تەغدىر گاھىدا لاچىننى قۇناق شېخىغا قوندۇرسا،
گاھىدا بۆرە كۇچۇكىنى مىمانخانىغا باشلايدۇ.
(1)
ئايقىز بىلەن ئالى مەكتەپكە قايتا ئىمتىھان بەرگىلى بېرىپ تونۇشۇپ قالغان ئىدىم . شۇ چاغدا ئۇ بىزنىڭ مەھەلىگە يېڭىدىن كۆچۈپ كەپتىكەن .مەكتەپكە بارغان كۈنىلا بازا ئەتراپىدىكى مېنى تونۇيدىغان بىر قانچە باللا كەينىمگە كىرىۋالدى .ئۇلار مېنىڭ ئالى مەكتەپتىن چېكىنىپ كەلگەنلىگىمنى بىلىشەتى . ئۇلار ماڭا كەچلىرى بىللە تەكرار قىلساق دەپ تۇرىۋالدى .مەندىمۇ ئۈگۈنۈش ماتىرياللىرى كامچىل ئىدى .شۇڭا ئۇلارنىڭ تەكفىۋىگە ماقۇل بولدۇم .كۈندە كەچتە بىرسىمىزنىڭ ئۆيىگە يىغىلماقچى بولدۇق .
ئايقىز بىلەن ئۆيىمىز بىر يەردە ئىدى .ئۇ قىزنى ئىلگىرى زادى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم .ئۇ بىزنىڭ ئۆيدىن ئىككى يۈز مېتىرچە يىراقلىقتىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئائىلىكلەر قوروسىدا تۇراتى .ئۇ چاغلاردا ئىشقا بارىدىغانلارمۇ ،مەكتەپكە بارىدىغانلارمۇ ۋەلىسپىتكە مىنىپ ماڭاتى .بىزنىڭ ئۆيدە ۋەلىسپىت مىنىدىغانلار كۆپ بولغاچقا ، ماڭا ئارقى جازىسى يوق ،شاخشاخ ۋەلىسپىتتىن بىرسى قالغان ئىدى .ئالى مەكتەپنى چالا ئوقىغان بولسساممۇ ئۆزەمنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرەتىم . شۇڭا ئۇ ۋەلىسپىتنى مىنمەي مەكتەپكە پىيادە بېرىپ كېلىپ يۈردۈم .
ئەسلىدە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسىغا تۆت يېرىم ئايلا ۋاقىت قالغان مۇشىنداق ۋاقىتتا بىرەر قىز بىلەن مۇھاپەتلىشىپ قېلىش خىيالىم يوق ئىدى .ئەمما سۈرەتتەك چىرايلىق بۇ قىزنىڭ مەكتەپكە ،كەچلىك ئۈگۈنۈشكە مەن بىلەن بىللە بېرىپ كېلىشى ، نەگە بارسام شۇيەردە بولىشى ھسياتچان قەلبىمگە سېلىپ قويغان تۇغانلارنى بۇزۇپ تاشلىدى .
بىر كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقتىم .كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە ئائىلىلىكلەر قوروسىدىن ۋېلىسپىت مىنىپ چىقىۋاتقان ئايقىز بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدىم .ئايقىز مېنى كۆرۈپ ۋەلىسپىتتىن چۈشتى : -ۋاقىت توشىدىغانغا ئازلا قالدى ،پىيادە مېڭىپسىزغو ؟ -ھە ،ۋەلىسپىتنىڭ كامىرى تىشىلىپ كېتىپتۇ . -مېنى سۆرەڭ ،تىز ماڭمىساق كىچىكىپ قالىمىز . مەن ئۇنىڭ قولىدىن ۋەلىسپىتنى ئالدىم . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئايقىز بىلەن بىر ۋەلسىپىتنى مىنگىشىپ مەكتەپكە بېرىپ كېلىپ يۈردۈم . ئۇ مەكتەپكە ماڭغاندا كوچا دوقمۇشىدا ،مەكتەپتىن يانغاندا دەرۋازا ئالدىدا مېنى ساقلايتى .كەچتە باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ماڭساق بىللە ماڭاتۇق ،بىللە قايتاتۇق .مەن بۇ چىرايلىق قىزنىڭ يېقىنچىلىقلىرىنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم" ئىىمتىھاندىن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدىغاندۇ .بىراق نىمە كارىم ،مۇھابەتنىڭ ھەممىسى ساختا ، ئاۋال بۇ قىزنى كەلتۈرەي ئاندىن بىر گەپ بولمامدۇ ." دەپ ئويلۇدۇم . -كۈندە كەچتە خەقنىڭ ئۆيىگە قاتراش ئەجەپ جېنىمغا تەگدى ،-دىدى ئايقىز مەن بىلەن كېتىۋېتىپ ،-بەزى ئۆيلەردە ئولتۇرغۇدەك ئورۇندۇقمۇ يۇقكەن ،بۈگۈن سادىقنىڭ ئۆيىدىكى ھېلىقى بوۋاق تولا يىغلاپ ،كاللامغا ھىچنىمە چۈشمىدى . بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن كۈلىۋەتتىم . - بىزنىڭ ئۆيگە كىرىدىغان چوڭ دەرۋازىنىڭ يېنىدا بىر مىۋە -چىۋە دۇكىنى بار .باغدىكى مىۋىلەر بىشمىغىچە بۇ دۇكان ئېچىلمايدۇ . دادامغا دىسەم ئۇ دۇكاننى ئېلىپ بېرىدۇ . ئىچىدە توكمۇ ،جوزا ئورۇنداقمۇ بار ،يېتىشمىسە بىزنىڭ ئۆيدىن ئېلىپ چىقىمىز .بۇندىن كېيىن ئاشۇ ئشخانىدا ئۈگۈنۈش قىلساق قانداق دەيسىز ؟
-بۇ ياخشى گەپكەنغۇ ؟ -دىدىم مەن . -ئەمسە ئەتە دادامغا دەي ھە؟ -ھە بولىدۇ دەپ بېقىڭ .
مەن ئۇ چاغدا زەينۇرە ئىسىملىك قىزنىڭ ھاكىمنىڭ قىزى ئىكەنلىگىنى بىلەتىم .بىراق ئايقىز ئىسىملىك بۇ قىزنىڭ دادىسىنىڭمۇ خېلى چوڭ ئەمەلدار ئىكەنلىگىنى كيىن بىلدىم .ئەتىسى كۈنى چۈشتىن كىيىن مەكتەپكە كېتىۋېتىپ ئايقىز ماڭا دادىسىنىڭ ھېلىقى مىۋە -چىۋە دۇكۇننى تەكرار قىلىش ئورنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئېلىپ بەرگەنلىگىنى ،يەنە كېلىپ ئىدارىسىدىن بىرمونچە ئۈستەل ئورۇندوق ئەكىلىپ بەرگەنلىگىنى ئېيتتى.
چۈشتىن كېيىن بىللە تەكرار قىلىۋاتقانلار ئايقىز تاپقان ھېلىقى مىۋە -چىۋە دۇكىنىغا كەلدۇق .دۇكان ئىچى چوڭ ھەم ئازادە بولۇپ، بىرمونچە ئىش ئۈستىلى ھەمدە قوش كىشلىك يۆلەنچۈكلۈك ئورۇنداقلار قويۈلغان ئىدى . -پاھ ، نىمانداق پەيزى ! بىزنىڭ باغدەكلا پۇرايدىكەنغۇ بۇ دۇكان ،-دىدى مەمەتجان ئىسىملىك بالا .مەمەتجان ئۈگۈنۈشتە مۇشۇ توپتىكى باللانىڭ ئالدىدەك قىلاتى . -مىۋە -چىۋە دۇكىنى بولغاندىكىن شۇنداق پۇرايدۇ دە ،-دىدى زۇلپىيە . بىللە تەكرار قىلىۋاتقانلاردىن يەنە پولات ،ئابدۇراخمان ،گۇلنار ،خەيرىگۇل ،سادىقلار بار ئىدى .سادىق ئىسىملىك بالا كېيىن ئىمتىھان بېرىشتىن ۋازكېچىپ مەكتەپكە كەلمىدى .
مەن ئالدىنقى قېتىم تەبى پەندىن ئمتىھان بەرگەن ئىدى .بۇ قېتىم قىزىقىشىم بويىچە ئىجتىمائىي پەن دىن ئىمتىھان بېرەتتىم.ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا جوڭگۇ تارىخى ،جوڭگۇ جۇغراپىيە سىنىلا ئۈگەنگەن ئىدىم .دۇنيا تارىخى ، دۇنيا جۇغراپىيەسى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلارغا يېڭىدىن قوشقان دەرسلىك بولغاچقا ئۇلارنى ئۇخماايتىم .شوڭا توپتىكىلەرگە بۇندىن كېيىن ھەممىمىز ئۆز ئادىمىزغا ئۈگۈنەيلى .ھەممە ئادەم بىلىدىغان يەرنى سوزلىگەننىڭ پايدىسى يوق .بىلەلمىگەن يەرلىرىڭلەر بولسا مەندىن سوراڭلار دىدىم .مېنىڭ بو پىكرىمگە ھەممەيلەن قوشۇلدى . شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئايقىز ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ بەرگەن دونيا تارىخى دەرسلىگىنىڭ 1-قىسمىنى ئاچتىم .بۇ كىتاپتىن ئايقىز يېنىمدا ئولتۇرغاندا دىمىقىمغا ئۇرۇلىدىغان خۇشبۇي ھيد كېلىپ تۇراتى .
مەكتەپتە فۇدو قىلىدىغان ئوقۇتقىچىلار يېتىشمىگەچكە پەقەت ماتىماتىكا ،ئەدىبىيات ،سىياسەتتىنلا فۇدۇ قىلىنىۋاتاتى .باشقا پەنلەردىن فۇدو قىلىنمىغاچقا ،ئىككى سائەت سىنىپتا ئولتۇرساق ،ئىككى سائەت سىرتتقا چىقىپ تەكرار قىلىشىمىزغا توغرا كېلەتى .سىنىپتا بولسا ۋاڭ -چوڭ دەستىدىن ھىچنىمە ئۈگەنگىلى بولمايتى .مەكتەپنىڭ ئەتراپى سايلىق ئىدى .سايلىقتا قايسىدۇر بىر ئورۇننىڭ سالدۇرۇپ پۈتتۈرمەيلا تاشلىۋەتكەن نۇرغۇن ئۆيلەر بار ئىدى .بىز ئاشۇ ئۆيلەرنىڭ دېرىزە تاكچىلىرىگە قونىۋالاتۇق .ئايقىز بىلەن ئېككىمىز سىنىپتا بىر پارتقدا ئولتۇراتۇق ،يولدا بىر ۋەلىسپىتكە مىنەتۇق ،كەچتە مۇزاكىرە قىلغاندىمۇ بىر يەردە ئولتۇراتۇق .دېرىزە تەكچىسىگە چىققاندىمۇ ئۇ مەن قايسى تەكچىگە چىقسام شۇ تەكچىگە چىقاتى . توپتىكى ھەممەيلەن باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ تىرشىپ ئۈگۈنەتى .چۈنكى مېنىڭ ئالى مەكتەپ توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگىنىم ئۇلارنىڭ ئالى مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇش قىزغىنلىغىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتكەن ئىدى . -ئەگەر مەن ئالى مەكتەپ ئىمتىھانسىدىن ئۆتەلمىسەم ئوز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرگە بولسىمۇ بارىمەن، -دىدى زۇلپىيە ھاياجانلىنىپ . -م خەنمۇ شۇنداق قىلىمەن ،-دىدى ئايقىزمۇ . -مەن ئۆتەلمىسەم دادامنىڭ قولىدىن كەتمەننى ئېلىپ ئېتىزلىققا بارسام بولىدۇ ،شۇڭا ئۈگۈنەيلى باللا ! -دىدى مەمەتجان . بىر كۈنى مەن دېرىزە تەكچىسىدە ئولتۇرۇپ ئۇدۇلمدا ئولتۇرغان ئايقىزغا سىنچىلاپ نەزەر تاشلىدىم .ئۇ بۇغداي ئۆڭ ئىدى،قەلەم قاشلار ئاستىدىكى ساھلا كۆزلەرنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرىنىڭ سايىسى تۆۋەنكى قاپىغىغا چۈشۈپ تۇراتى .يۇمبۇلاق يۈزى ،نىپىز لەۋلىرى ئونى ئاجايىپ ئوماق كۆرسىتىپ تۇراتى . ئايقىز مېنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قاراۋاتقانلىغىمنى سىزىپ قالدى .پىسىڭڭىدە كۈلۈپ،كىتاپ بىلەن يۈزىنى ئېتىۋالدى .
-ئايقىز !
-نىمبۇلدى ؟
-نىم بولدى ؟
-ماڭا قاراڭا .
-ياق قارىمايمەن .
-مەن ئىككىمىز مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتسەك دەيمەن ! -ۋىيەي ،ئادەمنى خىجىل قىلىپ ئەجەپ بىر گەپ قىلىدىكەنسىز ؟
- مۇھابىتىڭىز بارمۇ -يە ؟
-ۋاي توۋا ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ ؟ مەن تېخى ئەمدى تولوق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈمەن .
-يوخكەندە ؟
-با بولسا بولامتى ئەمسە ؟ سىزنىڭ بادۇ ھەرقاچان ؟ -بۇرۇن بارتى ئايرىلىپ كەتتۇق . -نىمىشقا ئايرىلىپ كەتتىڭلار ؟
-مەن مەكتەپتىن چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن ،ئۇ مېنى تاشلىۋەتتى .
-بېلەن قىپتۇ .
-شۇ ،بولمىسا سىزدەك چىرايلىق قىز بىلەن تونىشالامتىم ؟ -ۋاي قويىڭا ئۇ گيېپىڭىزنى،مېنىڭ نەرىم چىرايلىق ؟ -ھەممە يېرىڭىز شۇنداق چىرايلىق ،ئادەمنىڭ قارىسا قارىسا،قارىغۇسى كېلىدۇ .
-ھېلىقى مۇھابىتىڭىز مەندىن چىرايلىقتۇ ھەرقاچان ؟ -نەدىكىنى سىزگە يەتمەيدۇ .
-شۆھرەت ، بۇنداق گەپنى قىلىشماي تەكرار قىلايلى- چۇ ؟
-ماقۇلە گەپنىڭ داۋامىنى ئەتە قىلىشارمىز . -بىزەڭلىگىنى ،- دەپ كۈلدى ئايقىز . شۇنداق قىلىپ ئۇنى دەپ بۇنى دەپ يۈرۈپ بىر ھەپتە ئىچىدە بۇ قىزنى كەلتۈرىۋالدىم .
ئاپرىل ئېيينىڭ باشلىرىدا دەل-دەرەخلەر بىخ سۈرۈپ ،مىۋىلەر چېچەكلىدى، يۇمران ئوت -چۆپلەر ئۈنۈپ چىقىپ تەبىئەت رەڭ تۈزەشكە باشلىدى .
ماي ئېيى كىرىش بىلەن تەبىئەت تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كەتتى .ئېتىزلاردىكى بۇغدايلار مەيىن شامالدا دېڭىزدەك چايقالسا ،يول بويلىرىدىكى دەل -دەرەخلەرنىڭ يۈپۇرماقلىرى قوشلار ناۋاسىغا تەڭكەش قىلىپ شىلدىرلايتى . ئايقىز بىلىەن ئىككىمىز ئورمانلىقتا بىر بىرىمىزگە يۆلۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەكرار قىلاتۇق .بىر بىرىمىزدىن سۇال سورايتۇق :
-پېتىر بىر قانداق پادىشا ؟
-بۇرۇتلۇق پادىشا .
-ھۇ شايتان قىز ..
ئايقىز شۇنداق تىرىشقىنىغا قارىماي مانىۋىر ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى .قىزلاردىن پەقەت گۇلنارلا ئۆتكەن ئىدى . ئوغۇللاردىن ئابدۇراخمان ئۆتەلمەپتۇ .ئۇ چاغلاردا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسىغا ھازىرقىدەك ھەممە ئادەم قاتنىشالمايتى. ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىدىغانغىمۇ ھەر قايسى ناھىلەرگە سان بېرىلەتى .ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشمۇ شۇ يىلى يېڭىدىن يولغا قويۇلغان بولۇپ ،بۇ ئوقۇشقا بېرىش ئۈچۈنمۇ چوقۇم ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىپ بەلگىلىك نۇمۇرغا ئېرىشىش كېرەك ئىدى .
ئەمدى ئايقىز بىلەن كۆرۈشمىگىممۇ تەس ئىدى .مەن بىلەن بىللە مەكتەپكىمۇ بارمايتى . بىز نەچچە ئوغۇل ماتىرياللىرىمىزنى يىغۇشتۇرۇش ئۈچۈن . مىۋە چىۋە دۇكىنىغا كىردۇق.
-ھەي ،بۇ سۈيملۈك ماكاندىن ئەمدى ئايرىلىدىغان بولدۇق ،- دىدى مەمەتجان دۇكان ئىچىگە قىيالمىغان ھالدا قاراپ .بىز ماتىرياللىرىمىزنى يىغۇشتۇرۇپ بولۇپ ،ئىشىكنى تاقىدۇق .ئاچقۇچنى ئايقىزغا ئەكىرىپ بەرگەچ ،ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ قويۇش ئۈچۈن ئۆيىگە كىردۇق .ئايقىز كۆزۈمگە خۇددى بىرەر يېقىن تۇققىنى قازا قىلىپ ،قارىلىق تۇتىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى .كۆزلىرى يىغىدىن قىزىرىپ ئىشىپ كەتكەن ئىدى .ئۇنىڭ ھالىغا قاراپ ئىچىم سېرىلدى .باشقىلار ئۇنىڭغا ئۇنى -بۇنى دەپ تەسەللى بەردى . مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم . بىز ئايقىزنىڭ ئۆيىدىن چىقتۇق .ئايقىز بىزنى سەيناسىغا ئۇزۇتۇپ چىقتى . -پولات ،سىز قېلىڭا ،گېپىم بارتى . ئايقىز پولاتنى ئېلىپ قالدى .
كوچىغا چىقىپ ھەممەيلەن ماتىرياللىرىنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىۋېتىش ئۈچۈن كېتىشتى .مەندە ئىككى پارچە ئەدىبىيات كىتاپتىن باشقا ماتىريال بولمىغاچقا ،پولاتنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇردۇم .ئەمدىكى كۈنلۈرۈم ئۇنىڭ بىلەن ئۆتەتى .تەبى بەنگە ئىمتىھان بەرمىگىنىمگە سەل پوشايمان قىلدىم ،تارىخ بىلەن جۇغراپىيەدە ئالغان نۇمۇرۇم بەكلا تۆۋەن ئىدى . بۇ ئىككى بەننى تەكرار قىلدىم دىگەندىن كۆرە ،ئۈگەندىم دىسەم توغرا بولاتى . پولات ئىككى يەشىك بىر نەرسىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەلدى : -بۇنى ئايقىز ساڭا چىقاتتى ، -يەشىكتىكى نىمە ئۇ ؟ -ماتىريال ،ئايقىز ھەممە ماتىرياللىرىنى ساڭا بەردى . سېنى ئوبدان تەكرار قىلىپ ،ياخشى مەكتەپلەرگە ئۆتسۇن مەندىن غەم قىلمىسۇن ،دادام مېنى چوقۇم خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ دەيدۇ .
پولات بىلەن ئىككىمىز ماتىرياللارنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىرۋېتىپ،بىز دائىم تەكرار قىلىدىغان لىىڭدەيلىككە كەلدۇق .يېنىمدا ئايقىز بولمىغاچقا تەكرار قىلىشقىمۇ كۆڭلۈم بارمىدى .
-ھەي قارىمامدىغان سېنىڭ سەۋەبىڭ بىلەن بىرمۇچە ئادەم يىغىلغانتۇق .مەنمۇ فۇدوغا قاتناشقىلى كېلىپ ،ھىچكىمنى تونىمىسام قانداق قىلارمەن دەپ غەم قىلغانتىم. بىراق كۆپچىلىك بىللە تەڭرار قىلىپ قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئىجىل بولۇپ كەتتۇق .نەدىن چىقتى ماۋۇ مانىۋىر ئىمتىھان دەيدىغان نەرسە ؟ توپتىكىلەر تارقىلىپ كەتتىغۇ ئەمدى ؟-دەپ پولات ۋايسىغىلى تۇردى .
-ئۇنداق ئاسان تارقىلىپ كەتمەيمىز ،بالاڭزا ! بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ۋىلايەتلىك مارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ، ماڭا سان ئەكىلىشكە كەتتى . مېنى تەكرار قىلىۋەر دەيدۇ ،-دەپ ئابدۇراخمان يېنىمىزدا پەيدا بولدى . (داۋامى بار)