تۇيۇق يول ۋە پۇشايمان (ھىكايە) 3 - قىسىم

تۇيۇق يول ۋە پۇشايمان 

(ھىكايە) 3 - قىسىم

       پەرھاتجان ئەسئەت  بەختىم


سادىرجان تانسىنى تۈگىتىپ سۈبھىنىڭ قولىدىن يىتلىگىنىچە سورۇنغا قايتىپ كىردى،ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا نىگار بىلەن سەڧىيەمۇ كىرىپ كەلدى.دىلشات چايان سادىرجاننىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ تۈلكىدەك ھىجايغىنىچە قولىدىكى خىروئىن ئارلاشتۇرۇلغان رومكىنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ دىدى؛ مانا ئاغىنەم ئازراق قىززىۋالساڭ شاشلىشىپ كىتىدىكەنسەن ئەمەسمۇ، تانسا ئويناپمۇ ھارغانسە ماۋۇنى بىر كۆتۈرۋەتكىنە .

سادىرجان ئۆزىگە سۇنۇلغان بۇ رومكا بىلەن تەڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلدىغان بىر ئالۋاستىنىڭ،ھىيلىگەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۈيقەستنىڭ ئۈزىگە قۇچاق ئېچىپ كىلۋاتقىنىدىن ئەسلا بىخەۋەر ئىدى. ئاللا بۇرۇن تەڭشىلىپ بولغان سادىرجان دىلشاتنىڭ قولىدىكى رومكىنى،ياق رەھىمسىز ئىبلىسنى قولىغا ئالدىدە بىراقلا كۆتۈرۋەتتى.........................

دىلشات چايان سۈيقەستىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىدىن خۇشال بۇلۇپ سادىرجاننى ئالەمچە ماختاپ ئۇچۇرۋەتتى. 

رومكىلار ئايلىنىپ ھەش-پەش دىگۈچە سورۇن ئاياغلاشتى، سادىرجانمۇ خۇدىنى بىلمىگىدەك دەرىجىدە مەس بوپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار بىر بىرنى يۆلەشكىنچە بەزمىخانىدىن چىقىشتى. سائەت ئاللىبۇرۇن 12 دىن ئاشقان بۇلۇپ كوچىدا تۈزۈك ئادەم قالمىغان ئىدى.دىلشات چايان سۈبھىگە سادىرجاننى ئېلىپ مىھمانخانىدىن بىر ياتاق ئېلىپ شۇ يەردە قۇنۇپ قېلىشىنى،تاپىلاپ قۇيۇپ ئۆزى دىلمۇرات بىلەن نىگار ۋە سەڧىيەنى بىردىن قولتۇقلىغىنچە بۇيەردىن غايىپ بولدى.

سادىرجان بەكلا مەس بوپ كەتكەن بۇلۇپ يولنىمۇ ئىگىز پەس دەسسەپ ئاران ماڭاتتى،سۈبھى سادىرجاننى يۆلەشتۈرگىنىچە يېقىن ئەتراپتىكى كىچىك مىھمانخانىدىن بىر ياتاق ئېلىپ مىڭ تەسلىكتە ئۇنى يۆلەپ ياتاققا ئەكىردىدە كارۋات ئۈستىگە تاشلىدى.سادىرجان ئېغىر مەس بولغاچقا ھىچنىمىنى سەزمەي پۇشۇلداپ ئۇيقۇغا چۈشكەن ئىدى.

سۈبھى سادىرجاننىڭ ھىچنىمىنى سەزمەي ئۇخلاۋاتقان ھالىتىگە قاراپ ئۇھسىنىپ قويدىدە ئۇنىڭ چاپان ئاياقلىرىنى سالدۇرۇپ كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويغاندىن كىيىن سادىرجاننىڭ يېنىدىكى كارۋاتقا چىقىپ ياتتى. ئەتىسى سەھەردە سۈبھى ئورنىدىن تۇردىدە سادىرجاننىڭ ھازىر ئويغانمايدىغانلىقىنى پەملەپ ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يېزىپ كىيىم ئاسقۇچنىڭ يېنىدىكى ئۈستەلگە قۇيۇپ قۇيۇپ،ياتاقنىڭ چۈشتىن كىيىنلىك ھەققىنى تۆلىۋەتكەندىن كىيىن بۇ يەردىن ئايرىلدى.

 قۇياش نەيزە بۇيى ئۆرلىگەندە يۈزىگە چۈشكەن كۈن نۇرىنىڭ تەسىردىن سادىرجان كۈزىنى تەستە ئېچىپ ئويغاندى، ئۇ ئۆي ئىچىگە كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كىيىن ئۆزىنىڭ بىر مىھمانخانىدا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. ئۇ ئورنىدىن تەستە تۇرۇپ ھاجەتخانا تەرەپكە ماڭدى،ئۇنىڭ بېشى يېرىلىپ كىتىدىغاندەك قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى،ئۇ يۈز كۆزىنى يۇيۇپ بۇلۇپ ،چاپىنىنى كىيىۋىتىپ ئۈستەلدىكىنى باغاقچىنى كۆردى،باغاقچىغا

سادىرجان مەكتەپ ئالدىغا كەپ تاكسىدىن چۈشتىدە مومىسىغا تېلڧۇن قىلىش ئۈچۈن تېلڧۇن بوتكىسىغا قاراپ ماڭدى.

ئۇ نىياز تاغىنىڭ نۇمۇرنى باستى دۇت......دۇت.... ئەسسالام ئەلەيكۇم.تېلڧۇندىن نىياز تاغىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

؛ۋەلەيكۇم ئەسسالام تاغا ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ مەن سادىرجان.

؛ھە سادىرجان سەنمىدىڭ؟ئاخشام موماڭ بىزنىڭكىگە كىرىپتىكەن سىنىڭ خەۋىرىڭنى يەتكۈزۈپ قويغانتىم،ئۇ سىنىڭ بىرىنجى بولغىنىڭنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدىن بىرھازاغىچە كۆز يېشى قىلىپ كەتتى،سىنى تېلڧۇن قىلىپ قالامىكىن دىسەك تېلڧۇن قىممىدىڭ ساڭا بىرە ئىش بولمىغاندۇ ھە؟ دىدى نىياز تاغا

؛ياقەي ماڭا بىر ئىش بولمىدى شۇ...ئاخشام دە...دە رىس تەكرارلىغان شۇ .....شۇڭا بالدۇرلا ئۇخلاپ قاپتىمەن دىدى سادىرجان دۇدۇقلاپ ،بۇ ئۇنىڭ يېقىنلىرىنى تۇنجى قېتىم ئالدىشى ئىدى.

؛ھە ئۇنداق بولسا مەيلى بالام، ئۈزۈڭگە دىققەت قىل، ئوقۇشمۇ مۇھىم لىكىن سالامەتلىك تېخىمۇ مۇھىم.

؛ماقۇل تاغا،خاتىرجەم بۇلۇڭ ،ھە راس خاپا بولماي مومامنى چاقىرىپ قويسىڭىز بوپتىكەن كۆرىشىۋالاي.

؛ماقۇل بالام مەن چاقىرىپ قۇياي سەل تۇرۇپ تۇر ئەمسە .

؛ماقۇل تاغا رەھمەت سىزگە.

ئارىدىن بەش مىنۇت ئۆتە ئۆتمەي تېلڧندىن گۈلەمخان ئانىنىڭ يىغا ئارلاش ئاۋازى ئاڭلاندى؛ۋەي سادىرجان بالام قانداق ئەھۋالىڭ؟ ياخشى تۇرۋاتامسەن ؟

؛سادىرجان مومىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۆزىگە كەپلىشىپ قالغان ياشنى زورىغا بېسىپ تۇرۇپ دىدى؛مەن ياخشى موما ئۈزىڭىزچۇ؟ ياخشى تۇرۋاتامسىز؟ سىزنى بەك سېغىندىم موما.

؛ئاللاغا مىڭ شۈكرى بالام مەن ياخشى، مەنمۇ سىنى بەك سېغىندىم،ھە راس ئاخشام نىياز تاغاڭدىن بىرىنجى بولغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم بالام،ئاللاھىم دۇئايىمنى ئىجابەت قىپتۇ، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ تىرشىپ ئوقىغىن بالام ئۈمۈدۈمنى يەردە قويمىغىن

سادىرجان يىغىدىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتىۋېلىپ؛بۇلىدۇ موما خاتىرجەم بۇلۇڭ مەن چوقۇم دىگىنىڭىزدەك قىلىمەن دىدى قەتتىيلىك بىلەن.

؛ھە راس بالام،پۇلۇڭ بارمۇ؟بولمىسا ماڭا دىگىن مەن ھەل قىلىپ بىرىمەن يات شەھەردە خەقنىڭ ئالدىدا بوينۇڭ قىسىلىپ قالمىسۇن بالام .

؛ياق بولدى موما پۇلۇم بار،ئۈزىڭىز ئىشلىتىپ تۇرۇڭ،كىيىن لازىم بولغاندا ئۈزۈم ھەل قىلىمەن.

؛ما بالىنىڭ گىپىنى خەقنىڭ شەھىرىدە قانداق ھەل قىلاتتىڭ سەن،مەن دىگەن سىنىڭ موماڭ قانداقلا قىيىنچىلىقىڭ بولسا ماڭا دە سەل تۇرۇپ كارتاڭغا مىڭ يۈەن ئۇرۇپ بېرەي ئىشلىتىپ تۇر يەتمىسە تېلڧۇن قىل.مەن ھايات تۇرۇپ سىنى خەقنىڭ ئالدىدا بويۇن قىستۇرۇپ قويمايمەن بالام،ئەمسە شۇنداق بولسۇن سەنمۇ ياخشى ئوقۇغىن داۋاملىق تىرىش بىرە ئىش بولسا تېلڧۇن قىل تېلڧۇنۇڭغا جىق پۇل چىكەتمىسۇن ئەمسە مۇشۇنچىلىك پاراڭلىشايلى بالام ئۈزۈڭنى ئاسىرا،سىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم.

سادىرجان ئارتۇق گەپ قىلالماي؛ماقۇل موما سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ ئاللاھقا ئامانەت دەپ تېلڧۇننى قويدى .

سادىرجان تېلڧۇن بوتكىسىدىن چىقىپ ياتاققا ماڭدى، كىتىۋېتىپ بايا مومىسىنىڭ قىلغان گەپلىرىنى ئويلاپ،ئاخشام قىلغان

ئىشلىرىغا مىڭ پۇشايمان قىلدى ھەم ئىككىنجى بۇنداق قىلمايدىغانغا نىيەت قىلدى.

ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى بۇ جەرياندا دىلشات چايان مەكتەپكە كەلمىگەن ئىدى،بىر كۈنى سادىرجان ئۈزىدە غەيرى سىزىمنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى،ھېلىقى كۈنى ئىچكەن ھاراقنى يەنە ئىچكۈسى كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆز-ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويغان بولسىمۇ لىكىن ئامال بولمىغان ئىدى. ئەتىسى سادىرجان دىلشات چاياننىڭ مەكتەپتە پەيدا بولغىنىنى ئاڭلاپ،ئۆزى خالىمىسىمۇ لىكىن ئامالنىڭ يوقىدىن ئۇنى ئىزدەپ ياتىقىغا كىردى.دىگەندەك دىلشات چايان ياتىغىدا گىتتار چېلىپ ئولتۇرغان ئىدى، ئۇ سادىرجاننى كۆرۈپ ھىيلىگەرلىك بىلەن كۈلگىنىچە؛ھە ئاغىنەم كىرىپ قاپسەنغۇ،مەندە بىرە ئىشىڭ بارمىدى دىدى ئۇ سادىرجانغا مەنىلىك قاراپ .

؛باشقا ئىشمىغۇ يوق شۇ نەچچە كۈندىن بۇيان يوقاپ كەتتىڭ بۈگۈن كەلگىنىڭنى ئاڭلاپ كۈرۈشۈپ چىقاي دىگەن ھە راس ھېلىقى كۈنى ئىچكەن ھاراقتىن يەنە ئىچكۈم كىلۋاتىدۇ شۇڭا سەندە بولسا ئازراق بىرەمىكىن دەپ كىرگەن .

؛ھە ....ھې ھې ھې دىدى دىلشات چايان مۇغەمبەرلىك بىلەن سەت ھىجىيىپ، مۇنداق دە، ئۇ ھاراقتىن يوق لىكىن مەن ساڭا ئامالىنى قىلىپ بېرەي كەچتە مۇزاكىردىن چۈشۈپ ياتاقنىڭ ئالدىدا مىنى ساقلاپ تۇر.

سادىرجان دىلشات چايانغا رەھمەت ئېيتىپ  يېنىپ چىقتى .

سادىرجان كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشۈپ ياتاق بىناسى ئالدىدا دىلشات چاياننى ساقلاۋاتاتتى، ھايال ئۆتمەي دىلشات چايان ئالدىن خىروئىن ئارلاشتۇرۇپ تەڭشەپ قويغان بىر بوتۇلكا ئىچىملىكنى كۆتۈرگىنچە سادىرجاننىڭ ئالدىدا پەيدا بولدىدە قولىدىكى ئىچىملىكنى سادىرجانغا تەڭلەپ ئەتراپقا قاراپ قويغاچ بوش ئاۋازدا؛ ئالە ھازىرچە ماۋۇنى ئىچىپ تۇرغىن،  يەنە ئىچكىڭ كەلسە مىنى ئىزدە،دەپ قۇيۇپ كىرىپ كەتتى،تاقىتى تاق بولغان سادىرجان قولىدىكى ئىچىملىكنى كۈتۈرۈپ بىراقلا ئىچىۋەتكەندىن كىيىن ياتىقىغا كىرىپ كەتتى.

شۇنداق قىلىپ ھاراقمۇ ئىچمەيدىغان سادىرجان باشقىلارنىڭ قەستلىشى،شەيتاننىڭ ئازدۇرشى بىلەن خىروئىندىن ئىبارەت بۇ ئىبلىسنىڭ قوينىغا بارا بارا شۇڭغىۋاتاتتى.دەسلەپ دىلشات تەڭشەپ بەرگەن ئىچىملىكتىن ئىككى كۈندە بىرنى ئىچسە ئەمدىلىكتە كۈندە ئىككىنى ئىچمىسە تۇرالمايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى، سادىرجان ئۆزىدە بۇلىۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەرگە جاۋاپ تاپالماي ،ئەھۋالى كۈندىن كۈنىگە ئېغىرلىشىپ خۇمىرى كۈچىيىپ كىتىۋاتاتتى.دىلشات چايان سادىرجاندىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ پۇرسەتنىڭ پىشقىنىنى پەملىدىدە بىر كۈنى ئۇنى ياتىقىغا چاقىردى ؛ھە ئاداش ھېلىقى ئىچىملىك تۈگىدى لىكىن بۇ يەردە ئۇنىڭدىن ئىسىل دورا بار بۇنى چەكسەڭ پاھ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا جاھاندا ھىچنىمە تەڭ ئەمەس قانداق قىپ باقامسەن دىدى ئۇ يانچۇقىدىن بىر بولاق ئاقنى چىقىرىپ سادىرجاننى قىززىقتۇرۇپ.

؛بۇ .... بۇ نىمە؟ 

؛نىم بۇلاتتى كەيىپنىڭ پادىشاھى خىروئىن.

؛ياق،ياق ياق بۇ نەرسەڭنى نېرى ئاپا،ماڭا پەقەت ئىچىملىك بەرسەڭلا بولدى.

؛ھا...ھا...ھا...ئەخمەق بايقۇش بەك ساددىكەنسەن ،سەن نەچچە كۈندىن بۇيان ئىچكەن ئىچىملىكنىڭ ئىچىدە مۇشۇ بار ئىدى دىدى دىلشات چايان ھەقىقى ئەھۋالنى ئاشكارلاپ ئاچچىق كۈلگىنىچە.

؛نىمە؟؟؟دىدى سادىرجان ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ ۋۇ ئىپلاس!دىگىنىچە دىلشاتنىڭ يۈزىگە كۈچەپ بىرمۇشت سالدى.

دىلشات چايان سادىرجانغا قول ياندۇرماي ھىجايغىنىچە؛ھې ھې ھې ئەمدى مىڭ قىلساڭمۇ بىكار،ئەگەر ياۋاشلىقچە گىپىمگە كىرسەڭ زىيان تارتمايسەن ئەگەرگىپىمگە كىرمىسەڭ ئۆز_ئۆزۈڭنى قىيناپ مۇشۇنداق يۈرىۋېرىسەن؟ئۆزۈڭ قارار قىل دىگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا بىر بولاق خىروئىننى تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. سادىرجان ئولتۇرۇپ ئويلاندى،قىلغانلىرىغا مىڭ پۇشايمان قىلدى دىلشات چاياننى ئۆلتۈرۋىتىشنى ئويلىدى،ئاللاھتىن گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىشنى تىلىدى.....  مومىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىنى ئويلاپ ۋىجدان ئازابىدىن ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.....لىكىن ھەممە، ھەممىسى كىچىككەن ئىدى. خىروئىننىڭ خۇمارى ئالدىدا سادىرجاننىڭ ئىرادىسى ئاجىز كەلدى.

ئۇ ئالدىدىكى خىروئىننى ئالدىدە يېشىنى سۈرتكىنچە ياتاقتىن چىقتى.

                                                    ئۈچىنجى قىسىم تامام.

                                     2016.يىلى 28 .دىكابىر.ۋۇخەن.


     





486 قېتىم كۆرۈلدى بەختىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-28 0:58:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-4 5:51:17 murat
bu asar bak yahxi yizilip tu man bak yahturdum emkan bolsa tizrak ahiri yollansa digan umutta
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ