ئامان بول ئابرال (ھىكايە 1-قىسىم ) - ئامانتاي سۇلتان غۇلجا

ئامان بول ئابرال 

ھىكايە  1-قىسىم 

ئاپتۇرى ئامانتاي سۇلتان غۇلجا

         

       ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن  بۇ ئەسەرنى جەمىيىمىزدىكى بىر قىسىم قىز ئۇغۇللارنىڭ كەچۇرمىشى ئاساسىدا يىزىپ چىقتىم .ياقتۇرۇپ ئۇقۇغايسىلەر ئاپتۇردىن                                 

ھاياتنىڭ قىسمىتى كۆپ ئىكەن شۇنداق ،   

دەت ھەسرەت يۇرەكنى قىلدىغۇ قامال.     

مەن كىتەر يىراققا  ئازاپنى يۇتۇپ  ،        

سەن قالغىن تىلىكىم ئامان بۇل ئابرال.      

 

ماشىنا كىتبارماقتا . ھۇجۇدۇم ئازاپلاردا پۇچۇلانماقتا ،ماشىننىڭ قۇزغۇلىشى بىلەن يۇروكوم ئەنسىز دۇپىلدىمەكتە،كۆزلىرىم يەنە ئارقامدا قالدى،دىرىزىدىن بىشىمنى چىقارغىنىمچە ،شۇ ئايرىلغان ئانا ماكاندىن كۆزلىرىمنى ئۇزمەيۋاتىمەن .ياشلىرىم مەڭزىمنى بۇيلاپ سىرغىپ چۇشمەكتە.ئازاپلارنى ياش بىلەن چىقىرىپ تۇگەتسەملا مەيلىدى .بىراق يۇرۇكۇمگە ئۇرۇلغان خەنجەردەك ھۇجۇدۇمدىن قانلار تامچىماقتا.بۇ ئازاپلار مىنى نەلەرگە ئىلىپ كىتەر.يەنى ھاياتنىڭ قانداق قايناملىردا تۇنجۇقۇپ يۇرەرمەن .ئانا ماكانىم غۇلجا سىنى يىراقلارغا قالدۇرغان مەندەك ۋاپاسىزنى كەچۇرگىن .  سەن ماڭا پاسىبان ئىدىڭ .سىنىڭ قۇينىڭدىكى ئابرال تىغىنى دادامنىڭ سىماسىغا ئۇخشىتاتتىم .بۇك باراقسان باغلىرىڭنى ئانامنىڭ مىھىرگە ئۇخشىتاتتىم .بىراق مەن سەندىن ئايرىلغان بۇ قەدەملىرىمنى نەلەرگە بىرىپ تۇختىتامەن بۇنى بىلمەيمەن ................................................

ماشىنا خىلى يىراقلاپ كەتتى .باشقىلارنى ئۇزۇتۇپ چىققان ئادەملەر نىڭمۇ قارىسى يۇتكەن ئىدى .ياشلىرىمنى سۇرتۇمدە ئابرالنىڭ سىڭلىسى بەرگەن خەتنى ئۇقۇشقاباشلىدىم .

ياخشىمۇرەنا ياخشى تۇرۋاتامىسز؟  مانا مەن تۇرمىدە ياتقىنىمغا بەش يىل بۇپتۇ؟مەن يەنىلا سىزنى كۈتىۋاتىمەن .سىزنى چۇشلىرىمدە ئىزدەيمەن .پەقەت قەلبىدە سىز بار؟ مىنى ئۇنتۇپ قالماڭ ؟مەن تۇرمىدىن چىققاندا سىزبىلەن تۇي قىلىمەن .شۇ چاغدا بىزنىڭ بەخىتلىك ئائىىمىز بۇلغان بۇلىدۇ .پەرزەنىتلىرىمىز بۇلدۇ ،مىنى كەچۇرۇڭ مەن ئۇ ئىشلارنى قىلمىغان بۇلسام تۇرمىگە كىرمەس ئىدىم  .بىز يىراقلارغا قىچىپ كەتكەن بۇلساقچۇ ؟مەن بۇنداق بۇلۇپ كىتىشىنى قىلچىلا ئۇيلماپتىمەن .مىىنى كەچۇرگىن رەنا ؟پاتقان قۇياشتىن ئەتىكى قۇياش پارلاپ چىقىدۇ ئەمەسمۇ ؟مەن قىلغانلىرىمغا ئۇكۇنىمەن .رەنا سەن مەن ئۇچۇن شۇنداق قىلدىڭ دەپ ئازاپلىنۋاتقانسەن ؟ياق بۇ ئىشلار شۇ داداممنىڭ تەرسا مىجەزىدىن كىلىپ چىققان.ئۇ بىزنىڭ تۇيىمىزغا قۇشۇلغان بۇلسا مەنمۇ تۇرمىگە كىرمەس بۇلغۇيتىم .داداممۇ ئازاپنىڭ تەمىنى تىتىپ باقسۇن ،ئۇمۇ ئادەمدىكى مىھىرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتسۇن .رەنا مەن سەندىن قىلىچىلىك خاپا بۇلمايمەن .مەن تۇرمىدىن چىقسام يەنى يۇرتىمىزدىكى ئابرال تىغىغا چىقىمىز.ئابرال تىغى مىنىڭ ئىسمىمغا ئۇخشاش دادام شۇ تاغدەك بۇل دەپ ئىسمىمنى ئابرال قۇيۇپتىكەن .ئىسىڭدىمۇ بىز داۋاملىق چىقاتتۇق .ھەر  تەرەپكە ئەكىس سادا ئاڭلىناتتى .شۇ ۋاقىتلاردا مەن بۇلسام ئابرال تىغى رەنا بۇلسا ئابرال تاغ ئىتىكىدىكى رەنا بىز مەڭگۇ ئايىرىلمايمىز دەپ ۋاقىرەتتۇق .بىللە قۇغلۇشاتتۇق .شۇ چاغلار بىز نىمىدىگەن بەخىتلىك ھە ؟شۇ چاغلارنى ئۇيلىسام يۇرەكلىرىم ئازاپتىن پۇچىلىندۇ،بىراق بۇ كۇنلەرمۇ ئۇتۇپ كىتىدۇ.ھامىنى مەن بىر كۇنى تۇرمىدىن چىقىپ كىتىمەن . رەنا ۋاقىت مۇناسۋىتى بىلەن خىتىمنى مۇشۇ يەردىن ئاخىرلاشتۇراي، راس ئاپاڭ قانداق تۇرۋاتىدۇ، سالامەتلىكى ياخشى بۇلۇپ قالدىمۇ ، خۇش!

ئابرال       2016-يىل 10-ئاينىڭ 4-كۇنى 

بۇخەتنى ئۇقۇپ رەنانىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى .  

تەسىرلىك ھىكايىلىرىم سىلەر بىلەن بىللە داۋاملىق يۇللىنىدۇ  .... 

ئاپتۇرنىڭ ئۇندىدار نۇمۇرى 1507146444                             







463 قېتىم كۆرۈلدى ئامانتاي سۇلتان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-14 20:40:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ