خوشنامغا يېزىلغان خەت (ھىكايە) - نۇرانى

 خوشنامغا يېزىلغان خەت
  نۇرانى


   قاچاندىن بېرى بىز بىنا ئۇيگە كۆچۈپ كەلدۇق ئۇيقۇ ھارام بولدى،بەزىدە تولا ئۇخلىيالماي ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دەپ قالاتتىم.شۇ كۈنلەردە خىزمىتىم بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى ،ئۇيقۇم ياخشى بولماي، دەم ئېلىش يېتەرلىك بولمىغانلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر خىزمەت ۋاقتىدا مۈگدەپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەتە مۇھىم تەكشۈرۈش بار بۇلغاچقا،تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۇپ بۇلغۇچە بەك چارچىغان ئىدىم.بالىلىرىمغا كەچلىك تامىقىنى بېرىپ بولۇپ ،تاماقمۇ يېمەستىن ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرىگىنىمچە ياتاق ئۆيگە ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كەلدىم.بېشىمنى ياستۇققا قويۇپ ئەمدىلا يېتىشىمغا، پەستىكى ۋاراڭ چۇرۇڭ يەنە ئاڭلىنىشقا باشلىغان ئىدى،چارچىغان نېرۋىلىرىمغا نەشتەردەك سانجىلدى. بۈگۈن ئاخشاممۇ كۈندەكېدەك ئۇيقۇسىز قاراڭغۇ تۈنلەر يەنە باشلىنىدىغاندەك قىلاتتى، زادىلا تاقەت قىلالمىغانلىقتىن دىككىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ،ساپما كەشىمنى قانداق كەيگىنىمنى بىلمەيمەن، تۆۋەنكى قەۋەتكە قاراپ مېڭىشقا تەمشەلدىم،يولدىشىم شۇ ھامان كېلىپ مېنى تۇسىۋالدى.
 -نەگە بارىسىز ئاپىسى-دېدى ئۇ ئەجەبلەنگەن ھالدا سوئال نەزىرى بىلەن ماڭا قاراپ.
    مىنىڭ زادى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى،تۆۋەنكى قەۋەتتىكى ئۇ بولۇمسىزغا بىر نەسىھەت قىلىپ قوياي، بىزگە ئاراملىق بەرسۇن، نېمە كۈن بۇ ئۆز ئۆيىمىزدىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىغىلى قويماي-دېدىم مەن، ،ئاچچىقتىن چىرايلىرىم تاتىرىپ ،ئېغىزىمغا گەپ كەلمەي قېلىۋاتاتتى.
     ئۇنداق قىلماڭ سەت تۇرىدۇ، ئەتىلا كۆرۈشسەك سالام سائەت قىلىپ ئۆتۈشىدىغان خۇشنىمىز ئو،ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ ئۇيقۇڭىزنى ئۇخلاڭە-دېگىنىچە، بىخارامان ئولتۇرۇپ تېلېۋىزورىنى كۆرۈشكە باشلىدى.
    مەن يەنىلا ئۇخلىيالمىدىم، يوتقانغا بېشىمنى پۈركەپ يېتىپمۇ باقتىم قۇلىقىمغا تىڭشىغۇچ تاقىۋېلىپ ناخشا ئاڭلاپ باقتىم بىرسىمۇ كار قىلمىدى.ئاستىنقى قەۋەتتىن كۆتۈرۈۋاتقان ۋاڭ چۇڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشتى،نېرۋىلىرىم قالايمىقانلىشىپ كەتتى، كۆزۈمدە لىق ئويقۇ، ئەمما مېڭەم تىنچلانمىدى،تالاي كېچىلەر بولدى -ھە،مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە نېرۋا كېسەل بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن - دېدىم مەن ئۆز ئۆزۈمگە پىچىرلاپ.ئاستا چۈشۈپ بېقىش خىيالىغىمۇ كەلدىم – يۇ،يولدىشىمنىڭ سۆزى يادىمغا كېلىپ  پەيلىمدىن ياندىم.
   تۈن يېرىمدىن ئۆتتى، ئاستى قەۋەتتىكى ۋاراڭ چۇرۇڭ بېسىقمىدى، ئۇخلىيالمىغانسېرى تېخىمۇ ئەۋج ئەلماقتا، مانا تاڭمۇ سۈزۈلۈشكە باشلىدى، خوراز چىللىماقتا، ئەمما ئۇيقۇ بىراقلا مەندىن تەرك ئەتتى.كۆپ ئويلاندىم ،چوقۇم بىر ئىش قىلىشىم كېرەك، ئۇيقۇسىز تۈنلەر كۈندە ماڭا ھەمراھ بولىۋەرسە، مەن چوقۇم نېرۋامدىن ئادىشىپ قېلىشىم مۇمكىن.ئىنسان بالىسى خام سۈت ئەمگەن نەرسە، بەلكىم سىلىق سىپايە مۇئامىلە، قاتتىق تەربىيە ئارقىلىق، ئاستى قەۋەتتىكى خوشنامنىڭ بۇ ناچار قىلمىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا يېڭى بىر نىشان، پارلاق يول كۆرسىتەلىشىم مۇمكىن دېگەنلەر خىيالىمدىن كەشتى دە -قولۇمغا قەلەم ئالدىم.ئۇنىڭ بىلەن ئەلەم كۆرۈشى ئەمەس قەلەم كۆرۈشى قىلىپ بېقىش مەقسىتىگە كىلىپ ،خوشنامغا ئاتاپ بىر پارچە خەت يازدىم.
  خوشنامغا:
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك خوشنام، سۆيۈملۈك قېرىندىشىم، مەندىن سىزگە مېھىرلىك سالاملار بولسۇن. مەن سىزنىڭ ئاچا يوللۇق خوشنىڭىز بولىمەن،سىزدەك ئىلىم سۆيەر مەرىپەتچى، قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچى خوشنام بولغىنىڭىزدىن پەخىرلىنىمەن.شۇنداقلا تالاي تۈنلەردە ئۇيقۇسىز ئولتۇرۇپ سىزگە  ئىنساپ، بەخت، خاتىرجەملىك  تىلەۋاتقان ئاجىز بەندە بۇلىمەن.سىزدىن پەخىرلىنىش ئىلكىدە يۈرەكتىن ئوخچىغان ئاچچىق ھېسلارنى بىلدۈرمەي دەيمەن يۇ،چارچىغان نېرۋىلىرىم بۇنىڭغا يول قويمىدى.شۇڭا سىزگە بۇ خەتنى يىزىپ ئوليۇرۇپتىمەن .بوي تۇرقىڭىز كېلىشكەن ،چىرايىڭىزدىن مۇلايىملىق كەتمەيدىغان، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، ئىلىم سۆيەر ئوقۇتقۇچى ئىكەنسىز،ئەمما سىز قايسى شەيتاننىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئويناۋاتىسىز بىلمىدىم، ئۆزىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكى خوشنلىرىڭىزنىڭ ئارامىنى بۇزدىڭىز،يا سىزگە ئۇيقۇ يوق يا بىزگە ئۇيقۇ يوق.ئاچچىق سۆزلەرنى قىلىپ سىزگە تەنبىھ بەرمەكچى بولدۇم، لېكىن يەنىلا خوشنىدارچىلىق يۈزى چوڭ كەلدى.بىز قوشنىلار سىزنى ھۆرمەت قىلدۇق.لېكىن سىزچۇ؟ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان  ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئۆمرىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟سىزنى ھالال مېھنىتى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان جاپاكەش، مېھرىبان ئاتا ئانىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟.........
   ئۇيغۇنىڭ ئەي قېرىندىشىم، تىرىك مۇردىدىن ھەقىقىي ئىنسانغا قايتىڭ، ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈڭ.
  ئۇيغۇنىڭ قېرىندىشىم، سىز سەۋەبلىك بەختنىڭ شېرىن سارايلىرىدا ئۇخلايلى دېسەك ئۇيقۇ يوق، غەپلەتتىن ئويغىنىڭ.
جاھاننىڭ قايسى قارا قولى سىزنى قاماللىدىكىن، قايسى مەينەت پاتقاقلارغا پېتىپ قالدىڭىزكىن بىلمىدىم ئەي ئەزىز قېرىندىشىم.بۇ ھايات ئۆتكۈنچى ھايات، بىرلا قېتىم كېلىدۇ.بىر تۈن قارا تۈنگە ئايلاندى دېگەنلىك، سىزنىڭ ئاشۇ بىغۇبار ياشلىقىڭىزنىڭ بىر تال ياپرىقىنى سارغايتتى دېگەنلىك.ئۈزۈلمەس قارا تۈنلەر داۋاملىشىۋەرسە،نۇرلۇق ھاياتىڭىز ئۆزىنى ئاران يورۇتىدىغان جىن چىراغقا ئايلىنىپ قالماسمۇ؟ ئەركەكلىك غورۇرىڭىز سۇنماسمۇ؟دەھشەتلىك زۇلمەتتىن قۇتۇلۇپ غەپلەتتىن ئويغانغاندا يۈرىكىڭىز ئېچىشماسمۇ؟بىرەر دىلرەباغا كۆڭلىڭىز چۈشكەندە دادىل سۆيگۈ ئىزھار قىلالارسىزمۇ؟كەلگۈسىدە پەرزەنتىڭىز بولماسمۇ؟پەرزەنتلىرىڭىزمۇ سىز ماڭغان يولدا ماڭسا يۈرىكىڭىز لەختە بولماسمۇ؟........
 ئۇيغۇنىڭ قېرىندىشىم، ۋاقىت سىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، سىز ۋە سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىز بىلەن جاھالەتنىڭ قاراڭغۇ تار كوچىلىرىدىن قايتىپ كېلىڭ. يېشىل چىراغ يېقىلغان داغدام يولدا مېڭىڭ،ھاياتلىق مەشئەلىڭىزنى قايتا ياندۇرۇڭ،گۈزەل كەلگۈسى سىزنى ساقلاپ تۇرماقتا.بىلىمدەك گۈزەل رەنا سىزنى كۆتمەكتە.
  سىز ۋە بىزنىڭ ئۇيقىمىزنى ھارام قىلغان (قايسى يامان ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز بىلمىدىم،بىلىشنىمۇ خالىمايمەن،نادانلار باش كۆتۈرگەن جاھالەتتىن بەك قورقىمەن)قاراڭغۇ تۈنلەرنى كىتاب ئوقۇيدىغان بىباھا تۈنگە ئايلاندۇرۇڭ،كىتاب سىزنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىردىنبىر قورال.
 قېرىندىشىم، سىز ئۇيغۇنالايسىز، گۈزەل تاڭ سىزنى ساقلىماقتا، ئىرادە شىجائەت تۇلپىرى سىزنى كۈتمەكتە.
          خوشنىڭىزدىن          
         2017 -يىلى 14-يانۋار





341 قېتىم كۆرۈلدى nurani ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-12 23:59:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ