ھەۋەستىن كېيىنكى پاجىئە (ھېكايە) - تۇراققارى تۇرغۇن

 ھەۋەستىن كىيىنكى پاجىئە
  (ھېكايە)
   ئاپتۇرى : تۇراققارى تۇرغۇن


   مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا ماشىنىغا قىزىقاتتىم.
ئۇچاغلاردامەن تىخى كىچىك بولغاچقا مەن بىلىدىغان ماشىنىلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.
         تولۇقسىزغاچىققاندىن كىيىن،مەندىكى بۇ«ئوت»يالقۇنجاشقا   باشلىدى.مەن بىلىدىغان ماشىنىلارنىڭ ماركىسىمۇ خىلىلا كۆپىيىپ قالدى.
مىنىڭ كىتاپ دەپتەرلىرىمنىڭ بەتلىرى ھەرخىل ماشىنىلارنىڭ بەلگىلىرى(ماركىىسى)ۋەرەسىملىرى بىلەنلا بويىلىپ كەتكەنىدى.ئىچىم پۇشسىلا ماشىنىلارنىڭ بەلگىلىرىن سېزىپ ئولتۇراتتىم .
        دوسلىرىم بىلەن قىلشىدىغان پاراڭ تىمىلىرىنىڭ كۆپرەكى ماشىنا تىمىسىدا بولاتتى.
ئورۇندۇقتا ئولتۇرىۋىلىپ ئۆزۈمچەھاۋانى رول قىلىپ خىيالى ماشىنى ھەيدەيتتىم،ئۈستەلنىڭ چاتمىسىنى تورموز ،ماي،قىلاتتىم،ئوڭ قولۇمنى چىقىرىپ ھاۋادا ماشىنىنى خوتقا سالاتتىم.
خىيالىمدا ناھايىتى ئىسىل ماشىنىلار ھەيدەيتىم.
      بۇنداق ماشىنىغىلا بولغان ھەۋەس بەلكىم ھەممە ئوغۇل بالىدا بولسا كىرەك.
كوچىدا ئىسىل ماشىنىلارنى كۆرگەندە،ماشىنا خىلى يەرگە ئۇزىغىچەكەينىدىن قاراپ تۇرۇپ كىتەتتىم،«ئاشۇ ماشىنا دادامنىڭ بولۇپ قالسىچۇ»دەپ ھەۋەس قىلىپ كىتەتتىم.
        ھىلىمۇ ئىسىمدە،قەھرىتان سوغۇق ھۆكۈدار بولغان ،سەھەرنىڭ قاتتىق سوغۇقى جاندىن ئۆتىدىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ھەركۈنىدىكىگە ئوخشاشلا سومكامنى يۈدۈپ مەكتەپكە قاراپ يول ئالدىم،كوچىدا كىتىۋىتىپ بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا «BMW(بوما)»ماركىلىق ئىسىل بىر ماشىنىنىڭ توختۇتۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپلا ئۇ ماشىنىنىڭ قىشىدىن كىتەلمىدىم،ماشىنىڭ ھەممە يىرىنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقتىم.
ئۇنداق ماشىنىنى كۆرگەنلا كىشى ھەۋەس قىلماي قالمايتتى،«كەلگۈسىدە مەنمۇ چوقۇم ئاشۇنداق ئىسىل ماشىنا ئالىمەن»دەپ ئۆز ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم.
ماشىنىنىڭ «تارتىش كۈچى »مىنى ماشىنىڭ ئەتراپىدىن كەتكۈزمەيتتى.بىراق ئايرىلماي بولمايتى ،
           مەكتىپىمگە قاراپ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم ،تۇيۇقسىزتۈنۈگۈن مەكتەپتىن قايتار چىغىمىزدا مۇئەللىمنىڭ«ئەتە مەكتىۋىمىزگە ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمۈكى كىلىدۇ،كىچىكىپ قالماڭلار،ئەگەر ئەتە كىچىكىپ قالىدىغانلار بولسا بىر ھەپتە تازلىق قىلىدۇ »دەپ قايتا-قايت تاپىلاشلىرى قۇلاق تۈۋىمدە،خۇددى دەرىس قوڭغۇرىقى چىلىنغاندەك  جاراڭلىدى،قەدەملىرىمنى تىزلەتتىم.
        مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگىنىمدە ۋاراڭ-چۇرۇڭلار ئاڭلانمىغان ئىدى،بۈگۈنكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئاللىبۇرۇن ئاياغلاشقان ئىدى.
سىنىپ ئشىكىنى ئاستاغىنە قاقتىم،«-كىرىڭ»دىگەن ئاۋازنى ئاڭلاپلا چۈچۈپ كەتتىم ،«بۈگۈن مىنى نەس نىسىپتۇ دە،»دەپ ئويلىدىم،بۇ بىزنىڭ سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ ئاۋازى ئېدى،قارامتۇل،بودەك كەلگەن سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ ئىسمى ئالىمجان بولۇپ،بەكلا سەپرا كىشى ئىدى،ئۇنى كۆرگەن ھەممە ئوقوغۇچىلارنىڭ يۈرىكى «جىغىلدايتتى».
ئىشىكنى ئاستاغىنە ئىچىپ كىردىم،
    -نەگەبادىڭ؟،ئۇقاپىقىنى تۈرگەن ھالدا ،ناھايىتى سۈرلۈك قىياپەتتە سورىدى،
     -مەن...مەن...سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ تۈرۈگەن قاپاقلىرىدىن ئېغىزىم گەپكە كەلمەيلا قالغانىدى،ساۋاقداشلىرىم مەسخىرىلك كۈلكىسى بىلەن مىنى مازاك قىلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى،
مۇئەللىم مەندىن قايتا سورىدى،-نىمىشقا كىچىكتىڭ دەۋاتىمەن،جاۋاپ بىرە
مەن يەنىلا راس گەپ قىلشىم كىرەك دەپ ئويلاپ،-مەن،شۇ...شۇ... ماشىنا ...دەپدۇدۇقلاپ تۇرىشىمغا،مۇئەللىم،-ھە ماشىناڭ يولدا توسۇلۇپ قىلىپ كىچىكىپ قالدىڭ دىگىنە،-دەپ تەنە گەپ قىلدى،ساۋاقداشلىرىم پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.
مەن خىجىل بولغىنىمدىن يەرگە كىرىپ كىتەي دەپلا قالغان ئىدىم.
        ئۇ مىنى ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى تەڭلەپ بولۇپ يەنە قولىنى چۈشۈرۈۋالدى،ۋە مىنى ئورنۇمغا بىرىپ ئولتۇرۇشنى بۇيرىدى.
گەرچە بۇ ئىشلار ۋە بىر ھەپتە تازلىق قىلىش ماڭا ناھايىتى ئىغىر كەلگەن ئىدى.
   مەن تولۇق ئوتتۇرىغا چىققان يىلنىسى دادام بىر ماشىنا سىتىۋالدى،ماشىنا گەرچە بەك ئىسىل بولمىسىمۇ،خىلى بوپقالاتتى.مەن خۇشاللىقىمدا ماشىنىنى دائىم دىگۈدەك سۈرتۈپ پارقىرتىۋىۋەتتىم،
دادام ماشىنا ھەيدىگەندە ئۇنىڭ ھەركىتىگە نەزەر سالاتتىم،
شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ماشىنىا ھەيدەش نەزىرىيەلىرىگە كۆزۈم پىشىپ قالغانىدى،ماشىنىنى قانداق قوزغۇتۇش، قانداق خوت ئالماشتۇرۇش،قانداق توختۇتۇش دىگەندەكلەرنى ئىگەللەپ بولغان ئېدىم.
        مەندە دادامنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ بىقىش ئىستىكى پەيدا بولدى،دادامغا ماشىنىنى ھەيدەپباققۇم بارلىقىنى ئېيتىشقا پىتىنالمايتتىم،مەن دىگەن تەقدىردىمۇ دادامنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقى ئېنىقلا گەپ ئېدى.
          ماشىنا ھەيدەش ئىستىكىم جۇش ئۇرۇپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،دادام بىلەن ئانام ئۈرۈمچىگە مەلۇم سەۋەپتىن يول ئالدى،ئۇلار پويىزدا ماڭغان بولغاچقا ماشىنا ئۆيدە قالغان ئىدى،دىمەك ماشىنا ماڭىلا قالدى،بىراق ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ھەرقانچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم.
       بىركۈنىسى ئۆيدە ئولتۇرسام،تاغام  كەلدى،ئۇ دادامنىڭ ماشىنىسىنى سوراپ كەلگەن ئىدى،مەن ئۇنىڭغا ئاچقۇچنىڭ مەندە يوق ئىكەنلىكىنى ،دادامغا تىلفۇن قىلىپ سوراپ بىقىشىنى دىدىم.
تاغام دادامدىن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنىڭ قەيەردىكىلىكىنى سوراپ ماشىنىنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى......
          تاغامنىڭ ماشىنىمىزنى ھەيدەپ چىكەتكەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم،چۈنكى شۇنچە ئىزدەپ تاپالمىغان ماشىنىنىڭ ئاچقۇچى سەكرەپ چىقىشى بىلەن ماشىنا ماڭا قالغان ئىدى.
        بىر كۈنى ماشىنىغا چىقىپ ئوت ئالدۇردۇم،بىراق جايىدىن قوزغىتىشقا جۈرئەت قىلالماي چۈشۈپ كەتتىم.
يەتىسى يەنە ماشىنىغا چىقتىم،ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ،بۇرۇن كۆرگەنلىرىم بويىچە،ئاۋال ئوت ئالاۇرۇپ،موفتا دەستىسىگە(لىخېچى)چىڭ دەسسەپ ،ماشىنىنى بىرىنجى خوتقا سالدىم،موفتىنى تىزلا قويۇپ بىرىشىمگىلاماشىنا ئالدىغا سىلكىنىپلا ئوتى ئۆچۈپ قالدى،يەنە قايتا ئوت ئالدۇرۇپ باياتىنقىدەك قىلشىمغا ئوتى ئوتى ئۆچۈپ قالدى.
بۇقىتىم موفتىدىن پۇتۇمنى ئاجراتماي ئاستاغىنە يىنىك دەسسەپ تۇرۇپ ماشىنىنى قوزغىتالىدىم،گەرچە ھويلىمىز خىلى كەڭرى بولسىمۇ رولنى ئۇياق بۇياق بۇراپ يۈرۈپ ناھايىتى تەستە كوچىغا ھەيدەپ چىقتىم.
        ئۆيىمىزنىڭ ئتراپىدىكى يىڭى ياسالغان يولغا ھەيدەپ چىقتىم،ماشىنا 30كىلومىتىر سۈرئەتتە كىتىپ باراتتى،تەمتىرىمەي ھەيدەپ يۈردۈم،ئىككى سائەت توختىماي ئيلىنىپ يۈرۈپئ ھەيدەپ 30كىلومىتىر سۈرئەت ماڭا ئاستىدەك بىلىندى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنلۈك قويۇۋالغان «DJ»مۇزىكىسى مىنى تىخمۇ تىتىك قىلىپ قويغان ئىدى.
      ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى 60كىلومىتىر ھەر سائەتكە چىقاردىم،بارغانسىرى ئۆزۈمنى ناھايىتى قالتىس ھىس قىلىپ كىتىپباراتتىم.
تۇيۇقسىز،بىر يۈك ماشىنىسى ئوڭ تەرەپتىكى توغرا يولدىن تىز سۈرئەتتە چىقتى،مەن قورقۇپ كەتكىنمدىن تورموزغا دەسسىدىم دەپ مايغا دەسسەپ ساپتىمەن،ماشىنا شۇئان قاپلاندەك ئالدىغا ئېتىلدى.مەن دەرھال رولنى بۇرۇدۇم.
ئا............
(2ھەپتىدىن كىيىن)
      كۆزۈمنى تەستە ئاچتىم،كۆزۈم تونۇش گەۋدىلەرنى غۇۋ كۆردى.
كىمدۇر بىرسى ماڭا ئۆزىنى ئاتقىنىچە دۈم يىتىپ يىغلاپ كەتتى،ئۇنىڭ نالە-زرالىرىدىن ئۇ ئانام ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
كۆزۈم ئەمدىرەك يورۇشقا باشلىدى،دادام ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىشىنى ساڭگىلىتىپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كىتىپباراتتى،ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ كۆزىدىن ياش تامچىلىرى سەكرىمەكتە ئىدى،مەن ئۆزۈمنىڭ بالنىستا ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم.كۆز ياشلىرىم يۈزۈمنى بويلاپ چۈشۈپ تەككىنى ئاز تولا نەم قىلغان ئىدى.
               بىر قولۇمدا ئانامنىڭ قولىغا يەنە بىر قولۇمدا دادامنىڭ قولىغا چىڭ ئىسلىپ تۇرۇپ،  -دادا-ئانا مىنى كەچۈرۈڭلار،مەن سىلەرنىڭ گىپىڭلارنى ئاڭلىماي،ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن چوڭ چاتاق تىرىدىم،مىنى كەچۈرىۋىتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن ،مەن بۇندىن كىيىن چوقۇم سىلەرنىڭ سزغان سىزىقىڭلاردىن چىقمايمان،نىمە دىسەڭلار شۇنى قىلىمەن،  -دىدىم ،ئۇلار شۇئان يىغىسىنى باسالماي تىخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.
          دادام بىلەن ئانام مەن ۋەقەگە ئۇچرىغان كۈنىلا ئايروپىلان بىلەن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇرۇق توققانلار دادامغا تىلفۇن قىلغاندا مىنىڭ ۋەقە چىقارغانلىقىمنى دىسە ئەنسىرەپ كەتمىسۇن دەپ باشقا  سەۋەپلەرنى دىگەن ئىكەن.
تاغام ئۇلار ئايروپىلاندىن چۈشۈشىگىلا  ئۆيگە ئاپپارماستىنلا ،ھەتتا نىمە ئىش بولغىنىنى ئىيتماستىنلا ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارغان ئىكەن،دادام بىلەن ئانام دوختورخانىغا نىمىگە بارىدىغانلىقىمىزنى كىمنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى سورىسىمۇ تاغام گەپ قىلماي تۇرىۋالغان ئىكەن.
         ئۇلار جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ بالنىستقا كىرىپ مىنىڭ كىسەل كارۋىتىدا ھۇشسىز ياتقىنىمنى كۆرۈپ ،ئانام شۇئان ھوشىدىن كەتكەن ئىكەن.
    نەۋرە ئاكامنىڭ دەپ بىرىشىچە مەن سوقالغان ماشنىنىڭ ئالدى پۈتۈنلەي مىجىلغان بولۇپ بەخىتكە يارىشا شوپۇر ساق ئىكەن،مەن ھەيدىگەن ماشىنا ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ تۆت چاقى ئاسمانغا قاراپ قالغان ئىكەن.
         تۇيۇقسىز مىنىڭ تەرىتىم قىستاپ كىتىپ كارۋاتتىن چۈشمەكچى بولدۇم ،ئەمما  پۇتۇمنى قەتئى مىدىرلىتالمىدىم،
ئانام بۇبى سىزىپ ،-بولدى مىدىرلىما بالام ،مەن بار دەپ بىر داسنى كۆتۈرۈپ كەلدى.
        ئاھ خۇدا ،مىنىڭ پۇتۇم ..............
ئاشۇ قىزقىش ھەۋەسلىرىمنىڭ،ياق مىنىڭ ئەقىلسىزلىكىمنىڭسەۋەبىدىن مەن  بۇ پاجىئەلىك تۇرمۇشقا  قەدەم باستىم،بۇنىڭدىن كىيىن ماشىنا ئەمەس بەلكى چاقلىق ئورۇندۇق ھەيدىشىم مۇمكىن.

                     تۈگىدى.





969 قېتىم كۆرۈلدى qawandaz ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-7 16:42:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-12 2:25:47 ئ‍امىنگۇل قىيىم
ھەۋەستىن كىيىنكى پائىجە دىگەن ھىكايە بەك ئ‍ىسىلكەن ياقتۇردۇم ،
2017-1-9 13:37:05 sahra
ئ‍برەتلىك يزلپتۇ،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ