قاپقان ( ھىكايە) - ئەزىمەت

قاپقان ( ھىكايە) 

 ئەزىمەت


   بىر دىھقان ئىسكىلاتقا چاشقان تۇتقىلى قاپقان قۇرۇپتۇ.
چاشقان بۇ ئىشنى مىكيانغان ئالدىراپ دەپتۇ، مىكيان چاشقانغا قاراپ قويۇپ؛

- بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى، دەپلا كىتىپ قاپتۇ.
چاشقان يەنە يۈگۈرگىنىچە قوچقارنىڭ يىنىغا كەپتۇ، قوچقار  كۆشەپ تۇرۇپ:

- بۇ سىنىڭ ئىشىڭ، سەن ئۆزۈڭگە كۆپرەك ئىھتىيات قىلغىن، دەپتۇ.

چاشقان يەنە يۈگۈرۈپ كالنىڭ قىشىغا كەپتۇ، كالا كۈلۈپ كىتىپ ؛

- سەنچە ئۇ قاپقان مىنى قىسىپ ئۆلتۈرۈپ قويارمۇ ؟ ساڭا ئامەت تىلەيمەن دەپ ئۆز بەستىدىن  پەخىرلىنىپ كىتىپ قاپتۇ.
كىيىنكى  كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاپقان بىر يىلاننى قىسۋاپتۇ، كەچتە دىھقاننىڭ ئايالى  ئىسكىلاتقا كىرىشىگە  قاپقاندىكى يىلان چىقىۋاپتۇ.
دىھقان دوختۇرخاندىكى ئايالىغا  مىكىياننى ئۆلتۈرۈپ شورپا قىلىپ بىرىپتۇ. ئايالى دوختۇرخانىدىن چىققاندا قوچقارنى ئۆلتۈرۈپ كەلگەن مىھمانلارنى ئۇزىتىپتۇ. دىھقان دۇختۇرخاندا بولغان قەرزلىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن كالىنى قاسساپقا سىتىپتۇ.
سىز مەيلى نىمە ئىش قىلىڭ، مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنگەن ھەرقانداق ئىش سىزگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، بىر يەرشارىدا ياشايدىكەنسىز چوقۇم ئەتراپتىكىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىپ بىرىڭ.
     





433 قېتىم كۆرۈلدى AZMAT ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-23 14:22:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ