يىگىتلىك كوچىسى (ھىكايە) - ئەزھەر ئەركىن

يىگىتلىك كوچىسى (ھىكايە) 

 ئەزھەر ئەركىن  

   مەن ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي بىرتار كوچىغا كىرىپ قالدىم،بۇ كوچىنىڭ ئومومىي نامى《ئىنسانىيەت شەھىرى يىگىتلىك كوچىسى》ئىدى.بۇ كوچىغا قەدەم ئېلىپلا كۆزلىرىم ئالىچەكمەن بولۇپ كەتتى.مۇشۇكەمگىچە كۆرۈپ باقمىغان نەرسىلەرنى بۇ كوچىدا ئۇچىراتتىم.
     كوچىنىڭ بېشىدىكى بىر بۇلۇڭدا ئۆزۈم دېمەتلىك بىر بالىنىڭ ئانىسىنى سىلكىۋېتىپ،بۇرىلىپ يۈگرەپ كېتىپ بارغانلىقىنى،بىچارە ئانىنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياشلار ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىم سېرىلىپ كەتتى.پەرىزىمچە ئۇبالا بىرەر ئويۇنغا ماڭغان بولسا،ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي،پېشىنى قېقىپ ماڭغان ئوخشايدۇ.ئالدىمغا تەخمىنەن ئون نەچچەقەدەم ماڭغاندىن كېيىن بىر بوشلۇقتا ئۈچەيلەننىڭ تۇرغانلىقىنى،ئارىدىكى ئىككەيلەننىڭ بىرەيلەنگە تاماكا زورلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تەنلىرىم سەسكىنىپ كەتتى.ئۇلار نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟نېمىشقا بۇنداق ناچار ئىللەتنى ئۆزى بىلەنلا ئېلىپ كەتمەي باشقىلارغا زورلايدىغاندۇ؟كاللام ئېلىشىپلا كەتتى.شۇنداق ئىرماش خىياللار بىلەن كەچ بولغىنىنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن.قانچىلىك ماڭغانلىقىمنى بىلمەيمەن،قارىسام بىرچەتتىكى دۇكان ئالدىدا بىركىشى يېتىپ قاپتۇ،ئۇنىڭ كېيىملىرى پۇرلىشىپ كەتكەن،يۈزلىرىدە نۇر يوق،قولىدا ھاراق بوتۇلكىسى تۇراتتى.《بۇ مەس ئويغۇنۇپ مېنى قوغلىشىپ كەتمىسۇن》دېگەن خىيالدا ياقامنى چىشلىگىنىمچە يۈگرەپ بۇ جايدىن ئۆتۈپ كەتتىم.ئالدىمغا نەچچە ئون قەدەم ماڭغاندىن كېيىن بىر قاۋاقخانىغا كېلىپ قالدىم.بۇجايدا بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئۈچ تۆت ئوغۇل بالىنىڭ قىزلارغا ھاراق زورلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بۇجايدا تۇرغۇم كەلمەي ئۇ ئوغۇل بالىلارنى ئىچىمدە مىڭنى قارغاپ بۇجايدىن چىقىپ كەتتىم.ئۇجايدىن چىقىپ بىر قىسىملا بولۇپ قالدىم.ئىرماش-چىرماش خىياللار كاللامنى ئېلىشتۇرىۋەتتى،لېكىن ئالدىمدا يەنە نېمىلەرنى كۆرەرمەن دېگەن بۇ ئوي مېنى يەنە ئالدىغا مېڭىشقا زورلاۋاتاتتى.يەنە ماڭدىم.ئەمدى كۆز ئالدىمدا بولىۋاتقان كۆرىنىشلەر مېنى تېخىمۇ ھەيرا قالدۇردى.ئالدىمدا ئۈچ تۆتەيلەن نۆۋەتلىشىپ بىر ئوكۇلنى ئۆزلىرىنىڭ بېلەكلىرىگە ھە دەپ سانجىۋاتاتتى.ئوكۇل سانجىپ بولغانلارنىڭ كۆزلىرىدە نە نۇر بولسۇن؟يەنە ئالدىمغا ماڭدىم.ئەمدى كۆزئالدىمدا بىر قاراچاپان كەيگەن بالىنىڭ يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە بىرخىل ئۈمىد ئارلاش نەزىرىدە قاراۋاتقانلىقى مېنىڭ نەزىرىمنى تارتتى.بىر چاغ بولغاندا ئۇنىڭ كۆزلىرى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك چاقناپ كەتتى.دىققەت نەزىرىم ئۇنىڭدا ئىدى.ئۇ ئاخىر بىر ئايالنىڭ سومكىسىدىن چاندۇرماي تېلفۇن،پورتمال قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ تىكىۋەتتى.يەنە ماڭدىم……
     خېلى ماڭغاندىن كېيىن بىر ئىللىق چىراي،ئۇچىسىغا كانۋاي كۆڭلەك،بېشىغا دوپپا كەيگەن بىر يىگىتنىڭ پۇتى ئاغرىق ئانىسىنى ھاپاش ئېتىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىرخىل يايراپ كەتتى.يان تەرپىمدە بىر قولى يوق تىلەمچى بالىنىڭ بىر كۆمۈر باسقان ھارۋىنى تارتىپ كېتىۋاتقان بوۋايغا تۇيدۇرماي ھارۋىنى ئىتتىرىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يۈرىگىم بىرخىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمگەندەك بولدى.ئالتىنجى سەزگۈم ماڭا بۇجاينىڭ《يىگىتلىك كوچىسى ياخشىلار قورۇسى》ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋاتاتتى.قارىماققا بۇ قورۇدا بايا ماڭغان قورۇغا قارىغاندا ئادەملەر جىق ئىدى. دەل شۇ خىياللارنى قىلىپ تۇرۇشۇمغا ئانامنىڭ:《ئورنىڭىزدىن قوپۇڭ جېنىم بالام!ناشتا تەييار بولدى،ناشتىڭىزنى قىلىۋېلىپ مەكتىپىڭىزگە مېڭىڭ》دېگەن ئاۋازى مېنى چۈشۈمدىن ئويغاتتى.ئەسلىدە مەن چۈش كۆرگەن ئىكەنمەن.
   نەچچە كۈندىن ياقى قانداق قىلغاندا بۇ 《يىگىتلىك كوچىسى》دىن ئازماي ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ دېگەن سۇئال كاللامغا كىرىۋالدى.مەن ئاخىر بۇسۇئالغا جاۋاب تاپتىم.مەن بۇ كوچىدىن بىخەتەر ئۆتۈش ئۈچۈن ۋىجدان،غورۇر،ئىمان،ئېتىقاد،ئەخلاق-پەزىلەت،مىننەتدارلىق……قاتارلىق خۇلىقلارنى ئۆزۈمگە مۇجەسسەملەپ،قەددىمنى تىك تۇتۇپ،مەزمۇت قەدەملىرىم بىلەن ئاياغ بېسىشىم كېرەك ئىكەن.
       ئەزھەر ئەركىن  
             2017.2.26
     





873 قېتىم كۆرۈلدى azhar0331 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-1 3:59:06  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-24 6:32:36 sadir
bak yahxikan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ