قاراڭغۇ ئورمان 18 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

18- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)

 

بىز تىزلىكتە يۈك - تاقلىرىمىزنى يىغشتۇرۇپ، يورۇق نۇرنى نىشانلاپ ماڭدۇق. قاراڭغۇدا ئورمانلىقتا قول چىراقمۇ ياندۇرماي مېڭىش ھەقىقەتەن تەس ئىدى، شۇندىمۇ بىر نىشان تاپقىنىمىزدىن خوشال بولۇپ، مۈدۈرلۈش - سوقۇلۇشلارغا پەرۋا قىلماي كىتىپ باراتتۇق. ئۇ چىراق نۇرى كىچىدە يېقىنلا يەردە كۆرۈنگەن بىلەن ئارلىق خېلى بار ئىدى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتتەك ماڭغاندىن كىيىن ئالدىمىزدا شۇنداق ھەيۋەت يۇمىلاق كەلگەن بىر غەلتە نەرسە كۆرۈندى. بۇ نەرسە يا ئۆيگە، يا بىرەر قۇرۇلۇشقا ئوخشىمايتتى. بىز ئاۋايلاپ مېڭىپ ئۇنى بىر ئايلىنىپ چىقتۇق، ئۇ نەرسىنىڭ ئىگىزلىگى تۆت مىتىردەك، دىئامىتىرى ئون مىتىردىن ئاشقۇدەك ئىككى دانە تەخسىنى بىر - بىرىگە كۆمۈرۈپ قويغاندەك ھالەتتە ئىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا قاتار ھالدا بىر ئايلىنىپ چىققان دەرىزىلىرىدىن كۈچلۈك يورۇقلۇق چىقىپ ئەتراپنى يوپ - يورۇق يورتىۋەتكەن بولۇپ، بۇ غەلىتە جىسىمنى كۆرگەنچە ھاياجان، ھەم قورقۇش ئىلكىدە تۇرۇپلا قالدۇق.

 - بۇ نىمە ؟- سورىدى روشەنگۈل ،- قانداق نەرسە بۇ ؟

 - بۇ ،بۇ مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇچار جىسىم، ئۇچار تەخسە .

- ھە ؟

 ھەممىسى ئېغىزىنى ئېچىپ ماڭا قاراپلا قالدى. مەن خاتا پەرەز قىلمىغىنىمغا ئىشىنەتتىم، چۈنكى بۇنداق نەرسىلەرگە بەك قىزىققاچقا بايقالغان، كۆرۈنگەن مەزمونلاردىكى ماتىرياللارنى بەك تەپسىلى كۆرەتتىم، ھەم شۇنداق نەرسىنىڭ بارلىغىغا ئىشىنىپ كەلگەنتىم .

 - ئۇچار تەخسە تاشقى پىلانىتىكىلەرنىڭ قاتناش قۇرالى .

 - چاقچاق قىلمىڭە ،- دىدى نىجات كۈلۈمسىرەپ ،- ئۇ باشقىلار ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىغۇ ؟

 بىز ئاستا بېرىپ ئۇنى تۇتۇپ كۆرمەكچى بولدۇق، قولۇم ئەمدىلا ئۇنىڭغا تىگىشىگە بۇ جىسىمنىڭ ئاستى تەرىپىدىن قىزىل، يېشىل ، سېرىق، كۆك رەڭلىك چىراقلار يېقىلىپ بىر خىل يىنىك مۇزىكا ئاۋازى چىقىپ كەتتى. بىز ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن بۇ تاسادىپىيلىكتىن قورقۇپ كىتىپ قاچتۇق.  ھەم دەرەخلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرنۇپ قاراپ تۇردۇق. غەلىتە ئۇچار جىسىم تارقىتىۋاتقان مۇزىكا بىردىنلا شۇنداق كۈچلۈك سىگنال ئاۋازىغا ئايلىنىپ يەر - جاھاننى تىتىرەتتى، بىز قۇلاقلىرىمىزنى ئاران ئىتىپ ئۈلگۈردۇق. بۇ چاغدا سىگنال ئۈزۈلۈپ ئاللىقاچان سائەتنىڭ رولىنى ئۆتەۋاتقان يان تىلفۇنلىرىمىز مۇزىكا چېلىشقا باشلىدى.  ھەممىمىز تىلفۇنلارنى ئالدىراش ئېلىپ ھاڭۋېقىپلا قالدۇق. تىلفۇن ئىكىرانلىرى لىپ - لىپ قىلىپ يېنىپ، ھەرخىل ئاۋاز ئۇچۇرى، ئېنىق بولمىغان سۈرەتلەرنى كۆرسىتىۋاتاتتى. يېنىمىزدا ئېلىۋالغان ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىسىمۇ گاژ - گاژ قىلىپ نىمىنىڭدۇر پەقەت بىلگىلى بولمايدىغان ئاۋازلارنى چىقىرۋاتاتتى، ھەتتا قانداق تىل ئىكەنلىگىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان تىللاردا كىملەردۇر سۆزلەشكىنى ئاڭلىنىۋاتاتتى. ئۇچار جىسىم تۇيۇقسىز سىگنال چېلىشتىن توختاپ، بىر مىنۇتتىن كىيىن يەنە پاراخۇت گۈدۈك ئاۋازىدەك شۇنداق كۈچلۈك ئاۋاز چىقاردى، بىز بۇنداق ئاۋازغا بەرداشلىق بىرەلمەي بېشىمىزنى قۇچاقلىغىنىمىزچە تۈگۈلۈپلا قالدۇق. ئارقىدىن يەنە جىمىلىپ قالدى. بىز جىددىلىشىپ يەنە قانداق ئىش يۈز بىرە دەپ قاراپ تۇرۇشتۇق، لېكىن ئۇ چىراقلىرىنى ھەرخىل شەكىل ، ھەرخىل رەڭلەردە ياندۇرۇپ جىمجىت ئىدى، بىز ساقلاپ بېقىپ ئەمدىلا ئورنىمىزدىن تۇرىشىمىزغا ئۇ جىسىم شۇنداق قاتتىق بىر خىل ئاۋاز دولقۇنى تارقىتىۋېدى، ئەتىراپ چايقالغاندەك تىتىرەپ كەتتى ھەم بەدىنىم توك سوققاندەك ئاغرىپ يىقىلدىم. غۇۋا ئېچىلغان كۆزۈمگە ھەمىراھلىرىمنىڭمۇ بىر - بىرلەپ يىقىلغىنى غىل - پال كۆرۈندى.

 ئۇ ئاۋاز دولقۇنى بىردىنلا يەنە توختىدى، بىز گەپ قىلغۇدەكمۇ ماغدىرىمىز يوق ھالسىزلىنىپ ياتاتتۇق. بۇ چاغدا يېنىمىزدا چېچىلىپ تۇرغان تىلفۇنلارنىڭ ئىكرانى يەنە يورۇپ قانداقتۇ خەتلەر كۆرۈنىشكە باشلىدى، ئۆمۈلەپ يۈرۈپ تىلفۇننى قولۇمغا ئالدىم، قىززىق يىرى تىلفۇن ئىشلەتكىلى شۇنچە ۋاقىت بولغان بولسىمۇ بۇنداق غەلىتە نەرسىلەرنىڭ تىلفۇندا چىقىشىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئىكىران قانداقتۇ شەرتلىك بەلگىلەر بىلەن تولۇپ، ئاۋاز پەيدا بولدى، دەسلەپتە ئېنگىلىزچە خەتلەر بىلەن ئېنگىلىزچە ئاۋاز ، خەنزوچە خەتلەر بىلەن خەنزوچە ئاۋاز ، كەينىدىن ئۇيغۇرچە خەتلەر كۆرۈنۈپ ئۇيغۇرچە ئاۋاز چىقىشقا باشلىدى :

- سىلە…ر … نىمە… ئادەم ؟ سىلەر… نىمە … ئادەم ؟سىلەر …$&%* نىمە d$* ئادەم؟

 ئىكراندىمۇ شۇ خەتلەر كۆرىنىۋاتاتتى، ھەمراھلىرىممۇ سۈرۈلۈپ كىلىپ بۇ مۆجىزىدىن ھاڭ - تاڭ قالغىنىچە ئىكىرانغا قادىلىپ قېلىشتى .

- كىم ئۇ سۇئال سوراۋاتقان؟

قاھار جىددىيىلىشىپ سورىدى، مەن ئۇچار جىسىمنى كۆرسەتتىم، ئۇ چۈشەنمىگەندەك ماڭا قاراپ قويدى .

- ئۇلار ساڭا تىلفۇن قىلۋاتامدۇ؟

 مەن بېشىمنى لېڭشىتقاچ ،- بىزگە تىلفۇن قىلۋاتىدۇ ،- دىدىم.

 ئېنىقكى بۇ سۇئال بىزدىن سورۇلۋاتقان ئىدى. مەن تىلفۇننى ئېغىزىمغا يېقىن ئېلىپ كىلىپ جاۋاپ بەردىم :

- بىز ھەمراھىمىزنى ئىزدەپ كەلدۇق، بىز ھەمراھىمىزنى ئىزدەپ كەلدۇق، ئۇ موشۇ يەردە يوقاپ كەتتى.

 جاۋاپ بىرىۋېتىپ جىددىلىشىشتىن پىشانەمدىن تەر چىقىپ كەتتى، ئەمىلىيەتتىمۇ پۇتۇن دۇنياغا سىر بولۇپ كىلىۋاتقان، نۇرغۇن دۆلەت، نۇرغۇن ئالىملار كىچە - كۈندۈز كۆرۈشنى،  پىكىرلىشىشنى ئارزو قىلىۋاتقان ئۇچار جىسىم ھەم تاشقى پىلانىت ئادىمى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتىم ، ھاياجاندا پۇت - قوللىرىم تىترەپ كىتىۋاتاتتى. ھەمراھلىرىمغا قارىدىم، ئۇلار قانداق ئىش يۈز بىرەركىن ، راسلا بۇ تاشقى پىلانىتلىقلارنىڭ قاتناش قورالىمىدۇ ،- دىگەن مەسىلىنى ئىدىيەسىدىن ئۆتكۈزەلمەي، ئىشىنەلمەسلىك ، قىزىقىش پوزىتسىيەسىدە مېنىڭ ئېغىزىمغا قاراپ قېلىشقانتى. يەنە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى، بىز نەزىرىمىزنى ئۇچار جىسىمغا تىكتۇق، بۇ چاغدا بايقىدەك ئاۋاز دولقىنى يەنە كەلدى. بىز بۇنداق ئىنىرگىيەگە بەرداشلىق بىرەلمەي ھالسىزلىنىپ يىقالدۇق، ئاۋاز دولقىنى يەنە توختاپ بىر مىنۇتتىن كىيىن تىلفۇندىن ئاۋاز چىقىپ، خەت كۆرىنىشكە باشلىدى. ئۆمۈلەپ كىلىپ تىلفۇننى ئالدىم .

- سىلەردە … قورال … باركەن …، سىلەردە … قورال … باركەن … خەتەرلىك … دەرىجەڭلەر … يوقىرى ! … خەتەرلىك … دەرىجەڭلەر… يوقىرى !!!

مەن ئۇلارنىڭ مەقسىدىنى چۈشەندىم، ئەمىلىيەتتە ئۇلارنى چۆچۈتكەن بىزنىڭ يېنىمىزدىكى قوراللار ئىكەن، قوراللار ئۇلارغا تەھدىت پەيدا قىلغان ئىكەن. مەن دەرھال ئىنكاس قايتۇردۇم :

 - بىزگە زىيانكەشلىك قىلمىساڭلار قوراللارنى تاشلايمىز ، بىز سىلەر بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى.

 كاللامدا نۇرغۇن سىر بولغاچقا بۇنى يىشەلمەي كەلگەن ئىدىم. ئەمدى بۇ ئۇچار جىسىم بىلەن تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنى كۆرۈپ سىرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى ئويلىغانتىم. شۇڭا بۇ ئوي - خىياللىرىمنى ئىختىيارسىز ئوتتۇرغا قويدۇم .

 - ساراڭ بولدىڭمۇ ؟- قاھار بىردىنلا تىرىكتى ،- سەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان مەخلوقلارغا قورالنى تاشلاپ بېرىپ كۆرىشىمەن دەيسەنغۇ ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ؟ كىم بىلىدۇ ئۇلارمۇ ئورماندا كۆرگەن مەخلوقلارغا ئوخشاش ئادەمخورمۇ تېخى ؟

مەنمۇ قاھار دىگەن مەسىلىلەرنى بىر قۇر ئويلاپ بولغان ئىدىم. كاللامدا بۇ تاشقى پىلانىت مىھمانلىرىنى ئۇنچە ياۋۋۇز ھېس قىلمايتتىم.

 - سەن دىگەندەكمۇ بولماس، قارا نىمىلا بولمىسۇن ئۇلار خېلى ئەقىللىقتەك تۇرىدۇ. بىزدەك تەپەككۈر قىلىدىكەن ،- دىدىم ئويلىغىنىمنى چۈشەندۈرۈپ.

 - بىر نەچچە ئېغىز سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپلا ئىشەندىڭمۇ ؟ ئۇلار ئۇنچە ياۋۋۇز بولمىسا بۇ ياۋۋۇز مەخلوقلار بىلەن بىرگە ياشاپ نىمە قىلىدۇ ؟ كىم بىلىدۇ ئۇلار تېخى بىزنى سويۇپ، زىققا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپ قىلىپ يەيدىغانلىرىمۇ؟

 بىز تالاش - تارتىش قىلىۋاتقاندا ئۇچار جىسىمدىن يىنىك سىگنال كەلدى، ھەم بارلىق چىراقلىرى قىزىل رەڭدە ياندى، بۇ قارىماققا ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بەلگىسىدەك قىلاتتى.

 - قوراللارنى تاشلاپ بىرەيلى ، كۆرۈشۈپ باقمامدۇق ، بىزنى ھەرگىز يەپ كەتمەس ،- دىدىم مەن تاپانچام ، پىچاق ، ھەم ئاپتۇمات ، ئوقلارنى توپلاپ.

 لېكىن باشقىلار مېنىڭ ھەركىتىمگە قارىغىنىچە مىدىر - سىدىر قىلماي تۇراتتى .

 - نىمە ، سىلەر پىكىرىمگە قوشۇلمامسىلەر؟- دىدىم ئۇلارغا ،- بۇ بەلكىم بىزگە كەلگەن پۇرسەتتۇ ، بەلكىم بۇلار پەرىدەلەرنىڭ خەۋىرىنى بىلدىغاندۇ ، ياكى ئەجىلىمىز كەلگەن بولسا كاۋاپ بولارمىز. موشۇنداق دەۋزەختە تىڭىرقاپ جاننى ساقلىيالماي يۈرىگەندىن بىر قېتىم تەۋەككۈل قىلىپ باقمامدۇق، ياخشى تەرپىنىمۇ ئويلايلى !

 گېپىمدىن نىجات بىلەن روشەنگۈل سىناپ بېقىش قارارىغا كەلگەندەك قىلاتتى، ئۇلارمۇ ئاستا قوراللىرىنى چىقىرىشقا باشلىدى، مەن قاھارغا قارىدىم.

 - قورالىڭنى بەرسەڭ ئۆزەڭ بەر ، كۆرۈشسەڭ ئۆزەڭ كۆرۈش، مېنى ئۇنداق كۆرۈش تۇرماق،  ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان مەخلوقلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قىستىما ،- ئۇ ئاچچىقلىق شۇنداق دەپ قورالىنى يەرگە قويۇپلا ئۈستىدە ئولتۇرۋالدى.

 مەن ئۇنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەنسىمۇ قورقۇپ تەلىۋېمگە قوشۇلمايۋاتقىنىنى سىزىپ بولغان ئىدىم، شۇڭا تاكتىكىنى ئۆزگەرتىپ ئېغىز ئاچتىم :

 - بوپتۇ قىيامەتلىك دوستۇم سېنى زورلىمايمەن، بىز ئىككىمىز نۇرغۇن ئىسسىق - سوغاقلاردا بىرگە بولغان، خەتەرگە ئۇچۇرغاندا بىرەر قېتىم بىرىمىز - بىرىمىزنى تاشلاپ قاشمىغان، بۇنى سەندىن كۆرمەيمەن، بىزگە موشىنىڭدىن باشقا يول يوقتەك تۇرىدۇ شۇڭا مەن بۇ يولنى تاللىدىم، ئىككى سەبدىشىم ھەمرا بولىدۇ. ئەگەردە بىز ئۆلۈپ كەتسەك سەن يۇرتداش،  قېرىنداش ، سەبداشلارغا بىزنى موشۇنداق تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ ئۆلۈپ كەتتى دەپ قوي، مېنى يات ئىتىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتما !

 گېپىمنى تۈگەتتىم قوراللارنى كۆتۈرۈپلا ماڭدىم ، ئۇ ماڭا بىر ھازا قاراپ تۇرۋېتىپ كەينىمدىن ۋاقىردى :

 - ئۆزەڭچە سەن قەھرىمان، مەن قورقۇنچاقمىكەنمەن، ھەمراھىنى تاشلاپ قېچىپتىمىش. مېنى يۇرت - ئالەم ئىچىدە ھەمىراھلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كەلگەن نامەرت دىگەن نام بىلەن ياشىسۇن دىمەكچىما ، ئالە ۋە بۇ تۆمۈر - تەسىكىڭنى. مەن ئۆلۈمدىن قورقىدىغان قاھار ئەمەس.

 تاكتىكام كۈچىنى كۆرسەتكەنتى، مەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىنى بىلىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم .

 - ھىجايمىغىنە ۋاي، ئەگەردە ئۆلۈپ كەتسەم دەۋزەختە بولسام دەۋزەختە، جەننەتتە بولسام جەننەتتە قاغايمەن سېنى. مەن تېخى خوتۇن ئالمىدىم.

 ئۇنىڭ گېپىدىن ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق، بىز دەرھال قوراللارنى يىغىپ ئوچار جىسىمغا يېقىن جايغا قويۇپ يىراقلىدۇق. لېكىن ئۇچار جىسىمدىن ئىنكاس كەلمەيۋاتاتتى. قىزىل چىراقلىرى بىرى ئۆچسە بىرى يېنىپ شۇ پېتى تۇراتتى، بىز تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدۇق .

 - غەلىتە ئىش ، نىمىشقا ئىنكاس يوق ، ھەممە قوراللارنى تاپشۇردۇققۇ ،- دىدىم مەن ھەمىراھلىرىمغا ،- يۈك تاقلارنى يەنە بىر ئاختۇرۇپ باقايلى !

بىز يۈك - تاقلارنى قايتا ئاختۇرۋېتىپ قولىمىزغا ئىككى تال توك كالتىگى چىقتى، بۇمۇ خەتەرلىك قورال ئىدى. بەلكىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ ئۈچمەسلىگى مۇشىنىڭ سەۋەبىدۇ.  مەن دەرھال قورال ياراقلارنىڭ ئارسىغا ئۇلارنى قويۇپ قايتىشىمغا، ئۇچار جىسىمدىن يىنىك مۇزىكا چىقىپ قىزىل چىراقلار بىردىنلا يېشىل چىراقلارغا ئۆزگەردى. بۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ قالتىس بىر ئىشنى قىلىش ئالدىدا تۇرۋاتقىنىمىزنىڭ بەلگىسى ئىدى . …

 داۋامى بار…





5200 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-12 19:55:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-21 22:47:13 ئابابەكرى
ئاكا قوللىرىڭغا دەرت بەرمىسۇن ئاخىرى چىققاندا ساڭا بىر ئۈستەل داستىخان سالىمەن!بىر ئۈستەل زىياپەتكە قەرىز بولدۇم
2016-1-14 23:32:03 نازىم
داۋامى قاچان يوللىنىدۇ
2016-1-14 22:04:03 مۇپەتتىش
يامان پەيزى يېزىۋاتسىز رەھمەت سىزگە بىراق بەك ئۇزۇندا يېزىۋاتسسىز ، بى تىزرەق يېزىڭە بىر كۆزلەر تۆت بوپ كىتۋاتدۇ
2016-1-14 21:09:52 jinim
Kiziwatidu
2016-1-14 20:42:25 شەرىپى
بۇھېكايە ئ‍ادەمنى بىرخىل قورقۇنۇش ئ‍ىچىدە شۈركەندۈردۈرۈپ يەنە بىر جەھەتتە تەۋەككۈلچىلىق قىلىپ ھاياتىنى قوغداش يولىدا جۈرەتلىك قىلىدىغان ئ‍وبدان تېمىكە ،،،لېكىن قوقۇپ تۇرۇپ ئ‍وقۇدۇم
2016-1-14 20:37:05 xadiman kiz
ahiriga bak kizikip kaldim
2016-1-14 19:50:26 قەلبىم08
بەك ياخشى ھىكايىكەن ئاخىرىغا تەشنا مەن
2016-1-14 2:06:33 mahira
apirin sizga .japa qaktihiz.blim daerihiz xundak kang bolgaqka bu asarni nahayti yahxi dawamlaxturwatisiz.rahmat sizga
2016-1-14 1:45:21 مۇستافا
قاراڭغۇ ئ‍ورمان 19 - قىسمىنى تىزراق يوللىڭە
2016-1-14 0:13:47 توغراق
19-قىسمىنى بەكلا ساقلاپ كەتتۇق بولسا چاققانراق ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلار
2016-1-13 23:09:54 شەبنەم
قاراڭغۇ ئ‍ورماننىڭئ‍ورماننىڭ ئ‍اخىرىئ‍اخىرى يېزىلمايدىغۇيېزىلمايدىغۇ ئ‍ەدەمنىئ‍ەدەمنى تەققەززاتەققەززا قىلىپ
2016-1-13 23:09:53 شەبنەم
قاراڭغۇ ئ‍ورماننىڭئ‍ورماننىڭ ئ‍اخىرىئ‍اخىرى يېزىلمايدىغۇيېزىلمايدىغۇ ئ‍ەدەمنىئ‍ەدەمنى تەققەززاتەققەززا قىلىپ
2016-1-13 21:13:09 ئالىيە
مەن بەك ياختۇرۇپ ئۇقۇدۇم ئاخىرنىڭ تىزراق يېزىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن
2016-1-13 21:13:09 ئالىيە
مەن بەك ياختۇرۇپ ئۇقۇدۇم ئاخىرنىڭ تىزراق يېزىلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن
2016-1-13 19:03:07 ئ‍ابابەكرى
19-قىسىم بولسا يوللاپ بەرگىلى بولامۇ؟
2016-1-13 12:57:07 saya
bakyahxi。asarkan。manbak yahturdum katnini。tizrak yezixiguzni。umut。kiliman
2016-1-13 11:45:16 ئ‍ارزۇ
ئ‍ەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مېتىرو ئ‍ەپەندى ئ‍ەسەرلىرىڭىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن جۇمۇ ،ئ‍اللاھ قولىڭىزغا دەرت بەمىسۇن !!!!🌷🌷🌷🌷🌷🌷🌷
2016-1-13 11:41:22 xaripa
dawamini tizarak yizixingizni umud kilman kulingizga dat bamisun
2016-1-13 11:26:48 amchi
Asta
2016-1-13 11:00:09 بەخىت
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يېزىلىپتۇ !
2016-1-13 10:44:12 دىلكەش
ھىكايە بەك قىززىق داۋاملىشىۋاتىدۇ ئەمدى ،، ۋەقەلىك قالتىسكەن كىنو قىلىپ ئىشلىسە قالتىس چىققۇدەك ئاكاـــ داۋامىنى ؟؟؟؟؟؟
2016-1-13 3:25:17 asmutulla
Hakikatan Payzi. Yeziliptu fantaziyilik . Yekaya . Ikan kino . Kip ixlaxka . Mas kelidikann
2016-1-13 2:42:01 Yasin
wah bak Kaltis boldi harmigaysiz
2016-1-13 2:37:37 گۈلزەپەر
بۇ ئەسەرنى بەك ياخشى يىزىپتۇ ، ئ‍اخىرىنى ئ‍وقۇشقا بەكلا ئ‍الدىراپ كىتىۋاتىمەن .
2016-1-13 2:07:43 ئالىمجان
بەك ياخشى يىزلىىپتۇ ئاخىرىنى قاچان ئەۋەتىپ بىرسلەبىرسلە
2016-1-13 1:42:27 yusup
fantaziyalik kino kilip ixlansa mazmuni tehimu yahxi qekkidak ... amma muxu asarni yazgan kollireglaga dat kalmisun kerindax lerim japa qaktiglar
2016-1-13 1:32:11 mamat
yahzi
2016-1-13 1:19:59 mihray
ahirini tizrak yollisigiz bolatti 
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ