قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 6 - قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون


ۋەھىمىلىك ھىكايە 6- قىسىم

metro


تۇرغۇن بالىغا قاراپ قېتىپلا ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ كاللىسىدا باشقا نەرسە ئەمەس شۇنداق ئاددى ئويلار كەچمەكتە ئىدى. ئۇ « ئەجەپ ئوماق بالىكىنا بۇ ، كىمنىڭ بالىسى بولغىيتى ، كىچىدە چىقىپ ئويناپ كەتكىنىنى ، بېرىپ مەنمۇ ئوينۇشۇپ بىرەيمۇ - يە » دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۆزىمۇ بىلمەي ئورنىدىن تۇردى. تايىر بايىلا كۆرگەن ئاق كىيىملىك ھېلقى نەرسىنى ئويلاپ ئۇخلىيالماي ياتاتتى، ئۇ تۇرغۇن بىلەن بۇ يەردىكى سىرلىق ئىشلار توغۇرلۇق پاراڭلاشقۇسى كەلدى -دە بېشىنى كۆتۈرۈپ، تۇرغۇننىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىگە ئاستا ماڭغىنىنى كۆردى.

- تۇرغۇن ،- دەپ چاقىردى ئۇ .

لېكىن تۇرغۇن ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك كىتىپ باراتتى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى تايىرغا باشقىچە تۇيۇلدى، ئۇنىڭ كۆڭلى بىر ئىشنى تۇيغاندەك بولدى - دە ئورنىدىن قوپۇپ يۈگۈرۈپ بارغىنىچە تۇرغۇننىڭ مۈرىسىگە بىرنى ئۇردى. بۇ چاغدا تۇرغۇن چۆچۈپ ئەسلىگە كەلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئالدىدا نە يورۇقلۇق ، نە بالا كۆرۈنمەي ئاي يورۇقىدىكى قارا يىغاچ ئىسكىلىتتەك تۇراتتى.

- مەن قانداقلارچە بۇ يەرگە كىلىپ قالدىم ،- دىدى ئۇ ھەيران بولۇپ.

- بۇنى مەن نىمە بىلەي ، ئۆزەڭ چاقىرساممۇ گەپ قىلماي مېڭىپسەن شۇڭا سېنى توسىۋالدىم ، بىرەر ئىش بولدىمۇ ، بىرەر نەرسە كۆردىڭمۇ - يە؟

تايىرنىڭ سورىشى بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىدا بايقى كۆرۈنۈش پەيدا بولدى ، ئۇ ئەمدى ھەممىنى چۈشەنگەنتى :

- مەن … مەن … بايا بىر ئەمدىلا ئايىغى چىققان بىر بۇۋاقنى كۆردۈم ، ئاشۇ يەردىلا … ئەنە ئاۋۇ … يەردىلا … ئۇ سۆزلەۋېتىپ قورقۇپ تىتىرەپ كەتتى ، چىرايلىرىنىڭ تاتارغىنىنى تايىر ئېنىق كۆردى . - جىن … جىن باركەن ،- ئۇ قورقۇنىشتا ۋاقىرۋەتتى.

تايىر دەرھال ئۇنى تۇتىۋالدى : - بولدى قورۇقما ، بىز بار تۇرۇپتىمىزغۇ قورۇقما ، - دەپ ئۇنى تېنىچلاندۇردى ،- سەنلا ئەمەس بايا مەنمۇ بىر نەرسىنى كۆردۈم.

ئۇخلاپ ياتقانلار تۇرغۇننىڭ ۋاقىرىشىدىن چۆچۈشۈپ تۇرۇپ كىتىشتى .

- نىمە ئىش بولدى ؟- دىدى ئىسكەندەر ئۇ ئىككىسىگە قاراپ.

- ھېچنىمە ، ھېچنىمە ، ئۇخلاڭلار ،- دىدى تايىر بايقى ئىشلارنى سىر تۇتۇپ، ئۇلار باشقىدىن ئۇخلاشقا باشلىدى. تايىر بىلەن تۇرغۇن ئاستا ئوتنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۈن - تىنسىز ئولتۇرۇشتى .

- سەن نىمىلەرنى كۆرگەنتىڭ ؟- دەپ سورىدى تۇرغۇن تايىرنىڭ بايقى گېپىنى ئەسلەپ ، تايىر كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئىككىسى بۇ جاينىڭ ئادەتتىكى جاي ئەمەسلىگىنى ئويلۇشۇپ جىمجىت بولۇشتى. ئەتىسى تاڭ يېڭى سۈزۈلگەندە بىرىنىڭ شۇنداق ئۈنلۈك « تۇرۇڭلار» دىگەن ئاۋازى گۈمبەزنى يارغۇدەك ئاڭلاندى. بۇ چاغدا تايىر بىلەن تۇرغۇنمۇ ئولتۇرۇپ بىر - بىرىگە يۈلەنگىنىچە ئۇخلاپ قالغان ئىدى. ھەممىسى بۇ ئاۋازدىن يۈگۈرۈشۈپلا تۇرۇپ كىتىشتى. لېكىن بۇ يەردە ئۆزلىرىدىن باشقا ھېچكىم ھەتتا بىرەر ئۇچارجانلىقمۇ يوق ئىدى .

- كىمۇ ۋاقىرغان ؟- دەپ سورىدى دىلبەر ئەنسىزلىكتە .

- بىلمىدىم ،- دەپ جاۋاپ بەردى تايىرمۇ ھەيران بولۇپ.

ئۇلار گۈمبەز ئىچى- سىرتىغا ئالا قويماي قاراپ چىقىشتى يەنىلا ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى.

- قىززىق ئىشقۇ بۇ ،- دىدى سەمەت ،- يېنىمىزدا بىرنىڭ شۇنداق ئۈنلۈك ۋاقىرغىنىنى ئېنىق ئاڭلىغان تۇرسام . ھەممىسى بۇ ئىشتىن بىر پەس تېڭىرقاشتى. قوياشنىڭ تاغ كەينىدىن كۆتۈرلىشى بىلەن بۇ خارابە يەنە يورىدى . ئۇلار ناشتا قىلىشىپ يۈك - تاقلىرىنى چىگىشتى، تۇرغۇن بىلەن تايىرنىڭ ئاخشام كۆرگەنلىرى يادىغا كىلىپ شۇ نەرسىلەر كۆرۈنگەن جايلارنى تەكشۈرەپ بېقىشتى. لېكىن ھېچقانداق ئىز بايقالمىدى. خۇددى بۇ يەردە بۇ ئالتەيلەندىن باشقا بىرەر جانلىق مەۋجۇت ئەمەستەكلا قىلاتتى.

- بىز ئاۋال بۇ خارابىلىك ئىچىنى تەپسىلى كۆرۈپ باقايلى، ئاندىن بايلىق موشۇ يەردە دەپ گۇمان قىلغان جايلارنى ئاختۇرۇپ كۆرمەمدۇق ، شۇنداق قىلايلىمۇ؟- دىدى تايىر ھەمرالىرىغا مەسلىھەت سېلىپ .

ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىشقا قوشۇلۇشتى.

تۇرغۇن قىزىقچىلىق قىلىپ :

- كىم بىلىدۇ ، مۇشۇنداق ماڭساقلا ئۇ بايلىقلار ئالدىمىزغىلا ئۇچۇرامدۇ تېخى ،- دەپ قويدى.

دىلبەر بۇ گەپكە كۈلۈپ قوشۇپ قويدى :

- شۇنىڭ بىلەن بايلىقلارنى كۆتۈرەلمەي كەتسىڭىز - ھە ؟

ئۇلار شۇنداق خۇش كەيپىياتتا پاراڭلاشقاچ خارابىلىكنى چارلاپ كۆرۈشكە باشلىدى، يولنىڭ ئىككى تەرىپى يەنىلا ئاسمان پەلەك ئېگىز سوقما تام ، يولمۇ ئۇدۇل ئەمەس بولۇپ، خۇددى تاغ يولىدەك ئەگرى- بۈگۈرى داۋاملىشىپ ئاچىلىناتتى. بەزى يوللار ئىگىز قورغانلارغا تۇتىشاتتى، بەزى يوللار تۇيۇقسىز خالتا كوچىغا تۇتاشسا ، بەزىلىرى يەر ئاستى ئۆڭكۈرلىرى بىلەن تاغ ئۆڭكۈرلىرىگە باشلاپ باراتتى. يولنىڭ ئىككى تەرپىدىكى سوقما تامنىڭ تۈشۈكلىرىدىن كەينىدىكى مەنزىرىمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كەينىدىكى قۇرۇلۇشلار كۆپۈنچىسى ئاددى ئۆي بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە چوڭ مەيدان، قەۋەتلىك قۇرۇلۇشلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇلار كىتىۋېتىپلا بۇ ئوخشاش يول ھەم قۇرۇلۇشلارنى پەرىقلەندۈرەلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالاتتى - دە ئەتىگەندىن بۇيان خۇددى بىر جاينىلا ئايلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالاتتى. ئەمىليەتتە بۇ خارابىلىكنىڭ قۇرۇلىشى شۇنداق سىرلىق سېلىنغان بولۇپ ، مەنزىلگە يەتمەكچى بولغان ئادەم يول بىلمىسە بۇ جايغا سولۇنۇپ، قانچىلىكلا يول ماڭغان بىلەن چىقالمايتتى.

- بۇنداق ماڭساق بولمىغۇدەك - دىدى ھېرىپ كەتكەن ئىسكەندەر يۈك - تاقلىرىنى يەرگە قويۇپ ،- بۇ يول بىزنى ئېزىقتۇرۋاتىدۇ. بىز يەنە بىردەم ماڭساق ئەتىگەنكى گۈمبەزگە كىلىپ قالغۇدەكمىز.

باشقىلار ھەيران بولۇپ كىتىۋاتقان يولنىڭ ئۇچىغا قارىدى ، ھەقىقەتەن ئۇلار بىر كىچە تۈنىگەن گۈمبەز ئالدىدا تۇراتتى .

- قانداق يەر بۇ ؟ بىز يېرىم كۈن ئاۋارە بولدۇقما ؟ - دىدى تۇرغۇن تىرىكىپ .

قىزلارمۇ بۇ ئەھۋالدا ھېرىپلا قالدى. ئۇلار يۈك - تاقلىرىنى تاشلاپ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتى .

- ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟- دىدى تايىر ئىسكەندەردىن مەسلىھەت سوراپ .

- بىز ئاۋال بۇ يولدىن چىقىپ ئۆيلەرنىڭ ئالدى بىلەن مېڭىپ باقايلى، بەلكىم شۇنىڭدا مەنزىلگە يىتەلەرمىز .

بۇ ئورۇنلۇق گەپ بولۇپ ، قولىدا خەرىتە بولمىغاچقا بۇلارغا شۇنداق ماڭماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. ئۇلار يول بويىدىكى كىچىككىنە ئۆرۈلگەن بوشلۇقتىن سىرتتىكى ئۆيلەر تەرەپكە ئۆتۈشتى. كىچىك - كىچىك سېلىنغان قاتار - قاتار ئۆيلەر ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولۇپ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ شەكلىلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ . بەزى ئۆيلەرنىڭ ھەتتا ئۈچ تېمى بىلەن ئۆگۈزىسىلا قالغانتى.

- ھېچ چۈشىنەلمىدىم ، بۇ جايغا سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇشلار قانداق ئىشقا ئىشلىتىلگەندۇ ؟- دىدى گۈزەلنۇر كەينىدە كىلۋېتىپ .

- مېنىڭچە ،- دىدى تايىر ،- بۇ جاي چوڭ بىر قوشۇن تۇرغان بارگاھتەك قىلىدۇ ، چۈنكى بۇ يەردىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ لاھىيلىنىشى مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىپتۇ .

- مەنمۇ شۇنداق قارايمەن ،- دەپ قۇۋەتلىدى دىلبەر ، - قاراڭلار بۇ قاتار ئۆيلەر ئەسكەرلەر تۇرىدىغان گازارما شەكلىدە سېلىنىپتۇ ، بىرىنجىدىن يولنىڭ ئىككى تەرپىدىن ھۇجۇم قىلىشقا بەك ئەپلىك ، يەنە قاراۋۇللۇق رولىنىمۇ ئۆتەيدىكەن.

تۇرغۇن كۈلۈپ دىلبەرگە چاقچاق قىلدى:

- تايىر بىلەن ئىككىڭلارنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقىدىكەن -ھە ، قاملىشىپ قالغۇدەكسىلەر … قالمىشىپ قالغۇدەكسىلەر .

قىزىپ كەتكەن تايىردىن باشقا ھەممىسى بۇ ئىككىسىگە قاراپ كۈلۈشتى. دىلبەر تۇيۇقسىز چىققان چاقچاقتىن ئوڭايسىزلىنىپ تۇرغۇنغا تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ :

- ئۆتەپ بارە ،- دىدى - دە جىمىلىپ قالدى .

ئۇلار كىتىۋېتىپ بىر نەچچە ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە داڭقېتىپ قالدى. قىزلار بۇ مەنزىردىن قورقۇپ كەينىگە نەچچە قەدەم داجىپ كەتتى، چۈنكى بۇ ئۆينىڭ ئالدىدا بىر نەچچە ئادەم ئىسكىلىتى تۇراتتى. تۇرغۇن بىلەن تايىر ئاستا بېرىپ ئىسكىلىتلارغا قارىغاچ ئۆي ئىچىلىرىگە سەپسالدى. قاراڭغۇ ئۆي ئىچىدىمۇ تۆت - بەش ئىسكىلىت تۇراتتى. ھەتتا بۇ ئىسكىلىتلار ئارسىدا نۇرغۇن يىلانلار لۈمۈلدىشىپ يۈرەتتى. تۇرغۇن بىلەن تايىر يىلاننىڭ كۆپلىگىدىن جىددىيلەشتى - دە ئاستا قەدەم بىلەن چىكىنپ كەلدى .

- تىز ماڭايلى ، يىلان بەك كۆپكەن ،بۇ يەردە تۇرمايلى ،- دىدى ئىككىسى باشقىلارنى ئالدىرتىپ.

ئۇلار كىتىۋېتىپ كۆرگىنى ئادەم ئىسكىلتى بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئىسكىلىتىلا بولدى.

- بۇ ئاتنىڭ ئۈلۈگىكەن ،- دىدى سەمەت بىر ھايۋان ئىسكىلىتىنىڭ پۇتىنى كۆرسىتىپ . - بۇ ئىشەككەن ،- دەيتتى يەنە بىرنى كۆرسىتىپ .

قىزلار بۇ مەنزىرلەردىن قورقۇپ داجىپ ماڭسا ، ئوغۇللار ئالدىدىكى مەنزىرگە قىزىقىپ تىز ماڭاتتى. ئۇلارشۇ قورقۇنىچ، قىزىقىش ھەم ھەيرانلىقتا ماڭغىنىچە بىر مەيدانغا چىقىپ قالدى. مەيداندىكى مەنزىرە ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بولۇپ مەيدان ئوتتۇرسىدا دار تۇراتتى، دار ئەتراپى ئادەم ئىسكىلىتى بىلەن تولغان بولۇپ ، بەزى ئىسكىلىتلارنىڭ بېشى يوق ، بەزىلىرىنىڭ قولى يوق ئىدى، بەزىلىرىنىڭ چېچىدىن ئۇلارنىڭ ئايال ئىكەنلىگى ئىسپاتلىنىپ تۇراتتى. ھەتتا بەزى ئاياللارنىڭ ئىسكىلىتلىرنىڭ قۇچىغىدا بالىلارنىڭ ئىسكىلىتلىرىمۇ تۇراتتى. كۆپىنچە ئىسكىلىتلارنىڭ قولىدا دات بېسىپ كەتكەن شەمشەر ، قېلىچلار بار ئىدى. بۇ قىز - يىگىتلەرگە بۇ جەسەت قاپلىغان خارابىلىكتە يەنە قانداق غەلىتە ئىشلار ئۇچۇرايدۇ ، قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن. ...





1258 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:35:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-12-28 0:43:09 abderymjan
Hakikatan yahxikan yana muxndak asarlang koplap yollnxni omt klma
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ