يىتىمنىڭ كۆز يېشى - 1 - ھىكايە

يىتىمنىڭ كۆز يېشى


 (ھېكايە)

1 - قىسىم

يۈسۈپ ئەخمەت


كۆز ئاچتى دۇنياغا، يىتىملەر سېپىدىن،

ئەيسادەك ئاتىسز دۇنيا چېتىدىن.      

خورلاندى يېقىنى، بولمىسا ئەجەپ،    

  ئانىسى تۇغۇپلا كەتتى ئۇشپۇ دۇنيادىن.


      ئاسمان تۈن پەردىسىنى ياپقان، يۇلتۇزلار چىمىرلاپ تۇرغان بۇ كېچىدە بىر ئانا تولغاق ئۈستىدە قېينىلۋاتاتتى.ئۇنىڭ تولغاق ئازابىدىكى ۋارقىرغان ئاۋازى جىمجىت سەھراغا بىر يېغا ئاۋازىنى بىللە ئېلىپ كەلدى بىراق ئانا ھاياتىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۇ نارسىدىنى يىتىملىق قىسمىتىگە مۇپتىلا قىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. جىمجىت تۇرغان سەھرامۇ بۇ سەبىينىڭ يېغىسىدىن جىمجىتلىقىنى يوقاتقان ئىدى.

    -بالا ئوغۇلمىكەن ياكى قىزمۇ؟

   سورىدى ياندا تۇرغان ئاياللاردىن بىرسى تۇغۇت ئانىسىدىن .

    -خۇداغا شۈكرى ئانىسى شورپىشانە بولغان بىلەن ئوغلى ھەنىم بولسا ھايات قالدى ،لېكىنزە دۇنيانىڭ ئازابىنى قاتتىق تارتىپ قالارمۇ؟ دىدى قىرىق ياشلار چامىسىدىكى تۇغۇت ئانىسى بولغان ئايال.

    -بۇ بالا ھارامدىن توغۇلغانمۇ؟ بىر ئاللا ئىگەم ئۆزى بىلىدۇ، ئۆلۈپلام كەتسىچۇ ئانىسى بىلەن بىللە ھاراملىق ! 

     دەپ غوتۇڭشىپ قويدى  چىرايى قارا، ئۇچلۇق بۇرۇن ، كۆزىدىن شۇملۇق يېغىپ تۇردىغان بىرئايال .

   ھېچكىم ئۈندىمىدى، بىراق بالىنىڭ يېغىسى كۈچەيدى. بەلكىم ئەتراپتىكىلەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك. ئەلۋەتتە ھېچ ئۇرۇق تۇققىنى يوق غېرىپلىق، بۇ نارەسىدىنىلا ئەمەس ھەركىمنى يېغلىتىدۇ، ئەنە شۇنداق غەيۋەت ۋە غۇدراشلاردىن كېيىن ياشتا چوڭراق بىر ئايال بۇ بالىنى كىمنىڭ بېقىۋالغۇسى بارلىقىنى سورىۋىدى، بىرسى :

    -ئادەم بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنۇڭنى قان ئېتەر، ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى بۇرنۇڭنى ياغ ئېتەر،دەپ كونىلار بىكارغا ئېيتمىغان بۇ ھارىمىنى كىم باقسا شۇنىڭغا ئاپەت بىللە كېلىدۇ ....

  بىرسى ئۇنى دىسە ، بىرسى بۇنى دەپ تۇرلۈك ئەپسانىلەر بىلەن بۇ بالىنى بېقۋېلىشنى رەت قىلىپلا قالماي باشقىلارنىمۇ چەكلەپ قويدى.

    -ئاۋال مەھەللىگە ئەكىرىپ جامائەتكە بىر كۆرسىتەيلى! ئىمام ئاخۇنۇم بىر نەرسە دىسۇن! ئىسمىنى قويۇپ بولۇپ بىر نەرسە دىسەڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر غەيۋەتچىلەر! گۇناھسىز نارىسىدىگىمۇ تۆھمەت قىلىشتىن خىجىللىق ھېس قىلمايدىكەنسىلەر! مۇشۇ زاماننىڭ ئاياللىرى غەيۋەتنى تاشلاپ تۆھمەت قىلدىغان بوپ كىتىپسىلەر!ـ دېدى باياتىن ياقى ئۆزىنى چەتكە تارتىپ يىراقتىراق تۇرغان قادىر پالچى. بۇ ئادەم بەزىدە پال سېپ قويغاچقا كىشلەر قادىر پالچى دەپ ئاتايتتى، سالغان پاللىرى توغرا چىقاتتى.

   -بولىدۇ! مەن بېقىۋالاى، بۇ بىر بالىنى بېقىۋالغانغا كۈنۈم تۈگەپ كەتمەس 'ساۋابىنى ئۇلۇغ خۇدايىم بېرە! ـ دېدى يۇقىرى ئاۋازدا"شۇنداق قىلىپ قادىر پالچى بۇ قارا يىتىمنى بېقىۋالغانمۇ بولدى بىراق بۇنىڭغا سۈت نەدە؟ ئۇ شۇ خىياللار بىلەن تۇغۇت ئانىسى بولغان ئايالدىن مەسلىھەت سورىماقچى بولۇپ ئۇنى ئايرىم چاقىردى. 

    -ئايشەمخان ھەدە! ـ سىلىدىن سورايدىغان بىر ئىش بارئىدى، مەسلىھەت بەرسىلە بوپتىكەن.

    -ھە نەمە ئىش ئىدى؟ قېنى ئېيتسىلا مۇشۇ يىتىمنىڭ ھەققى ئۈچۈن بولسىمۇ قولۇمدىن كەلگىنىنى ئايىمايمەن. 

     -رەھمەت، باشقا ئىشمۇ يوق بوۋاقنىڭ سۈت ئىشى... بىچارە ئانىسىنى تېخى ئىمىپ باقمىدى

    - ھە... بولىدۇ، مەن ئامالىنى قىپ باقاي ، يۈرۈڭ! بىز ماڭغاچ پاراڭلىشايلى!

    ئۇلار بۇ بىچارە بوۋاقنى كۆتەرگىنىچە يامان نىيەتلىك كىشلەردىن ئۇزاپ قېلىشتى، ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ قادىر پالدى گەپ باشلىدى.

    - مەن بايا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدىم، ئىشلارنى تەپسىلىرەك سۆزلەپ بەرمەملا ئايشەمخان ھەدە!

 -  بولىدۇ. بۇ ئىشنى بىلىپ قالسىلا ياخشى، ئەسلى بۇ بالا بىز نىڭ يۇرتتىن ئەمەس. باشقا يۇرتتىن قېچىپ كەلگەن بىرجۈپ ئەر ـ ئايالنىڭ بالىسى بولىدۇ،ئۇ ئەر ـ ئايال ئىككىلىسى يىتىم بولغاچقا باشقىلار سىغدۇرماپتۇ، ھەم بۇ ئەر ئايال ۋەتەنپەرۋەر بولغانلىقى ئۈچۈن، گومىنداڭنىڭ غالچىلىرىمۇ ئارانلا قالغان بۇلارغا ئارام بەرمىگەچكە ئايالىدىن ئەنسىرەپ قالغان يىگىت يۇرتى تۇرپاننى تاشلاپ كەتمەكچى بولۇپ چىگراغا يېقىن كەلگەندە ،ئىككى غالچا قوغلاپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن يىگىت ئايالىنى مۆكتۈرۈپ قويۇپ، تىز قېچىشنى ئۆزى بىلەن كارى بولماي بالىسىنى ئوبدان بېقىشنى تاپىلاپ، ئۆزى ئاتقا مىنىپ كېتىپ قاپتۇ. كىيىن يىگىتنىڭ نېمبولغىنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئۇ قىز شۇ ماڭغىنىچە بۇيەرگە كەپقاپتۇ، تولغاق كېلىشتىن ئاۋۋال بولغان ئىشلارنى ماڭا سۆزلەپ بېرىۋېدى...

 داۋامى بار...





1252 قېتىم كۆرۈلدى baxlamqi ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 19:07:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ