كىچىدىكى ئايال ئەرۋاھ (ۋەھىمىلىك ھىكايە ) - ئالىم سەيپىدىن

 كىچىدىكى ئايال ئەرۋاھ
ۋەھىمىلىك ھىكايە 

ئالىم سەيپىدىن


بۈگۈن ئۈچ قوينىڭ گۈشىنى سېتىپ تۈگۈتىۋالغان سەمەت نىڭ خۇشاللىقىغا ھېچ نىمە توغرا كەلمەيىتتى.
مەھەللە دوقمىشىغا ئېچىۋالغان كىچىككىنە دۇكىنى ئاجايىپ ئاۋات ئىدى.
خۇشاللىقىدا ئىسقىرتىپ ئارغامچىنى بىلىگە چەگدى،بىسى يالتىراپ تۇرغان «كۇيا»ماركىلىق پىچىقىنى غىلاپقا سېلۋالغاندىن كىيىن موتو سىكىلىتقا مىنىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.
 سائەت 11لەر بۇلۇپ قالغان ئىدى،ئون تۆت كۈنلۈك تۇلۇنئاي بۇلۇتلار ئارسىدا ئۈزۈپ يۈرەتتى.
قۇم ئۈستىگە چېچىلغان ياقۇتتەك چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار كۆزگە ئاندا-ساندا چېلىقاتتى.
ئۆي بىلەن دۇكىنىنىڭ ئارلىقى يىراق بولغاچقا خېلى ئۇزۇن يول يۈرۈشكە توغرا كىلەتتى. ئىگىز-پەس تۇپلۇق يولدا دىققەت بىلەن موتۇسىكىلىت مىنمىسە يېقىلىپ كىتەتتى.
 سەمەت كونا قەبرىستانلىق يېنىدىن ئۈتىشى بىلەن تىنى جۇغۇلداپ كەتتى،ھۇۋقۇشنىڭ ھۇۋلىشى بىلەن كۆزلىرى ئالاق-جالاق بۇلۇپ ئەتراپقا كۆزيۈگۈرتۈپ قۇياتتى.
كۆككە بوي سوزغان توغراقلار بىلەن قەددى يادەك ئىگىلگەن جىگدىلەر بىرلىشىپ يول ئۈستىنى يېپىپ چېكى يوق ئۆڭكۈرگە ئوخشىتىپ قويغان ئىدى.
سەمەتنىڭ قەلبىنى ئەنسىزلىك قاپلىدى،بۇ يەردىن تىزراق چىقىپ كەتسەم دىگەنلەرنى ئويلاييىتتى،لېكىن يول ئاۋمايدىغاندەك موتوسىكىلىتنى باشقۇرۇش تەسلەشكىلى تۇردى.
سەمەت ماينى بۇلۇشىغا بىرىپ ھەيدەي دىسىمۇ بىلەكلىرى تېلىپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۈمۈپ كەتتى.
سەمەت غەلىيتە خىياللارنى قىلىشقا باشلىدى،بۇيەرگە كىلىشىمگىلا موتو سىكىلىتنىڭ سۈرئىتى
ئاستىلاپ كەتتى،رولنى باشقۇرشۇممۇ تەس ئەجبا كەينىمدە.....ئاخىرنى ئويلاشقا جۈرئەت
قىلالمىدى.
ئايدىڭ يۇرقىغىمۇ چىقىپ قالدى،كەينىگە قارا دىگەندەك ئىتتىك قاراپ چۈچۈپ كەتتى.
جان-پىنى چىقىپ ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغىلى تاسلا قالدى.
قانغا بۇيالغان ئۇزۇن ئاق كىيىملىك،ئاپ-ئاق چاچلىرى چۇۋۇلغان ئايال ئالۋاستى قانغا تولغان  كۆزلىرىدى شۇملۇق ياغدۇرۇپ ئولتۇراتتى.
سەمەت ئىتتىك موتوسىكىلىتنى تۇرمۇزلاپ ئۈزنى يەرگە ئاتتى، يىنىدىن پىچىقىنى سۇغاردى دە،چاققانلىق بىلەن چېچىنى كىسىۋالدى.
ئايال ئالۋاستى ئەلەملىك چىقىراپ كەتتى،ئايال ئالۋاستى ۋەھشىلىشىپ سەمەتكە ئۇرۇق ئۇزۇن قولىنى سۇزۇپ ئېتىلدى.
سەمەت پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ قېچىشقا باشلىدى.«ئاھ!خۇدا مىنى ئۆز پانا ھىڭدا ساقلىغىن »دەپ تىلەيىتتى.
ئېتىز-ئېرىقلاردىن ئاتلاپ يۈگۈردى،بىر چاغلاردا بۇلالماي بىرنەرسىدىن پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۈشتى،ئەتراپقا كۆزيۈگۈرىتتى،ھېلىقى ئالۋاستىمۇ كۈرۈنمەيىتتى.
قۇلىدىكى چاچقا قاراپ ئويلاپ قالدى،«ئەجىبا ئۇمەندىن نىمىگە ئىرىشمەكچىدۇ،چېچىنى دەپ مەندىن ئۆچ ئالماس ھە!»دەپ ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.
ئەينى يىلىمۇ بىرقانچە ئادەمنىڭ مۇشۇ قەبرىستانلىقتىن ئۈتۈش جەريانىدا ساراڭ بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغاندا ئۇ ئىشەنمەي كۈلۈپ قۇيغان ئىدى.
شۇنداق مېڭىۋېتىپ بىرتۈپ ياڭاق دەرخى تۈۋىدە بىر ئاق نەرسىنى كۈرۈپ يۈرۈكى ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالاي دىدى.
ھېلىقى ئالۋاستى مىنى ساقلاپ تۇرغانمىدۇ،قەدەملىرى توختاپ قالدى.
سۇزۇپ بىر-ئىككى قىتىم مەرگەن ئاۋاز ئاڭلاندى،ھە!بۇ ئۆچكە ئەمەسمۇ يېقىنلاپ باردى،بايامقى قورقۇنۇچ ئاللا قاياقلارغا غايىپ بولدى.

بۇ...بۇ...كىمنىڭ ئۆچكىسىدۇ ئىگىسىمۇ يوق ئوخشايدۇ بېقىۋالمايمۇ،دىگەنلەر خىيالىدىن كەچتى.
ئۈركىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاستا يېقىنلاپ باردى، لېكىن ئۆچكە ھېچ ئۈركۈيدىغاندەك ئەمەس.
ئاي نۇرىدا ئاپئاق يۇڭلىرى باشقىچە چىرايلىق ئىدى،سىلىقلىقىچۇ تېخى،يۇملاق بىرجۈپ كۈزى، ئۇزۇن ئىككى قۇلىقى، سەمەت ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بۇلۇپ كەتتى.
بىلىگە باغلىۋالغان ئارغامچىنى يىشىپ ئۆچكىنى باغلىماقچى بولدى.
لېكىن ئۆچكىنىڭ بوينى يوغناپ قۇلىنى شۇنچە سوزسىمۇ قۇچىقىغا پاتمىدى.
توختا...توختا دەپ پۇتىدىن باغلىماقچى بولدى، لېكىن پۇتىمۇ تۈۋرۈكتەك يۇغناپ كەتتى،ئاخىردا بىر ئاماللارنى قىلىپ پۇتىنى بااغلىۋالدى.
پۇتىدىن سۆرەپ ماڭدى،باغلىغان پۇتى ئۇزراشقا باشلىدى.
لېكىن ئۆچكە بىپەرۋا ھالدا يەردىن بىرنەرسە غاجىلاۋاتاتتى،غەلىتە ئىش قانداق ئۆچكە بۇ!.
سەمەت نىڭ ئەقلى لال بولدى.يېقىنراق بېرىپ قارغانىدى،ئۆچكە ئۇزۇن چىشلىرى بىلەن ئادەمنىڭ باش سۈڭىكىنى غاجىلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«ياق!بۇ مۇمكىن ئەمەس»دەپ ۋارقىرۋەتتى.
ئۆچكە ئاستا-ئاستا ھېلىقى بەتبەششىرە ئايال ئالۋاستىغا ئۆزگەردى.
«ھا...ھا...ھا» دەپ سەت ئاۋازدا كۈلگىنچەسەمەت كە ئېتىلدى.
لېكىن سەمەت جېنىنىڭ بارچە قاچتى،ئاخىرى ئۈيگە كىلىۋالدى.
لېكىن بىر ئىككى كۈندىن كىيىن سەمەتنىڭ ساراڭ بۇلۇپ قالغانلىق خەۋرى تارقاپ كەتتى.
ئۇنى خەقلەر بەزىدە قەبرىستانلىقتا ئۇچرىتىدىكەن.
لېكىن سەمەتنىڭ نىمە ئۈچۈن ساراڭ بۇلۇپ قالغانلىقى ھېچكىم بىلمەيىتتى.
ئاپتۇرى:ئالىم سەيپىدىن
2016-يىلى 9-ئاي





726 قېتىم كۆرۈلدى ahmac12 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-3 15:47:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-6 8:27:39 murat
munkin bolsa bundinkiyinmuxtak asarni koprak yollisagla
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ