ئاپا ،دادام قاچان قايتىپ كىلىدۇ ؟ (ھىكايە) - مېھمانگۇل سايىم

ئاپا، دادام قاچان قايتىپ كېلىدۇ
مېھمانگۇل سايىم 


يانفۇنۇمدىن يەنلا ماڭا  تونۇش ھەر قېتىم ئاڭلىغىنىمدا قۇلقىمىغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىندىغان شۇ سوزلەر يىنش -يىنشلاپ تەكرارلانماقتا.بۇلىدۇ،بۇلىدۇ،ماقۇل ،ماقۇل خوش،مەنمۇ ئۇنۇڭغا ئەگىشىپلا خوددى نۇسخۇلاپ كوپەيتىش ماشنسىدەك بۇلىدۇ، بۇلىدۇ ،ماقۇل ،ماقۇل ،خوش دىدىم قارشى تەرەپ  يانفۇندىن ئۇنىڭ  قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن  ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۇلۇپ تۇرۇپ تىلفۇننى  قۇيۋەتتىم .
مانا بۇ ئاددىي سوزلەر يولدۇشۇم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن توۋەنگە چۇشۇپ،شۇ يەردە يېتىپ  قوپۇپ تۇرۋاتقان  بەش ئايغا
يىقىن مەزگىلدىكى ئىككىمىزنىڭ تىلفۇندا قىلشىدىغان سۆزلىرىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىدى،بۇسوزلەر تەكرار تەكرار دىيلىۋەرگەچكىمۇ،بۇ بىزنىڭ ئۆيدىكى قىزىق نۇقتا بۇلۇپ قالغان ئىدى ،ئىشتىن چۇشۇپ  ئۆيگە قايتىپ كىلشىم بىلەنلا،كىچىك ئوغلۇم ۋە قىزىم تەڭلا مەندىن ئاپا-ئاپا، دادامدىن تىلفۇن كەلدىمۇ؟قانداقراق تۇرۇپتۇ ،بىزگە نىمشقا تىلفۇن قىلمايدۇ؟دەپ قالغاچ باللىردەك ۋىچىرلاپ كىتەتتى ،مەن ئۇلارغا،دادىسىنىڭمۇ ئۇلارنى كورگىسى كەلگەنلىكىنى،ۋاقىت چىقىرىپ كورگىلى كېلىدىغانلىقىنى ،شۇنداقلا دادىسىنىڭ توۋەندە ئالدىراش جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىمدا ،ئۇلار ئىككىسى تەڭلا بۇلىدۇ ،بۇلىدۇ ،ماقۇل ،ماقۇل ،بىز دادامنى ساقلايمىز دەپ شەيتانلىق قىلاتتى بۇنىڭ بىلەن  بىز ئانا بالا   ئۈچەيلەن  بىللە كۇلۇپ  كېتەتتۇق.
بۇگۇن مەن ئىشتىن بالدۇرراق قايتىپ ئاپامنى يوقلاپ باردىم،ئويگە كىرىپ ئاپام بىلەن ھال ئەھۋال سوراپ بولغاندىن كىيىن ئاپام مەندى:بالام يولدۇشۇڭ ئۆيگە كەلدىمۇ دەپ سورىشى، بىلەن مەن قايناپلا كەتتىم ،قايتتىمۇ دەيسىزغۇ،ئازغىنە كەم بىر ئاي بولدى،ئۆيدە ئۇن ماي گۇرۇچ تۇگەپ كەتتى،يەر ئاستى تۇربا يۇلى بۇزلۇپ مەينەت سۇ يەر ئاستى  ئۆيگە چىقىپ كەتتى ،ۋاي-ئاپا ئوغلۇمنىڭ تەتىل ۋاقتى تۇشاي دەپ قالدى ،خەتنىسىنى قىلۋالسام بۇلاتتى ،چېچىمدىن تۇلا ئىش،نەچچە قېتىم تىلفۇن قىلسام ئالدىراش،ئالدىراشلا دەيدۇ،ئۇنىڭغا خىزمەت بولسا بولدى،بىزبىلەن كارى يۇق دەپ،بىر ھازا كايىپ كەتتىم .ئۇنداق دىمە بالام ،ئۇنۇڭغىمۇ ئاسان ئەمەس، سەن ئىككى بالا بىلەن بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ جاپا تارتىپ قالدىڭ بۇنى بىلمەن،بىراق سىنىڭ بۇ ئويدىكى ئىشلىرىڭنى قىلىپ بۇلالمىساڭ ئاكاڭ،ئۇكۇللىرىڭغا دىسەڭ يۇقاڭنى بارقىلىپ بازاردىن ئەكلىپ بېردۇ،ھازىر تۇرمۇش ياخشى بالام ،ئەينى چاغدا داداڭ  رەھمەتلىكمۇ بىزنىڭ ئەترەتنىڭ دۇيجاڭى ئىدى داداڭ ئەتىگەن چىقىپ كەتسە،قاش  قارايغاندا ئاندىن قايتىپ كىلەتتى،مەن كاپراتسىيەگە ئىشلەپ سىلەر يەتتە بالنى قاتارغا قوشقان ،ئۇجاپالارنىڭ ئالدىدا بۇ ھىچ گەپ ئەمەس،بالاڭنىڭ خەتنىسىنى قىلدىغان ئىشقا كەلسەك،يولدۇشۇڭ دەم ئالغان  بىر كۈنى ياتقۇزىۋالساڭ بۇلدۇ بالام،ئۇنىمۇ خاتىرجەم  ئىشلىگىلى  قوي دىدى ،شۇنداق قىلىپ يولدۇشۇم دەم ئالغان بىر كۇنى نەئۇرۇق-تۇققان نەخوشنا خۇلۇملارغا خەۋەر قىلماي،بىرقارىم ۋە دوختۇرنى چاقىرىپ،ئىككى ئويدىكلەر بىلەن  مەن ئوغلۇمنى جىمجىتقىنە ياتقۇزدۇم ،گەرچە ئوغلۇم دوختۇرخەتنسنى قىلغاندا يىغلىمىغان بولسىمۇ،يولدىشىم دوختۇرنى رازى قىلىپ يولغا سېلىپ كىرگىچە يىغلاپ ئويدىكى ھەممەيلەنىڭ سوزنى ئاڭلىماي دادام ،دادام قېنى دەپ يىغلاپ تۇرۋالدى،ھەي نىمسىنى دەي دادىسى ئويگە قايتىپ كېلشى بىلەن يىغدىن توختىدى،مەن بالام بەك ئاغرىپ كەتتىمۇ دەپ سورسام نىمە دەيدۇ دىمەمسىلەر، ئاغىرىشنىغۇ ئېيچىشىپ  ئاغىرۋاتىدۇ ئاپا،مەن دادامنى كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ يىغلىدىم دەيدۇ،ئوغلۇمغا داداڭ ھېچ يەرگە بارمايدۇ،بۇگۇن ساڭا ھەمرا بولۇپ ،سېنىڭ قىشىڭدا تۇردۇ شۇنداقمۇدىدىم ،يولدۇشۇم راس بالام مەن ھېچ يەرگە بارمايمەن دىدى،بۇ سوزنى ئاڭلاپ ،ئوغلۇم خاتىرجەم بولۇپ بىرەر سائەتتەك ئويناپ ئۇخلاپ قالدى.ئوغلۇم ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن يولدۇشۇم  قايتماقچى بولۇپ،ماڭا سىز جاپا چىكىدىغان بولدىڭىز،مۇشۇنداق چاغدا يېنىڭىزدا  بولالالماي قالدىم،بالامغا ئاتىلىق مېھرىمنى بىرەلمىدىم،مېنى كەچۈرۈڭ دىدى ،شۇنداق قىلىپ يولدۇشۇم ئىش ئورنىغا قايتىپ كەتتى ،ئوغلۇم شۇ ئۇخلىغانچە سائەت 12لەر بىلەن ئويىغىنۇپ ،دادام  قېنى دادام كەلمىسە مەنمۇ  ئۇخلىمايمەن دەپ تەرسالىق قىىلىپ ،قىيىن ئاپام ئىككەيلەن قانچە يالۋۇرۇپ ئۇخلاشقا دەۋەت قىلساقمۇ قىلچىمۇ كار قىلمىدى،شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇم دادسى بىلەن تىلفۇندا كورشۈپ ،دادىسى بالام سەن ئۇخلاۋەرگىن،مەن بۇ يەردىكى ئىشلىرىمنى تۇگۇتۇپ،بارىمەن دىگەندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولۇپ  ئۇخلاپ قالدى شۇنداق قىلىپ ،،قىيىن ئاپامنىڭ بالامغا قاراپ بېرشى بىلەن بىرگە، بالام ساقىيىپ مەكتەپكىمۇ باردى.ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا  ئوغلۇم دادسىغاتىلفۇن قىلىپ ،دادا قاچان كىلىسىز دەپ سۇرسا ،دادىسى ئەتنىڭ  ئەتسى  كۇن چىققاندا بارىمەن دەپ قويۇپتۇ،ئۇغلۇم بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ھەر كۈنى ئەتتىگەن  ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئاپا ئاپا بۇگۇن  كۇن چىقتىمۇ؟ دەپ قايتا قايتا سوردى،مەن دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرۇپ بالام بۇگۇن ھاۋا تۇتۇق تۇرىدۇ،كۈن چىقماپتۇ دىسەم ،ئەتە ھاۋا ئوچۇق بولسا،كۇن چىقىدىكەندە،كۇن چىقسا دادام كىلدۇ دىدى ئۇغلۇم ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ،ئۇنىڭ بۇ ئۇماق قىلىقىدىن كۇلۇپ كەتتىم ،ھەم ئوغلۇمغا بولىدۇ،بولىدۇ ،ماقۇل ،ماقۇل مەن داداڭغا تىلفۇن قىلاي ،داداڭ بالدۇرراق قايتىپ كەلسۇن دىدىم.
بۇ يازمىنى مۇقۇملۇق ئىشلارى ئۇچۈن تۆۋەندە جاپالىق  خىزمەت قىلۋاتقان كادىرلارغا سوۋغا قىلمەن .

     





1054 قېتىم كۆرۈلدى مېھمانگۇل سايىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-19 4:57:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-7 22:09:19 شىرمەمەت سىدىق
بەك ياخىشى يىزىلىپتۇ،يەنە داۋاملىق يىزىپ تۇرۇڭ
2017-3-28 17:46:28 ئادىلجان ئالىمجان
بەك ياخشى يىزپسەن ھەدە
2017-3-27 17:02:35 tursun orman
bu hekayini hakikatan yahxi yeziptu apiren sezga gayrat kiling
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ