قاراڭغۇ ئورمان40 - قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 40- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)

 

- كەلمەڭلەر ، كەلسەڭلەر ھەممىمىز تەڭلا تۈگىشىمىز !

 ئۇلارنىڭ يېقىنلاپ كىلىشىدىن تەمتىرەپ قالدىم ھەم مەخلوقنىڭ مېنى چىشلەش ئۈچۈن ئاچقان يوغان ئېغىزىغا بومبىنى تاشلىغان پېتىم ئۆزەمنى چەبدەسلىك بىلەن ياندىكى دەرەخ ئارسىغا ئاتتىم. ھەمراھلىرىممۇ بومبىنى تاشلىغىنىمنى كۆرۈپ كەينىگە داجىشىپ دەرەخلەردىن دالدا قىلىشتى، مەخلوق ئېغىزىغا كىرگەن كىچىككىنە بومبىنى سەزمىگەن بولسا كىرەك ئۇ ھۆكۈرەپ مەن تەرەپكە ئېتىلىشقا تەييارلانغاندا بومبا شىددەت بىلەن پارتىلاپ، ئۇنىڭ باش تەرپى پارە - پارە بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدە خىرس قىلىشىپ تۇرغان باشقا مەخلوقلار بۇ تۇيۇقسىز پارتىلاپ ئاتامىنىنى غۇلاتقان نەرسىنىڭ ئاۋازىدىن ئۈركۈپ كەينىگە چىكىنىشتى.

 مەن غەلبە قىلغىنىمدىن خۇش بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولدۇم ئەپسوس، شۇ چاغدىلا پۇتۇمدىن تارىغان ئاچچىق ئاغرىق كاللامغا چىقىپ زىڭىلدىتىۋەتتى. پەرىدەلەر يېنىمغا يۈگۈرشۈپ كەلگەندە پۇتۇمنى قۇچاقلاپلا قالغان ئىدىم.

 - قارىڭە پۇتىڭىزنى يەنە بۇرۇنقىدىنمۇ ئېغىر يارلاندۇرۋاپسىز ، باشقىدىن تاڭساق بولغۇدەك،  قان يەنە چىقىۋېتىپتۇ ،- دىدى ئۇ جىددىيلەشكەن ھالەتتە پۇتۇمدىكى تېڭىقنى يىشىۋېتىپ.

 - قارا كىيىملىك دوستىمىز قېنى؟ - سورۇدۇم ئۇلاردىن.

 - ئاۋۇ دەرەخ يېنىدا.

 - بولدى ۋاقىتنى قولدىن بىرىپ قويمايلى ! تىزدىن موداپىئە توسىقىدىن ئۆتىۋالايلى، مېنى يۆلەڭلەر!

پەرىدە ئاچچىقلىدى :

 - پۇتىڭىزدىن قان ئېقىپ تۇرسا قانداق ماڭىسىز ، ھېلىمۇ كۆپ قان چىقىپ كىتىپتۇ، قانسىراپ كىتىسىز!

نىجات مېنى يۆلەپ تۇرغۇزدى .

 - ۋاقىتنى كەتكۈزۈپ قويساق تېخىمۇ ئېچىنشلىق ئەھۋالدا ھالاك بولىمىز ، كارىڭلار بولمىسۇن،  ماڭايلى تىز !

بىز قارا كىيىملىكنىڭ يېنىغا بارغاندا ئۇنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەن ئىدى. نىجات بىلەن پەرىدە كۈچەپ يۈرۈپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى، كەينىمىزدە ھەيۋە قىلىپ تۇرغان مەخلوقلار بۇ چاغدا ئۆلگەن مەخلوقنىڭ جەسسىتىنى تالىشىپ بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۋاتاتتى.

 - تىز بولايلى! ئۇلار بەكلا غالجىرلىشىپتۇ، بىزگە ھۇجۇم باشلىغۇچە مۇداپىئە توسىقىدىن ئۆتىۋالايلى! - دىدىم ئاغرىقتا ئارانلا كۈچەپ.

 - تىز ماڭايلى، ئۇلار يەنە كەلدى! ۋاقىردى كەينىگە قاراپ مېڭىۋاتقان قاھار .

 ھەقىقەتەن مەخلوقلار ئېچىرقاپ كەتكەن بولسا كىرەك بىزنى يىيىشكە بىر - بىرىدىن قىزغىنىپ ئۇرۇشقان پېتى كىلىۋاتاتتى. بىز دەرەختىن - دەرەخكە يۆلۈنۈپ، شاختىن - شاخقا ئېسىلىپ دىگۈدەك مۇداپىئە توسىقى بار جايغا كەلدۇق، كۆڭلىمىزدە ئەمدى خەتەردىن قۇتۇلدۇق دەپ ئويلاۋاتقاندا، ئالدىمىزدىكى چۆمۈلە، پاشىمۇ كىرەلمەيدىغان توساق كۆرۈنمەيتتى، قاھار ئەتراپنى ئىزدەپ جىددىيلىشىپ ۋاقىرۋەتتى.

- توساق قېنى ؟ توساق يوق تۇرىدىغۇ ؟

 - بۇ مۇمكىنمۇ ؟ موشۇ جايدا بار ئىدىغۇ ؟ - دىدىم مەنمۇ پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا ئەتىراپنى ئىزدەشتۈرۈپ.

 - ئۇچار ماشىنىمىزنىڭ ئىنىرگىيەسى تۈگەپتۇ ،- دىدى بۇ چاغدا قارا كىيىملىك ھاسىراپ تۇرۇپ ئارانلا ،- توساق شۇڭا يوقاپ كىتىپتۇ ، ئەمدى ئۇچار ماشىنىمۇ خەتەردە قالىدىغان بولدى.  

ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەممىمىز لاسسىدە بولۇپ قالدۇق ، ئەمدى قۇتۇلۇشنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدىمۇ ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. مەخلوقلار بىردەمدىلا يىتىپ كىلىشتى، ئۇلارنىڭ بۇ غالجىرلاشقان ھەيۋىسى شۇنچىلىك سۈرلۈك بولۇپ، بىز بولساق قولىمىزدا قورال يوق، يېرىم جان تېنىمىزنىمۇ ئېلىپ قېچىشقا ئىمكان يوق، ئۇلارغا يەم بولىشنى ساقلاپ تۇرماقتىن باشقا ئىلاجىمىز قالمىغانتى. بىزنىڭ بۇ چاغدىكى سېلىشتۇرمىمىز ئىت ئالدىدىكى چاشقاندەك پەرىقتە ئىدى. « ئاھ خۇدا ، ئەمدى قېچىپمۇ قېچىپ كىتەلمىگۈدەكمىز ، قالغىنىغا ئۆزەڭ بار !» شۇ نىدا بىلەن مەخلوقلارغا توغۇرلاندىم. پەرىدە يۈگۈرەپ كىلىپ بىلىكمگە ئېسىلدى، بۇ ئۇنىڭ مەن بىلەن تەڭ ھالاك بولىشقا تەييارلانغانلىغى ئىدى.

 مەخلوقلار بوراندەك سۈرئەتتە ئېتىلدى. دەل شۇ چاغدا ئەڭ ئالدىدا ھۆكۈرەپ كەلگەن بۆرىسىمان مەخلوق تۇيۇقسىز ئىككى پارچە بولۇپ ئالدىمىزغا يىقىلدى، بىز نىمە ئىشلىغىنى بىلىپ بولغىچە ئېتىلىنغان نەچچە مەخلوقمۇ ئىككى پارچىدىن جەسسەتكە ئايلىنىپ يىقىلدى. بىز نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي كەينىمىزگە بۇرۇلغاندا ئۇچار ماشىنىدا قالغان قارا كىيىملىك قورالىدىن ئوت ئېچىپ بىزنى قۇتقازغىلى يىتىپ كەلدى، ئۇنىڭ كەينىدە روشەنگۈل ئاپتۇماتىنى سايراتقىنىچە كىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يېنىدا بولسا مەپتۇنئاي تاپانچىنى قانداق ئېتىشنىمۇ بىلەلمىگەندەك ھاسىراپ - ھۈمىدەپ كىلۋاتاتتى.

 ئۇلار كەلگەن پېتى نەچچە مەخلوقنى يەر چىشلەتكەچكە باشقا مەخلوقلار ھۇجۇمدىن توختاپ دەرەخ ئارسىغا مۈكۈشتى. بىز ئەجەل تۇمشۇققا كەلگەندە پەيدا بولغان بۇ ھەمراھلىرىمىزنىڭ بۇ جەسسۇرانە ھەركىتىدىن ھەم ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغىنىمىزدىن خوشال بولۇپ ھاياجاندا ۋاقىرىشىپ تاشلىدۇق.

 - قانداقكەنمىز ، يامانمىكەنمىز، سىلەرنى قۇتۇلدۇرۇشقا، ياردەمگە كەلدۇق ، - دەپ پوچىلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ.

 - راس يامانكەنسىز ، يارايسىز ،- دىدىم ئۇنى ماختاپ.

 - نىمانداق بولۇپ كەتتىڭلار سىلەر بىلەن ئالاقىلشالماي بەك ئەنسىردۇق ،- دىدى ئۇ يۈگۈرەپ كىلىپ پۇتۇمغا قاراپ.

 - ھامۇتئاخۇن ئاكا قېنى؟ - دەپ سورىدى مەپتۇنئاي بىزگە بىر قۇر قاراپ چىقىپ، ئۇنىڭ كەينىدىنلا روشەنگۈلمۇ سورىدى : - راس ئۇ ئادەم كۆرۈنمەيدىغۇ ؟

 - قالغان ئىشنى قايتىپ بارغاندا دەپ بىرەي تىز قايتايلى ، بۇ يەر ھازىرلا پارتىلايدۇ - دىدىم ئورنىمدىن قوزغۇلۇپ.

 قارا كىيىملىك ھەمىراھىنى كۆتەردى، باشقىلار يارلانغانلارنى يۆلىدى، بىز بۇ يەردىن يىراقلاشقاندا بايا ئۆزىنى چەتكە ئالغان مەخلوقلار جەسەت تالىشىپ ھۆكۈرشىشكەباشلىدى.  مانا ئالدىمىزدا ئۇچار جىسىم كۆرىنىشكە باشلىدى، بىز ئەمدى قۇتۇلۇپ كىتىشىمىزگە ئىشەندۇق.

 لېكىن ئۇچار جىسىمغا ئون بەش مىتىرچە قالغاندا بىزنى يەنە بىر بالا - قازانىڭ ساقلاۋاتقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق. شۇ چاغدا مېنىڭ بىر تەرپىدە يۆلەپ كىلىۋاتقان پەرىدە تۇيۇقسىز يىقالدى،  ھەم ۋاقىرۋەتتى، مەن نىمە ئىش بولغىنىنى بىلىگىچە يىلاندەك ئۇزۇن بىر نەرسە دەرەخلەر ئارسىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ پۇتىنى چىرماپ ئېلىپلا ئورمانلىق تەرەپكە سۆرەپ ماڭغانتى، مەن چەبدەسلىك بىلەن ئۆزەمنى ئۇ تەرەپكە ئاتتىم ھەمدە ئارانلا ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدىم ، لېكىن ئۇ نەرسىنىڭ كۈچىدە مەنمۇ سۆرۈلۈپ كەتتىم.

 - نىمە بۇ ئەركىن ، مېنى تارتىۋېلىڭ ! - دەپ ۋاقىرايتتى پەرىدە.

 مەنمۇ بار كۈچۈم بىلەن تىركىشەتتىم.

 - قولۇمنى چىڭ تۇتۇڭ ، ھەرگىز قويۇپ بەرمەڭ!

 بۇ چاغدا مېنىڭ پۇتۇمغا بىرى ئېسىلغاندەك قىلدى، ئۇ ئېسىلغىنى يارلانغان پۇتۇم بولغاچقا ئاغرىقتىن بېشىمدىن تۇتۈن چىقاتتى، لېكىن ئامال قانچە ، پەرىدەنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن چىدىشىم كىرەك!

 شۇ چاغدا ھەمراھلىرىم يۈگۈرەپ كىلىپ تۇشمۇ - تۇشتىن پەرىدەگە يېپىشتى لېكىن ھېلقى نەرسىنىڭ كۈچى يەنىلا زور ئىدى. بۇ چاغدا قارا كىيىملىك ئېتىلىپ كىلىپ ئۇ نەرسىنى چېپىپ ئۈزىۋەتتى ، ئورمان ئىچىدە چىقىراق سەت ئاۋاز ئاڭلاندى، بەلكىم مەخلوق ئاغرىقتىن ھۆكۈرەپ كەتكەن بولسا كىرەك.

 - تىز ئۇچار جىسىمغا چىقىڭلار !

 قارا كىيىملىك بىر بۇيرۇق قىلىۋېدى ئۇچار جىسىمنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلدى بىز ئالدىراپ - تىنەپ ئۇچار جىسىمنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ئورمان ئىچىدىن غايەت زور بىر غەلىتە مەخلوق دەرەخلەرنى سۇندۇرۇپ يىتىپ چىقتى، ئۇنىڭ بەدىنى بەك يۇغان بولۇپ ئورماندىكى ئەڭ ئىگىز دەرەخلەر دىنمۇ ئىگىز ئىدى. ئۇنىڭ پۇتلىرى سىياھ بېلىقنىڭكىدەك كۆپ ، تېنى مايمۇنىڭكىگە ئوخشايتتى، باش شەكلى بولسا قان شورۇغۇچى شەپەرەڭنىڭ باش شەكلىنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان مەخلوقلار پەيدا بولدى،  ئۇلارنىڭ كۆپلىگىدىن قارىماققىلا بۇ ئورماندىكى مەخلوقلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغاندەك قىلاتتى.

 ھېلىقى يوغان مەخلوق بىر ھۆكۈرەپلا ئۇزۇن پۇتلىرىنى يىلاندەك سوزۇپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى،  ئۇنىڭ بۇ سۈرئىتى شۇنچىلىك تىزكىن بىز ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ بولغىچە بەدىنىمىز بوغما يىلاننىڭ ئولجىسىدەك ئىسكەنجىگە چۈشتى. قارا كىيىملىك بىر سىلكىلىنىپلا مەخلوقنىڭ ئىسكەنجىسىنى ۋەيران قىلىپ چىقتى -دە چەبدەسلىك بىلەن باشقىلارنى تۇتۇپ تۇرغان پۇتلىرىنى چاپتى. مەخلوق سەت ھۆكۈرگىنىچە قارا كىيىملىككە ئېتىلىندى، ئۇ كەلگەن پېتى قارا كىيىملىكنى چاڭگاللاپ ئېلىپ يەرگە ئۇرماقچى بولغاندە يارلانغان قارا كىيىملىك نەدىن كەلگەن غەيرەتكىن يۈگۈرەپ تۇرۇپ مەخلوقنىڭ قۇرسىقى تەرەپكە تايىنىپ كەلگەن قورالىنى ئاتتى. ئۇ قورال ئۇچۇپ بېرىپ ئۇنىڭ قۇرسىقىغا قادالدى، مەخلوق زەربىدىن سەت ھۆكۈرەپ كەينىگە نەچچە قەدەم دەلدەڭشىپ چىكىندى.

 چاڭگالدا تۇرغان قارا كىيىملىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ سەكرەپ چۈشتى - دە ھەمراھىنى يۆلىدى. ھەمراھى ئۇنىڭغا قانداقتۇ بىر تىلدا بىر نەرسىلەرنى جىكىلەپ بولۇپ قولىغا قۇرسىقى تەرەپتىن بىزگە كۆرسەتكەن ئىنىرگىيە باتارىيىسىنى تۇتقۇزۇپ بىز تەرەپكە ئىتىرۋەتتى. ئۇ قىيالمىغاندەك ھالەتتە ھەمراھى تەرەپكە مېڭىۋېدى، ھەمىرا قاتتىق ۋاقىراپ رەت قىلدى.

- تىز ئۇچار جىسىمغا چىقىڭلار ،- دىدى قارا كىيىملىك يارلانغان ھەمىراھىغا خوشلاشقاندەك بىر ئىپادە بىلدۈرگەندىن كىيىن بىزگە بۇرۇلۇپ. بىز ئالدىراپ - تىنەپ ئۇچار تەخسىگە چىقتۇق،  يوغان مەخلوق بۇ چاغدا زۇۋانغا كىردى :

- سىلەر ھەرگىز قېچىپ كىتەلمەيسىلەر ، سىلەرنىڭ ھالاك بولىدىغان ۋاقتىڭلار توشتى.

 ئۇنىڭ سەت ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ھېلقى ئۆزگىرەلەيدىغان مەخلوق شۇ ئىكەنلىگى چىقىپ تۇراتتى. يارلانغان قارا كىيىملىك غەيرەتكە كىلىپ قەددىنى تىك تۇتۇپ ۋاقىردى :

 - سەن خائىن ، مۇناپىقنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، سەن ئەمدى تۈگەشتىڭ !

 بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەخلوق غەزەپكە كىلىپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى، ئۇ چەبدەسلىك بىلەن يامىشىپ ئۇنىڭ بوينىغا يېپىشىۋالدى. باشقا مەخلوقلار بىز تەرەپكە ئېتىلىندى. قارا كىيىملىك ئېتىلىپ كىرىپ ئۇچار تەخسىنىڭ ئىشكىنى تاقىدى، مەخلوقلار يۇپۇرلۇپ كەلگەن پېتى ئۇچار تەخسىنى مۇشلاپ، غاجاپ، ئۆتكۈر تىرناقلىرى بىلەن تاتىلاپ پارچىلاشقا ئۇرۇندى.

 قارا كىيىملىك جىددى ھالەتتە ھەمراھى بەرگەن ئىنىرگىيە قۇتىسىنى بىر جازىنىڭ ئىچىگە سالدى، ئۇچار جىسىمنىڭ چىراقلىرى ياندى، بىز دەرىزىدىن مەخلوقلارغا قارىدۇق، ئۇلار جان - جەھلى بىلەن بىزگە ھۇجۇم قىلۋاتاتتى، يۇغان مەخلوق بولسا قارا كىيىملىك بىلەن تىركىشىپ ئۇنى بوينىدىن ئاجىرتىشقا ھەركەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ چاغدا قارا كىيىملىك قۇرسىقىدا تۇرغان شەمشەرنى بىر قولىدا سۇغۇرۇپ ئېلىپ مەخلوقنىڭ بوينىغا زەپ بىلەن ئۇردى، مەخلوق سەت سىلكىنگىنىچە توغلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۇزۇن پۇتلىرى جان ئاچچىغىدا ئەتراپقا زەپ بىلەن ئۇرۇلدى. بۇ ئۇرۇلۇشتا بەزى مەخلوقلار يىقىلدى، كىچىكلىرى ئۇچۇپ كەتتى. دەرەخلەر سۇندى ، ھەتتا بىر يىلاندەك ئۇزۇن پۇتى ئۇچار جىسىمغا تىگىۋىدى ئۇچار جىسىمنىڭ ئىچىدىن بىر جايلار پاراسلاپ كۆيۈپ ئىس چىقىپ كەتتى. مەخلوق شۇنداق جان تالىشىۋېتىپ قارا كىيىملىكنى بوينىدىن يۇلۇپ ئېلىپ پارە - پارە قىلىپ تاشلىدى ھەمدە گۈپپىدە يىقىلىپ چۈشۈپ جىمىقتى ئۇ ئۆلگەن ئىدى. ئۇچار جىسىمدىكى قارا كىيىملىك ھەمراھىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا قۇربان بولغىنىغا قاراپ ۋاقىراپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىكى ئازاپلىق چىقاتتى، بىزمۇ ئۇزۇندىن بىز بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۆرەش قىلغان دوستىمىزنىڭ بۇ قەھرىمانە قۇربان بىرىشىدىن تەسىرلىنىپ يېشىمىزنى توختىتالمىدۇق.

 مەخلوقلارنىڭ ئۇچار جىسىمغا كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىشىدا ماشىنا ئىچى كۈچلۈك سىلكىنەتتى، قارا كىيىملىك ئەھۋالنىڭ چاتاقلىغىنى پەملەپ قايغۇسىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ بىر مۇنچە مەشغۇلات ئېلىپ باردى، لېكىن ئۇچار تەخسە قوزغىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

- نىمىش بولدى ؟- دىدىم ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ .

 - ئۇچار جىسىمنىڭ بىر زاپچىسى قوزغالمايۋاتىدۇ ، ئېغىر زەربە يەپتۇ ،-دىدى ئۇ تەكشۈرەۋېتىپ.

 بۇ چاغدا يەر قاتتىق سىلكەنگەندەك بولدى، ھەممە نەرسە چايقىلىپ كەتتى ھەتتا يىرتقۇچ مەخلوقلارمۇ ھەركىتىنى توختىتىپ، بىر نەرسىنى سەزگەندەك قورىققىنىدىن ئۇياق - بۇياققا بويۇنداشتى.

 - يەر ئاستى تەجىربىخانا بىرىنجى باسقۇچتا پارتىلدى، ئەمدى ئون سىكىنۇتتىن كىيىن پۈتۈن ئورمانلىق پارتىلاپ تۈپتۈز بولۇپ كىتىدۇ ،- دىدى قارا كىيىملىق جىددىيلىشىپ مەشغۇلات قىلغاچ . - ئەمىسە بىزچۇ؟ بىزمۇ تۈگەشتۇقمۇ ؟- سورۇدۇم ئۈمۈتسىزلىنىپ.

- بەلكىم شۇنداق ، ئىنىرگىيە ئازلىق كىلىۋاتىدۇ ، ئۇچار ماشىنا قوزغىلالمايۋاتىدۇ. راس دىگەندەك ئون سىكىنوت توشىشىغا يەر جاھان سىلكىنىپ شۇنداق كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن تەڭ كۈچلۈك نۇر ئورمان ئوتتۇرسىدىن كۆتۈرلۈپ چىقىپ بىردىنلا جىمجىت ھالەتكە ئۆتتى -دە ئون سىكىنۇتتىن كىيىن غايەت ئوت يالقۇنىنى ھەمرا قىلغان شامال ئودۇل كەلگەنكى نەرسىلەرنى كۆيدۈرگەن پېتى بىزگە قاراپ ئوقتەك يۇپۇرلۇپ كەلدى . ھەممىمىزنىڭ ئەمدى بۇ كۈچلۈك ئىنىرگىيەلىك ئوتتا كۈلگە ئايلانماقتىن باشقا ئىلاجىمىز يوق ئىدى ، موشۇ جىددى پەيىتتە ئۇچار تەخسە تۇيۇقسىز قوزغىلىپ كەلگەن شامالنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇچۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى ، بىز مەخلوقلارنىڭ ئوت يالقۇنىدا كۆيۈپ كۈلىنىڭمۇ توزۇپ كىتىۋاتقانلىغىنىنى غىل - پاللا كۆرۈپ قالدۇق .

 - ئۇچار تەخسىدە ئىنىرگىيە لىق تولۇپتۇ ،-دىدى قارا كىيىملىك ھاياجان بىلەن ،- پىلانتىمىزغا قايتالايدىغان بولدۇم .

 بىز كۆك قەرىدە توختىغاندا ئورمان بىردەم ئوت يالقۇنى ئىچىدە تۇرغاندىن كىيىن يىنىك بىر تەۋرەپ تۈپتۈز سايلىقتەك ھالەتكە كىردى، ئۇ يەرنىڭ بۇ كۆرىنىشىدىن ئورمان، ئاجايىپ - غارايىپ مەخلوقلاردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ھەتتا بىز ھەيدەپ كەلگەن ماشىنىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ھەممىمىز پەسكە قاراپ ئۇ يەردىكى ۋەھىمىگە، خەتەرگە تولغان ئەسلىمىلىرىمىزنى بىر قۇر ئەسلەپلا قالدۇق .

- كەچۈرۈڭلار ! سىلەرنى داۋالاپ قوياي دىسەم ئۈسكىنىدىن چاتاق چىقىپتۇ ،- دىدى قارا كىيىملىك دوستىمىز جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ، سىلەرنى يۇرتۇڭلارغا يېققىن جايغىلا يەتكۈزۈپ قوياي. ئۇ شۇ گەپنى قىلىپ بولغاندا بىز پەرىدەنى ئىزدەشكە ئاتلانغان يېزا دوقمىشىغا كىلىپ قالغىنىمىزنى بىلدۇق.

 - خەيىر دوسىتلار ئەمدى خوشلىشايلى ،- دىدى ئۇ قۇچىغىنى ئېچىپ ، بىز بىر - بىرلەپ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتۇق، نەچچە ۋاقىتتىن خەتەرلىك كۈنلەردە بىرگە ئۆتكەچكە مىھرىمىز چىڭ چىگىلىپ كەتكەچكىمىكىن ھەممىمىزنىڭ كۆزىدە ياش ئىدى .

 - خەيىر !- دىدىم مەن ،- سىلەر يەنىلا بىزنىڭ دوستىمىز ، بىز سىلەرنى ئەسلەپ تۇرىمىز !

 ئۇمۇ ھۈرمەت بىلدۈرۈپ تىك تۇردى. - مەنمۇ ئەسلەپ تۇرىمەن ، سىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.

 بىز سەپكە تىزىلىپ ئۇنىڭغا ھۈرمەت سالىمى چاس بەردۇق ، ئۇ قولىنى يۈرىگىگە قويدى، ئاندىن بىر كونوپكىنى باستى، بىز تۇيۇقسىز بىر يورۇق نۇر ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك بولدۇق نۇر يوقىغاندا بولسا يەردە تۇراتتۇق، ئۇچار تەخسە ئۈستىمىزدە خوشلاشقاندەك بىر ئايلىنىۋېتىپ شۇنچىلىك تىزلىكتە كۆك ئاسمان ئىچىگە كىرىپ كەتتى .

 - بىز قايتىپ كەپتۇق ،- دىدى نىجات ئەتىراپقا قارىۋېتىپ .

 - شۇنداق ،-دىدىم مەن ،- بىز قايتىپ كەلدۇق . ھەممىمىزنىڭ چىرايىدا غەلبە كۈلكىسى جىلۋىلەندى، ساقلار ياردارلارنى يۆلىدى، قەدەملىرىمىز يېزىغا قاراپ بېسىلدى… …

 ھىكايە شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى. كەڭ دوسىتلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقىغىنىغا رەھمەت، ۋاقىت چىقىرالماي تەققەززا قىلىپ قويغىنىمدىن تۈۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن، ئاللا ھەممىڭلارنى ئامان قىلغاي. ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro) 20016-يىل7- ئاينىڭ 15- كۈنى. ئەسكەرتىش : ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز ھىچقانداق ئورۇن، ياكى سالونلارنىڭ پايدىلىنىشى، تارقىتىشى چەكلىنىدۇ.





3307 قېتىم كۆرۈلدى ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-16 19:08:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-29 20:29:01 مۇبارەك
بەك ياقتۇردۇم ياخشى يىزلىپتۇ قولڭىزغا دەت كەممىسۇن
2017-1-25 13:12:40 PAROL77
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مىتروكا سىزنىڭ ئالاقىلشىش ئۇسۇلىڭىز بولسا قالدۇرۇپ قۇيغان بولسىڭىز
2016-12-3 1:53:48 گۈزەلنۇر
بەك ياخشى يېزىپسىز قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن خۇددى كىنۇ كۆرۋاتقاندىكىدەك ھىسياتتا ئوقوپ كەتتىم تەكلىۋىم ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كىيىن نىمە ئىشلا بولدىغىنىنى داۋامى قىلىپ يېزىپ كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزگە سۇنسىڭىز دىگەن ئۇمۇتتىمەن
2016-12-1 19:28:27 خالىدە
بەك ياقتۇردۇم !
2016-11-21 14:54:58 قۇياش
بەك ئىسىل ئەسەركەن ،رەھمەت جاپا چەكتىڭىز ،بولسا تىخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يىزىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن
2016-9-24 18:22:46 Buzuhra
Rahmat bu asar bak payzi yizliptu ras kino kilip exlap kalsa kurlux nisbiti yukri bolxi mumkin aptur yana bir kitim rahmat jumu sezga🌺🌻🎂🏆
2016-9-7 19:07:54 sirdax
yahxi
2016-8-26 17:27:39 mardan
nahayti yahxi yezip siz bak yahturdum
2016-8-23 15:04:19 جاھاننامە
ئ‍اخىرى بەك ئ‍استا چىقدىكەن ئ‍ادەمنى تەقەززا قىلىپ
2016-7-28 11:17:51 مۇھەممەت
15-16چى قىسمى يوققۇ
2016-7-25 23:39:45 ئابدۇجىلىل
رەخمەت سىزگە ، ئاجايىپ نادىر ئەسەركەن بۇ ،،،،
2016-7-25 18:22:01 چاقماق
ئەسەر ئاخىرى تۈگەپتۇ ئىسىل فانتازىيلىك كىنونىڭ ئۆزىلا ،رەھمەت جاپا چەكتىڭىز !
2016-7-25 0:21:33 tanha yigit
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاپتۇر ،ئالاقىلىشىش ئ‍ادىرسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقايلى
2016-7-24 21:48:07 QAWANDAZ
رەھمەت سىزگە جاپا چەكتىڭىز ئەگەر ۋاختىڭىز چىقسا ئىككىنجى بۆلىمىنىمۇ يازسىڭىز بوپتىكەن پەرىدە بىلەن ئەركىننىڭ كىيىنكى تەقدىرى قانداق بۇلىدۇ ئىككىسى توي قىلالامدۇ يوق ھېلىقى قاراكىيىملىك چەۋەندەز يەنە كىلەمدۇ مۇشۇ ئىشلارغا بەك قىزىقىپ قالدىم بولسا مۇشۇ تەكلىۋىمنى بىر ئويلىشىپ كۆرگەن بولسىڭىز رەھمەت
2016-7-22 20:59:08 تەنھا يىگىت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئ‍اپتۇر ،بامۇسىز بولسىڭىز ،ئالاقىلىشىش ئادىرسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ،سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇراي دىگەن ئىدىم .
2016-7-22 20:41:03 tanha yigit
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئ‍اپتۇرجان بۇ ئ‍ەسىرىڭىز بەك ياخشىكەن ،مەنبەسىنى ئ‍ەسكەرتىپ باشقا ،مۇنبەرگە يوللىسام بولامدۇ؟
2016-7-18 6:42:57 ئابدۇراخمان
رەخمەت قىرىندىشىم .مەن بۇھىكايىنى ناھايتى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم ..ھىكايە ۋەقەلىكى بەكلا ياخشىكەن. ئەگەر ماقۇل كورسىڭىز بۇ ئەسىرىڭىزنى باشقا مۇنبەرگە تىما قىلىپ يوللىسام ؟ ئەلۋەتتە .ئەسەر ئاپتۇرى .ھەم مەنبەسىنى ئىنىق ئەسكەرتىپ يوللايمەن
2016-7-18 2:05:39 مىرادىل
20016 ئەمەس 2016
2016-7-18 1:05:30 ئمئنجان
قالتئس چئكتئ
2016-7-17 19:34:18 arafat
aka bu asarni kino kilip ixlap bahsagla bolmamdu biznig kinoqilikimizda muxondah turdiki kino yok uylixip bikigla
2016-7-17 16:22:15 ئەركەم
ئەسسالام مۇنبەردىكى قېرىنداشلا،قاراڭغۇ ئورمان ھېكايىسى ئاخىرى غەلبىلىك تاماملىنىپتۇ،ئاپتورنىڭ قەلىمىگەدەرت كەلمىسۇن.
2016-7-17 13:45:13 قارا قۇياش
ئاخىرلىشىشى بىزە ناچار ۋە تومتاقلا بولۇپ قاپتۇ ،بۇ ئەسەرنىڭ ئومومىي مەزمۇنىغا نوقسانمۇ قانداق ، بۇنداقلا ئاخىرلاشتۇرماي ئۇلانى ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىنكى غۇلغۇلا ئىچىدە ئاخىرلاشسىچۇ ؟ بۇ چاغدا بىزە رىئالىرەك چىققان بولاتتى، شەخەن پىكىرىم  
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ