قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
www.yazghuqilar.com
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
2- بۆلۈم 3- قىسىم
تۇرغۇننىڭ چۈشىدىكى قورقۇنۇچلۇق گەۋدە ، چىرايلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلىنىپ ئۇنى بىردىنلا قورقىتىشقا باشلىدى .
ئۇ يولنى ئاران ئىلغاپ ماڭدى ،بۇ ھالەتنى ئۇنى يولنى ئىلغاپ ماڭدى دىگەندىن كۆرە سەزگۈسىنىڭ باشلىشى بىلەن كىتىۋاتىدۇ دىسەك بەكەرەك توغىرا بولاتتى .
غۇۋا يول ، يول ئەتىراپىدىكى ئىگىز دەل - دەرەخلەر ، ئىگىز - پەس لاي تاملار ، پۇختا يېپىلغان يۇغان دەرۋازىلار ، شالاڭ سېلىنغان ئۆيلەر يەنە بەزى ئۆيلەرنىڭ يېنىدىكى قانداقتۇ بىر جايلاردىن قاپقاراڭغۇ گەۋدىلەرمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى .
ئۇ تىز - تىز مېڭىۋېتىپ تۇيۇقسىز كەينىدىن بىرنىڭمۇ تەڭلا ئەگىشىپ كىلىۋاتقان شەپىسىنى ئاڭلاپ قالدى ، ئۇ توختاپ كەينىدىكى شەپىدىن سورىدى :
- ئىسكەندەر ؟ ئىسكەندەر بۇ سەنمۇ ؟
كەينىدىن ھېچقانداق سادا كەلمىدى ، تۇرغۇن بىردەم تۇرۇپ ئەتىراپنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزۈتۈپ باقتى ، دەممۇ ئالماي قۇلۇقىنى دىڭ تۇتۇپ باقتى ، بۇ چاغدا بايقى شەپە يوقاپ ھېچقانداق سادا ، تىۋىش ئاڭلانمىدى ، ئۇ بايقى شەپىنى ئۆزىدىكى بىر خىل تۇيغۇ ئوخشايدۇ دەپ جەزىملەندۈرۈپ يەنە يولىغا ماڭدى ، ئۇ بىر نەچچە قەدەم ماڭا - ماڭمايلا كەينىدىن يەنە بايقى شەپە ئەگىشىپ كەلدى ، ئۇنىڭ يۈرۈگى «جىغ » قىلىپ قالدى .
- تايىر ! تايىرمۇ سەن ؟ مەن بىلەن ئويناشماي چىقە تىز ، بولمىسا بىر نەرسە ئېتىۋېتىمەن !
ئۇ تۇرۇپلا بۇنى تايىرنىڭ چاقچىغى ئوخشايدۇ دەپمۇ پەرەز قىلىپمۇ باقتى . شەپە يەنە يوقىدى، ئەتىراپ يەنە جىمجىتلىققا چۈمدى ،بۇ چاغدىكى بۇ جىمجىتلىق تۇرغۇنغا شۇنچىلىك ۋەھىمىلىك ، شۇنچىلىك تىمتاس ،
شۇنچىلىك جىمجىت تۇيۇلۇپ كەتتىكى ئۇ ئۆزىنى پۈتكۈل يەرشارىدا يەككە - يىگانە قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدى ، ئۇ ئەتىراپقا قارىغانچە ئەتىراپىدىن كۈرمىڭلىغان قارا قوللار سوزۇلۇپ كىلىۋاتقاندەك بىلىنىپ ، بۇ جايدىن يۈگۈرگەن پېتى قېچىپ قۇتۇلغۇسى كەلدى .
ئۇ ئەتىراپنى بىر قۇر مۆلچەرلىگەندىن كىيىن ،غەيرەتكە كىلىپ يۈگۈردى ،ئۇ قانچىلىك يۈگەرگەنسېرى كەينىدىن بىرىمۇ شۇنچىلىك يۈگۈرۈپ كىلۋاتاتقان ئاۋازى قۇلىقىغا كىرىشكە باشلىدى ، تايىر بۇ قېتىم كەينىدىن كىلىۋاتقان بۇ نەمالوم شەپىنى شۇنداق ئېنىق ئاڭلىدى ، ئۇ قورۇققىنىدىن پات - پات كەينىگە قاراپ باقتى لېكىن ھېچنىمىنى كۆرەلمىدى ، كاللىسىدا بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن بىرى يۈگۈرەپ كىلىپ قۇچاقلاپ تۇتىۋالىدىغاندەك ، يۈگۈرەپ كىلىپ دۈمبىسىگە ھاپاشلىنىۋالىدىغان خىياللار ئۇنى تېخىمۇ قورقىتىشقا باشلىدى ،ئۇ يۈگۈرۈپ تايىرلارنىڭ ئۈيى بار مەھەللىگە قايرىلىدىغان دوخمۇشقا كەلگەندە ھارغىنىدىن پۇتلىرى پۈكۈلۈپ ، ئۆپكىسى ئېغىزىغا تىقىلىپلا قالدى ، ئۇ ئاستا يۈگۈرەشتىن توختىدى ، بۇ چاغدا كەينىدىكى شەپىمۇ يۈگىرەشتىن توختىدى ، ئەمدىلىكتە بىردىن بىر ئاڭلىنىۋاتقان ئاۋاز تۇرغۇننىڭ ھاسىراپ نەپەس ئالغاندىكى ئاۋاز بىلەن ئوخشاش يەنە بىرىنىڭمۇ ھاسىرغان ئاۋازى بولدى . تۇرغۇن نەپسىنى تەستە تۇتۇپ ئاۋازغا قۇلاق سالدى ، ھېلقى ئاۋاز ئۇنىڭدىن پەقەت ئۈچ قەدەملا نېرىدا چوڭلا ئاۋازدا ھاسىراۋاتاتتى .
- كىم سەن ؟- دىدى تۇرغۇن تىتىرەك ئاۋازدا .
قارىشى تەرەپتىن سادا كەلمىدى ، تۇرغۇن دەرھال قورۇققىنىدىن ئۆزى بىلىدىغان سۈرە - ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلىدى . ئۇ بارغانچە قورقۇپ كىتىۋاتقاچقا تىلى كىكەچلەپ ئوقىۋاتقىنىنىڭ كەينىنىمۇ ئۇنتۇپ تاپالمايۋاتاتتى . ھازىر ئۇ يۈز بىرىۋاتقان بۇ غەلىتە ئىشلارنى ئۆزىنىڭ چۈشى بولۇپ قېلىشىنى شۇنداق ئۈمىت قىلىپ قالدى ، ھەتتا ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ يېرىم كىچىدە ، ھەممە ئادەم ،ھەممە جانلىق قاتتىق ئۇيقىغا كەتكەندە ، مەھەللىدە يالغۇز تۇرىشىنى بۇ چۈشۈم ئەمەس ئوڭۇم دەپ جەزىملەندۈرەلمەيۋاتاتتى .
« مېڭىشىم كىرەك ، بېشىمغا كەلگىنىنى كۆرەي ، تەڭرىم ئۆزەڭ ساقلا» ئۇ شۇلارنى دىلىدا سۆزلىگەچ تايىرنىڭ ئۈيىنى نىشانلاپ يەنە قەدەم ئالدى . « ئالدىمدىكى قېرى ئۈژمىدىن ئۆتىۋالساملا بارىمەنغۇ » دەپ ئويلىدى ئۇ كىتىۋېتىپ ، ئۇنىڭ ئىسىگە كىچىك ۋاقتىدا ئاڭلىغان شۇ ئۈژمە دەرىخىگە مۇناسىۋەتلىك جىن پاراڭلىرى لەپپىدە كەلدى .« راسمىدۇ ؟ ئۈژمە ئاستىدا راستىنلا ئاق چاچلىق قېرى موماي چاچ تاراپ ئولتۇرارمۇ ؟ » ئۇ شۇنى ئويلىغىنىدا بەدىنى «شۇرر» قىلىپ قالدى ،« كەينىمگە قايتايمۇ - يە؟» ئۇ قايتىشنى ئويلىدىيۇ بىردىنلا نىيىتىدىن ياندى چۈنكى ئالدىدىكى قورقىنىچ كەينىدىكى قورقىنىچتىن ياخشى ئىدى ، ئۇ كەينىدىن ئەگىشىپ كىلىۋاتقان شەپىگە قۇلاق سالغاچ ئۈژمە دەرىخىنىڭ ئورنىنى مۆلچەرلىدى ، قىززىق ، ئەزەلدىن ئادەتتىكى بىر دەرەخ دەپ ئويلايدىغان ھەتتا ئەزەلدىن قورقۇنۇچلۇق بىلىنمىگەن بۇ دەرەخ بۈگۈن كىچە ئۇنىڭغا بەكلا ۋەھىمىلىك بىلىنىشكە باشلىدى ، ئۇ قەدەملىرىنى مەجبور يۆتكەپ دىگەندەك ئۈژمە دەرىخىگە يىقىنلاشقاندا ئەتىراپ بىردىنلا يورۇپ كەتتى ، ئۇ ھەيرانلىقتا ئۇياق - بۇياققا قاراپ كۆزى بىردىنلا ئۈژمە دەرىخى ئاستىدىكى يورۇقلۇققا چۈشۈپ قېتىپ قالدى .ئۈژمە دەرىخى ئالدىدا بىر پارچە ئوت لاۋىلداپ يېنىپ تۇراتتى ، تۇرغۇن لاغىلداپ تىتىرەپ كەتتى ئەگەردە ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز بىرەسى گەپ قىلىپ سالسىمۇ ئۇ « تىرىڭڭىدە » كەينىگە ئۇچۇپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى ، ئۇ بىر دەسسەپ ، ئىككى دەسسەپ ئۈژمە دەرىخى ئۇدۇلسىغا كەلدى ، ئۇ غەيرەت قىلىپ ئۇدۇللىدىن باشقا ياققا قارىماسلىققا ، بولۇپمۇ ئوت تەرەپكە قارىماسلىققا نىيەت قىلىپ مېڭىۋاتاتتى . مانا ئۇ ئوتنىڭ ئۇدۇلسىغا يىتىپمۇ كەلدى ، يەنە ئازىراق ماڭسا ئۆتۈپ كىتىدۇ ،شۇ چاغدا كۆزىنىڭ قۇيرىغىدا ئوت يېنىدا بىرى باردەك كۆرىنىپ كەتتى .ئۇ ئۆزىمۇ سەزمەيلا لەپپىدە ئوت تەرەپكە قارىۋەتتى ، ئوت يالقۇنلاپ كۆيمەكتە ئۇنىڭ يېنىدا بەدىنىگە كىپەنلىكتەك ئاق رەخىت ئورىۋالغان ، چاچلىرى ئاپپاق بىر موماي ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرغىنىچە چاچ تاراۋاتاتتى . « ئاھ خودا » دەۋەتتى ئۇ ،« ئۆزەڭ ساقلىغايسەن ».
ئۇنىڭ پۇتلىرىدا سىزىم يوقاپ كىتىۋاتاتتى ، بەدىنىدىن تۇيۇقسىز چىپپىدە تەر چىقىپ كەتتى .« مېڭىشىم كىرەك ، بۇ يەردىن ئۆتۈپ كىتىشىم كىرەك » ئۇ مومايدىن كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ ئالدىغا نەچچە قەدەم مېڭىۋىدى غۇۋا ئوت يورىقىدا باش ئۈستىدىكى ئۈژمە شېخىدا بىر نەرسە پۇلاڭلىغاندەك قىلىپ قالدى . ئۇ بېشىنى شۇنداق كۆتۈرۈپ ۋاقىرۋەتكىلى تاس قالدى ، بېشى قايغاندەك بولدى شۇنىڭدىمۇ ئۆزىنى تەستە تۇتۇپ كۆزىنى دەرھال يولغا تىكتى « ئاھ خۇدا نىمە كۈن بۇ ، ئىگەم ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن » . ئۇنىڭ كۆرگىنى بولسا ئۇنىڭ باش تەرپىدە دەرەخ شېخىغا سېلىنغان ئىلەڭگۈچتە ،ئۈچ - تۆت ياشلاردىكى ئىككى بالا قىپ - يالاڭغاچ ھالەتتە ئويناۋاتاتتى . تۇرغۇن قەدەملىرىنى تىزلەتتى ، ئاستا - ئاستا يۈگۈرۈشكە باشلىدى ئەگەردە شۇنداق قىلمىسا بايقى موماي يۈگۈرەپ كىلىپ يېپىشۋېلىشى ياكى ئىلەڭگۈچتىكى بالىلار سەكىرەپ چۈشۈپ ئۇنىڭ بوينىغا مىنىۋېلىشى مۇمكىن .ئۇ يۈگۈرگىنىچە قۇلىقىنى كەينىگە تىكتى ، ئۇنىڭغا كەينىدىن موماي ۋە بالىلار يۈگۈرۈپ كىلىۋاتقاندەك ، ئۇنىڭغا يىتىشۋالايلا دىگەندەك ھەتتا ئۇلارنىڭ قوللىرى دۈمبىسىگە تەككەندەك تۇيۇلدى ، ئۇ تېخىمۇ كۈچەپ يۈگۈردى بۇ چاغدا قۇلاق تۈۋىدە بايقى بالىلارنىڭ ۋېلىقلاپ كۈلگەن ئاۋازى بىلەن موماينىڭ ئىنچىكە كۈلگەن ئاۋازلىرى ئاڭلاندى .
تۇرغۇن شۇ يۈگۈرگىنىچە ھېچيەردە توختىماي ئۇددۇل تايىرنىڭ ئىشكىگە ئۆزىنى ئۇردى ، تايىر قورىققىنىدىن ئىشىككە تىكىلىپ ئولتۇرغىنىدا تۇيۇقسىز « گۈپپىدە » ئۇرۇلغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئەندىكىپ كەتتى- دە دەرھال ۋاقىرۋەتتى :
- كىم ؟ كىم سەن ؟
- چاققان ئىشكنى ئاچ ، تىز بول !
بۇ ھاسىراپ دىيىلگەن ئاۋاز تۇرغۇننىڭ ئاۋازى ئىدى ، تايىر بۇ ئاۋازنىڭ راستىنلا دوستىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى ، تۇرغۇن ئىشىك ئېچىلشىغا ئېتىنلىپلا ئۆيگە كىردى -دە ئولتۇرلىشىپلا قالدى.
ئۇنىڭ يۈزى تاتارغان ،پىشانىسىدىن تەر تامچىلاپ تۇراتتى .
- نىمە بولدۇڭ ؟
تايىر ئۇنىڭ تۇرقىدىن ئەجەپلىنىپ سورىدى ، لېكىن ئۇنىڭ جاۋاپ قايتۇرغىدەك ماجالى قالمىغان ئىدى .
- سۇ … سۇ ، تىز ئىچىدىغان سۇ …
تايىر تىزلىكتە ئۇنىڭغا سۇ ئەكىلىپ بەردى .ئۇ سۇنى غۇرتىلدىتىپ ئىچىپ بىر ئاز ھەسىرەشىنى باستى .
- نىمە بولدۇڭ ؟- تايىر يەنە سورىدى ، تۇرغۇن تايىرنىڭ چىرايىغا لەپپىدە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئاستا چۈشەندۈردى :
- مەن جىننى كۆردۈم ، سىرلىق رايوندىمۇ بۇنچە قورىقمىغان ئىدىم ، جىننى … جىننى كۆردۈم .
تايىر بۈگۈن ئاخشامقى قىسمەتلەرگە ئۆزىلا ئەمەس دوستىنىڭمۇ ئۇچۇرغانلىغىنى پەملىدى .
- ئۇ مومايكەن يەنە بالىلارمۇ بار …
تۇرغۇن قورقىنىچىنى باسالماي سۆزلەۋاتاتتى .
- ئۇلار ماڭا قاراپ تۇردى ، يېققىنلا جايدا قاراپ تۇردى …
تۇرغۇن بايا كۆرگەنلىرىنى تايىرغا بىر قۇر سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن جىملىپ قالدى ، تايىر ئۇن - تىنسىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى ، بىر مەھەل جىمجىتلىقتىن كىيىن ، تۇرغۇن ئۇشتۇمتۇت تايىردىن سورىدى :
- بۇ تۈن كىچىدە نىمىشقا مېنى چاقىرغان ئىدىڭ ؟ - ئۇنىڭ بۇ ئاۋازىدىن ئاغرىنغاندەك تەلەپپۇز چىقىپ كەتتى .
- مەن بايا ئۈيۈمدە سېنى كۆردۈم . سەن قېلىچلارنى ئالغىلى كەپسەن !
تۇرغۇننىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتا چەكچەيدى .
- نىمە دەۋاتىسەن ؟ مەن ئەمدى كەلدىم ئۈيۈڭگە ! سەن چاقىرۋىدىڭ ئەنسىرەپ كەلدىم .
- بىلىمەن ، بايا كەلگەن سەن ئەمەس ، ئۇ چوقۇم جىن ، بەكلا قورۇقتۇم شۇڭا سېنى چاقىردىم .
تۇرغۇن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .
- نىمىلەرنى دەۋاتىسەن ؟ ئادەم چۈشەنگىدەك گەپ قىلە؟
تايىر ئالدىرماي بايا يۈز بەرگەن ئىشلارنى تۇرغۇنغا تەپسىلى سۆزلەپ بەردى .
- توۋا خۇدايىم ، بۈگۈن كىچە زادى قانداق كىچە؟؟؟
تۇرغۇن جىددىيلىشىپ شۇنداق دەۋەتتى .
- بىز جىنلارنىڭ نىشانى بولۇپ قالغاندەك تۇرىمىز !- دىدى تايىر ئېغىر تىنىپ .
- نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن ؟
تايىر قولىدىكى رەخىت ياكى تىرىلىگى نامەلوم خەرىتىنى ئۇنىڭغا سۇندى .
- نىمە بۇ؟
- يەنە بىر سىرلىق رايون !!!
- نىمە؟؟؟
تايىر چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى ھەمدە بۇۋاي سۇنغان خەرىتىنىڭ قولىدا پەيدا بولۇپ قالغىنىنى سۆزلەپ بەردى .
- دىمەك سەنمۇ مەندەك چۈش كۆرۈپسەندە ؟
- سەنمۇ بۇۋاينى ، جىنلارنى كۆردىڭما؟؟؟
ئۇ ئىككىسى تېخىمۇ ھۇدۇقتى .
- بىز ئالتۈيلەن راستىنلا جىنلارنىڭ نىشانى بوپتىمىزدە ؟- سورىدى تۇرغۇن كۆزلىرىنى يۇغان ئېچىپ ، تايىر تۇيۇقسىز ئەندىكىپ كەتتى :
- باشقىلارمۇ خەتەردە قەپتۇ ، ئىسكەندەر يالغۇز قالغانمىتى؟
تۇرغۇن بېشىنى لېڭشىتتى .
…
ئاخىرى بار…
1576 قېتىم كۆرۈلدى |
metro |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2017-2-2 22:42:29 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-11 18:18:02 |
ئابدۇللا |
داۋامىنى تېزراق ئەۋەتسىڭىز بوپتىكەن ،رەھمەت |
2017-2-11 4:43:31 |
ياغاچ قۇلاق |
ئۇزۇن بولدى يېڭىلانمايدىغۇ👀 |
2017-2-11 4:17:40 |
گۈلباھار |
بۇ ھىكايىنڭ داۋامىنى يوللىساڭلار بوپتىكەن |
2017-2-10 3:29:15 |
خالىدەم |
بۇ ئەسەر ھھەقىقەتەن بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ئاپتورغا كوپ رەخمەت جاپا چەكتىڭىز |
2017-2-6 1:50:11 |
ئۈششۈگەن قەلىب |
بەك ياخشى يىزپسز بولسا تىزراق يازسىڭىز بولاتتى ئاخىرىغا بەك تەقەززا بولۇپ كەتتىم |
2017-2-5 4:23:37 |
چىراق |
داۋامنى تىزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن |
2017-2-3 7:29:56 |
دىلكەش |
بەكلا ياخشى يىزىپسىز ئاكا بۇنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنىمۇ بەكلا ياخشى يىزىپتىكەنسىز ،، ئىككىنچى بۆلۈمىمۇ ئىنتايىن ياخشى چىقىپتۇ قەلىمىڭىز ئۆتكۈركەن ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ، داۋامىغا ئىنتىزارمەن |
2017-2-3 3:30:15 |
ئابدۇۋاسىت |
مېنىڭمۇيۈرىكىم سەپ كەتتى ئوقۇپ بولغىچە |
2017-2-2 23:29:48 |
مۇختەر |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاپتۇركا قۇلىڭىزغا دەت بەمىسۇن … ئەسىرىڭىزدە رول ئېپ باقاي دىگەن مۇمكىن بولسا مۇختەر دەپ بىر پىرشۇناز قۇشىڭا ھى ھى |
2017-2-2 23:28:16 |
پىنھان |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىتروئاكا بەك ياخشى يىزىپسىز جاپا چەكتىڭىز رەھمەت |
ئىنكاس يېزىڭ