىز تىلفۇننى سايرىدى ، شىرزات ئىدى.
- ۋەي ، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم1
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، دىدى رەنا ئاستاغىنە.
- نىم بولدۇڭ رەنا؟ بىرەر ئىش بولدىمۇ؟
رەنا ئۆزىنىڭ گۇمانىنى دەي دىدىيۇ لىكىن شىرزاتنىڭ كۆ ڭلىنىڭ يىرىم بولۇشىنى خالىماي چاندۇرماستىن سەل مىجەزىم يوق دىدى.
- رەنا سەن نەدە؟
مەن كونا جايدا .
- ھە ئەمسە ساقلاپ تۇر ، مەن ھازىرلا بارىمەن .
- ھە ماقۇل.
رەنا تىلفۇننى قويىۋىتىپ ئۆزىنى سەل ئوڭشىۋالدى ، ئۇنىڭ شىرزاتقا گۇمانلىرىنى چاندۇرغۇسى يوق ئىدى ، شىرزات كەلدى ، ئىككىسى قۇچاقلىشىپ ئولتۇردى.
- جىنىم ئەنسىرىمە چوقۇم ئامالى بولىدۇ دەيتى شىرزات ، لىكىن ئۆزىمۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتاتتى ، رەنانىڭ تىلفۇننى سايراپ كەتتى ، قارىسا ئۆيدىكىلەر ئۇرغان ئىدى ، ئۇنىڭ تىلفۇننى ئالغۇسى يوق ئىدى. شىرزات جىنىم تىلفۇننى ئال دىگەندىن كىيىن ئالدى ،
-ۋەي قىزىم ئۆيگە قايتىپ كەل ، دىدى ئاپىسى.
رەنا ھە دەپلا تىلفۇننى قويىۋەتتى ، ئۇنىڭ يۈرىكى تىخىدىنمۇ بەك بىر ئەنسىزلىكنى سىزىۋاتاتتى ، ئۇلار خوشلۇشۇپ ئۆيگە قايتى ، رەنا ئۆيگە قايتقۇچە بىر خىل ئەنسىزلىك ئىچىدە ھەر خىل خىياللارنى قىلىپ باقتى ، ئۇ ئۆزىنى يەنە نىمە ئىشلارنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىنى بىلمەيتتى ،
رەنا ئۆيگە كىردى، دادىسى ئاپىسى بەك خۇشال كۆرۈنەتتى، رەنا ئۇدۇل ھۇجرىسىغا ماڭدى ، رەنا ھۇجرىسىغا كىرىپ يەنە خىيالغا پاتتى ، ئۇ ئۆيدىكى ئىشلارنى ۋە ئۆيدىكىلەرنى بىنورمال ھىس قىلىۋاتاتتى ، ئۇ خىيال بىلەن ئولتۇراتتى ، تۇيۇقسىز ئىشىكنى ئىچىپ ئاپىسى كىردى ، رەنانىڭ قىشىغا كىلىپ ئولتۇردى.
- قىزىم دىدى ئاپىسى مۇلايىملىق بىلەن ، سىنى گۈلجامال ئاپاڭنىڭ ئوغلى نەزەر گە بىرىدىغان بولدۇق ، ئۇلار بەك دەپ كەتتى ، بۈگۈن شۇلار ئەلچىلىككە كەپتۇ، بىزمۇ تۇققان بولغاندىكىن ماقۇل بولدۇق ، قىزىم توينى توختۇتۇپ بولدۇق.
رەنانىڭ بىشىدىن تۈتۈن چىكەتتى ، ھەر قانچە بولسىمۇ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى، ئۇنىڭغا پۈتۈن ئالەم قاراڭغۇ بىلىنىۋاتاتتى ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى ، ئۇ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى ، ئۇ ئىتىلىپ يىغلاپ كەتتى. ئاپىسى ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ چىدىمىدى، چىدىمىسىمۇ قانداق قىلىدۇ.
رەنا ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى يىپىۋىلىپ قاتتىق يىغلىدى، ئۆيدىكىلىرىمۇ ھىچ ئامال قىلالمىدى، رەنانىڭ ئەمدى ياشىشىنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغان ئىدى ، ئۇ شىرزاتسىز قانداقمۇ ياشىسۇن ، ئۇ شىرزاتتىن باشقىغا قانداقمۇ تىگەلىسۇن ، شىرزات ئۇنىڭ بارلىقى ھاياتى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدۇ ، رەنا بىر كىچە يىغلاپ چىقتى تاماقمۇ يىمىدى ، ئۇنىڭ گىلىدىن غىزا ئۆتەتتىمۇ ، ئۇ نەچچە قىتىم شىرزاتقا تىلفۇن قىلماقچىمۇ بولدى. لىكىن شىرزاتنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئەنسىرىدى ، يەنىلا ئۆزى بىر ئامال قىلىشنى تاللىدى. شىرزات تىلفۇن قىلدى ، رەنا تىلفۇننى ئىلىپ ئارانلا ۋەي دىيەلىدى.
- جىنىم، نىم بولدۇڭ دىگىنە؟ ئاۋازىڭ نىمانچە بوش چىقىدۇ.
- شىرزات...... رەنا ئۆزىنى تۇتىۋالالمىدى ، بۇلدۇقلاپ يىغلاپ كەتتى ، ئاۋازىمۇ چىقماي قالدى ، شىرزاتنىڭ يۈرىكى ئىچىشىپ كەتتى. رەناغا بىر ئىش بولغىنىنى سەزدى.
- جىنىم نىمە بولدى ، نىمانچە يىغلايسەن ؟دىگىنە.
- شىرزات جىنىم،.. مىنى... مىنى ئاپاملا باشقىلارغا بىرىدىغانغا دىيىشىپتۇ ، توينى مۇشۇ ئاينىڭ 26 سىگە توختۇتۇپتۇ. دىگىنە، مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟
رەنا شۇنداق يىغلاپ كەتتىكى بۇ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق يۈرەك ئىزىلاتتى ، شىرزاتمۇ يىغلاپ كەتتى، بىر تەرەپتىن رەناغا تەسەللى بىرەتتى، لىكىن ئۆزىنىمۇ قەتتى تۇتىۋالالمىدى، تەقدىرنىڭ نىمىشقا شۇنچە رەھىمسىزلىك قىلىدىغىنىدىن ئاغرىناتتى، بۇ ئىككى ياشنىڭ يۈرەكلىرى پارچە پارچە بولۇپ كەتكەن ئىدى ، ئاھھ تەقدىر نىمىدىگەن رەھىمسىز ھە ! بۇ ئىككىسى بىر بىرىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى ، ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس تەقدىر ئۇلارنى ئايرىماقچى. بولۇپ بولغان ئىشلاغا بۇلار ئەمدى قانداقمۇ ئامال قىلالىسۇن ، رەنانىڭ كۆزىدىن ياشلار ھىچ توختايدىغاندەك قىلمايتى. ئاپىسىنىڭ يۈرەكلىرى ئىزىلىپ كەتتى، يۈرەك پارىسىنىڭ بۇنداق ئازاپلىنىشىغا قانداق چىدىسۇن ، لىكىن ئەمدى ئورنىغا كەلمەيتى ، ئاپىسى ھىلىھەممۇ ئۇ نىيىتىدىن يانغىنى يوق.
شىرزاتمۇ كىچىچە ئۇخلاپ باقمىدى ، ئۇنىڭ ھازىرقى ھىسياتىنى ھىچكىم چۈشەنمەيتى ، ئۇنىڭ يۈرەكلىرى ئىزىلىپ كەتتى، نىمىشقا تەقدىرنىڭ شۇنچە رەھىمسىزلەرچە بۇ ئىككىسىنى ئايرىۋىتىدىغىنى بىلەلمىدى ، ۋاقتى كەلسە جىنىنىمۇ بىرەتتىغۇ ، ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس بۇلاردا . ئامال قانچە؟ ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئەمدى ئاياقلىشارمۇ؟ مەن رەناسىز كۈنلەرگە قانداق كۆنەرمەن ، ئاھ ئىگەم بىزگە نىمىشقا بۇنچە رەھىمسىزلىك قىلىسەن؟ شىرزات يىغلاۋاتاتتى، ئۇ شۇنچە قەيسەر ئىدى ، لىكىن ئۇ قانداقمۇ يىغلىماي تۇرالىسۇن ، ھەي تەقدىر ھەي تەقدىر ، يەنە قانچىلىغان ئاشۇق مەشۇقلارنى ئايرىۋىتەرسەن ھە !
داۋامى بار ......
1514 قېتىم كۆرۈلدى | nafisa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-13 17:16:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|