يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 2 - قىسىم

يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 2 - قىسىم


زۇرفى 


    مانا ئوقۇغۇچىلار  ئايرىلغىنىغا بىر يىلغا يىقىن بولغان ئانا تۇپراققا دەسسىدى ،  ئۆز يۇرۇتنىڭ ھاۋاسىنى نىمدىگەن ياخشى ھە ، قاينام تاشقىن بولغان ئادەم دىڭىزىغا ئوخشايدىغان بۇ ۋوگزالدىن كىرىپ چىقىۋاتقانلار ناھايتىمۇ كۆپ ئىدى . ئوقۇغۇچىلارمۇ بىرنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىپ ئاتا ئانىلىرى ۋەياكى ئۇرۇق تۇققانلىرى بىلەن جەم بولماقتا ئىدى .
زىلال …    زىلال تەستە يۆتكەپ كىتىۋاتقان قەدەملىرىنى توختۇتۇپ كەينىگە قارىدى.
ئۇنىڭ كەينىدىن ئىز بىسىپ كىلۋاتقان مۇختەر - قانداراق تۇرسىز  ؟ كەچۇرۇڭ بەك سەت بولدى ئاخشام ……  گىپىنىڭ ئاخىرى تۇگمەستىلا زىلال گەپ يىردى - نىمىگە كەچۇرۇڭ دەيسىز ، مەن سىزگە رەھمەت دىسەم بولىدۇ ، پويىزغا چىققاننىڭ ياقى قىزىتىپ مىجەزىم بەكلا يوقتى ، سىز ماڭا ياردەم قىلدىڭىز رەھمەت مۇختەر سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم . نىمىگە رەھمەت ئىېيتىسىز ساۋاقداش بولغانكىن ئۇنچىلىك قىلمىساق قانداق بولىدۇ .  مۇختەرنىڭ كۇلكىسى زىلالنىڭ كۆڭلىنى خىلە كۆتۇردى .
_  بۇگۇن قايتامسىز ئەتىمۇ ؟
بىلمەيمەن ھازىر بىلەت ساتىدىغان يەرگە كىرىپ باقسام بىلەت بولسا قايتىمەن . بولمىسا ئەتىگە قالىدىغان گەپ ، ئۇنىڭ بۇگۇنلا قايتقىسى باردەك بىرخىل كەيپىياتتا مۇختەرگە قارىدى .
_ ئۇنداق بولسا مەن سىز بىلەن بىللە كىرەي قارىسام  تىخى ئوڭشىلالمىغاندەك تۇرسىز .
_ بولدى ، رەھمەت ئۆزۇم باراي ئادەم كۆپ سىزمۇ ئاۋارە بولماڭ .
مۇختەرجان بالام  ، مۇختەر ……
ئۇلار پاراڭلىشىپ سىرتقا چىقىپ قالغىنىمۇ بىلمەي يەنە شۇ بىر بىرىگە تەكەللۇپلۇق  سۆھبەت بىلەن ئىدى . ئاللا قاياقلاردىن مۇختەرنىڭ ئاپىسى ئۇنى چاقىراتتى ،  مۇختەر ئاپىڭىز كەپتۇ ، مەنمۇ مىڭىۋىرەي ، تەتىل توشقاندا كۆرشەمىز ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ . زىلال  كۆزى قىيمىغان ھالدا مۇختەرگە شۇلارنى دىگەچ ئىختىيارسىز - مۇختەر ، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى ، رەھمەت سىزگە دەۋەتتى .
مۇختەر تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ سۆزدىن قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەندەكلا تۇرۇپ قالدى  ، زىلال بۇ گەپنىڭ قانداق ئېغىزدىن چىقىپ كەتكىنى ئۆزۇمۇ سېزەلمىدى ، يۇزى قىزارغان ھالدا يەرگە قاراپ بۇرلۇپلا بىلەت سېتىش ئورنى تەرەپكە ماڭدى ،
مۇختەر ئانىسى بىلەن كۆرۇشۇپ ، ساۋاقداشلىرى بىلەن خۇشلۇشۇپ ئانىسى بىلەن ھاممىسىنىڭ ئۆيىگە يولغا چىقتى .
زىلال بىلەت سېتىۋىلىش كۆزنىكىگە كىلىپ ئاقسۇنىڭ بىلىتىنى ئالغىلى كىملىكى بىلەن پۇل سۇندى ._ ئەتە سەھەر 5 نىڭ بار دىدى بىلەت ساتقۇچى  ، زىلال يەنە ئەتىگە قالدىغىنىنى بىلىپ بىر ئۇھسىنىپ بىلەتنى قۇلىغا ئىلىپ ئادەم دىڭىزدىن چىقىپ كىتىش ئۇچۇن ماغدۇرى يوق قەدەملىرىنى تېز تېز ئىلىپ ماڭماقتا ئىدى .
ۋاي ۋاي ۋاي تولا ياسالمىلىق قىلماي ، بىرنىمەڭنى يىغۇشتۇرۇپ كۆزۇمدىن يوقال ، مۆرىمەس ، زىلال بىر ئېغىز تىنماي ماتىرياللىرىنى يىغۇشتۇرۇپ سىرتقا ماڭدى ئارقىدىن ئوقتەك ئاڭلىنىۋاتقان ،ئېغىزدىن چىقىرغۇسىز سۆزلەرنى ئاڭلىمىغاندەك چىقىپ كەتتى ، باياتىن بىرى توختىماي چالۋاقاپ سۆزلەۋاتقان قىز مەكتەپتىكى ئەڭ ھازازۇل ھەم ھاۋۇر قىز گۇزەلنۇر ئىدى . بۇ قىز ئۇرۇش بار يەردىن پاراڭ بار يەردىن يانىدىغان قىز ئەمەس ئىدى ھەممىسى ئېغىزىدىن چىقرالمىغىنى بىلەن ئەركەك سەدەك ئىدى ، ساۋاقداشلىرى ئالدىدا ۋاي دىگىنى بىلەن چىش تىرنىققىچە ئۆچ بۇ قىز بۇگۇن سىنىپتىكى بىردىن بىر تىل تەگمىگەن شۇ قىزغا ھۇجۇم قىلدى . سىنىپتىكى قىزلار بىلەن ئالدى ئىككى ئۇچ قىتىمدىن ئارقىسى بىرەر قىتىمدىن سۇقۇشۇپ بولغان ئىدى. ھەممىسى زىلالغا ئىچى ئاغىردىيۇ بىرەرسى تىل يىرىپ ئوتۇرغا چۇشەلمىدى . زىلال كەڭ كەتكەن پۇتبۇل مەيدانىنىڭ ئارقىسىدىكى سەھنە پەلەنپىيىگە كىلىپ ئولتۇرۇپ ئىچ ئىچىدىن ئۆكسۇپ يىغلىدى . بۇگۇن خۇددى ئىچىدىكى بارچە ئاچچىقلارنى بىراقلا چىقىرۋېتەي دىگەندەك قىلدىمۇ ئەيتاۋۇر خىلە ئۇزۇنغىچە ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلىدى .  
بۇرۇن كۆزىدىن تىمىم ياش ئاقسا نىم بودۇڭ نىمىگە كۆزلىرىڭگە ياش تولدى  دەيدىغان ئانىسىنى ، قىزىم يىغلىما كىم بوزەك قىلدى دەيدىغان دادىسىنى سېغىنغان ئىدى   ،  بىر زامانلاردە ئائىلىسىنىڭ مەلىكىسى بولغان زىلال مانا بۇ مۇساپىر شەھەردە باشقىلانىڭ تىل ئاھانىتىگە قالغان ئىدى.  
شۇنداق دۇنيا بۇ ئاق بىلەن قارا ئارلىشىپ كەتكەن  ، ھەق بىلەن ناھەق ئارلىشىپ كەتكەن .
ئۇ ئەتە سەھەرنىڭ بىلىتىگە تىكىلگىنىچە قاراپ تۇرۇپ بىر ئىش ئىسىگە كەلگەندە بۇگۇن كېچىنى خاتىرجەم ئۆتكۇزۇش ئۇچۇن قۇنالغۇ بار يەر تەرەپكە ماڭدى .  قىزچاق ياتاقتا ياتامسىز ، زىلال قۇلىقىغا مۇش ئۇرغاندەك بۇ گەپتىن سەسكىنىپ لاپپىدە قارىدىيۇ  _ ياق _  دەپلا گەپنى كەسكىن ئۇزۋەتتى .  ئۇ قاياققا ماڭغانلىقى ، نىمە ئۇچۇن ماڭغانلىقى  ئۇنتۇپ قالغاندەك توختىماي ماڭماڭقتا ئىدى ، جانسىز قەدەملىرى بىرخىل رىتىمدا نۇرسىز كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگەندەك كىتىپ باراتتى ،  مۇختەر ئانىسى بىلەن ئۇرۇمچىنىڭ قارا تاكسىغا ئولتۇرۇپ ماشىنا ئۇزۇلمەيدىغان بۇ ۋوگزالدىن ئالاھەزەل يىرىم سائەتكىچە  ئاران چىقتى ، ئانىسى توختىماي تىتتىت بۇلاتتى ،ئوغلىنىڭ چارچاپ كەتكىنىنى ، ئۇنىڭ تېزراق ئۆيگە بىرىپ ئارام ئىلىشىنى ئۆزى بىلەن بۇرۇنقىدەك  پىكىر ئالماشتۇرىشنى تەققەزالىق بىلەن ساقلىماقتا ئىدى ، مۇختەر يول قىرغىقىدا بىرى كەينىدىن بىرى بىسىلۋاتقان جانسىز قەدەملەرنى ئۇچۇرتۇپ قالدى .  زىلال نەگە ماڭغاندۇ ،دىگەن خىيال بىلەن  ئۇنىڭ مىڭىشىىدىن بىرخىل شۇملۇقنى سەزگەن مۇختەر ماشىنا ئەينىكىدىن كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكەتتى ، ئاپىسى تېزراق يولنىڭ ئېچىلىشىنى ئويلاپ ئالدىدىكى ماشىنىلارغا كۆز ئۇزمەي قارايتى .
ۋاي بالام كەلدىڭمۇ ، نىمانداق جۇدەپ كەتتىڭ ،  ۋاي جىنىم بالام قىيلىنىپ كىتىسەندە ، بو سۆزلەۋاتقىنى مۇختەرنىڭ ھاممىسى ئىدى ھاممىسنىڭ بالىسى يوق بولغاچقىمۇ  ياكى مۇختەرنى كىچىكىدىن ئۆزى دىگىدەك باققانلىقى ئۇچۇنمۇ ئۇنىڭغا ئىچ ئىچىدىن ئامراق ئىدى .
ھامما مىنى سېغىنىپ كۆزۇڭ كۆر بۇلۇپ قالدىمۇ قارا سەمىرىپ كەتكىنىمنى ھەممىسى نىمانداق سەمىرىپ كەتتىڭ  دىسە سەن نىمانداق ئۇرۇقلاپ كىتىپسەن دەيدىغانسەن ،  قارا سېنى كۆتۇرۇپ پىرقىرتىۋەتكىدەك چوڭ بولدۇم  ھا ھا ھا ھا   ئۇنىڭ قىززىقچىلىقى ھېلكەممۇ بار ئىدى شۇنداق شوخ ، قىزىقچى چىقىشقاق ، مۇختەر ئائىلىسىنىڭ شاھزادىسى ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇلگىسى قىزلانىڭ چۇقۇنغۇچىسى ئىدى .  مۇختەر ئائىلىدىكىلىرى بىلەن كۆرۇشۇپ شۇنداق خۇشال بولسىمۇ ئىچىدە بىرخىل ئەنسىزلىك ئۇنى قىينايتى .
نەگە بارىسەن بالام ؟  سورىدى رەيھانگۇل خانىم ئوغلى مۇختەردىن .   ھە ئانا ئەلى تىلفۇن قىپتۇ ئاداش بىر ئىككى ئايغىچە كۆرشەلمەيمىز چىقساڭ باللا بىلەن يەنە بىر قىتىم  تاماق يىيىشىپ ئولتۇرساق دەيدۇ چىقىپ كىرەي ھايال بولمايمەن ئانا ،  رەيھانگۇل خانىم ئوغلىنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكىمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ھايال قالما بالام ھېلغىچە داداڭ كەپ قالامىكىن بايا يولدا دىگەن ئىدى  ،  دەپ دادىسىنىڭ كىلۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى .  ماقۇل ئانا .
مۇختەر ئۆيدىن چىقتى ئەمما نەگە بارىدۇ ، زىلالنى قەيەردىن ئىزدەيدۇ ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتى .
داۋامى بار ……
      





802 قېتىم كۆرۈلدى zila715 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-24 17:18:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-25 14:50:15 Kunduz
bak yahxe yezilip tu bu yezil gan hikaya hakikiy bir hekayaa
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ