…مەن بۇ ھىكايەمنى تاماكىنىڭ زىينىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ تاشلاشقا قادىر بولالمايۋاتقان بىر دوستۇمغا ئاتايمەن، ئۇنىڭ ئۆزىگە داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلماسلىقىنى شۇ سەۋەبلىك تېخىمۇ ئېغىر خاتالىققا يول قويۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن !
پۇشايمان
ئاپتۇرى (211)
ئەتىگەندىن بېرى گېلىنى بىرى سىقىۋالغاندەك بىئارام بولۋاتقان ئەركىن ھايات كەچمىشلىرىنى بىرمۇ بىر كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى .ئۇ. ئۆزىنىڭ بۇ غېربانە كۈلبىدە يالغۇز قېلشىنى ئۆزىدىن ،ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىدىنلا كۆرەتتى . ئەركىننىڭ كىچىك چاغلىرى ئىدى ،تۇغلىشىدىن ئاتا مىھرىگە قانمىغان ، ئانىسىنىڭ زار -زار يىغلاشلىرىنى كۆرۈپ قەلبىگە ئۆچمەنلىكنىلا پۈكۈپ كەلگەن ئەركىن يېرىم كېچىگىچە ئۆيگە قايتىپ كەلمەيدىغان ،تۈن يېرىمىدا ئۆلگۈدەك ھاراق تاماكا بۇراپ كىلىپ بىگۇناھ ئانىسىنى ھارغۇچە دۇمبالايدىغان دادىسىغا ھەقىقەتەن ئۆچ ئىدى .دادىسى ئۆيدىكى بارلىق پۇلنى كەيىپ ساپغا تۈگەتكەچكە ئۇنىڭ ئوقشىمۇ توختاپ قالغان بولۇپ تېخى 14-15ياشقا كىرگەن بالا ئائىلىنىڭ پۈتۈن يۈكنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى .
شۇ تەرىقىدە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى ، ئاتا قىلغان ئىش بالىغا ئىرسىيەت قالامدۇ ياكىباشقا سەۋەپ بارمۇ ئەركىنمۇ چوڭ بولغانسېرى پات پات ئۆيگە كەچ قايتىدىغان بەزى كۈنلىرى ھەتتا كېچىكېچىلەپپ ئۆيگە قايتمايدىغان بولۋالدى ،ئانىسىنىڭ يۇمشاق تەربىيلىرىمۇ قوپال نەسىھەتلىرىمۇ ئۇنىڭغا كار قىلمايتتى ،بىر كۈنى ئانسى ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇۋېتىپ ئۇنىڭ يانچۇقىدا بىر قاپ تاماكىنى بايقاپ قالدى ،بىچارە ئانىنىڭ بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ تاياققا چىداپ كېلىشى مۇشۇ يالغۇز ئوغلى ئۈچۈن ئەمەسمىدى ؟ ! بۇ دەرتلەر ئىچىگە سىغمىغان ئانا ئۇزاق ئۆتمەي كىسەل سەۋەبىدىن قازا قىلدى. دادىسى بولسا ھاراقنى كۆپ ئىچكەننى ئازدەپ زەھەرلىك چىكىملىك چەككەنلىكتىن يېرىم كېچىدە مەھەللە دوقمىشىدا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قېلىپ قايتا ئويغىنالمىدى .مۇسىبەت ئىشلىرى بىرەر قۇر تۈگىگەندىن كېيىن مەھەلىدىكىلەر مەسلەھەتلىشىپ ئەركىننى ئۆي ئوچاقلىق قىلپ قويدى ،ھەي ئەپسۇس بۇنداق چىكەرمەن كىشىنىڭ قولىدا ئايال تۇرامدۇ دەيسىز؟ ئۇ ئاتا - ئانسى تۈگەپ كىتىپ ئۇزاق ئۆتمەي يەنە زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان ئىدى ، شۇسەۋەبلىك ئىجتىھاتلق ئايالى تىجەپ يىغقان پۇللارنى مەجبۇرى ئېلۋېلىپ زەھەر چىكەتتى بۇزۇلۇمغا چىدمىغان ئايال ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن ئوغلىنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمىدى ،كىين ئەركىننى زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكىلەر ئېلىپ كەتتى ،ئاتا -ئانسى ھايات تۇرۇپمۇ يىتىملىك دەردىنى كۆپ تارتقان ئەركىننىڭ ئوغلى ئەخمەت دارلىتامغا ئاپىرۋىتىلدى.
مانا ئىككى يىل ئۆتۈپ ئەركىنمۇ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن چىقتى، ئۇ دەرھال بېرىپ بۇرۇتلىرى خەت تارتىشقاباشلىغان ھەققى ئوغۇللارغا خاس غۇرۇر جسمىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان ئوغلى ئەخمەتنى كۆرۈپ تونىيالمىغىلى تاس قالدى ،ئۇ ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ قانغۇچە يىغلىدى بىراق ئەخمەتنىڭ كۆزىدىن بىر تامچىمۇ ياش چىقمىغان ئىدى . ھەئە ئۇمۇ دادىسىدىن نەپرەتلىنەتتى ئۆزنىڭ ئىللىق بىر ئائىلىسىنىڭ يوقلىقىدىن خورلۇق ھېس قىلاتتى ، بىردەملىك ئەھۋال سورشىشتىن كىيىن ئەركىن ئوغلىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتى شۇنچە يىللاردىن بېرى ئادەم تۇرمىغان ئۆي خۇددى قەدىمكىلەردىن قالغان ئاسارە -ئەتىقىگلا ئوخشاپ قالغان ئىدى ، ئۇلار ئۆيلەرنى بىر قۇر تازلىۋەتكەندىن كىيىن ئاددىيلا تاماق قىلىپ قورساقلىرنى تويغۇزۇشتى .
-ب-بالام -ئەركىن نىمنىدۇر دىمەكچى بولغاندەك ئەخمەتكە قاردى ۋە:-تاماكا دىگەن بۇ نەرسىنى سەن بولساڭمۇ ز ئاغزىڭغا ئالما بىرلا چەكتىڭمۇ ئۆزۈڭنى تارتالمايدىكەنسەن ئىلگىرى بوۋاڭ رەھمىتى ماڭا شۇنداق تەربىيە قىلسا ئاڭلىماپتىكەنمە بولمىسا بۇ ئىشلارمۇ يۈز بەرمەس ئىدى ... ئەركىننىڭ كۆزلىرى ياش يۇقى ئىدى ئۇ ئوغلىغا سەپ سالدى ،ئەخمەت بولسا ھىچ نەرسىنى ئاڭلىمغاندەك پەرۋاسىز قىياپەتتە ئولتۇراتتى ،راست ئۆزى ئەمەل قىلماي تۇرۇپ باشقىلارغا تەربىيە قىلسا كىممۇ ئاڭلىسۇن كەچمۇ كىرىپ قالغان ئىدى ،ئىككەيلەن جىمجىتلا ئۇيقىغا كېتىشتى ، تاڭ سەھەر خورازلار بەس بەستە چىللاپ ئەركىننى ئويغاتتى ئەخمەت بولسا ئاللا بۇرۇن چىقىپ كەتكەن ئىدى .ئەركىن ئەخمەتنىڭ نەگە كەتكىنىنى بىلمەيتتى ،كەچ كىرىپ ئۇقايتىپ كەلگندىمۇ ئىرشكىنى پەقەت«تولا كوچىلاپ سوراۋەرمىسەڭچۇ كىچىك بالنى سوراق قىلغاندەك »دىگەن سوغۇق جاۋاپ بولدى خالاس ..
كۈنلەر شۇتەرىقىدە ئۆتىۋەردى ،ئەخمەت ھەركۈنى ئەتىگەن چىقىپ كېتىپ تۈن تەڭدىن ئاشقاندا قايتىپ كېلەتتى . بىركۈنى ئەركىن ئىلگىرىكى كونا دوسلىرى بىلەن ئۇچىرشىپ قالدى ،ئۇلار ئەركىننىڭ ئەھۋالنى سورغاچ ئۇنىڭغا تاماكا تەڭلىدى ئۇ رەت قىلغان بولسىمۇ دوسلىرى مەجبۇرلاپ ئاخىرى ئۇنى چەككۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە كونا ئادىتىنى باشلىدى، دوسلىرى ئۇنى ھەرخىل نەرسىلەرگە ززورلايتتى. ئۇنمىسا ئەركەك ئەمەس دەپ مازاق قىلاتتى، ئۇ يەنە زەھەرگە كۆنۋالدى .ئۇمۇ ھەركۈنى ئۆيىگە كەچ قايتىدىغان بولدى. بىراق ئەخمەت ئۆيگە كەلمەسلا بولۋالغان ئىدى ،ئەركىن ئۇنى ئىزدەپمۇ يۈرمىدى، بىركۈنى بىر نەچچە چارلىغۇچى ساقچى چارلاش جەريانىدا ئەركىنلەرنىڭ ئاغنىللىرى بىلەن ئولتۇرۇش قىلدىغان جايىنى بايقاپ قالدى ۋە ئۇلارنى تۇتۇپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ قويدى ،ئەركىن ئىشىكتىن قەدمىنى ئېلىپ تۇرۇپلا قالدى ،،ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىششىقا باشلىغاندى، توغرا ئۇنىڭ كۆرگىنى خاتا ئەمەس دەل ئۇنىڭ ئوغلى ئەخمەت ئىدى ئۇ نەشتەردەك سوغۇق نەزرى بىلەن دادىسىغا ياق بۇ ياتاقدېشىغا قاراپ تۇراتتى . كىيىن ئەركىننىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماي ئۇيەردىن مۇددەتتىن بۇرۇن چىقىپ كەتتى دوختۇر ئۇنىڭغا تاماكىنى كۆپ چەككەنلىكتىن ئۆپكە كاردىن چىققان دەپ دىئاگىنۇز قويدى شۇندىن كىيىن ئۇ ساناقلىق كۈنلىرنى دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزدى ،ئۇنى يوقلايدىغان بىرمۇ كىشى يوق ئىدى ………
22015-يىل 88-ئاينىڭ24 -كۈنى
ئەي يىگىت سەن پۇل خەجلەپ قانچىلىك گۇناھ ،قانچىلىك زەھەرنى سۈمۈرۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن؟ ئويلاپ قوئاتا قىقىلقى ئوغۇلغا مىراس ،سەن ئۆزۇڭ قىلىپ تۇرۇپ بالاڭغا نەسىھەت قىلساڭ يارشامۇ………؟! 211
2112 قېتىم كۆرۈلدى | ئامىنگۇل ئەكبەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-24 18:14:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-10-12 13:02:03 | arzu |
bak. yahxi. ka |
2015-10-10 0:55:08 | xabnam |
man burun okigan bu asarni . |
2015-10-10 0:53:29 | xabnam |
man burun okigan bu asarni . |
2015-10-10 0:53:27 | xabnam |
man burun okigan bu asarni . |
2015-9-20 12:12:33 | abdusalam |
hakekatan yahxe temekan |
2015-9-11 12:44:22 | @@@ |
راسلام تەسىرلىك،تەربىۋى ئەمىيەتىكە ئىگىكەن. |
2015-9-3 10:26:47 | @@@ |
ھىكايە تولىمۇ تەسىرلىك يېزىلىپتۇ، ئاپىرىن! بىراق باشقۇرغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىمۇ ياكى يازغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىمۇ ئەسەر ئابزاس بۆلەكلەرگە ئايرىلماپتۇ، ئوقۇرمەن بىر ئوقۇغانچە ئاخىرىغا كىلىپ توختىسا ھېرىپ كەتكۈدەك (*^ω^*) |
2015-8-29 14:26:55 | 阿里木 |
很好 |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|