جىن چاپلاشقان قىز 2-قىسىم
گۈلنۇر
مەن ئۆزگەرگەن شۇ ۋاقىتلاردا بەكلام ۋەھشىلىشەتىم ،ئاۋازىم ئۆزگۈرۈپ ئەر كىشىنىڭ ئاۋازىدەك توم ئاۋازدا، كۆزلىرىم يوغىناپ ھەم ئىتكلىشىپ كەتكەن ئىدى يىنىمغا كەلگەن ئادەمنى ئۇراتىم بۇ چاغدا ھىچكمنىڭ كۈچى يەتمەيتى بىز ئۆيدە خۇددى چىلىشىش ماھىرلىرىدەك بىر بىرىمىزنى بىسىشاتتۇق ،ئىككى ئاكام ھەم يولدۇشۇم مەن بىلەن ھەپىلىشىپ چارچاپ كىتەتتى ،مۇشۇ تەرىقىدە ئون كۇن داۋاملاشتتى شۇ جەرياندا ئۇرۇپ سوقولۇپ يۇرۇپ قولۇم ھەم مۆرەم چىقىپ كەتتى بۇنى تاڭغۇزدۇم ،بىر كۈنى قىزىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ يەنە ئۆزگۈرۈپ قىزمنى باغرىمغا بىسىپ جىم تۇرۋالسامۇ يەنىلام بىر غايىۋانە بىر كۈچ مىنى سۆرەپ سىرىتقا چىقىشمنى ئېيتاتتى مەن يەنە خۇدۇمنى يوقۇتۇپ ئۆزگۈرۈپ قىزمنى يەڭگەمگە تۇتقۇزۇپ قويۇپلا ئۆيدىن چىقىپ غايىپ بوپتىمەن يامغۇر يىغىۋاتاتتى ئۆيۇمدىكلەر مېنى ئىزدەپ پاركەندە ئىدى ،مەن ئېسىمنى يىغىپ قارسام دەريانىڭ ئوتۇردا بىر چاتقالىق ئارسىدا يالغۇز تۇراتتىم ئەتىراپىم شۇنداق جىمجىت مەن قورقىنىمدىن لاغ -لاغ تىتىرەيتىم ،تۇيۇقسىز قولۇمغا بىر نەرسە ئۇرۇلدى قارسام تىلفۇنۇم تاقاق ھالتە يەنچۇقۇمدا تۇراتتى دەرھال ئىلىپ ئىچىپلا يولدۇشۇمغا تىلفۇن ئۇردۇم ھەم يىغلاپ تۇرۇپ ئارانلا گەپ قىلىپ تۇرغان جايىمنى دىيەلىدىم ئۇ تىلفۇنى قويۋەتمەسلىكمنى ئىيتىپ مەن بار يەرگە كەلدى ھەم ھەيرانلىق بىلەن قاراپ ماڭا تەسىلى بىرىپ سۇدىن ئۆتتى ھەم مىنى باغرىغا بىسىپ قورقماسلىقمنى ئىيتىپ سۇدىن كۆتۈرۈپ ئۆتكۈزمەكچى بولدى مەن يىغلاپ تۇرۇپ بىردەم كىتمەن دىسەم بىردىم كەتمەيمەن دەپ يىغلايتىم ئۇ ئاستا قولۇمدىن يۆتلەپ سۇدىن ئۆتكۈزدى ئۈستىدىمىزدىن شارقىراپ يامغۇر ئاستىمىزدىن ئېقىپ تۇرغان سۇ بىزنى چىلىقدە ھۆل قىلۋەتكەن ئىدى ،بىز ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق بىچارە جاپاكەش ئانام توختماي يىغلايتى ئاكام ،ئاچاملا پۇت قولومنى سىلىپ ماڭا تەسلى بىرەتتى ،ئۇ كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى ئەمما شۇ كۆلەڭگە مەن بىلەن بىللە كىچىسى ئاپام ھەم ئاكام ھەدەملەر ئوتۇرسىغا ئېلىپ ياتسا ،كۈندۈزى ئاپام بىلەن يەڭگەم ماڭا ھەمراھ بولاتتى ،قورسۇقۇمنىڭ ئىچىدە بىر نەرسە مىدىرلپ ماڭا ئارام بەرمەيتى گەپ قىلالماي خەت يازاتىم ،خاتىرەمني يوقۇتۇپ ھىچكىمنى تونۇمايتىم خۇددى تاشقى پىلانىتىن چۈشۈپ قالغاندەك بىر بوشلۇقتا لەيلەيتىم ھەتتا كۈندە ئىستىمال قىلىپ تۇردىغان شۇ نانىمۇ بىلمەي بۇ نېمە دەپ سورايتىم بۇنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ماڭا چاپلاشقان جىنىڭ كاساپىتى ئىدى .
شۇ تەرىقىدە قىينىلىش بىلەن كۈنۈم ئۆتتى بىردەم تۇپىراق بىشغا بارغۇم كەلسە بىردەم ئۆيدىكى ھەممە نەرسىنى چاقىم كېلەتتى تالانىت سەھنىسد ئەرلەر تۆمۈرنى سۇندۇرسا مەن ئۆيدە تۇرۇپ تۆمۈرنى سۇندۇراتىم ھەر بىر قىينىلىش ھەر بىر ئاغىرىق ئازابى ھەم ساراڭلارچە قىلىق ھىچ ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلا مېنى بەك قىينايتى .مەن بارمىغان دۇختۇرخانا ھەم بارمىغان شەھەرلەر قالمىدى ئاما شۇ كۆلەڭگە يەنىلام ماڭا ھەمرا بوپ كەلدى مەن بۇ ئازاپنى بىر يىلدن بىر توختىماي تارتىۋاتمەن بۇنىڭغا ھىچ داۋا تاپالمىدىم ئۆز يۇرتۇم كۈنەستىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتا يۇرۋاتىمەن شۇ كۆلەڭگىدىم قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆز يۇرتۇمدىن ئايرىلغان بولسامۇ بۇ كۆلەڭگە يەنىلام ماڭا ھەمرا بوپ كېلۋاتدۇ بۇ بىر رىئالىق بۇ بىر ۋەھىمە ئىچىدە ئۆتىۋاتقان ھەممە نەرسسىدىن خوشالىقىدىن مەھرۇم قالغان بىر قىزنىڭ تۇرمۇشى سىلەر چەت ئەل ۋەھىمىلىك فىلىملىرنى كۆرۇپ قورقۇپ ئولتۇرغان ۋاقتىڭلاردا مەن بۇلارنى ئەمەلى تۇرمۇشۇمدا كۆرۈپ شۇ كۆلەڭگىنى شۇ ۋەھىملىك تۇرمۇشنى ئۆزەمگە ھەمرا قىلىپ كىلۋاتمەن مىنىڭ بۇ ۋەھىمە بۇ ئىچىنىشلىق ئازاپ بۇ قورقۇنۇشلۇق تۇرمۇشتىن قۇتۇلغۇم بار بۇ سىرلىق كۆلەڭگىدىن يىراق تۇرغۇم بار بۇ رئيالىق بۇ ئىچىنىشلىق ھايات مېنى ئۆز قوينىغا ئېلىۋالدى .تەن ساقلىق زور بايلىق دەپتكەن ،خوشالىق بولسا روھى ئوزۇق ،سىلەر قار بىسىپ قىلىپ ئويغىنالايسىلە ،ئەمما مەن بۇ ۋەھىمىدىن قاچان قۇتۇلارمەن ؟
910 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلنۇر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-16 20:13:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-18 14:27:47 | گۇلنىسا |
ئاخىرىنى بەك كورگۇم با تىزراق ئەۋەتسەڭلا رەھمەت |
2016-11-21 12:54:27 | NAFISA |
بەك ياخشى يېزىپسىز داۋامىنى تېزراق يوللىسىڭىز بولامدۇ. |
2016-11-17 23:20:20 | ئاي |
خۇددى راستلا بېشىدىن ئۆتكەندەك ئەمەلىي يېزىلىپتۇ …… ياخشى چىقىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|