يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 10 - قىسىم

يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى (ھىكايە) 10 - قىسىم

زۇرفى 


    مىنى  قۇيۋېتىڭ ئاكا  خۇش بۇلاي  مىنى قۇيۋېتىڭ ،  زىلال  ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلايتى  .  مانا  چۇشلىرىدە كۆرگەن ئىككى قارا كىيىملىك ئۇنىڭ ئالدىدا ئىدى .  زىلال نىمىلام دىمىسۇن ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا كىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،   تولا يىغلاۋەرمەڭ خان قىز  بىز سىزنى يىمەيمىز  دەپ .   بىر بىرىگە  قاراپ كۇلشۇپ   زىلالنى ئىسكەنجىگە ئىلۋالغان ئىدى .  
بۇ يەر ئۇرۇمچىنىڭ ئەڭ چەت تاغقا يىقىن بىر يەر بۇلۇپ  قاراڭغۇدا   ھېچ يەرنى پەرىق ئەتكىلى بولمايتى  .  
زىلالنى سولاپ قۇيغان ئۆي  تاشلاندۇق ئۆي بۇلۇپ ،  ئىچىدە ئاللا قانداق بىر نەرسىلەرنىڭ قالدۇقلىرى  بار ئىدى .،   زىلال  ئاشۇ چۇشلىرىنى ئويلايتى  ، ئاتا ئانىسى ،  مومىسى ،  مۇختەر  يەنە ئوسمان باينى ،  رەيھانگۇل خانىمنى  ھەممىسنى  ئويلايتى ،   مەن سىلەرنى تۇنىمىسام  نىمىشقا ئۇنداق قىلىسىلەر  ،  مىنى  قۇيۋېتىڭلار  ئۇ توختىماي يىغلاپ ئۇلارغا يالۋېرىپ  ئۇلاردىن پاناھلىق  تىلەيتى .
سىرتتا بىر ماشىنا  كەلگەندەك قىلاتتى ،  ئۆيدىكى ئىككىسى سىرىتقا قاراپ ماڭدى ئىشىكى چىڭ يىپىلمايدىغانلىقىنى كۆرگەن زىلال  شۇنداق بىر كۇچنى يىغىپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە كەلدى ،  سىرىتتىن  بىر قىزنىڭ ھەم يەنە بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى ، زىلال  ئىشىكنى ئاستا ئىچىپ كۆينىكىنى قوللىرىغا يىققىنىچە  ئالدى ئارقىغا  قارماي  قاچتى .   توختا  ،   توختا  دىدىم،   تۇتىۋالسام بىر يىرىڭنى بىرنىم قىلۋېتمەن پاسكىنا  ،    باياقى ئىككىسى  زىلالنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرۇپ  ئارقىسىدىن قوغلىدى ،   زىلال  ئۇدۇل كەلگەن يەرگە قاچاتتى ،  توختىماي يۇگرەيتى ، توختاپ  قالسىلا  ئۇلارغا تۇتۇلۇپ قالدىغانلىقىنى بىلگەچكە بارچا كۇچىنى يىغىپ قاچاتتى.
مۇختەر  بىلەن ئەلىنىڭ سۇقۇشىشى  ئەۋجىگە  چىقىپ سىرتتا كۇتۇپ  تۇرغان ۋەلىنىڭ قول چوماقچىلى  مۇختەرنى ئارغا ئىلىپ ئۇنى ئۇرغىلى تۇردى ، گۇزەلنۇر  پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي توپىلاڭدىن توقاچ ئوغىرلىغاندەك  بۇ قايناقچىلىقتىن غايىپ بولدى .  كۆزىڭىزنى ئېچىگە مۇختەر نىمىش بولدى ،  مۇختەر ھوشسىز ياتاتتى ،  ئاينەزەر بولغان ئىشكاردىن خەۋەرسىز  تىتتىت بۇلۇپ ئولتۇرغاندا  مۇختەر ئەلىنى ئەگەشتۇرۇپ ئەچىكەتكەنچە كىرمىدى ،  ئاينەزەر  ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ  چىققىنىدا  مۇختەر قاننىڭ ئىچىدە  ھوسشىز  ياتاتتى ،  مۇختەر  مۇختەر    ئۇ دەرھال  ساۋاقداشلىرىنى چاقىرىپ مۇختەرنى دوختۇرغا ئاپاردى ، باش تەرپىگە  قاتتىق تاياق تىگىپتۇ بىر نەچچەنكۇنگىچە ئىسىگە كىلەلمەسلىكى  مۇمكىن .  رەيھانگۇل خانىم دوختۇرنىڭ  سۆزىنى ئاڭلاپ جىنى چىقىپ كەتكەندەك تۇرغان جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى ،  زىلال ،  مۇختەر  ئىككىسىنىڭ  ئىشىنى ئاڭلىغان ئوسمان باي يىرىم يولدى كەينىگە يىنىپ دوختۇرخانغا كەلگەندە رەيھانگۇل خانىممۇ  دوختۇر كارۋىتىدا ئۇكۇل ئىلىپ يىغلىغىنىچە ياتاتتى ،  رەيھان ،   ئوسمان باي رەيھانگۇل خانىمنىڭ يىنىغا كىرىدى  ، ئوسمان مەن …  مەن …  بالىلار … بالىلار … ئۇ  ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى .  
قاچما  دىسەم نىمىگە قاچىسەن  قانجۇق ،  قاچە ،  قاچە ،  زىلالنىڭ يۇزلىرىگە تەككەن شاپلاق ئۇنى تىخىمۇ ماغدۇرسىزلادۇرۇپ ھالىنى قۇيمىدى ،شۇنداق بولسىمۇ تىپىرلاپ قىچىش،  بۇلاردىن قۇتىلىش ئۇچۇن مىدىرلايتى . نەگە  بارىتىڭ قانجۇق ،  قاچە .  گۇزەلنۇر  تەستە  يىتىپ كىلىپ زىلالنىڭ يۇزلىرىگە ئۇرغىلى تەگدى ، چىچىنى قامانلاپ ئۆزىگە قاراتقۇزۇپ ، ماڭا  قارا  ،  ماڭا  چاقچاق قىلمىساڭ بولاتتى ،  كۆردۇڭما ، مىنى كۆرۋاتامسەن ،  گۇزەلنۇر  نىمىلەرنى دىدى  زىلالنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى ،كۆز ئالدىغا مومىسىنى ، ئاتىسىنى ئانىسىنى ، مۇختەرنى ،  يەنە رەيھانگۇل خانىمنى, ئوسمان باينى كەلتۇرۇپ ،  بارچە كۇچىنى يىغىپ  چۇشلىرىدىكى ئاشۇ قىيادىن يەرگە چۇشكەندەك ئارقىدىكى تاغدىن ئۆزىنى ئاتتى .   نەدىن كەلگەن كۇچ  بۇ گۇزەلنۇر  كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى ، ئۇ …  ئۇ …  ئۇ سەكرىۋالدىغۇ  گۇزەلنۇرنىڭ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك بۇلۇپ كىكەچلەپ ئەتراپىدىكىلەرگە قاردى ،  يۇرە نىمىگە قاراپ تۇرسە ماڭە  ،  ۋەلى گۇزەلنۇرنى سىلكىپ مەجبۇرىي  ئىلىپ ماڭدى .  
نۇرغۇن قىتىم چۇشلىرىدە كۆرگەن بۇ چۇش ئاخىر رىيانلىققا ئايلاندى . ئاھ زىلال  ئاھ ،  غۇنچىلارنىڭ غۇنچىسى ئىدىڭغۇ زىلال .  كاج تەقدىرىڭ ساڭا نىمانچە چاقچاق قىلىدىغاندۇ زىلال ،  ئون گۇلۇڭنىڭ بىر ئېچىلمىغان ئىدىغۇ زىلال ……
ھايات  ،  قايسى  بىرىمىز بىلەن بۇنداق چاق چاق قىلىشقانىدى ، مانا بۇ تەقدىر  بۇ قىزنى ھەممىدىن ئايرىدى .
ئاينەزەر  بولغان ئەھۋاللارنى  يىنىدا تۇرغان ساقچىغا دىدى ، ساقچىلار  ئالدىراپ  چىقىپ كىتىشتى .  
مۇختەر بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە  ياتاتتى ،  ئوغلىنىڭ بۇ ھالىتى ئاتا ئانىسىنڭ يۇرىكىنى لەختە لەختە قىلۋەتتى ،   بىچارە زىلال  نەلەردە ،  قايسى كۇننى كۆرۋاتقاندۇ ،  ئۇنىڭ خىيالى  زىلالدا  ،  ئورنىدىن تۇرغىدەك ئەھۋالى بولسا ئۇنى ئىزدەيمەن دەپ تۇرغۇسى  بار ئىدى ھە ، ئوسمان باي ئۇرۇمچىدىكى دوس يارەنلىرىنىڭ  ھەم ساقچىلارنىڭ  ئىزدىشى ھەم ئەلىنى ،گۇزەلنۇرنى سوراق قىلىپ  ئىز قوغلاپ تىپىشىچە  زىلالنىڭ  ئۆلىكىنى تاپقان ئىدى .
رەيھانگۇل خانىم بۇ خەۋاردىن ئىسىنى  يوقىتىپلا قۇيدى ،  ئوسمان بايمۇ  ئۆزىگە ئامانەت بۇ قىزنىڭ ئۆلۇم خەۋېرىدىن لاسسىدە بۇلۇپ قالدى .  مۇختەر بۇلاردىن خەۋارسىز  خىياللىرىغا زىلالنى ھەمراھ قىلىپ  ئامالنىڭ يوقلىقىدىن ياتاتتى .
ياق  ياق  ياق …  پۇتۇن دوختۇرخانىنى بىشىغا كەيگەن مۇختەر ئەسەبىيلەچە ۋارقىراپ ،پۇتۇن كۇچىنى يىغىپ  ئورنىدىن تۇرۇش ئۇچۇن كارۋاتتىن چۇشتىيۇ  قەدەملىرىنى يۆتكىيەلمەي  يىقىلدى ، دوختۇرلار  تىنىچلاندۇرۇش ھۇكۇلى ئۇرۇپ ئۇنى تىنىچلاندۇردى.
زىلالنىڭ نامىزىنى چۇشۇرۇپ ئۇچ ، يەتتە نەزىرلىرىنىمۇ ئادىىيلا قىلىپ ئۆتكۇزدى ،    مۇختەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ  ئۆزىنى باسالماي يەنە ھوشىدىن كەتكەنچە تېخى ھوشقغان كەلمىگەن ئىدى .....  
رەيھانگۇل خانىم ئوسمان باي بولغان ئىشلاردىن خەلە ئوبدانلام جۇدەپ قالغانىدى ،  ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىپ  جىنايەتچىلەردىن  سۆز  ئىلىشىچە :  گۇزەلنۇر  زىلالدىن ئۆچ ئىلىش ئۇچۇن ۋەلى بىلەن مەسلەتلىشىپ بۇ ئىشنى قىلغانلىقىنى ،  ئەلىنى  بولسا ۋەلى سېتىۋاتقان باش چايقاش كوملىچىنى   يىگۇزۇپ ئۇنى خۇمار قىلىپ ئارقىدىن ئەلى ئارقىلىق مۇختەرگە چىقىلىشنى  ،  ئاخىردا  زىلالنىڭ قىچىپ كىتىپ  ،  تىك قىيادا تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى ئارقىدىن زىلالنىڭ ئۆزى سەكرىۋالغانلىقى  بىرمۇ بىر  ئېيتىپ بەردى ،  بىچارە  قىز  ئۆزنىڭ ئىپپىەت  نۇمۇسىنى دەپ ئۆزىنى ئۇلۇمگە  تۇتۇپ بىرىپتۇ دەپ ئوسمان باي ئېىزلگەن لەختە يۇركىنى تۇتۇپ ئاچچىق بىرنىم يۇتىۋالغاندەك تۇرغان جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى .  رەيھانگۇل خانىممۇ بۇ كىلىشمەسلىكنىڭ نىمىشقا شۇ بىچارىگە كىلىدىغانلىقىغا  ئىشنەلمەي ئۆكسۇپ ئۆكسۇپ يىغلايتى  ،  مۇختەرنىڭ بىشىغا قاتتىق تاياق  تەككەنلىكتىن ھەم زىلالنىڭ ئىشى  ئېغىر كەلگەنلىكتىن ئۇنىڭ نىرۋىسى ئاجىزلاپ  ھېچكىمگە گەپ قىلمايدىغان ، گەپ قىلغان تەقدىردىمۇ ، ئاپا  ، دادا  ، زىلال قاچان كىلدۇ ، دەپ ئاتا ئانىسىغىلا   سەبىيلەرچە ، كىچىك بالىلارچە قاراپ  زىلالنى سوراپ قۇيۇپ يەنە ئۇنتىنسىز بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرىدىغان بۇلۇپ قالدى بۇ تەقدىر ، مانا بۇ ئىككىسىنىڭ ساپ مۇھابىتىنى يەنە بىر قىتىم ۋەيران قىلدى ، ئوسمان ئايجامالدىن ئايرىلغاندك مۇختەرمۇ زلالدىن ئايرىلىپ قالدى ،.............

ئىزاھات .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى دىگەن ھېكايە مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى ،  كۆڭۇل قۇيۇپ  ئوقۇپ بەرگەن بارچە ئەزىلەرگە كەمىگە ئۇشبۇ ئەسەرنى يازغان زۇرفدىن ئالى ئېھتىرام ، رەھمەت ئەزىلەر ،  ئاخىردا  سىلەرگە دىمەكچى بولغىنىم  بۇ ئەسەرنى بەزى بىر   ئەمىلىيىتىمدىم ھەم  خىياللىرىمدىن ئايرىپ يازغان ئىدىم ، ئەگەر ياقماي قالغان يەرلىرى بولسا كۆڭلۇڭلارغا ئالمىغايسىلەر.  قوللىغان بارچە ئىزىلەرنىڭ تىنىنىڭ سالامەت ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق  ،  ئائىلىسىنىڭ جاتىرجەم ، بەخىت سائادەت ئىچىدە ئۆتىشىنى تىلەيمەن .  رەھمەت  ئەزىز تىنىڭلار سالامەت بولسۇن.
     





650 قېتىم كۆرۈلدى zila715 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-29 13:36:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-6 7:21:15 قەيسەربەگ
ئىقىپ كەتتىم مەن نىمىدىگەن تەسىرلىك ھە كۆڭلۈم بىر قىسمبلا وپ قالدى ( قىنى ما ماڭقىسى ئېقىپ كەتكەن ئىپادە)
2016-12-9 2:08:48 مىھرىگۈل
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ مەن بەك ياقتۇردۇم بۇ مەزمۇنلانى ئوقۇپ كوڭلۈم شۇنداق يىرىم بولدى😭😭😭😭😭خۇددى مىى تەسۋىرلەپ يازغاندەك ھاياجانلاندىم چۈنكى مىنىڭمۇ ئاتا-ئانام يوق،سىزگىمۇ رەخمەت مۇشۇنداق ھىكايىلەرنى بىزگە سۇنغىنىڭزغا جاپا چەكتىڭىز🌹🌹🌹🌹🌹🌹🌹
2016-12-5 10:11:48 aliya
bak yahxi yeziliptu kuzumdiki yaxnimu tphtotammidim hazir kollirigizga dat bamisun
2016-11-30 23:29:44 گۈلباھار
يىتىمنىڭ بەخىتسىزلىكى دىگەن بۇ ئەسەرنى بەكلا ياقتۇردۇم ئ‍اپتۇرغا رەھمەت ، تىنىڭىز سالامەت بولغاي
2016-11-30 0:37:13 گۈزەلنۇر
مەن بۇ ئەسەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقتىم تۇنگۇندىن بېرى بەك قارىغان ئاخىرى چىقارمىكىن دەپ ،بوگۇن چىقتى بەك تەسىرلەندىم قولڭىزغا دەت بەرمىسۇن تەكلىۋىم ئەگەر بۇ ئەسەردىكى قىز يەنى زىلال مۇختەر بىلەن توي قىلىپ خۇشال بەخىتلىك ياشىغانلىقىنى يازغان بولسىڭىز ئوقورمەنلەنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالاتتى ھازىر ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتىم كۆڭلۈمدە بىر تۈگۈن باردەك ھىس قىپ قالدىم
2016-11-30 0:25:06 بۇ ھايات
بەك تەسىرلىك يىزىلىپتۇ مەن ئ‍ۇلارنىڭ بىللە بولىشىنى ئ‍ۈمىد قىلاتتىم ئاخىرى بەك ئ‍ىچىنىشلىق بوپتۇ زىلال غا بەك ئ‍ىچىم ئ‍اغرىدى 👍😭😭
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ