قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 2- بۆلۈم 12- قىسىم

قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
2- بۆلۈم 12- قىسىم
www.yazghuqilar.com


گۈزەلنۇر ئىزنى قوغلىغاچ جىرادىن چىقىپ مېڭىپ ، ئۆزىمۇ بىلمەيلا ، ئەتىراپىنى شامال يالاپ تىك قىلىۋەتكەن چوققىلارنىڭ ئوتتۇرىغا كىرىپ قالدى ، بۇ چوققىلار  خۇددى مەخسوس ياسالغان سېپىللاردەك مەزموت ، پۇختا بولۇپ ،ئۇ كىرىپ قالغان پۇتبول مەيدانىدەك جاينى قورىشاپ تۇراتتى ، بۇ تەبىئى سېپىللار شۇنچىلىك سىلىقكى ھەرقانداق تاغقا يامىشىش قەھرىمانىمۇ چىقالمىغۇدەك دەرىجىدە ئىدى .
 گۈزەلنۇر ئۇنىڭ ئىچىنى بىر قۇر كۈزۈتۈپ چىقتى ، ئەتىراپتا ھېچبىر ئۆتۈپ كەتكۈدەك يوچۇق، ياكى يول يوق بولۇپ ، ئەجەپلىنەرلىگى ،باياتتىن بۇيان بىر خىل شەكىلدە كەلگەن ھەمىراھلىرىنىڭ ئىزلىرى بۇ يەردە ئۈزۈلۈپ قالغانتى « ئەجىبا ئۇلار ئۇچۇپ كەتكەنمىدۇ؟» دەپ ئويلاپ قالدى ئۇ .
- دىلبەر!!!
 ئۇ قورقىمسىراپ چاقىردى ، ئۇنىڭ ئاۋازى ئۈزىلە ئۈزۈلمەيلا قازاندەك تۇرغان بۇ يەردىن ئادەمنىڭ يۈرۈگىنى مۇجۇغىدەك ئەكىس سادا كەلدى ،« دىلبەررررر»… بۇ ئەكىس سادا ئارسىدا يەنە قانداقتۇ غەلىتە ئاۋازلار بىلەن بالىلارنىڭ كۈلگەن ئىنچىكە ئاۋازلىرىمۇ باردەك قىلاتتى . گۈزەلنۇر ئۆزى چاقىرىپ قويۇپ ئۆزى قورقۇپ كەتتى-دە دەرھال قولى بىلەن ئاغىزىنى توسىۋالدى ، كۆزلىرى بولسا چىقىپ كەتكۈدەك يۇغىراپ  ئەتىراپنى تىزلىك بىلەن كۆزۈتۈپ چىقتى . سەزگۈسى قالايماقانلىشىپ ئۇنىڭغا ئەتىراپتىن ئالىقانداق نەرسىلەر سەكىرەپ چىقىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىۋاتاتتى . ئۇ جايىدا «شاپپىدە» ئولتۇرۇپ قۇلاقلىرىنى ئەتتى ، كۆزىدە ئەمدىلا توختىغان ياشلىرى قايتا پەيدا بولدى ، ئۇ ئۆزىگە ئۆزى سۇئال قويۇشقا باشلىدى « قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ ئۇلار نەگە كىتىپ ، مەن نەگە كەپ قالدىم ؟مەن ئەمدى قاياققا ماڭىمەن ؟ ئەمدى يالغۇز قانداق قىلىمەن ؟ ئاپا! ئاپا سېنى بەك سېغىندىم ، مەن بەك قورقىۋاتىمەن !!!»
ئۇ بىردەم ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن  ،باشقا كەلگەننى كۆرۈشنى تاللىدى -دە ئورنىدىن ئىتتىك تۇردى .
ئۇ غەيرەتتە تۇردىيۇ ، ئەتىراپتىن كىلىۋاتقان باشقىچە بىر خىل سۈرلۈك ۋەھىمىدىن پۇتلىرى ماغدۇرسىزلىنىپ تىتىردى . « بۇ يەردىن قايتاي ، بۇ يەردىكىلەرنى چۆچۈتىۋەتمەي ئاستا كەينىمگە ياناي » ئۇنىڭ كاللىسىنى «ئەتىراپىمدا ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق ، ۋەھشى ، يىرتقۇچ مەخلۇق ئالۋاستىلار بار ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇۋۇسى ، ئۇلارغا بىلىندۈرمەي چىقىپ كەتسەملا بولىدۇ » دەيدىغان غەلىتە ھېس- تۇيغۇ چىرمىۋالغاچقا ، ئۇ پۈتۈن دىققىتى مەركەزلەشتۈرۈپ ، ئاۋاز چىقارماسلىققا تىرىشىپ  ئاستا كەينىگە چىكىندى .
 ئۇ جىراغا قايتىپ كەلگەندە قەيەرگە مېڭىشنى ، ھەمىرالىرىنىڭ قايسى يۆلۈنۈشكە ماڭغىنىنى قىلچىمۇ پەرىق قىلالمىدى ،يېنىدا« ھەمىرا بولىدۇ» دەپ ئېلىۋالغان بىر پارچە ناندىن باشقا ئوزۇق يوق ، يا بىر يۇتۇم سۇمۇ يوق ھالەتتە خۇددى دۇنيادا يالغۇز تاشلىۋېتىلگەندەك ، موشۇ يەردە ئۈلۈپ كىتىدىغاندەك تۇيغۇلار يامىشىپ ،كۆزىدىكى ياشلىرىنى سۈرتۈپ ئۈلگۈرتەلمىگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى .
  تايىرلار گۈزەلنۇردىكى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن سوغوق مىجەزدىن ھارغىن كەيپىياتتا سەپىرىنى داۋام قىلماقتا ئىدى ، ئۇلار چۈش قىيىلىپ ئىسىقنىڭ كۈچى ئاجىزلىغاندا، يارداڭلىقتىن ئاخىرى قۇتۇلۇپ چىقىپ قوملۇققا دۈچ كەلدى ، بۇ قۇملۇق شۇنچىلىك سىرلىقكىن قۇم دانچىلىرى خۇددى بىرى غەلۋىردە تاسقاپ تەڭشەپ قويغاندەك بىر خىل ، تۇپا - چاڭسىز پاپ - پاكىزە يالتىراپ تۇراتتى ، موشۇنداق چىرايلىق دانچىلاردىن تۈزۈلگەن قۇم بارخانلىرى ئۆركەش ياسىغان دېڭىزدەك ھەيۋە بىلەن يىراقلارغا سوزۇلۇپ ياتاتتى .  بۇنداق مەنزىرە ھەرقانداق ئادەمنى ھاياجانغا سالاتتى ،ئۇلار خۇشلىغىدا ھەممىنى ئۇنۇتقان پېتى ،يۈك - تاقلىرىنى تاشلاپ يۈگۈرۈشكىنىچە  ، ئۆزلىرىنى دېڭىزدىكى سۇغا ئاتقاندەك  قۇم دۆۋىسىگە ئېتىشتى .
  ئۇلاردىن پەقەت گۈزەلنۇرلا بۇنداق ئىشلارغا مۇزدەك نەزەردە قارىغىنىچە جايىدىن مىدىرلىماي يىغاچتەك تۇراتتى .
- گۈزەلنۇر سەنمۇ كىلە ! - ۋاقىردى دىلبەر ھاياجاندا،- بەك پەيزىكەن ، خۇددى سۇغا ئوخشاش .
 - سىزمۇ بىر يايرىۋالمامسىز !- دىلبەرگە قوشۇلۇپ سەمەتمۇ ئۇنى چاقىردى .
 گۈزەلنۇر ئۇلارنىڭ قىزغىنلىغىغا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ، ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈپ ئالدىدا چوخچۇيۇپ تۇرغان قۇم بارخانىسىغا سەكىرەپ - سەكىرەپلا چىقتى ، ئۇنىڭغا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرغان باشقىلار ،ئۇنىڭ تىك قۇم ئۈستىگە شۇنداق يەڭگىل سەكىرەپ چىقىشىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كىتىشتى .
 - دىلبەر !- دىدى تايىر ئۇنىڭ يېنىغا سۈرۈلگەچ پەس ئاۋازدا ،- ماڭا گۈزەلنۇر باشقىچە بىلىنىۋاتىدۇ !
 ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالغان تۇرغۇنمۇ تايىرنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلىدى :
- مەنمۇ شۇنداق ھېس قىلدىم ، ئەزەلدىن ئوچۇق - يورۇق ، خۇشخۇي قىز تۇرۇپلا ئۆزگۈرۈپ باشقىچەلا ئادەم بولۇپ قالدى دىسە !
- سىلەرمۇ ھېس قىپسىلەردە ! ئۇ راسىتلا ئۆزىگە ئوخشىماي قالدى ، ئۇنىڭ بۇنداق تۇرقىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانتىم !- گۈزەلنۇر شۇ گەپلەرنى دىگەچ چوققىدا يىراق بىر يەرگە قادىلىپ قاراپ قالغان گۈزەلنۇرغا قارىدى .
- ئۇنىڭدىن نىمە بولغىنىنى سوراپ باقسىڭىز بولاتتى ؟ نىمە سەۋەپتىن بىزگە بۇنداق خاپابولۇپ قالغاندۇ؟- دەپ دىلبەرنى ئۈندىدى سەمەت .
 ئۇلار گۈزەلنۇرغا قاراشتى ، ئۇ  قۇملۇقنىڭ قەيىرىگىدۇ تىكىلىپ تۇرغاندىن كىيىن ئاسمانغا قاراپ چوڭ - چوڭ نەپەس ئالغاندەك ، قانداقتۇ بىر نەرسىنى ھىدلاۋاتقاندەك قىلاتتى ، پەستە تۇرغانلار تاشلاپ قويغان يۈك - تاقىلىرىنى ئېلىپ ئۇنىڭ يېنىغا چىقماقچى بولۇپ ماڭغان چاغدا گۈزەلنۇر قۇم بارخىنىنىڭ جەنوپ تەرپىگە يۈرۈپ كەتتى ، بۇ چاغدا بايىلا ئۇلار كەلگەن ياداڭلىق ئىچىدە چوڭ بىر قارا قۇيۇن ئۇچى ئاسمانغا تاقاشقان ھالدا پەيدا بولدى .
- قاراڭلار ئاۋۇ قۇيۇنغا ؟- دەپ قۇيۇننى كۆرسەتتى تۇرغۇن ، باشقىلارمۇ قۇيۇننىڭ ھەيۋىتىدىن بىردەم قاراپ تۇرۇشتى ،- ئۇنداق قۇيۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغان ئادەم چوقۇم ساراڭ بولۇپ قالىدۇ .
- يوق گەپنى قىلمىغىنە !- دەپ كۈلدى ئىسكەندەر ،- نەدىن تاپارسەن شۇنداق گەپلەرنى !
- مەن تاپمىدىم  ئاڭلىغىنىمنى دەۋاتىمەن ، قۇيۇن ئىككى خىل بولارمىش ، بىر خىلى ئوڭ ئايلىنىدىغان قۇيۇن ، بۇنداق قۇيۇن ئادەمگە زىيان يەتكۈزمەسمىش ، يەنە بىر خىلى تەتۈر ئايلىنىدىغان قۇيۇن ، بۇنداق قۇيۇندا قالغان كىشى ساراڭ بولارمىش !
ھەممىسى تۇرغۇننىڭ بۇ غەلىتە گېپىدىن تۇرۇپلا قېلىشتى .
- يوق گەپ ،- دىدى بۇ گە پكە ئىشەنگۈسى كەلمىگەن ئىسكەندەر ،- سەن كۆردىڭمۇ شۇنداق قۇيۇندا قېلىپ ساراڭ بولغانلارنى !
- ئىشەنمىسەڭ ئىختىيارىڭ ! ئىشقىلىپ مەنمۇ چوڭلاردىن ئاڭلىغاننى دىدىم .
- ئەمىسە بۇ قۇيۇن ئوڭ قۇيۇنمۇ ؟ تەتۈر قۇيۇنمۇ؟ - قىزىقىپ سورىدى دىلبەر .
ئۇلار يىراقتىكى قۇيۇننىڭ ئوڭ ياكى تەتۈر ئايلىنىۋاتقىنىنى ئىلغىيالماي بىردەم قاراشقاندىن كىيىن تۇرغۇن :
- ئوڭ بولسىغۇ مەيلى تەتۈر بولسا بۇ يەرگە كىلىپ بىزنى ساراڭ قىلىپ قويماستا يۈرۈڭلار ئاۋۇ غەلىتە خېنىمغا يىتىشۋالايلى !- دەپلا يىراقتا ئۇلارغا قاراپ تۇرغان گۈزەلنۇر تەرەپكە بۇرۇلۇپ ماڭدى . قۇيۇن ئۇياق - بۇياق سۈرۈلۈپ يۈرىگەچ باشقىلارمۇ بىردەمدە يېنىغا كىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرغۇنغا ئەگىشىپ سەپىرىنى باشلاشتى .
 گۈزەلنۇر بۇ جايدا ئولتۇرىۋەرسە بولمايدىغانلىغىنى ، قاراڭغۇ چۈشكىچە ھېچبولمىغاندا بۇ قورقۇنۇچلۇق يارداڭلىقتىن بولسىمۇ چىقىپ كىتىش كىرەكلىگىنى ئويلاپ ئورنىدىن تۇردى- دە، تەۋەككۈلگە جەنوپنى نىشانلاپ ماڭدى .ئۇ كىتىۋېتىپ يىراقتىن بىر قۇيۇننى كۆردى ، قۇيۇن ئۇ تەرەپكە كىلىۋاتقاندەك قىلاتتى ، بۇنداق جايدا ، يالغۇز ھالەتتە بۇنداق چوڭ قۇيۇنغا ئۇچىراپ قېلىش ئۇنى تېخىمۇ قورقۇتۇپ جىددىيلەشتۈرۋەتتى ، ئۇ ئەتىراپتىن قۇيۇندىن دالدا بولغۇدەك جاي ئىزدىدى تەلىيىگە ئۇنىڭدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر يارنىڭ يېرىلغان كامىرى كۆرەندى ، گۈزەلنۇر يۈگۈرگەن پېتى كامارغا كىرىپ چاپىنىنى بېشىغا يېپىنچاقلاپ پۈركىۋالغۇنىچە ئۇنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى .
 ئەتىراپنى توپا - چاڭ قاپلاپ قۇيۇندىن شەپە كەلگەندە گۈزەلنۇرنىڭ يۈرۈگى ئېغىزىغا تىقىلىپلا قالدى ، ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئاسمان - زىمىننى بىر ئالغان بولۇپ ، ئۆزى بىلەن تەڭ ئاللىقانداق ئاۋازلارنىمۇ تەڭ ئېلىپ كىلىۋاتاتتى . بۇ ئاۋازلار گۈزەلنۇرغا خۇددى يارداڭلىقتىكى بۇلۇڭ - پۇشقاقلاردىن چىقىۋاتقاندەك ، ئۇ جايلاردا قانداقتۇ نەرسىلەر مۈكىۋېلىپ ھۇۋۇلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرەتتى .
 گۈزەلنۇر قۇيۇننىڭ كۆچى زورايغاندا بېشىنى تېخىمۇ چىڭ ئوراپ ، تۈگۈلۈپ يېتىۋالدى ، ھەتتا ئۆزىنى ئۇچۇرۇپ كىتىدىغاندەك يارداڭلىقنىڭ قول بىلەن تۇتىۋالغىلى بولغۇدەك جايلىرىنى سىلاشتۇرۇپ تېپىپ تۇتىۋالدى ، ئالاھەزەل بەش مىنۇت تاش - شېغىلنى ياغدۇرغان ، قۇملارنى سۈرۈپ ماڭغان بۇ قۇيۇن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ، يەر- جاھان بىردىنلا جىمىلدى ، گۈزەلنۇر ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈستى - بېشىنى قېقىشتۇرۇپ باشتا نىشانىغا قاراپ نەچچە قەدەم ماڭغاندا كەينىدىن كەلگەن تىۋىشنى ئاڭلىدى -دە، يۈرۈگى جىغ قىلىپ قالدى ، ئۇ ئەمدى كەينىگە ئۆرۈلەي دىگەندە تۇيۇقسىز « ھاۋۋ» دىگەن ئاۋاز ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىپ يېنىدا قويدى .ئۇ شۇنداق ئىتتىك ئۆرۈلگەندە شۇنى كۆردىكىن ،  كەينىدە كىچىك ، ئوماققىنە بىر ئالا كۈچۈك تىلىنى ساڭگىلاتقىنىچە ،ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى .
  -بۇ نىمە ئىش ئەمدى ؟- دەۋەتتى ئۇ ئۆزىمۇ بىلەلمەي ،- نەدىن كىلىپ قالغان كۈچۈك بۇ ؟
 ئۇ كۈچۈككە ئىنچىكىلەپ قاراشقا باشلىدى ، كۆڭلىدە « بۇ جاڭگالدا ئادەم زاتى بولمىسا بۇ كۈچۈك نەدىن كىلىدۇ ؟ جىنمىدۇ يە؟ » دىگەنلەرنى ئۇيلاپ چىقتى .
 بۇ كۆچۈك ئۇنىڭغا پەس ئاۋازدا غىڭشىپ تەلمۈرۈپ قوياتتى ، گۈزەلنۇر ئۇنىڭغا ئىنچىكىلەپ قاراپ چىقتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇنداق چىرايلىق بولۇپ ، ھېچقانداق ۋەھىمە كۆرۈنمەيتتى ، تۇرقى ، ھەركەتلىرى شۇنچىلىك تەبىئى بولۇپ قىلچىمۇ قۇسۇر يوق ئىدى ، شۇندىمۇ گۈزەلنۇر ئۇچۇرمايدىغان جايدا ئۇچىراپ قالغان بۇ ھەمىراھتىن ھەزەر ئەيلەپ كەينىگە داجىپ يولىغا ماڭدى ، شۇندىمۇ ئۇنىڭ بىر كۆزى بۇ كۆتۈلمىگەن سەپەرداشتا ئىدى . كۈچۈك ئۇ مېڭىشىغا ئەگەشتى ، گۈزەلنۇر ئەجەپلىنىپ توختىدى ، كۈچۈكمۇ گۈزەلنۇر توختىشىغا بايقى ھالەتتە زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ تەلمۈرۈپ قارىدى . گۈزەلنۇر يەنە ماڭدى ، ئۇمۇ ئەگەشتى ، گۈزەلنۇر توختىغاندا ئۇمۇ توختىۋالدى ، بۇ ھالەت نەچچە قېتىم بولغاندا گۈزەلنۇرنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كەلدى .
 «بۇ كۈچۈك راستىنلا جىن بولسا چوقۇم ناندىن قورقۇدۇ ، ئەگەردە ناندىن قورۇقمىسا ئۇ راسىت كۈچۈك دىگەن گەپ ، ھەمىرا قىلۋالمايمۇ؟» ئۇ ئەقلىدىن سۆيۈنۈپ يېنىدىكى بىر پارچە ناندىن كىچىك ئوشتۇپ كۈچۈكنىڭ ئالدىغا تاشلىدى ، كۈچۈك نان ئالدىغا چۈشمەك ھامان يۈگۈرەپ كىلىپ ئۇنى يىدى ، كۈچۈكنىڭ ناننى يىگىنىنى كۆرگەن گۈزەلنۇر خۇشلۇقتا سەكىرەپ كەتتى « ئاھ ئىگەم! مېنى يالغۇز دەپ ھەمىرا ئەۋەتكىنىڭگە مىڭ شۈكىرى !!!»
 گۈزەلنۇر ئۆزىنى باسالماي ناندىن كۈچۈككە يەنە بەردى ، كۈچۈك ناننى «كاپپىدە» يەۋېتىپ « يەنە بەر » دىگەندەك تىلى بىلەن تۇمشۇقىنى يالاپ تەلمۈرۈشكە باشلىدى ، گۈزەلنۇر ئۇنىڭ تۇرقىغا ھەۋەس قىلىپ :
- بولدى شۇنىلا يەپ تۇر ! ئاداشلارنى تاپقاندا جىق بىرەي ھە ! سەن ئىز پۇرىيالايسەنغۇ ؟ ماڭە ماڭا يول باشلاپ بەر ! - دەپ كۈچۈككە بۇيرۇق چۈشەردى ، كۈچۈك ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى بىلەن كارى يوق « نان بەرمەمسەن ؟» دىگەندەك قاراپلا ئولتۇردى . ئۇنىڭغا گەپ ئۇقتۇرالمىغان گۈزەلنۇر ئامالسىز ئۆزى يول باشلاپ ماڭدى ، كۈچۈك ئۇنىڭغا ئەگەشتى ، نىمىلا بولمىسۇن بىر ھەمىرا تاپقىنىغا خۇش بولغان گۈزەلنۇرنىڭ كەيپىياتى ياخشىلىنىپ قالغان ئىدى …

ئاخىرى بار…
     





1329 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-1 7:52:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-16 1:00:57 cute
قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايۇننىڭ ئاخىرىنى يوللاڭلاچۇ
2017-4-6 6:54:09 راھىلە
سىرلىق رايون دىگە ئەسەر بەك ياخشى يېزىلىپتو مەن بەك ياقتوردۇم ئككىنچى بۈلۇمنى ھەر كۈنى يوللاپ بەرگەن بولساڭلا پۇلتۆلىسەكمۇ مەيلىتى ئالدىن ئوقوساق
2017-4-3 20:08:48 سۇجۇپ
بۇ ئەسەرنى ئەمدى ئوقۇيالمايدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپتىكەنمەن،بۇ مۇنبەردىمۇ بار ئىكەن ،بەكخوش بولدۇم.داۋامىغا بەكلا تەقەززا قىلۋەتتىڭىز،بولسا تېز-تېز يوللىغان بولسىڭىز،جاپا چەكتىڭىز ھارمىغايسىز،ئەمىسە داۋامىغا……………
2017-4-3 17:20:25 گۈلىستان
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يىزىلىپتۇ.مەن ھەركۈنى ئاخىرىنى يوللايدىغۇ-دەپ سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن،ئەلۋەتتە ياخشى ئەسەرلەر كۈتىشكە ئەرزىدۇ،يازغۇچىنىڭ قولىغا دەرىت بەرمىسۇن.رەھمەت
2017-4-3 1:48:51 ئەكبەر
كۆپ رەھمەت ئاخىرنى تىزراق يوللىسىڭىز
2017-4-3 0:28:13 رىزۋانگۈل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇممېترو ، ياخشىمۇسىز ؟داۋامىنى تېزراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن ،ئ‍ادمى بەك ساقلىتىۋېتىشمۇ ياخشى ئىش ئ‍ەمەس
2017-4-2 9:08:20 mardan
bak asta qik dikan bu asar tiz rak qik la bolaat ti adam ni takaz za kip
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ