پەرزەنت نالىسى 2 - قىسىم

 پەرزەنت نالىسى  ئىككىنجى قىسىم
 ئەكبەر ئەركىن 


  مەن بۇ سۆزنىڭ راستلىقىغا قەتتى ئىشەنمىدىم، ئامال قانچە رىيانلىق ھەر قانچە ئاچچىق بولسىمۇ ئۇ ھامىنى ئەمەلىيەت تۇرسا. خۇشال غەم ئەندىشىسىز كۈنلىرىم ئاخىرلىشىپ، چىھرىدىن كۈلكە كەتمەيدىغان ئېلىجاندىن ئەمدى ئۆزگۈرۈپ خىيالچان ئاجىز ئېلىجانغا ئايلاندىم.
 ئايلار يىللارنى قوغلۇشۇپ ئۆتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە  ئاپام مەندىكى ئۆزگىرىشلەرنى سەزدى بولغاي مېنى يېنىغا تارتىپ :_بالام بۇنداق ئۆزىڭنى تاشلىما، ھازىرقى داداڭ گەرچە ئۆگەي بولسىمۇ ئۇسېنى بېقىپ چوڭ قىلدى ، ئەگەر ئۇ بولمىسا سەن نەدە؟ مەن نەدە؟ ياخشى ئويلاش بالام، دېدى _دە چىقىپ كەتتى.   شۇ ئەسنادا ئاللاقاياقلاردىن دۇر نۇرغۇن خىياللار كاللامنى ئورىدى. دېمىسىمۇ ھازىرقى دادامنىڭ ئۆز دادامدىن نېمە پەرقى، مېنى ئاچ قويماي ئۇچامنى پۈتۈن قىلىپ توققىزىمنى تولۇق قىلىپ بېرىۋاتسا مەن يەنە نېمە قالايمىقان خىياللارنى قىلىمەن دېگىنىمچە ئورنۇمدىن قۇپۇپ كەتتىم.  لېكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى يەنىلا بىرىنى سېغىناتتى.  
  ئۇزۇن ئۆتمەي ئاپام ماڭا پەۋقۇللادە بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى يەنى ئۆز دادام ئەتە مەن بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغىنىنى ئېىتقىنىدا كۆڭلۈم قەۋەتلا شاتلىققا چۆمدى.  ئەتىدىكى بولىدىغان ۋەقەلەرنى نۇرغۇن تەرەپلەردىن خىيال قىلىپ باشقا چاغلاردا شۇنچە ئۇزاققا سوزۇلغان تۈننىڭ بۈگۈن بۇنداقلا تېز ئاخىرلىشدىغانلىقىنى  ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.تاڭمۇ ئاتتى دادام بىلەن كۆرىشىدىغان جايغىمۇ كەلدۇق.   ئۇ ئاللىبۇرۇنلا بۇ جايغا كېلىپ بىزنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپ تىكەن.  ئۇ مىنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە يىراقتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ مىنى باغرىغا باستى،پاھ بۇ قانداق ھېسيات؟ مەندە ئەقلىمنى بىلىپ ھازىرغا قەدەر كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ھىسيات ھۇجۇدۇمدا ئۆرتەنمەكتە ئىدى.  بۇ ئۆز دادامنىڭ يەنى تومۇرۇمدىكى مۇشۇ مېنى قۇچاقلاپ تۇرغان كىشنىڭ  ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىمدا  ئۇنىڭ مېنى مەڭگۈ قويىۋەتمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلاتتىم. قەلبىم ئۇزۇندىن بېرى كۈتكەن ئادىمىنى تاپقان ئىدى. نېمىدىگەن بەخىتلىك مېنۇتلا بۇ دەپ ئۇيلاتىم ئۆز-ئۆزۈمگە. ئەمما بۇ ۋاقىت تولمۇ قىسقا ئىدى.  قىزغىن كۆرىشىش ئاياقلىشىپ پاراڭغا چۈشتۇق. دادام مەندىن قايتا-قايتا ھازىرقى دادامنىڭ ماڭا قانداق مۇئامىلىدە ئىكەنلىكىنى سورايتى،    مەن پەقەت ياخشىلام دىيەلىدىم.  دادام ئۆزىنىڭ ھازىر ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولغانلىقىنى يەنە بىر قىز بىر ئوغلىنىڭ بارلېقىنى  ئېيىتتى. تېخى شىركىتىمۇ بار ئىكەن. تۇرمۇشى ئنتاھىن ياخشى ئىكەن. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا چىدىمىغانلىق بىلىپ قالدىم، ئۇ ماڭا كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ مېنى ئەپ كېتىپ يېنىدا ئۆزىگە ياردەملەشتۈرۈش خىيالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى لېكىن ئۇنىڭمۇ ھازىر ئۆيى بولغاچقا بۇنىڭغا ئامالسىزلىقىنى ئېيتىپ بېشىنى پەسكە ساڭگىلىتىپ ئولتۇردى. مەن ئۇنىڭ ئوڭەيسىزلىنىپ قالغانلىقىدىن بىئارام بولۇپ:
_ مەن ئاپامنىڭ قېشىدىن كەتمەيمەن، ئۇ مېنى بېقىپ چوڭ قىلدى، ئۇنىڭ ئەجىرىنى تا ئاخىرقى تىنىقىمغىچە قايتۇرمەن.-دېدىم
  كۆرىشىش ئاخىرلاشتى. بىز خوشلىشىپ ئۆيگە قايىتتۇق. ئۆيدە دادام يالغۇز ئولتۇراتتى. قارماققا ئۇ ئىنتاھىن خاپا ئىدى. لېكىن بىزگە ھېچنىمە دېمىدى.
  ئەتىسىدىن تارتىپ ئەھۋال باشقىچە بولدى، دادامنىڭ ماڭا بولغان مۇئامېلىسى تۈپتىن ئۆزگەردى.  نېمە ئىش قىلسام ئۇنىڭغا زادى يارمايدىغان، ماڭا قاراپ بىرەر قېتىممۇ كۈلگىنىنى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدىم. مەن كۆپ ئويلاشتىم، مەن  دادامنىڭ ئالدىدا نېمە ئىشنى خاتا قىلغان بولغۇيتۇم، ئۇ مەندىن نېمىشقا خاپا؟  بۇنى زادىلا چۈشەنمىدىم.  
  بىر كۈنى ئۇ مېنى كۆڭلۈم خالىمايدىغان بېر ئىشنى قىلىشقا زورلىدى، مەن كىچىكىمدىن مېجەزىم جاھىل بولغاچقا بۇ ئىشقا زادى ئۇنىماي تۇرۋالدم، ئۇ ئاچچىقىدا قولىغا چىققانلىكى نەرسىنى ماڭا ئېتىپ:«ھۇ ھاراملىق سەن چوڭ بولىۋىلىپلا مەن دېگەن گەپنى ئاڭلىماس بولدىڭمۇ؟ مەن ساڭا بەرگەن ئاش-نېنىمغا رازى ئەمەس مەن. يوقال ھېلىقى داداڭنىڭ يېنىغا يوقال» دېدى .
 مەن ئۇنىڭ نېمىگە خاپا بولغىنىنى ئەمدى چۈشەندىم. ئۆيدىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتتىم. ئۇ ماڭا تا ھازىرغىچە بۇنداق مۇئامىلدە بولۇپ باقمىغان ئىدى. مەن ئۇددۇل جەمىئەتتىن تۇتىۋالغان دوستلىرىمنىڭ يېنىغا باردىم ھەم بولغان ئىشلارنى دەپ يىغلاپ كەتتىم. ئۇلار «يېنىڭدا بىز با ئاداش كۆپ ئويلىما» دېدى ۋە قولىدىكى ھاردقنى ماڭا تەڭلەپ «مۇشۇنى ئىچسەڭ ھەممە ئىشلارنى ئۇنتىيسەن، پەقەت مۇشۇلا سېنىڭ قەلىب ياراڭنى داۋالىيالايدۇ» دېدى. مەن ھاراقنى قولۇمغا ئېلىپلا كۆزۈمنى يۇمۇپ ھەممىنى ئېچىۋەتتىم.

داۋامى تەييارلىنىۋاتىدۇ...
ئۈندىدار2629888235
     





504 قېتىم كۆرۈلدى akpar430 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-29 21:11:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-19 16:10:46 گۈلى
ئ‍اخىرى قاچان چىقىدۇ؟
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ