ۋىسالسىز سۆيگۈ (پوۋسېت ) 1-قىسىم

ۋىسالسىز سۆيگۈ
  (پوۋسېت ) 1-قىسىم
بۇرابىيەم تۇرامەت ( سۈزۈك )


قۇياش كەبى ئىللىق تەبەسسۇم ،ۋە شۇنچە غەمسىز  ،  شۇنچە  تاتلىق كۈلۈشلەرنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ تۇرمۇشۇمدىن غايىپ بولغىننى پەقەتلا ئەسلىيىلمەيمەن .ھازىرقى بىلىدىغىنىم پەقەت كەلمەسكە كەتكەن مەڭگۈلۈك ئەسلىمە ،قايتىلانماس بىر شىرىن چۈش خالاس .بۇ چۈشلۈلۈرۈم ماڭا كۈن بويى ھەمراھ بولۇپ ،ئۆتمۈشنى ئەسلەش  ئارقىلىق ئازاپلىرىمنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى.
ئىشقىلىپ مەنمۇ كۆنۈپ قالغان ئىدىم،پەقەت چۈش قاينىمىغا غەرىق بولۇپ ئۆتمۈشتىكى تاتلىق ئازاپلىرىمنى ئەسلەش ئارقىلىق ھازىرقى  ئازابىمنى ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىتىپ ،دىل يارامغا ۋاقىتلىق تەسكىن ،تەسەللى ئىلىپ  كىلەلىسەم شۇ مەن ئۈچۈن يىتەرلىك دەپ ئويلايتتىم.
بۈگۈنمۇ  يەنە ئىغىر قەدەملىرىم بۇ شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىلىنى شۇقەدەر مىسكىن ھالىتىم بىلەن چەكسىز ئايىغى چىقماس ئىغىر سۈكۈت،چەكسىز  خىياللار ئىلكىدە باسماقتىمەن.بىرىدە تونۇش ،بىردە ناتونۇش چىرايلار مىنىڭ بۇ بىچارىلەرچە ئازاپقا تولۇپ كەتكەن كۆزلۈرۈمگە ھەيرانلىق ئىلكىدە قارشىپ قوياتتى.
تۇيۇقسىز يول ياقىسىدىكى ھەممە كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان، سودىسى ئەتراپتىكىلەر بويىچە ھەممىدىن بەكرەك ئىقىۋاتقان  ئاچچىق -چۈچۈك يىمەكلىك يايمىسىغا كۆزۈم چۈشتى .  يايما يىنىدىكى بىر -بىرىگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن بىقىپ تۇرغان بۇ ئىككى  ناتونۇش چىراي مىنى يەنە ئۆزۈمنىڭ گۈزەل ھەم(شىرىن ) ئازاپلىق خىيال دۇنيارىمغا باشلاپ كىردى .  شۇ ئەسنادا مەن  ئۆزۈمنىڭ بۇ رىئال دۇنيادا  ئىكەنلىكىمنى ئاستا -ئاستا ئۇنۇتۇپ شۇقەدەر گۈزەل   ھەم شىرىن خىيال  دۇنيارىمغا پۇتۈنلەي كىرىپ بولغان ئىدىم.
خىيال دىڭىزىدىن قىرغاققا قاراپ ئۈزەي قىسقىسى  ئۆتمۈشنى ئەمدى ئەسلىمەي دىسەممۇ  
-بىراق، يۈرۈكۈمنىڭ بىر يەرلىرى  
-ياق ،
-ياق،
بولمايدۇ ......دىگەنگە ئوخشاش نازۇك ھىس -تۇيغۇلار بىلەن پىچىرلاپ  مىنى ئاشۇ چاغلانى قايتا -قايتا ئەسلەشكە مەجبۇر قىلاتتى .
-توغرا، ئەينى چاغدىمۇ
-دەل ، مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش بولغان ئىدى .بىراق مۇھەممەد نى تۇنجى كۆرگەن چىغىمدا بۈگۈنكىدەك چۈشكۈن ،بۈگۈنكىدەك روھسىز ئەمەس ئىدىم.ئۇنى تۇنجى قېتىم ئۇچراتقاندا ھازىرقىدەك ئىغىر قەدەملىرىم بىلەن ئەمەس
-بەلكى، ھاياتقا ئۈمىد بىلەن بىقىپ تولۇپ تاشقان ئىشەنىچ جاسارەت  بىلەن  خۇشال- خۇرام  ،غەمسىز،تېتىك ھالدا ئىشقا كىتىپ باراتتىم .
ئەينى چاغدا يايما ئالدىدا  خۇددى ئاسماندىن چۈشۈپ قالغاندەك پەيدا بولغان بۇ چىراي مىنى باشقىچىلا  خۇش قىلىۋەتكەن ئىدى .
رابىيە !!! پاھ بىزنىڭ سىنىپتىكى خۇش ئاۋاز بۇلبۇلغۇ بۇ .
مانا مۇشۇنداق ئۇنىڭ بىلەن تىخى  سالاملىشىشقىمۇ ئۈلۈرمەستىن ،(ئاسماندىن چۈشتىڭىز مۇ ،يەردىن ئۈندىڭىزمۇ ؟قەدىناس ساۋاقدىشىم   غەنىمەت ...........)دىگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى خۇددى پىلمۇتنىڭ ئوقىدەكلا ياغدۇرۇپ كەتكەن ئىدى . شۇنچە  ئىللىق چىراي ،شۇنچە ئىللىق تەبەسسۇم ،شۇنچە ئىللىق كۈلۈشلار ..............
بۇ شۇنچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنى بۇ ھەر كۈنى ئۇچرىتىپ تونۇش بوپ كەتكەن ،
-بىراق ،ئىسىمىنى بىلمەيدىغان بۇ چىرايلار ئارىسىدىن  ئۇچرىتىپ قالغىنىمدىن بولسا كېرەك . ئىشقىلىپ ئۇنى ئۇچرىتىشىم ئەينى چاغدىكى خۇشاللىقىمغا يەنە بىر ھەسسە خۇشاللىق قوشۇۋەتكەن ئىدى.ئۇچاغدىكى ھىسسىيات تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئىدى.
ئىككىلىمىز كۈلكە چاقچاقلار ئىچىدە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقىننىمۇ بىلمەيلا قاپتۇق.
بىر چاغدا سائەتكە قاراپ خۇشاللىقىم يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك قاياقلارغىدۇر  غايىپ بولدى ، چۈنكى يوقلىما ۋاقتىدىن توپتۇغرا يىرىم سائەت ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى .ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىشقا كۆزۈم قىيمىغان ھالدا خوشلىشىۋاتاتتىم،تۇتوقسىز ئارقامدىن كەلگەن قاتتىق بىسىمنىڭ تەسىرىدى ئالدىمغا يىقىلدىم.


ۋىسالسىز سۆيگۈ  1-قىسىم  تۈگىدى.( داۋامى بار).
ئىمزانى ئۆزگەرىتمەڭ ،ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ !
(   سىرلىق قىز )





297 قېتىم كۆرۈلدى بۇرابىيەم تۇرامەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-4 1:28:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ