قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 4- قىسىم

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق  رايون
ئابدۇرېقىپ قەييۇم ( metro)
2- بۆلۈم 4- قىسىم


تايىر بىلەن تۇرغۇن ئۇيقۇسى ئېچىلغاندەك چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ھەمدە جىددىيلەشكىنىچە بىر - بىرىگە قاراشتى .
- تىز… تىزدىن ئۇنىڭ يېنىغا بارايلى !- دىدى تايىر ئالدىراپ ، تۇرغۇنمۇ دەرھال ماڭدى ، ئۇلار ئۈيدىن ئىشكنىمۇ تاقىماي چىقىپ كىتىشتى .
 ئەتىراپ يەنىلا شۇنداق جىمجىت ، تۇرغۇن تايىر بىلەن كىتىۋېتىپ بايىلا قورقۇتۇپ جېنىنى ئالغىلى قىل قالغان ئۈژمە دەرىخىگە قاراپ باقتى ئۈژمە دەرىخى ئەتىراپىغا تېخىمۇ قاراڭغۇلۇق ئۇلاشتۇرۇپ سۈكۈتتە تۇراتتى .
 - ھېلىلا موشۇ يەردە ئاق چاچلىق موماينى كۆرگەنتىم ،- دىدى تۇرغۇن پەس ئاۋازدا . تايىر ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئىسكەندەردىن ئەنسىرەپ ئالدىردىمۇ گەپ قىلمىدى .
 تۇرغۇنمۇ بايقى كۆرىنىشلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆزىنى يەنە قورقىتىشنى خالىماي جىمىلىپ قالدى .
 ئۇ ئىككىسى ئىسكەندەرنىڭ ھويلىسىغا كىرگەندە ھويلىنى بىرخىل ۋەھىمە قاپلىۋالغاندەك سۈرلۈك كۆرۈنۈپ كەتتى ، يېڭىلا بېسىلغان قورقۇنۇچلار يەنە قوزغىلىپ  ، كۆزلەر ھەر تەرەپكە تىكىلدى .
 ئۇلار ئىسكەندەرنىڭ ئىشىكىگە يېقىنلىغاندا ئىشىكنىڭ كەڭ ئوچۇق بولۇپ ئىچى قاپقاراڭغۇ ئوڭكۈردەكلا بىلىندى .
- ئىسكەندەر !!!
تايىر شۇنداق چاقىرىپ ئەمدىلا ئىشىككە قەدەم بېسىشىغا ، ئۆي ئىچىدىن بىر نەرسە ئوقتەك ئېتىنلىپ چىقىپ تايىرغا ئۆزىنى ئۇردى -دە كەينىدىن « ماۋۋ » قىلغان قورقۇنۇچلۇق ھەم شۇنداق سەت ئاۋاز ئاڭلاندى . تايىر قورقۇپ تۇرغىنىدا تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىدىن ۋاقىرۋەتتى ، ئۇنىڭ ۋاقىرشى ھەم ھېلقى نەرسىنىڭ چىقىراق ئاۋازدا تايىردىن ئۆتۈپ ئۆزىگە يامىشىپ چىقىشىدىن قورقۇپ كەتكەن تۇرغۇنمۇ سەت ۋاقىرۋەتتى ھەم سەكىرەپلا ئۆزىنى سىرتقا  ئاتتى .
- ئاناڭنى ! - دەۋەتتى تۇرغۇن ئاچچىغىدا ،- مۈشۈككەنغۇ ئۇ ؟
تايىرمۇ ئۆزىنى ئوڭشىدى ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ ئەس - ھوشىنى يوقاتقان بايقى مۈشۈك قاراڭغۇلۇق ئىچىگە شۇڭغۇپ كۆزدىن غايىپ بولدى .
ئۇ ئىككىسى تامنى سىلاشتۇرۇپ ئىسكەندەر ياتقان ئۆينىڭ چىرىغىنى ياندۇرغانغا قەدەر ئىسكەندەر ئۇيقىدىن كۆزىنى ئاچماي ياتاتتى .ئۇنىڭ ئۆيدە سالامەت بارلىغىنى كۆرگەن بۇ قەدىناس دوسىتلارنىڭ يۈرۈگى جايىغا چۈشتى .
- ئىسكەندەر !- دەپ چاقىردى تايىر سوزۇلۇپ ياتقان ئىسكەندەرنى نوقۇپ ،- ھەي تۇرە شۇنداقمۇ قاتتىق ئۇخلىغان بارمۇ؟
- ھەي … ھەي تۇرە !!!
ئىسكەندەردىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى .
- ھەي ئىسكەندەر تۈرە … تىز بولە ، ئۈلۈكتەك ئۇخلايدىكەنسەنغۇ !
تۇرغۇن ئۇنى سىلكەشتۈرۈپ باقتى لېكىن ئىسكەندەر يەنىلا كۆزىنى ئاچاي دىمىدى .
ئۇنىڭ مىدىر - سىدىر قىلمىغىنىدىن ئەنسىرگەن تۇرغۇن يۈگۈرەپ بېرىپ يۈرۈگىنى تىڭشاپ باقتى ، بۇرنىڭ ئالدىغا بىگىز بارمىغىنى قويۇپ نەپسىنى سىناپ باقتى .
تايىر ئۇنىڭ ھەركىتىگە قاراپ كۈلدى :
- ھېي نىمىلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن ، بىر ياخشى ئۇخلاۋاتمامدۇ ئۇ !
- بىر ياخشى ئۇخلىغىنىما ئۇنىڭ ، ئەجەپ چاقىرغاننىمۇ ئاڭلىمايۋاتسا !
 تايىر بېرىپ ئىسكەندەرنىڭ بېشىنى سىلكىدى ، شۇ چاغدىلا ئىسكەندەرنىڭ پۇت - قوللىرى تارتىشىپ ، چىرايى جىددىيلەشتى كەينىدىن ئۇ چوڭقۇر بىر تېنىپ ، يۈگۈرەپلا تۇرۇپ كەتتى ھەمدە كارۋىتىدا ئۆرە تۇرغىنىچە قورقىنىدىن ئەتىراپقا جىددىيلىك بىلەن قاراپ چىقتى ھەتتا تايىر بىلەن تۇرغۇننىمۇ تونىمايدىغاندەك ،خۇددى بىرەر غەلتە مەخلوقنى كۆرىۋاتقاندەك ،كەينىگە داجىغىنىچە سەپسىلىشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ پىشانە ، بويۇنى بىردەمدە قارا تەر گە چۆمۈلدى، قارىماققا بۇنىڭ بۇ ھالىتى ئۈلۈمدىن يېڭىلا قۇتۇلغان جاننىڭ ھالىتىگە بەكلا ئوخشايتتى.
- ھەي نىمە بولدۇڭ ؟ نىمانچە ھۇدۇقىسەن ،-دىدى تۇرغۇن ئۇنىڭ ھەركەتلىرىدىن ھەيران بولۇپ .
- قارا بېسىپتىمۇ نىمە سېنى ؟ جۈيلۈپ كەتتىڭمۇ يە؟- دىدى تايىرمۇ تەجۈپلىنىپ .
ئىسكەندەر بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ئىسىنى يىغىپ ئېغىز ئاچتى :
- سىلەر … سىلەر شۇمۇ؟
- نىمە ئۇ شۇمۇ دىگەن ؟- كۈلدى تۇرغۇن ، - بىز نىمە شۇمۇ؟
- سىلەر تۇرغۇن ، تايىر شۇمۇ؟
- ھەئە بىز تايىر ، تۇرغۇن شۇ ، نىمە بولدۇڭ ؟- سورىدى تايىر ئۇنىڭ ئەھۋالىنى پەملىگەندەك ،- يامان چۈش كۆرۈپسەنمۇ نىمە؟
ئىسكەندەر ئاستا دەسسەپ كارۋاتنىڭ گىرۋىگىگە كەلدى -دە ئاستا ئولتۇرۇپ پەس ئاۋازدا سۆزلىدى .
- دەل ۋاقتىدا ئۇيغۇتۇپسىلەر ، بولمىسا يەنە نىمىلەرنى كۆرەتتىمكىن !
ئىككىسى ئۈن - تىنسىز ئىسكەندەرنىڭ ئېغىزىغا دىققەت بىلەن قاراشتى .
- سەن كەتكەندىن كىيىن مەنمۇ كەينىڭدىن ماڭماقچى بولۇپ سىرتقا چىققانتىم ، ھويلىدا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر قارا كۆلەڭگىنى كۆردۈم ، مەن تېخى سېنى ئوخشايدۇ دەپ چاقىرىپتىمەن جىم ، قولۇمدا قول چىرىغى ھەتتا تىلفۇنمۇ يوق ئىدى ئۇنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەكچى بولۇپ ھويلا چىرىغىنى ياندۇرماقچى بولدۇم ، قىززىق ئىش ، ھەرقانچە قىلساممۇ ھويلا چىرىغى يانمىدى ،يېنىغا باراي دەپ ئويلىدىم جۈرئەت قىلالمىدىم ، كەينىمگە يېنىپ كىرىپ كىتەي دىسەم ئۇ نەرسە گۇمانىمنى قوزغىدى ،شۇنىڭ بىلەن تام تۈۋىنى سىلاپ - سىپاپ يۈرۈپ بىر كەتمەن تاپتىم .خىيالىمدا موشۇنى كۆتۈرۈپ بارسام ئۇ قانداقلا نەرسە بولسا قورۇقمايمەنغۇ دەپ ئويلىغانتىم كىم بىلسۇن شۇ ۋاقىتتا ئۇ قاراڭغۇ كۆلەڭگە كۆزىدىن ئوت چىقاردى ، مەن قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم .ئۇ نەرسە ئۇياق - بۇياققا مېڭىپلا بىر سەكىرىگەندەك قىلدى ھويلا يورۇپ كەتتى خۇددى چىراق يېقىلغاندەكلا ، نۇرنىڭ قەيەردىن چىققىنىنى بىلەلمىدىم كۆز ئالدىمدا يۇغان بىر قارا مۈشۈك سەكىرەپ يۈرەتتى . كۆز ئالدىمدا يۈز بىرىۋاتقان بۇ ئىشلارنى سىرلىق رايوندا كۆرگەن ئەمدىلىكتە ئۈيۈمنىڭ ئالدىدا يۈز بىرىۋاتاتتى ، مۈشۈكنىڭ ئۇياق - بۇياققا ، لىك - لىك سەكىرەپ ئويناشلىرىغا قاراپ  ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا تۇرۇپلا قەپتىمەن تۇيۇقسىز ئۇ سەت بىر مىياۋلىغىنىچە ماڭا ئېتىلىندى ، مەن دەرھال ئۆزەمنى قوغدىماقچى بولۇپ كەتمەننى كۆتۈرمەكچى بولدۇم كىم بىلسۇن قولۇمنى كۆتىرەلمىدىم ، قاچاي دەپ ھەركەت قىلماق بولدۇم پۇتۇمنىمۇ قاتۇرۇپ قويۇلغاندەك مىدىرلتالمىدىم .
ھەتتا ئېغىز ، كۆز ، باشلىرىممۇ ماڭا بويسۇنمىدى . بۇ چاغدىكى قورۇققان ھالىمنى سىلەرگە راستىنلا تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن ، خۇددى پۇت - قولۇم باغلىنىپ ياۋۇز مەخلوققا تاشلاپ بىرىلگەندەكلا . ئۇ كەلگەن پېتى خىرقىراپ ئېسىلىپ - ئېسىلىپ مەيدەمگە چىقتى ھەمدە ئېغىزىنى يۇغان ئاچتى ، ئۇنىڭ قىپ - قىزىل كۆزى ، ئەمىلىيەتتىن ھالقىپ ئېچىلغان ئېغىزى ،  بېغىزدەك ئۇچلۇق ، پىچاقتەك بىسلىق قان يۇقى چىشى ئەمدىلىكتە كۆز ئالدىمدىلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى .ئۇ بوينىمنى چىشلىمەك بولۇپ يۇغان ئېغىزنى يېققىن ئېلىپ كەلدى ، چىشى بوينۇمغا تەككىنىنى سەزدىم لېكىن ئۇ  بىردىنلا يالتايدى ، ئەگەردە ئۇ شۇ ئەلپازدا چىشلىگەن بولسا بوينۇم چوقۇم ئۈزۈلگەن بولاتتى ، ئۇ ئېغىزىنى يۇمۇپ تۇمشۇقىنى بۇرنۇمغا يېققىن ئېلىپ كىلىپ يېنىش - يېنىش پۇرىدى ،بۇ چاغدا، ئۇنىڭ تېنىقىدىن كەلدىمۇ ياكى تېنىدىن كەلدىمۇ جەسسەت پۇرىقىدەك بەتبۇي پۇراق دىمىمغا ئۇرۇلدى.
 ئۇ ئاستا كەينىگە بۇرۇلۇپ لىككىدە سەكىرەپ پەسكە چۈشتى ھەم ئۆي ئىچىگە ماڭدى ، ئۇ ئۆيگە كىرىۋېتىپ ماڭا قاراپ مىياڭلىۋىدى بېشىم قايغاندەك بولدى ، كاللام توختاپ قالغاندەك ، سىزىمنى يوقاتقاندەك قورۇق ھالغا چۈشۈپ قالدى ، ئەمدى ئويلىسام مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيگە كىرىپ كارۋاتتا يېتىپتىمەن .ئۇ مۈشۈك بىر پىرقىراپلا يۇغىراپ قارا پىلاشلىق ، ئورۇق ، چىرايى چىرىپ كەتكەن بىر نەرسىگە ئۆزگەردى ، ئۇنىڭ قولى قۇرۇپ قالغاندەك ، پۇتى پىلاش ئاستىدا ئۆچكىنىڭ پۇتىدەك كۆرۈنىپ تۇراتتى .
 ئۇ ماڭا يېققىن كەلدى ، مەن ئۆسۈملۈك ئادەمدەك ھېچبىر ئەزايىمنى مىدىرلىتالماي مۈلدۈرلەپ قاراپ يېتىشتىن باشقىنى قىلالمىدىم . ئۇ قۇرۇپ قالغان قولىنى يۈزۈم تەرەپكە سۇندى ئۇزۇن تىرناقلىرى كۆز قارچوغامغا تىگەي دىگەندە مەجبور كۆزۈمنى يۇمدۇم ، ئارقىدىن بىرى مېنى سىلكىپ تارتقاندەك بولدى ئورنۇمدىن تۇردۇم ، ئالدىمدا يەنىلا بايقى پىلاشلىق جىن تۇراتتى ، ئۇ سىرتقا قاراپ ماڭدى ، پۇتۇم ئۆزلىگىدىن ئۇنىڭغا ئەگەشتى ، مەن ماڭماسلىققا ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەسلىككە تىرىشىپ كارۋاتقا قول سۇزدۇم ، ئاھ خۇدا ، بەك قورۇقتۇم ، سىلەرمۇ شۇنداق كۆرۈنۈشنى كۆرسەڭلار چۈشىنىسىلەر ، كارۋاتتا ئۆزەم يېتىپتىمەن ، مەن ئىككى ئادەم بولۇپ قەپتىمەن ، مەن بۇ چاغدا بۇنى چۈشۈم دەپمۇ ئويلىدىم ، يەنە چۈش ئەمەسلىگىگە ئىشىنىپ ئۈلگەن ئوخشايمەن دەپمۇ ئويلىدىم ، ئۇ چاغدىكى ئەھۋالىم تەندىن چىقىپ كەتكەن ئەرۋاھغىلا ئوخشاپ قالغانتى . بۇ چاغدا سىرتتىن دادامنىڭ ، تايىرنىڭ ، تۇرغۇننىڭ چاقىرغان ئاۋازلىرى ئاڭلاندى ، مەن ئىختىيارسىز سىرتقا ماڭدىم …

ئاخىرى بار…
     





1469 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-12 1:58:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-17 6:53:20 لۇملۇم
دەششەت يىزىپلا جىما ئۇقۇغان ئادەمنىڭ پۇت قۇلدا جان چىرايىدا قان قالمىغۇدەك ئاخىرى قاچان چىقا بىدەۋەتسە
2017-2-15 1:48:13 راھىلە
ئاخىرنى تېزرەك چىقارسىڭىز بوپتىكەن ئابدۇرەقىپ ئاكا بىز بەك ئىنتىزار بولۇپ كەتتۇق
2017-2-14 15:07:30 ئابدۇللا
بۇئەسەر ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن
2017-2-13 1:19:34 يۇلتۇزۇم
ئ‍ەسەرلىرڭىزنى بەك ياقتۇرمەن،قولىڭىزغا دەردتكەلمىسۇن ،رەخمەت
2017-2-12 22:45:40 nilupar
asarlirigizni bak yahxi kuriman.mumkin bolsa uzup koymay jikrak yazgan bolsigiz yahxi bulatti.rahmat sizga.
2017-2-12 5:52:56 سىگەك
ئاخىرىنىڭ تىزراق چىقىشىنى ئۈمۈد قىلمىز
2017-2-12 4:37:00 Hero
ئەممائالامەت يازىسىزدە مىترو ئەپەندىم 🤡
2017-2-12 3:57:42 ئابدۇۋاسىت
تەسۋىرلەشلە ئىنتايىن جانلىق ، خۇددى كۆز ئالدىمدا يۈز بېرىۋاتقاندەك
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ