ھارۋامدىكى كىم
ئابدۇللا كامال(گۇما)
ئاۋاز كۈچەيمەكتە، پۇت قولۇم ھىچ تىتىرەكتىن توختايدىغاندەك ئەمەس. بىردەمنىڭ ئىچىدە پۈتۈن بەدىنىمدىن چىلىق چىلىق تەر ئىقىپ چۈشۈشكە باشلىدى.توساتتىن گۈسۈلدەپ بىرى ئايۋانغا كىردى، قورقۇنچتىن نىمىلىكىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىم، ئۇ گۈسۈلدەپ ماڭغىنىچە ئۇدۇل ئاشخانا ئۆي تەرەپكە كەتتى، يۈرۈگۈم ئۈلگۈرمەي سوقاتتى، ئاھ خۇدا،نىمىشقىمۇ خانىقادىن قىچىپ چىققاندىمە، بىرەسى يۈزۈمگە قارا سۈركەپ قويمىغاندىكىن تۇرىۋەسەمچۇ،ئىسىت ئىسىت.
كۆزلىرىمدىن ئىقىۋاتقىنى ياشمۇ ياكى دىمىقتىن تەرمۇ بىلىشكىمۇ رايىم يوق، پەقەت ئىغىزىمغا كىرىپلا كەتمىسە بولغىنى. مومامنىڭ ئاۋازىمۇ يوقىدى، ئەتىراپ خىلى سۈزۈلگەندەك، ئۇف،،،،، دەپ بىشىمنى يوتقاندىن چىقىرىپ، چوڭقۇر بىر نەپەس ئىلىپ تۇرۇشۇمغا يەنە ھىلىقى گۈسۈلدىگەن ئاۋاز ئاشخانا تەرەپتىن چىقىپ كەلدى، نەپەسنىمۇ چالا بۇلا ئىلىپ يەنە يوتقانغا شۇڭغۇدۇم. خۇداغا شۈنچىلىك نالە قىلىۋاتقان پەيىتتە بىرى يوتقاننى يۇلۇپلا ئالدى، قورقۇنچتىن جان پىنىم چىقىپلا كەتتى.
ئا،،،،،،،پا دەپ قاچقىنىمنى بىلىمەن، كاسسامغا تەككەن قاتتىق پەشۋادىن دادام ئىسىمگە كەلدى، داداممۇ بوش ئەمەس ئاچچىقى كىلىپ قالسا جىندىنمۇ ۋەششى. ئۆينى بىر ئالغان ئاۋازىم بىر پەشۋا بىلەن جىمىقتى. كۆزلىرىمنى دادامغا تىكىپ بۇلۇڭدا دىرىلداپ، ئىڭىكىمنى تىزىمغا تىرەپ بىچارىلەرچە ئولتۇردۇم،ئىچىمدە ئىككىنچى ھەتتا ئۈچۈنچى پەشۋاغا ۋەياكى بىرە قۇلۇقۇمنى دادامنىڭ كۈچەپ سوزىشىغا ئاتاپ بولغان ئىدىم، بىراق بۇ بىچارە تۇرقۇمغا قاراپ دادامنىڭ ئىچى ئاغرىدىمۇ يا ئەتىگەندە كىچىك بالىنى بوزەك قىلغۇسى كەلمىدىمۇ ئەيتاۋۇر كۆزىنىڭ شارىكى ئىتىلىپ كەتكۈدەك بىرنى ئالىيىۋىتىپ، ئوچاققا ئوت يىقىپ قويغانلىقىنى، مىنىڭ كىرىپ سۇ قاينىتىشىمنى ئىيتىپ قويۇپ ھويلىغا چىقىپ كەتتى. ئاشخانىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ مىڭەمدىن تۈتۈن چىكەتتى، ئاھ خۇدا ئۆزىڭىز ساقلىغايسىز. ئاشخانىغا قەدەمدە بىر يىغلاپ دىگۈدەك كىردىم، ھىلىمۇ ياخشى ئاشخانىنىڭ كەينى تىمىنىڭ يىرىمى ئاللىقاچان ئۆرۈلۈپ چۈشكەچكە كۈن چىقىشى بىلەن ئاشخانا يوپ يورۇق بوپ كىتەتتى، ئوچاق بىشىدا بىر تەلەڭگۈدە بىدە كۆكى تۇراتتى، بىزنىڭ بۇ يۇرتنىڭ بىدىسى بەك تاتلىق بولۇپ، قۇرۇق سۇدا پىشۇرۇپ سۈيىگە تازا سىمىز قوينىڭ قۇيرىقىنى توغراپ، پىيازنى يوغان يوغان چاناپ ئارلاشتۇرۇپ ياققان زاغرىنى چىلاپ، كۆكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يىسە، ئايھاي ئۇنىڭدىن يىيىشلىك تاماق بولامدۇ، ئىشقىلىپ ماڭا بەك مىزىلىك تىتىيتتى.
تۈكۈرۈكىمنى يۇتۇپ ئوت قالاي دەپ، قولۇمنى شۇنداق ئوتۇنغا ئۇزىتىشىم بىر تال يوغان سالما چىكىلداپلا چىقماسمۇ يۈرۈگۈم جىغغىدە قىلىپ قاچقىلى ئاران ئۈلگۈردۈم، ئۇ بىرنىمىمۇ قىرىشقاندەك مىنىڭ كەينىمدىنلا يۈگىرەپ يۈرۈشلىرى جىنىمنى ئالدى، ئاشخانىنى بىر ئايلىنىپ بولۇپ قارىسام ئۇ ئاللىبۇرۇن كامىرىغا كىرىپ بوپتۇ، ئۆزەمنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ كۈلۈشۈمنى يا يىغلىشىمنى بىلەلمەي دادام ئىسىمگە كىلىپ يەنە بىر تىتىرەپ توختىدىم. خۇداغا شۈكرى ھىلىمۇ بايا دادام كىرىپ قالمىدى، كىرىپلا قالغان بولسا سالما يىتىشەلمىگەن بىلەن دادام ئىككى سەكرەپلا، خۇددىي سا چۈجىنى تۇتقاندەك قۇلۇمدىن تۇتۇپلا بايا ئۈسۈپ چالا قالغان تۈرۈككە يەنە نەچچىنى ئۈستەتتى، دە.
تۇيۇقسىز باياتىنقى ئىش ئىسىمگە كىلىپ پىشانەمنى سىلاشتۇرۇپ باقسام ھىلىقى ھۈررەك يەنە ئازىراق يوغىناپتۇ. توۋا ھازىرغىچە ئاغرىمىغان پىشانەم ئەمدىلىكتە لوقۇلداپ ئاغىرىشقا باشلىدى، ئۇمۇ ئازدەك كاسساممۇ ئوتۇن ئىلىش ئۈچۈن ھەر ئىڭىشسەم ۋايجانلىتىپ كۆزلىرىمدىن ياش ئاققۇزاتتى. لىكىن ئامال بار دادامغا پىشانەمنى كۆرسەتمىدىم، كۆرۈپلا قالدىمۇ بولدى، چالا قالغان ھۈررەكلەر كەينى كەينىدىن پىشانەمنى قاپلايدۇ، ھازىر خۇدادىن مىنىڭ جىننى كۆرۈپ قالماسلىقىمنى ئەمەس بەلكى دادامنىڭ بۇ ئوماق ھۈررىكىمنى كۆرۈپ قالماسلىقىنى تىلەيتتىم.
خۇداغا كۆپ شۈكرى، كەچكىچە دادام ھىچنىمىنى تۇيمىدى. يەنە زاۋال ۋاقتى بىلەن دادام ماڭا چوڭ ئۆيگە بىرىپ قونىشىمنى دىدى. توۋا جىنىم دادا بۇ ماڭا كۆيۈنگىنىڭىزمۇ يا مىنى ئوتقا تاشلىغىنىڭىزمۇ، يەنە شۇ دۆڭدىن ئۆتەمدىم ئاھ خۇدا مىنى بۇ كۈلپەتلەردىن ئۆزىڭىز قۇتقۇزغايسىز. ئىچىمدە خۇداغا مىڭنى يىغلاپ دادمنى نەچچىنى تىللاپ تۇرغان پەيىتتە، بىزگە تۇققان ھەم يىقىن خوشنا كىلىدىغان مەھەللىمىزنىڭ مەزىنىنىڭ ئوغلى ھەم مىنىڭ ئادىشىم ئۆمەر مىنى ئىزدەپ كىردى، ھەم مىنى بىزنىڭ ئايىغىمىزدىكى ئەڭ چەتتىكى كەنىتكە بىر تاغار بۇغداينى ئەكىرىشىپ بىرىشىمنى ئىيتتى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى چوڭدىن كىچىككىچە ھەممسى قارى قۇرئان كىشىلەر بولغاچ دادام ئۇلارنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيتتى، شۇڭا ئارتۇق تۆشۈك گەپ قىلمايلا ماقۇل بولدى، بىراق مەن تازا خۇش بوپ كەتمىدىم، چۈنكى ئۇ كەنىت ئاۋات دەپ ئاتىلاتتى. ئاۋات دىسەم راسلا ئاۋاتمىكى دىمەڭ، بۇ كەنىت ئىسمى بىلەن جىسمى پۈتۈنلەي بىر بىرىدىن ھالقىپ كەتكەم ئىككى دۇنيا. يەنى بۇ كەنىت تەكلىماكاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بۈرجىكى بولۇپ ئايىغىدا نە يۇرت نە شەھەر يوق، ھالاكەت دىڭىزى قۇملۇق ئىدى. چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە شۇ قۇملۇقلار ئارىسىدا ئۆز دەۋرىدە گۈللەنگەن ھازىر خارابىلىشىپ ئىزناسىنى تاپقىلىمۇ بولمايدىغان ياغاچ ئۆيلۈك دىگەندەك يۇرتلىرى، سادەت قۇدۇق، كاللا قادىغان دۆڭ دىگەندەك ئۆتەڭلىرى بارمىش.
ئەمما مىنى ئەڭ قورقۇتىدىغىنى ئۇ كەنىتكە بارىدىغان يول، نەچچە يۈزيىللىق بولغان بىر قەبرىستانلىقتىن كىسىپ ئۆتەتتى، بۇ يەرنىڭ كىشىلىرىنىڭ كاللىسى تازا جايىدا ئە مەسمۇ ئۆلۈكنى يولغا كۆمىدىغان، يا شۈنچىلىك قاراممۇ قەبرىستانلىقتىن يول ئالىدىغان ئىشقىلىپ ئويلىسام كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. شۇ ئارىدا ئۆمەرنىڭ ئاكام ئىلىجانمۇ بىللە كىرىدۇ، دىگىنىنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈم باشقىچە يايراپ كەتتى، چۈنكى ئىلىجان بىزدىن بىر نەچچە ياش چوڭ ھەم يۈرەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمۇ جىننىڭ ھىكايسىغا ئۇستا بولغاچقا كۆڭلۈم خىلىلا كۆتۈرلۈپ قالدى. بىز چىققاندا ئىلىجان قارا ھاڭگىسىنى ھارۋىغا قىتىپ تەييار قىلىپ تۇرغان ئىدى. بۇلارنىڭ قارا ھاڭگىسى ئاجايىپ بىر ئىشەك ئىدىكىن بويى ئاتتەك ئۆزىمۇ ئاتتىن تىز چاپاتتى، ھاڭراشلىرىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ خىلى يىراقتىن تونىغىلى بولاتتى.
بۇغداينى بىسىپ ماڭايلى دەپ تۇرساق ئىلىجان ئۆزىنىڭ باشقا ئىشى چىقىپ قالغانلىقىنى، بۈگۈنچە كىرىپ تۇرىشىمىزنى دىدى، نىمە ئامال ماڭدۇق، ئۆمەرمۇ كىچىكلىكىچە باقماي يۈرىكى خىلى توم ئىدى، بىراق نىمىلام بولمىسۇن ئىلىجاننىڭ يوقلىقى مىنى سەل ئۈمۈتسىزلەندۈردى، ھارۋا قوزغىلىشتىن بۇرۇن ئىلىجاننىڭ قۇلۇقۇمغا پىچىرلاپ تۇرۇپ، قەبرىستانلىقتىن ئۆتكەندە ئاق ياغلىق چىگىۋالغان بىرەسى ئۇچىراپ قالسا پەرۋا قىلماسلىقىمنى ئىيتتى، يۈرۈگۈم جىغغىدە قىلىپ بىرە ئىشنى ئاڭقىرىپ بولغىچە قارا ھاڭگا مەھەللىنى بىشىىغا كىيىپ ھاڭرىغىنىچە ئاۋاتقا قاراپ چاپتى.
قارا ھاڭگا توپا چاچرىتىپ چىپىۋاتىدۇ، مەن ھارۋىنىڭ چوقىلىغا چىڭ يىپىشىپ دۈگدىيىپ ئولتىرىمەن، ئۆمەر ھەدەپ قارا ھاڭگىنى دۇمبالايدۇ، توۋا خۇدايىم ئۇچسا بولامدىكىنە ما ئاداشقا، ئاچچىقىم كىلىپ ئۆمەرگە ۋارقىرىدىم. - ئۆمەر ئالدىمىزدىكى ئەگمىدىن ئۆتسەكلا چوڭ ئۆستەڭنىڭ ئازمىسى بارلىقىنى، ئازمىدا ھەر كۈنى كىچىدە ئۇششاق جىنلارنىڭ سۇغا چۆمۈلىدىغىنىنى ئىيتتى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەكرەپلا قوپتۇمدە تاياقنى قولۇمغا ئىلىپ قارا ھاڭگىنى كۈچەپ ئۇرۇشقا باشلىدىم. بىراق يەنىلا ئازمىنىڭ قىشىغا كىلىپ قارا ھاڭگا قاتتىق ھاڭراپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇ ھاڭرىشى ئادەتتىكىگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى.
ئۆمەر ئىچىدە سۈرە ئوقۇپ ئەتراپقا سۈفلىگىلى تۇردى، ئۇنىڭغا قاراپ مىنى تىخىمۇ سۈر باستى. خۇداغا شۈكرى ئازمىدىن تىنىچ ئامان ئۆتۈپ كەتتۇق، لىكىن مىنىڭ كونا كىسىلىم قوزغىلىپ ئارقامغا قارىدىم، قارىدىميۇ يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ كەتتى، چۈنكى ئۆستەڭنى بويلاپ قاتىرىسىغا يەنە ئاخشامقىدەك ئۇششاق شۇمتەكلەر تىزىلىشىپ تۇراتتى. ئۆمىلەپ ئۆمەر تەرەپكە ئۆتىۋالدىم، نىمىشقىكىن ئۇمۇ جىددىيلىشىشكە باشلىدى، ھەم ماڭا:
-نىمىنى كۆردۈڭ ، -دىدى.
يۈرۈگۈم قارتتىدە قىلىپ قالدى. نىم بولدى دىسەم،
-ھارۋامدىكى كىم؟
ئۇنىڭ بۇ گىپى تىرەمنى تەتۈر ئۆرىۋەتتى، تىخىمۇ تۈگۈلۈپ كەتتىم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ماڭا چاقچاق قىلىۋاتقان بولىشىنى بەكمۇ ئۈمۈت قىپ كەتتىم، ئەمما ئۇنىڭ كۆكىرىپ كەتكەن چىرايدىن راسلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى، ئاھ خۇدا ئۆزىڭىزگە ئامانەت.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم ئەسلى يازمام تىلفونۇمنىڭ كاشىلىسى تۈپەيلى ئۆچۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ھىكايىنىڭ ئاخىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا ۋاقتىدا سۇنالمىدىم. ئەسلى پۈتتۈرۈپ بىراقلا يوللىماقچىدىم، ئەمما ئوقۇرمەن قىرىنداشلىرىمنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ قويغۇم كەلمىدى، شۇ سەۋەپتىن بۇ ھىكاينى مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇردۇم، ئامان بولسام ئۇزۇنغا قالماي، قەبرىستانلىقتىكى يولۇچى قىز دىگەن ھىكايەمنى سۇنىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇللا،كامال(گۇما)
2015-11-27
2098738086
1 -قىسىم تۇغا دۆڭ ۋەھىمىسى
2-قىسىم سەت خوتۇن
3-قىسىم مومامنىڭ ئاۋازى
4-قىسىم ھارۋامدىكى كىم
كىيىنكى قىسىم قەبرىستانلىقتىكى يولۇچى قىز
1678 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-12-9 18:37:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|