قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 16- قىسىم

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 

2- بۆلۈم 16- قىسىم

www.yazghuqilar.com

ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)


« قورۇققانغا قوش كۆرۈنۈپتۇ » دىگەندەك بۇنداق جەزىرىدە قورقۇنۇچلۇق ، غەلىتە ئىشلار بىلەن بىر كىچىنى يالغۇز ئۆتكۈزگەن گۈزەلنۇرنىڭ ۋۇجۇدىنى ئۈلۈم ۋەھىمىسى بىلەن قورقۇنىچ چىرماپ كەتكەچكە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچلىق ، ئۇسسۇزلۇق قىينىغاچقا  ئۆزىنىڭ بۇ جايدا ئاچارچىلىق ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۈلۈپ كەتمىسىمۇ، قورقۇپ ساراڭ بولۇپ قالدىغانلىغىنى جەزىملەشتۈردى . ئۇ باشقا كەلگىنىنى كۆرمەكچى بولۇپ ، لىغىرلاپ قالغان ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپلا خالىغان يۆلۈنۈشكە قاراپ ماڭدى ، ئۇ ماڭغان يۆلۈنۈش جەنوپ تەرەپ بولسىمۇ ئۇنى گۈزەلنۇر پەرىقلەندۈرۈپ كىتەلمىدى ، ئۇ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا كەينى تەرەپتىن بىر شەپىنى سەزگەندەك بولدى -دە ئىتىك كەينىگە بۇرۇلدى ، كەينىدىن  ئالتە - يەتتە كىيىك ئۇ تەرەپكە ئۇقتەك كىلىۋاتاتتى ، ئەزەلدىن شەھەردە ياشاپ كىلىۋاتقان بۇ قىز بۇنداق ھايۋاننى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاچقا دەسلەپتە ھاڭ - تاڭ قالدى ، كىيىكلەر شۇنچىلىك تىز يۈگىرىپ كىلىۋاتاتتىكىن ئۇلارنىڭ پۇتى يەرگە تەگمەيۋاتقاندەكلا كۆرىنەتتى . گۈزەلنۇر بۇ ھايۋانلار يېقىنلاپ كەلگەندىلا ئۇلارنىڭ قورقۇپ ۋاقىرغىنىچە بېشىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۋالدى ، كىيىكلەر شۇ پېتى ئۇدۇل كەلگەنىچە گۈزەلنۇرنىڭ باش تەرپىدىن ،  سەكىرەشكەن پېتى ئۆتۈپ قۇم - شېغىل چاچىرتىپ بىردەمدە كۆزدىن غايىپ بولدى ، گۈزەلنۇر بۇنداق تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ ، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە غايىپ بولغان بۇ نەرسىلەرگە ھەيرانۇ ھەس بولغان پېتى قارىغىنىچە جايىدىلا ئولتۇراتتى ، « توۋۋا ،» دەۋەتتى ئۇ ، « قانداق ھايۋانلار بولغىيتتى بۇ ، بۇلارنىڭ ئورنىدا بۆرە بولغان بولسا نىمە قىلۋېتەتتى مېنى …» ئۇنىڭ ئۆزى ئويلىغان خىيالىدىنمۇ بەدىنى شۈركۈنۈپ كەتتى . دىمىسىمۇ بۇنداق جاڭگالدا بۆرە يوقلىغىغا كىم جەزىم قىلالايدۇ . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىكلەر ماڭغان تەرەپكە قاراپ ماڭدى ، ئۇ كىتىۋېتىپ كۆزى جىرا ئەتىراپىدىكى چوقچىيىپ تۇرغان چوققىلارغا چۈشكەندىن كىيىن كۆڭلى پاللىدە يورۇپ كەتتى ، « ئەجەپ بۇلاردىن بىرەسىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ، ئەتىراپقا قاراپمۇ باقماپتىمىنا !» دەپ ئويلىدى ئۇ ، « كىم بىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقساملا ھەمىراھلىرىمنى تاپالايمەنمۇ تېخى » .
 ئۇ بىردىنلا تىتىكلىشىپ ئۆزى چىقماق ئاسان ھەم ئىگىزكەن دەپ قارىغان بىر چوققىغا قاراپ ماڭدى ، ئۇ چوققا يىراقاراق يەردىن «مۇنداقلا» قىلىپ چىقىۋالغۇدەك ئاسان كۆرۈنگەن بىلەن يېنىغا بارغاندىن كىيىن بەكلا ئىگىزلىگى ، بوران يالاشتىن سىلىقلىنىپ سېپىلدەك بولۇپ كەتكەنلىگى گۈزەلنۇرنى لاسسىدە قىلىپ قويدى . گۈزەلنۇر چوققا يېنىدا تۇرۇپ ئەتىراپقا قاراۋېتىپ ، بايىلا كىيىكلەر چىپىشىپ كەلگەن جايدىن يۈگۈرۈشۈپ كىلىۋاتقان يەتتە - سەككىزدەك ھايۋاننى كۆرۈپ قالدى ، ئۇ نەرسىلەر كىيىكلەر باسقان ئىزنى قوغلاپ كىلىۋاتاتتى .
« بۇلار نىمىلەر ئەمدى ؟» گۈزەلنۇر ئۇلارغا قاراۋېتىپ چۆچۈپ كەتتى ،  ئۇ نەرسىلەر ئىتقىلا ئوخشايتتى ، گۈزەلنۇر ئەزەلدىنلا ئىتتىن قورقاتتى .ئۇ ئۆزىنى چەتكە ئالدى ، « بۇ جاڭگالدىمۇ ئىت باركىنا » ئۇ شۇنداق ئويلاۋېتىپ يۈرۈگى « جىغ » قىلىپ قالدى ، « ياق !» دەۋەتتى ئۇ ئىچىدە « ئۇ ئىت ئەمەس ، ئۇ … ئۇ بۆرىمۇ نىمە ؟ » گۈزەلنۇر كىچىگىدە بۆرە دىسە يىغلاشتىنمۇ توختايتتى ، بۆرە دىسە كەپسىزلىك قىلىشتىنمۇ قورقاتتى ، كىيىن دادىسىدىن بۆرە قانداق بولىدۇ دەپ سورىغىنىدا ، دادىسى ئۇنىڭغا ئىتقا ئوخشايدۇ دەپ بۆرىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ قويغانتى .  گۈزەلنۇر بۆرىلەر ئۇ بايىلا تۇرغان جايغا يېقىنلىغاندا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ قېچىپ چوقىنىڭ يان تەرپىگە ئۆتتى ، تەلىيىگە بۇ چوققا بەك چوڭ دائىرىدىمۇ بولمىغاچقا ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغۇدەك جاي چىققانتى .
 بۆرىلەر ئۇنىڭ ئۇددۇلسىغا يىتىپ كىلىپ سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى . گۈزەلنۇرنىڭ ئۆزى دالدىدا بولسىمۇ يوچۇقتىن قاراپ كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئۈزمەيۋاتاتتى ،كۆڭلىدە ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بايقىيالماي ئۆتۈپ كىتىشىنى تىللەيتتى ،لېكىن قېرىشقاندەك بۆرىلەر بىردىنلا جايىدا توختاپ ئىز پۇراپ ئۇياق - بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى . ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشى گۈزەلنۇرنىڭ يۈرۈگىنى ئېغىزىغا تىقىپلا قويدى . بۆرىلەر ئىزلارنى پۇراپ كەينىگە يېنىشتى ، ھەم بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن يان تەرەپكە چىقىپ ئۇ كىچە تۈنىگەن ھېلقى كامارغا كىرىپ چىقىشتى ، دىمەك ئۇلار گۈزەلنۇرنىڭ ھىدىنى ، يەنى ئادەم ھىدىنى پۇراپ قالغانتى . بۆرىلەر كامار ئەتىراپىدا تۇرۇپ بەس - بەستە تۇمشۇقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ھاۋادىن ھىدىنى ئىزدەشكە باشلىدى ، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەركىتىدىن كۆزىنى ئۈزمەيۋاتقان گۈزەلنۇر ئەمدى بۇ يەردە بۇنداق يۈشۈرنىشنىڭ  كار قىلمايدىغانلىغىنى ، ئۇلارنىڭ ھىدىنى قوغلاپ بۇ يەرنىمۇ تېپىۋالدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ يەتتى .
 تايىرلار ئەتتىگەن ئۇيغۇنۇپلا كەلگەن يولىغا يەنى گۈزەلنۇرنى يۈتۈرۈپ قويغان جايىغا قاراپ ئاتلاندى ، دىلبەر كىچىچە ياخشى ئارام ئالالمىغاچ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈزەلنۇردىن قاتتىق ئەنسىرگەچكە ھالى سۇلغۇن ئىدى ، ئۇلار ۋاقىت ئىسىراپ قىلماسلىق ئۈچۈن بەزىلىرى كىتىۋېتىپ ، سۇ ، نان بىلەن ئازاراق ناشتا قىلۋېلىشتى ، بەزىلىرىنىڭ كۆڭلى ئارامىدا بولمىغاچ نەرسە يىيىشكىمۇ رايى بارمىدى . تايىر كىتىۋېتىپ سۈيىدىن بىر ئاز ئىچكەندىن كىيىن ، بىر ئىشتىن ئەنسىرگەندەك ، مەغرور دەسسەپ كىتىۋاتقان مۇبارەكتىن سورىدى :
- سىزدىن سوراپ باقسام ،سىزنىڭ يۇرتىڭىز بىزدىن يەنە قانچىلىك يىراقلىقتا ؟ ئېلىپ ماڭغان سۈيىمىز ئاز قەپتۇ !
 قىز كۈلۈمسىرەپ قويۇپ جاۋاپ بەردى :
- يەنە ئۈچ كۈنلۈك يول !
- نىمە ؟ - دەۋەتتى تۇرغۇن ، - سۈيىمىز بۈگۈن يەتسىمۇ  ئۈچ كۈنگىچە ئۈسۈزلۈقتىن بۇ جەزىرىدە ئۈلۈپ قالمامدۇق ؟
- ئۈلۈپ قالمايسىلەر ! مەنلا بولسام ئۈلمەيسىلەر ! -دىدى قىز .
 قىزنىڭ قەتئىلىك بىلەن ئېيتقان گېپىدىن ئۇلار بىر ئاز خاتىرجەم بولغان بولدى ، كەينىدە كىلىۋاتقان سەمەت يەنە ئۇلارنى ئەنسىزلىككە  چۈشۈردى .
- ئەگەردە گۈزەلنۇرنى تاپالمىساقمۇ ، بۇۋاينى ئىزدەپ بارامدۇق ؟
 بۇ سۇئالغا نىمە دىيىش كىرەك ، بۇ ئادەمنى غەش قىلىدىغان سۇئال بولسىمۇ بۇ تەرپىنىمۇ ئويلاپ قويۇش كىرەكتە ! بۇنداق جاڭگالدا ئادەمنى يۈتۈرۈپ قويۇپ تېپىۋېلىش تەلەي كەلگەندىن باشقا  ئىش ئەمەس ، سەمەتنىڭ سۈزى ئاخىرلىشىشىغا دىلبەر ئاچۋىقتا ئۇنىڭغا قارىدى .
-نىمە دىگىنىڭىز ئۇ تاپالمىساق دىگەن ؟ نىمىشقا تاپالمىغۇدەكمىز ؟
سەمەت دىلبەرنىڭ ھېسىياتىنى ئويلىمايلا دەپ سوراپ سالغان سۇئالىدىن خىجىل بولۇپ دەرھال كەچۈرۈم سورىدى .
- كەچۈرۈڭ دىلبەر ! مەن ئۇ مەقسەتتە دىمىگەن ئىدىم!
ئۇنى ئوڭايسىزلىقتىن قوتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۇرغۇن دەرھال ئېغىز ئېچىپ گەپنى بۇرىدى .
- قارىسام كىيىملىرىڭىز ئۆزگىچىكەن ،- دىدى ئۇ مۇبارەككە قاراپ ،- ئوقيا ئىشلىتىدىكەنسىز ، قارىماققىلا … بۇنداق دىسەم رەنجىپ قالماڭ ھە ، دىمەكچى بولغىنىم قارىماققىلا سىز …
- قارىماققىلا قەدىمقى زامان ئادەملىرىدەك تۇرامدىم ؟ - ئۇنىڭ سۇرىماقچى بولغان سۇئالىنى تارتىۋېلىپ مۇبارەك سورىدى . تۇرغۇن قىزنىڭ ، كۆڭلىدە ئويلىغىنىنى بىلۋالغىنىدىن ھېجايدى :
- ھەئە !
- بىزنىڭ ياشاۋاتقان زىمىن ، تۇرمۇش سىلەردىن ئايرىلغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ قائىدە - نىزامىمىز تەلىپى شۇنداق بولغاچقا موشۇنداق .
- قىززىق ئىش ،- دىدى تۇرغۇن ، - ھازىر پەن - تېخنىكا شۇنداق تەرەققى قىلدى ، بىزنىڭ ئىلغار تەكشۈرەش ، كۈزۈتۈش سۈنئى ھەمىراھلىرىمىز بار ، ئۇ سۈنئى ھەمىراھلار دۇنيانىڭ بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ تەكشۈرەپ تۇرىدۇ ، ئۇلار ئەجەپ بۇ تەكلىماكان قولتۇقىدىكى سىلەرنىڭ يۇرتنى  بايقىماپتۇ دىسە!
ئۇنىڭ سۇئالىدىن قىز كۈلدى .
- بۇ سۇئالىڭىزغا ۋاقتى كەلگەندە جاۋاپ تېپىۋالىسىز !
ئىسكەندەرمۇ ئويلىغىنىنى دىدى .
- مېنىڭ چۈشىنەلمىگىنىم سىلەرنىڭ ئۇ يۇرت تەكىلماكاندا دۆلىتىمىز يادرو سىنىقى قىلغاندىمۇ زەربىگە ئۇچۇرمىدىما؟
قىز ئۇنىڭ سۇئالىغىمۇ كۈلۈپ قويدى .
- سىزمۇ ئالدىرماي چۈشۈنۈپ قالىسىز !
- سىلەر بىزنىڭ ياشاۋاتقان تۇرمۇشىمىزنى ، تەرەقىيات ، شەھەرلىرىمىزنى ، ئايرۇپىلان ، پاراخۇتلىرىمىزنى بىلەمسىلەر ؟- تۇرغۇن قىزىقىپ سورىدى :
- نىمە ؟ سىز بىزنى ھىمالايا ياۋا ئادىمى دەپ قالدىڭىزما؟- قىز كۈلۈپ سورىدى .
- ياق ، ياق شۇ سوراپ باقتىم ،- ئۇ قىزنىڭ يەنە كۆڭلىدىكىنى تېپىۋالغىنىدىن ھەيران بولۇپ ھىجايدى .
- بىز سىلەرنىڭ سىلەر بىلمەيدىغا ن  ، مەخپىي تەتقىق قىلۋاتقان تېخنىكا ، قورال ، ئۈسكىنىلىرىڭلارغىچە بىلىپ تۇرىمىز ، ئوقيا ئىشتىلىتىشىمىزدىن ھەيران قىلىۋاتىسىز ، توغىرا ، سىلەردە ھازىر ئىلغار قوراللار بار ئەمەسمۇ ؟ دەپ بېقىڭە شۇ قوراللار مېنىڭ بۇ ئوقيايىمچە ئالۋاستى يوقىتالامدۇ ؟ تۇرقۇمغا قاراپلا باھا بەرمەڭ  بىز ياۋا ئادەم ئەمەس ھە !
تۇرغۇن ئوڭايسىزلىنىپ ھىجايغاچ گەپنى بۇرىدى :
- ئەمىسە سىز ياۋا ئادەم كۆرۈپ باققانمۇ؟
- ياۋا ئادەم ؟ - قىز كۈلدى ، - ياۋا ئادەم ئادەتتىكى نەرسە ، سىلەر ئىنسانلار ئويلاپمۇ كۆرۈپ ئەمەس باقمىغان ھايۋانلارنىمۇ كۆرگەن !
- نىمە ؟ موشۇ قۇملۇقتىما ؟ شۇنداق ياۋا ئادەم ھەم شۇنداق ھايۋانلار بارما؟ - ئىسكەندەرنىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتا يۇغىراپ كەتتى .
- ھەئە بار ، ئالدىرماڭ كۆرىسىز !
ئۇلارغا قىزنىڭ سۆزلىرى غەلىتە ، سىرلىق بىلىنىپ يەنە نىمىلەرنىدۇ سورىماقچى بولىشقانتى ، قىز « ئۈشش » قىلىپ بىگىز بارمىغى بىلەن ئېغىزىنى توساپ ، سورىماڭلار دىگەندەك بەلگە بەردى- دە  كۈلۈمسىرەپ قويدى ، يىگىتلەر قىزنىڭ نىمىشقا ئۇنداق قىلغىنىنى چۈشىنەلمەي جىم بولۇشۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتى .
  گۈزەلنۇر بۆرىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەتىراپتىن بىر پاناھ جاي ئىزدەشكە باشلىدى ، تەلىيىگە چوققىنىڭ ياماشقىلى بولغۇدەك يانتو كەلگەن  يىرىنى كۆرۈپ قالدى ، بۆرىلەر ئىز قوغلاپ قايتىپ  كىلىشتى ،ھەمدەگۈزەلنۇر كىيىكلەردىن قورقۇپ ئولتۇرۋالغان جايدىن ھىد قوغلاپ ئەتىراپقا بۆلۈندى ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتىدىن ئۇلارنىڭ كىيىكلەردىن ۋاز كىچىكىپ گۈزەلنۇرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىغى بىلىنىپ تۇراتتى . گۈزەلنۇر ئالمان - تالمان يانتولۇققا كەلگەندە ،قورۇققىنىدىنمۇ ياكى  ئالدىراپ كەتكىنىدىنمۇ تۇيۇقسىز پۇتى تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشتى ، ئۇ يىقىلغاندىكى شەپە بۆرىلەرنىڭ دىققىتىنى تاتتى ، گۈزەلنۇر ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ بۆرىلەرگە قارىدى ، بۇ چاغدا  بۆرىلەر ئۇنى سىزىپ، ئۇ تەرەپكە قاراپ ئېتىلىنغانتى .
 « تىز بولۇشۇم كىرەك ، تىز ئۈستىگە چىقىۋالساملا ئۇلار يىتىشەلمەيدۇ »مۇشۇ ئوي بىلەن ئۇ يانتولۇققا ياماشتى ، لېكىن بۇ نازۇك قىز ئازاراق چىقىپلا سىرىلىپ چۈشتى ، سىرىلگەندە چوققىدىن بوران يۇمشاق توپىسىنى يالاپ ، قالدۇرۇپ قويغان تاش - شېغىللار ئۇنىڭ ئالقان بىلەكلىرىنى سۈرۈپ قان چىقىرۋەتتى ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرغىنىچە بۆرىلەر توپىغا قارىدى  ، بۆرە توپى ئۇنىڭغا يېقىنلاپلا قالغانتى ، ئۇ سۈرۈلۈپ قان تەپچىپ تۇرغان بىلەكلىرى بىلەنمۇ كارى بولماي يەنە يانتولۇققا ياماشتى ، ئۇ شۇنچىلىك تىز ھەركەت قىلسىمۇ ئەزەلدىن بۇنداق    جايلارغا چىقىپ باقمىغاچقا ، ھەركەتلىرى قولاشماي تەڭپۇڭلىغىنى ساقلىيالمايۋاتاتتى ، شۇنىڭدىمۇ  كۈچەپ تىرىشىشقا باشلىدى ، ئامال يوق ،بىر بولسا ئۈستىگە چىقىپ جېنىنى ساقلىشى كىرەك ، يا بىر بولسا بەل قويۋېتىپ بۆرىگە يەم بولىشى كىرەك .كىمنىڭمۇ بىر توپ ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرىلەر ئېغىزدا پارچە - پارچە بولۇشنى خالايدۇ . ئۇ يانتولۇقتا تىرىشىپ - تىرمىشىپ  ئۈچ مىتىرچە ئۆرلىگەن ۋاقتىدا بۆرىلەرمۇ ئۇنىڭ ئاستى تەرپىگە يىتىپ كىلىشتى ، دەسلەپتە كەلگەن بۆرە  گۈزەلنۇرنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن كەلگەن پېتى سەكىرەپلا يانتولۇققا ياماشتى ، ئۇنىڭ ئورنى گۈزەلنۇر بىلەن بىر يېرىم مىتىر ئارلىققا توغىرا كەلدى ، گۈزەلنۇر يامىشۋېتىپ بۆرىدىن بىرىنىڭ ئۆزىگە يىقىنلاپ  قالغىنىنى كۆرۈپ قورۇققىدىن ، كۆزلىرىدىن ياشلىرى تاراملاپ چىقىشقا باشلىدى ،   پۇت - قوللىرى بوشاپ سىرىلىپ چۈشكىلى قىل قالدى .  ئۇ ، بۇ چاغدا دادسىنى ئەسكە ئالدى ، دادىسىنى بەكمۇ سېغىندى ، دىلىدا توختىماي « دادا، دادا… !» دەپ نىدا قىلىشقا باشلىدى ،كىم بىلىدۇ ئەمدى شۇ سۆيۈملۈك دادىسى بىلەن ئانىسىنى كۆرەلەمدۇ يوق .  بۆرە يانتولۇق بويلاپ گۈزەلنۇرنىڭ پۇتى تەرەپكە كەلدى -دە ئۇنىڭ پۇتىنى نىشانلاپ كۈچەپ سەكىرىدى ، ئۇنىڭ ئېغىزى گۈزەلنۇرنىڭ پۇتىغا ئاز قالغاندا گۈزەلنۇر پۇتىنى ئىتتىك يۆتكىۋالدى ، بۆرە ئۇنى چىشلىيەلمەي  توختاشقا ئۇرۇندى لېكىن كۈچەپ سەكىرىگەچكە تەڭپوڭلىغىنى ساقلىيالماي پەسكە چۈشۈپ كەتتى ، ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان باشقا بۆرىلەر ھەمىراسىنىڭ ھۇجۇمىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىغانلىغىنى كۆرۈپ ، بۇ ئولجا ئۈچۈن ئىككىسى يەنە يانتولۇققا ياماشتى ،باشقىلىرى  مۇۋاپىق جاي ئىزدەشكە باشلىدى ، بۇ ۋاقىتتا گۈزەلنۇرمۇ بەش مىتىردەك ئۆرلەپ مەزموت بىر  گىرۋەككە دەسسەپ بولغان ئىدى . ئىككى بۆرە گۈزەلنۇر دەسسەپ چىققان جايلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆرلەشكە باشلىدى . گۈزەلنۇر بۆرىلەرنىڭ قەدەممۇ - قەدەم يېقىنلاپ كەلگىنىدىن ، ئۆزىنى بىر سەكىرەپلا چىشلەپ ئېلىپ چۈشۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئىلگىرلىمەكچى بولدى لېكىن ، تەقدىر ئۇنىڭ بىلەن ئويناشقاندەك ، ئۇنىڭ يولىنى يەنە ئەتتى ، ئۇ تۇرغان جاينىڭ ئۈستى تەرىپى تىككىدە بولۇپ ، قول بىلەن تۇتقۇدەك بىرەر گىرۋەك ياكى دەسسىگىدەك يوچۇقمۇ يوق ئىدى ، بۇنداق جايدىن بىر قىز ئەمەس خېلى چىۋەر يىگىتمۇ چىقالمايتتى .  ئەمدى قاچقۇدەكمۇ يەر تاپالمىغان قىزنىڭ  پۈتۈن بەدىنى تىتىرەپ كەتتى ،ئۆپكىسى ئاغىزىغا تىقىلىپ ئاچچىق يىغا تۇتتى ، ئۇ ئاۋازىنى قويىۋېتىپ ھۆكۈرەپ بىر يىغلىۋەتتى ، لېكىن ئۇنىڭ يىغلىشى بىلەن بۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ پەرۋايى پەلەكتە ، گۈزەلنۇر پەسكە قارىدى ، بۆرىلەرنىڭ ھەممىسنىڭ كۆزى ئۇنىڭدا ئىدى ، « تەقدىرىمگە پۈتۈلگىنى موشۇ بولسا كىرەك !» دەپ ئويلىدى ئۇ  ياشلىرىنى مۈرىسىگە سۈرتىۋېتىپ ، « ئاھ خۇدا ، مېنى ئامان قىلغايسەن ! مەن بەك قورقىۋاتىمەن!»
 بۆرىلەر قىزنىڭ ئىلگىرلىيەلمەي توختاپ قالغىنىدىن خوش بولۇشقىنىچە چىشلىرىنى ھېڭگايتىپ خىرىس بىلەن ئۇنى قىستاپ كىلىشكە باشلىدى .

داۋامى بار…
     





2532 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-16 13:52:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-5-23 17:58:40 ئەنۋەرجان
قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ئاخىرنى قاچانمۇ يوللارسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ