تەقدىر سىمفونىيەسى ( پوۋسىت 1 - باب 1 - قىسىم) - ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

 تەقدىر سىمفونىيەسى  
( پوۋسىت)
ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
كىرىش سۆز 


 جەمىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، تۇرمۇش ، خىزمەت ، ئۈگۈنۈش ئېلىپ كەلگەن بىسىملار ھايات ئىشتىراكچىلىرى نولىمىش بىزلەرنى ئىغىر دەرىجىدە ھالسىرتىپ قويۋاتىدۇ . بولۇپمۇ بىر قىسىم ياش ئىستۇدىتلىرىمىز ئارىسىدا ئەپيۇن خۇمارىدەك يامراۋاتقان < يۇقۇرى ئۆسۈملۈك ئوقۇغۇچىلار قەرىزى > دولقىنى تىزلىك بىلەن يامراپ ياش ئىستۇدىتلارنى ئۆزىگە قىززىقتۇرۇپ شۇ مېللەتنىڭ كەلگۈسى  ،ۋەتەنىڭ ئۈمۈدى بولىمىش ياشلىرىمىزنى مەھپۇسلار كامىرىغا بەنىت قىلسا ، شۇ مۆھتىرەم ، مىھرىبان ئاتا – ئانىلىرىمىزنى تىلەمچىلەر كوچىسىغا ئىتتىرمەكتە .
 شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى ، يۇقۇرى ئۆسۈملۈك ئوقۇغۇچىلار قەرىزى خۇددى ئەپىيۇن ئۆزىگە رام قىلىپ ئاقىۋەتتە بىر ئوقۇغۇچىنىلا ئەمەس بىر ئائىلىنى يالماپ يەۋەتەلەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە . ئىلگىرى  < بەگزادىلەرچە > تۇرمۇش كەچۈرگەن شۇ پەرزەنتىڭىزنىڭ ئالۋاستىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ ، قاراڭغۇ زىمدان ئازابى تارتىشقا قاراپ تۇرالمايسىزغۇ دەيمەن .
 < تەقدىر سىمفونىيەسى > ناملىق  بۇ چوڭ ھەجىملىك پوۋسىتىمنى شۇ توھىيىتىنىڭ ئەجەل تۇمشۇقلىرىدا گاڭگىراپ يۈرۈپ ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى تۈگۈمەس ئازاپ ھاڭلىرىغا ئىتتىرۋاتقان قۇرداشلىرىمغا ، شۇنداقلا ئۆز پەرزەنتىنىڭ ھالىدىن بىخەۋەر يۈرۈپ بىراقلا ئازاپ دەرياسىغا چۆمۈلىدىغان شۇ خىزىر سۈپەت ئاتا – ئانىلارغا بىغىشلايمەن .
بۇ ئەسىرىم ئىلگىركى ئەسەرلىرىمگە قارىغاندا ھەجىمىنىڭ چوڭلىقى ، پىرسۇناجلىرىنىڭ كۆپلىكى ، ۋەقەلىكلىرىنىڭ كۆپ لىنىيەلىكلىكى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى گاڭگىرتىپ قويىشى مومكىن ، لېكىن ئىشىنىمەنكى ، ئەقىللىق مىھنەتكەش شۇ ئوقۇرمەنلىرىم بۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەردىن ئىبەرەت ئىلىپ ئۆز تەقدىرى ، ۋە شۇ پەرزەنتىنىڭ كىلەچىكى ئۇستىدە باش قاتۇرىدۇ .
قەدىرلىك ، مېھنەتكەش ئاتا – ئانىلار ، ھەمساۋاق ئاكا – ئۇكا ، ئاچا – سىڭىللىرىم شۇنىڭغا دىققەت قىلايقىكى ، قولدىن بىرىدىغىنىمىز ئالتۇن جاۋاھىرات ،  ئىرىشىدىغىنىمىز قۇرۇق شال پاخىلى بولۇپ قالمىسۇن !!!

- ئاپتۇردىن                    
2017- يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۈنى  ئۈرۈمچى 


بىرىنچى باب : يۈرەك تەپچەكلىمەكتە 

بىرىنجى قىسىم 


 ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى ، مانا ، تەقاززالىق بىلەن كۈتكەن كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى . يۈرەكلىرىم سالماقتا ، كاللامدا شۇ ئىشتىن باشقا ئۆزگە ھىچ قانداق ئىشنى ئويلىيالمايمەن ...
 تىلفۇندا كېلىشىپ قويغىنىمز بويىنچە دوستۇم يارمۇھەممەد بىلەن ناھىيە مەركىزىدىكى سەل چەتراق بىر كوچىغا جايلاشقان < يىڭى زامان توخانىسى > ئالدىدا ئۇچراشتۇق . ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن تور خانىغا كىردۇق ، مېنىڭ تورخانىغا تۇنجى قىتىم كېرىشىم بولغاچقا سەل قورۇنۇپ تۇرۇپ قالدىم . لېكىن يارمۇھەممەد بۇ يەرنىڭ < دائىملىق مىھمىنى > دەك بەھۇزۇر كىرىپ كىتىپ باراتتى . دىمىسىمۇ راس ، ئۇ دائىم ئىغىزىدىن تورغا ئائىت جاھان يىڭىلىقلىرى ، ئويۇن تۈرلىرىنى چۈشۈرمىگەچكە بىز ئۇنى < كىچىك دوكتۇر > دەپ چاقىراتتۇق ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۈگۈن مەن بارلىق ئىشلىرىمدا مۇشۇ < كىچىك دوكتۇر > غاتايىناتتىم . شۇنداق قىلىپ بىز رورخانىغا كىردۇق ، مەن تۇنجى قىتىم كىرگەن بۇ ماكانغا قىزىقىش ۋە ياتسىراش ئىلكىدە قاراپ چىقتىم ، توغرا ئەلۋەتتە شۇنداق بولىشى كېرەك،مەن تۇغۇلىشىمدىن بۇماكانغا تەۋە ئەمەس ئەتراپ سەل قاراڭغۇ ، ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن مەشقۇل . بەزىلەر قايسى بىر دۆلەتنىڭ فىلىمىنى كۆرۈش بىلەن ئالدىراش ، يەنە بەزىلەر بولسا < كىچىك دوكتۇر > ئىيتقان ئويۇنلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە . يىراققا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم ، ھەممە ئۆز ئىشى بىلەن مەشقۇل ھىچ كىشىنىڭ ھىچ كىم بىلەن كارى يوق، چەت بىر ئورۇندا بىر ئاكا دىمەتلىك ئادەم ماتىريال كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ .
_ رەھمۇتۇللا ، يۈرە بىر ياققا بىرىپ ئولتۇرايلى . دوستۇم يارمۇھەمەدنىڭ چاقىرشى بىلەن خىياللار ئىلكىدىن قۇتۇلۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم . بىز چەت بىر رەتتىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇق . يارمۇھەممەد كومپىيوتىرنى ئېچىپ قانداقتۇر بىر نومۇرنى كىرگۈزۈپ تورنى قوزغاتتى . ئىكراندا بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتاھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش توربىتى ئىچىلدى . مانا ، دوستۇم ئىككىمىز بىر – بىرىمىزگە قاراپ تۇرۇپ قالدۇق.
كىلىشكە نومۇرىمىزنى سالساقلا بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدىغان ، نەچچە يىل مابەينىدىكى تىرىشچانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى بولغان قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى چىقاتتى . يۈرەكلىرىم تەپچەكلىمەكتە ، ئىختىيارسىز يارمۇھەممەدنىڭ قولىغا قارىدىم ، ئۇنىڭ ماۋۇس تۇتقان قوللىرىمۇ يىنىك تىتىرمەكتە ئىدى .
_ رەھمۇتۇللا ، باشتا سېنىڭكىنى تەكشۈرەيلى ، دەپلا قولۇمدىكى ئىمتاھان كىلىشكەمنى كاپلا قىپ ئىلۋالدى . مەن ئۈنسىز تۇرۇپلا قالدىم ، نىمە دەيتتىم ، بەرىنىر بۇ رىئانلىق ھامان يۈزلىنىشىم كېرەك . كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالدىم ، ئۆزۈم خىلى جۈرئەتلىك بولغىنىم بىلەن راسلا قورقاتتىم ، كىم ، كىملەر قورۇقمايدۇ دەيسىز ؟ تەقدىر ئالدىدا كىممۇ باش ئەگمىگەن .
_ ۋاھ ، يارايسەن ئاداش ، شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ جەمىيەتشۇناسلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپسەن مۇبارەك بولسۇن ! يارمۇھەممەد بۇ گەپلەرنى زوق شوخ بىلەن ئىيتتىكى ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازىدىن كۈرەكلىرىم يايراپ كەتتى .
دەرھال كۆزۈمنى ئىچىپ كومپىيوتىر ئىكرانىغا قارىدىم ، ئىكراندا راسلا شۇنداق ئۇقتۇرۇش تۇراتتى .
_ شۈكرى ! دىدىم ئىچىمدە ، راس ، بۇ بىزدەك بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىنى تاماملاپ ، تەقدىرىنى شۇ ئىككى كۈنلۈك  ئىمتاھاننىڭ خۇلالسىسىگە قاراپ قالغان تەۋەكۈلچىلەر ئۈچۈن ئنىتقاندا بولسا بۇ راسلا خوشخەۋەر ئىدى .
شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىغۇ ھەمىمىزگە تونۇش ، لېكىن جەمىيەتشۇناسلىق قانداق كەسىپ بولغىتتى ؟ ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن بىر ئاتاققا ئىرىشتىم ، قالغىنى ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق ... تۇيۇقسىز بىر ئىش يادىمغا كېلىپ دوستۇمغا قارىدىم ، قارىدىميۇ ئەندىكىپ كەتتىم ، ئۇنىڭ بۇنداق تۇرىقىنى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم ،  ھەر كىمگە خۇشچىراي ، ئىللىق كۆزلەردە قارايدىغان دوستۇمىڭ شەيتان كۈلكۈلىرىنى نەلەگە ئۇچۇرۇپ ، ئىپادىلىگۈسىز بىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان نىمىدۇ ؟ دەرھال ئىكرانغا قارىدىم ، ئىكراندا مېنىڭ ئۇچۇرلىرىمنىڭ ئورننىغا ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرى ، ئاستى تەرەپتە بولسا < مەزكۇر ئارخىپ تىخى ئىشلەنمىدى > دىگەن خەت تۇراتتى . تىلىم كالۋالاشتى . ئەسلىدە ئۇ مەن خىيال قىلۋاتقان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرگەن ئىدى . دىمەك ئۇ بۇ قىتىملىق ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىدى دىگەن گەپ . تىنىم شۈركىنىپ كەتتى ، مىڭەم قالايمىقانلىشىپ تۇرۇپلا قالدىم .
تورخانىدىن قايتىپ چىقتۇق ، دوستۇم يارمۇھەممەد شۇنچە تەسەللىي بىرىشىمگە قارىماي ئۇچقاندەك چىپىپ كەتتى . خىياللىرىم چىچىلاڭغۇ ، بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىلىم يۇرتى ئۆتكەنلىكىمدىن ئىپتىخارلانسام ، يىقىن دوستۇم يارمۇھەممەدنىڭ ئۆتەلمىگىنى مىڭەمنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى .
 كىتىپ بارىمەن ، ياق ، تىنىم كىتىپ بارىدۇ خىيالىم روھىيتىم بىلەن ئۇرۇش قىلماقتا ........
ئاخىرى بار  ...


     





184 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-28 3:03:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ